AVAR يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 19:30:38

ئاۋار كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى : كىشىلىك تىپ ۋە خارەكتىر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تۆۋەندىسىكى بەزى كىتابلارنى ئوقۇش جەريانىدا قالدۇرۇلغان خاتىرە

كىشىلىك تىپ ۋە خارەكتىر
كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى
ئاۋار 2014-2

كىشىلىكPersonality  تىپ : بىر ئىنساندا بار بولغان ئەقلىي، نەپسىي، ئىجتىمائىي سۈپەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر.
ياكى بىر ئىنساندىكى جىسمانى، نەپسى، تۇغۇلما(ئۆزگەرمەس) ياكى يېتىلگەن(ئۆزگىرىدىغان) سۈپەت- خاراكتىرلەر، ئۆرپ – ئادەت، قىممەت قارىشى ۋە ھىسيات قاتارلىقلارنىڭ بىرىكمىسىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئىپادىلىنىشىدۇر.
بۇلاردىن خاراكتىر تۇغۇلما ئۆزگەرمەس بار بولۇپ، باشقا ئالاھىدىلىك ۋە سۈپەتلەر چوڭ بولۇشقا ئەگىشىپ يېتىلىپ ھەم ئۆزگۈرۈپ كىشىلىك تىپنى شەكىللەندۈرىدۇ .  بۇ ساھە پىسخولوگىيەنىڭ بىر تەتقىقات ساھەسىدۇر.  
پىسخولوگلار كىشىلىكنى تەتقىق قىلىشتا ھەرخىل مېتود ۋە يوللارنى چىقىش قىلغان بولۇپ، شۇلارغا ئاساسەن نەچچە ئېقىمغا ئايرىلغان .
مەسىلەن : ھېپوكراتنىڭ 4 خىل مىزاج نەزىرىيىسى بىئولوگىيەلىك نۇقتىنى ئاساس قىلغان.
كىرچمىرنىڭ سېمىز- ئورۇق- چېنىققان-تەۋەسىز نەزىرىيەسى فىزىلوگىيلىك ( جىسمانى) نۇقتىنى ئاساس قىلغان.
فروئىد ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولسا پىسخىك ئانالىز نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغان ۋە باشقىلار .
تۆۋەندە بىز كىشىلىكتىكى ئۆزگەرمەس ئامىل – خاراكتىرنى ئاساس قىلغان بەزى نەزىرىيەلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز(يۇقاردا دېيىلگەن ھىپۇكراتنىڭ 4 مىزاج نەزەرىيىسى مۇشۇ كاتىگورىيەگە تەۋەدۇر).  
خاراكتىر دېگىنىمىز ئىنساندىكى ئوبىكتىپ تۇغۇلما بار سۈپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ .
يېقىنقى زاماندا خاراكتىرنى پىسخىك ئانالىز نۇقتىسىدىن تەتقىقات قىلغان ئالىملاردىن بىرى فروئىدنىڭ شاگىرتى كارل يوڭ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئىنسانلار ئىككى خىل چوڭ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ بۇلار :
1 – تاش مېجەز  2 – ئىچ مېجەز.
بۇ ھەر ئىككى خىل تۈرگە ئىنساندا بولىدىغان 4 خىل ھالەت تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇلار بولسا تەپەككۇر(ئەقىل)، ۋىجدان(ھىسيات)، سەزگۈ، تۇيغۇ .
شۇنداق بولغاندا بۇلارنىڭ تۈرلىنىشىدىن 8 خىل تىپ شەكىللىنىدۇ .
بۇلار 1 – تاش مېجەز مۇتەپەككۇر، 2 – تاش مېجەز ھىسياتچان 3 - تاش مېجەز سەزگۈر  4 - تاش مېجەز تۇيغۇن
5 – ئىچ مېجەز مۇتەپەككۇر 6 - ئىچ مېجەز ھېسياتچان 7 - ئىچ مېجەز سەزگۈر 8 - ئىچ مېجەز تۇيغۇن
يوڭدىن كېيىن مايرز ۋە بۇرگىر دېگەن ئىككى ئالىم يوڭنىڭ نەزىرىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ MBTI كىشىلىك كۆرسەتكۈچى ۋە بىر قاتار سىناق سۇئاللىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ئىنچىكىلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە ئېتىراپقا ئېرىشكەن.
بۇلار يوڭنىڭ نەزىرىيىسىنى ئۆزگەرتىپ مۇنداق 4 خىل ھالەتنى ئوتتۇرغا قويغان.
1 – ئىنساننىڭ سىرتقى ئالەم بىلەن بولغان مۇئامىلىسىگە قاراپ Extrovert  تاش مېجەز ۋە Introvert ئىچ مېجەز
2 – سىرتتىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ Sensor  سەزگۈر ۋە  iNtuitives تۇيغۇن
3 – قارار چىقىرىشتىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا قاراپ ئەقلىي Thinker ۋە Feeling ھېسياتچان
4 – ھاياتقا ۋە كىشىلەرگە تۇتقان مۇئامىلسىگە قاراپ Judging  ھۆكۈمدار ۋە Perceiving  ھەكىم
ئاندىن مۇشۇ 4 خىل ھالەتنىڭ ئۆز ئارا جەدۋەللىشىشىدىن جەمئىي 16 خىل تىپنى تۈرلەپ چىققان .

خاراكتىرگە ئاساسەن كىشىلىك تۈرلىرىنى ئايرىپ چىققان يەنە بىر ئېقىم فرانسوز ئالىمى رېنىي لېسون ۋە ئۇنىڭ گوللاندىيەلىك ھەمراھلىرى ئېقىمى بولۇپ بۇلارنىڭ Characterology   خاراكتىر نەزىرىيىسى دەپ ئاتالغان .
بۇ نەزەرىيەدە تىپقا ئايرىشتا 3 مۇھىم ئاساس بولۇپ، بۇلار
1 – تەسىرچانلىق يەنى كىشىنىڭ بىرەر سىرتقى تەسىردىن تەسىرلىنىش ۋە ھاياجانلىنىشىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى؛
2 – ئاكتىپچانلىق يەنى كىشىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىش قىلىش ۋە ھەرىكەتكە بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى؛
3 – ئىزچىللىق يەنى كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ئىنكاسنىڭ ئۇزۇن قىسقا ۋە ئىزچىللىقىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى؛
بۇ نەزىرىيەدە يۇقارقى ھەر 3 خىل ئەھۋالنىڭ يۇقىرى تۆۋەن ئىككى خىل ھالىتى بولۇپ تۈرلىگەندە جەمئي 8 خىل تىپ شەكىللەنگەن. بۇلارنىڭ تەپسىلى بايانى تۆۋەندىكىدەك  :

1 – توساۋ يەنى تەسىرچانلىقى يۇقىرى، ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى، ئىزچىللىقى يۇقىرى . بۇ تىپتىكىلەر ئۈمىدۋار، ئىرادىلىك كەسكىن، زېھنى ئوچۇق كېلىدۇ.  ھەرىكەتچان، ئۇزۇنغا داۋاملىشىدىغان خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلالايدۇ.  نىزامچان كېلىدۇ. سىياسەتكە، تارىخقا، قىزىقىدۇ . تەجرىبە ئېلىشقا قىزىقىدۇ . ئۆز پىرىنسىپلىرىغا، كۆز قاراشلىرىغا سادىق . بۇنداقلار چوڭراق سىياسى ۋە باشقۇرۇش تىپىدىكى خىزمەتلەربىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدۇ. بولۇپمۇ سىياسى،قانۇنىي ۋە ئىجتىمائي جەھەتتىن تۇراقسىز تولا ئۆزگىرىدىغان مۇھىتتا سىتىراتىگىيىلىك رول ئويناشقا تېخىمۇ شۇنداق . يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەرنى باشلاپ ئېلىپ مېڭىشقىمۇ ماس كېلىدۇ . بۇنداقلارنى كىچىك ئىشلارغا سالمىغان ياخشى . سەلبى تەرەپلىرىدىن ئۆزى ئىشلەيدىغان ئورۇندا ئۆزى ئۈمىد قىلغان ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىسە مەسىلە پەيدا قىلىشى مۇمكىن .

2 – ئاچچىقى يامان يەنى تەسىرچانلىقى يۇقىرى، ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى ، ئىزچىللىقى تۆۋەن . بۇ تىپتىكىلەر ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ . ھەرىكەتكە،ئىشقا مايىلراق كېلىدۇ . توساۋ تىپقا ئوخشاپراق كېتىدۇ، ئەمما ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ئىزچىللىقى يۇقىرى ئىشلارنى قىلالمايدۇ . ھىسياتىنى ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلەشكە مايىل . ئۆزگىرىشچان، ئاسان غەزەپلىنىپ ئاسان رازى بولىدۇ . جىسمانىي ئىشلارغا بەكراق ئامراق ھەم ماس كېلدۇ . سىياسەتكە، باشقۇرۇش، پىلان تۈزەش ئىشلىرىغا ماس كەلمەيدۇ .

3 – رومانتىك يەنى تەسىرچانلىقى يۇقىرى، ئاكتىپچانلىقى تۆۋەن، ئىزچىللىقى يۇقىرى.  بۇ تىپتىكىلەر ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ . سەزگۈر كېلىدۇ . ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ . ئەستە تۇتۇشى ياخشى. ئەمما تەسىرلەنگەندە دەرھال ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمايدۇ . ئۈمىدۋارراق . ئۆزگىرىشچان، ھورۇنراق. يېزىقچىلىققا ئامراق بولىشى مۇمكىن . .بەك كەسكىنلىك تەلەپ قىلمايدىغان باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ماس كېلدۇ . رىقابەت تەلەپ قىلىدىغان تىجارەت ئىشلارغا ماس كەلمەيدۇ . يېزىقچىلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك، ياخشىلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە ماس كېلىدۇ . بۇنداقلار داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە مۇھتاج. خاتالىقلىرىنى ئاممىۋى سورۇندا ئەمەس ئۆزىگە دېيىلسىلا تۈزىتىپ كېتەلەيدۇ .

4 – سەپرا يەنى تەسىرچانلىقى يۇقىرى ئاكتىپچانلىقى تۆۋە ئىزچىللىقى تۆۋەن . بۇ تىپتىكىلەر سەل سەپرا مىجەزلىكرەك.  سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ، ئاسانلا ئۆزگىرىدۇ . سەزگۈر، ھىسياتى تۇراقسىز .  ئۇنتۇغاق، تىز غەزەپلىنىدۇ. ئىش ھەرىكەت ئاز. غەزەپلەنگەندىكى ھىسياتىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمايدۇ . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىش قىلالمايدۇ،ئىزچىللىقى يوق. كۆپتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. سەپەرنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇرۇنقى كونا دوستلۇقلىرىنى ئاسانلا ئۆزگەرتەلەيدۇ . پىرىنسىپلىرىغا بەك ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ . ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئېڭى تۆۋەن . بۇ تىپتىكىلەرنى داۋلى، پاكىت سۆزلەپ قايىل قىلماق تەسراق . ماددى ۋە مەنىۋى تەقدىرلەش بەكراق ئاقىدۇ . قورتۇقۇش، رىغبەتلەندۈرۈش تەسىر قىلىدۇ . باشقۇرۇش خىزمىتىگە ماس كەلمەيدۇ . سەپەر قىلىدىغان خىزمەتلەرگە، جىسمانى ھەرىكىتى ئازراق ئىشلارغا ماس كېلىدۇ . گۈزەل سەنئەت فوتوگرافچىلىق دېگەندەك .

5 -  لىمفا(بەلغەم) تىپى يەنى تەسىرچانلىقى تۆۋەن ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى ئىزچىللىقى يۇقىرى. بۇ تىپتىكىلەر ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ، تەسىرلەنسىمۇ ئالدىراپ ئاشكارىلىمايدۇ . ئېغىر بېسىق، سەۋىرچان، بەلگىلىمگە بويسۇنىدىغان، ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئويلىنىپ پىلان تۈزىدىغان كىشىلەردۇر. ئەستە تۇتۇشى ياخشى،ئاسان ئۇنتۇپ  قالمايدۇ . ئۈمىدۋار، دىققىتىنى يىغالايدۇ . كۆپتۈرۋېتىشنى ياكى بەك تۆۋەن كۆرۈشنى ياقتۇرمايدۇ، مۆتىدىل.  ئۇزۇن ئىزچىل ئىش قىلالايدۇ . راستچىل ئوبىكتىپ . باشقۇرۇش، سىياسىي، ئىجتىمائىي ئورگانلار، شىركەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ماس كېلىدۇ . سىياسى قانۇنى ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن تولا ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىمراق جەمئىيەتلەرگە بەكراق ماس كېلىدۇ . رىقابەت تۈرىدىكى تىجارەت ئىشلىرىغا ماس كەلمەيدۇ(بازار ئېچىش مال سېتىش) . روتىن تەكرار ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ .

6 – قان تىپى يەنى تەسىرچانلىقى تۆۋەن، ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى ئىزچىللىقى تۆۋەن . ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ . ھاياجانلانمايدۇ . ھەركەتچان تاش مېجەز، ئۇزۇن ئىزچىل ئىش قىلالمايدۇ .  ئېغىر بېسىقراق . يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلمايدۇ .  كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسى سىلىق چىقشقاق . تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىدۇ . پىلانلاشتىن بەكراق تەتبىقلاپ ئىش قىلىشقا ئامراق . روتىن تەكرار ئىشلارنى ياقتۇرمايدۇ . مۇرەككەپ تۈزۈملەرگە چىدىمايدۇ .  پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرالمايدۇ . يېڭى دوستلۇققا قىزىقىدۇ. بۇنداقلار دىپلوماتىيە، قىسقا مۇددەتلىك سىياسى ۋەزىپىلەرگە ماس كېلىدۇ . كونا دوستلىرىنى ساقلاپ قالالمايدۇ .

7 – نامسىز (تەپسە مۆرىمەس) يەنى تەسىرچانلىقى تۆۋەن ئاكتىپچانلىقى تۆۋەن ئىزچىللىقى يۇقىرى . بۇ تىپتىكىلەر ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ ھاياجانلانمايدۇ، يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدۇ ، مۇھاپىزكار كېلىدۇ . ھەرىكەتچان ئەمەس. ھىسياتىنى يوشۇرالايدۇ . ئەسلىمىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىيالايدۇ . كونا دوستلۇقىنى ساقلىيالايدۇ . پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرالايدۇ . ئۆزگىرىشنى تۇراقسىزلىقنى ياقتۇرمايدۇ . ئاز گەپ قىلىدۇ. ئاز ئىش قىلىدۇ . ئىقتىسادقا ئامراق . ئىجتىمائىي سورۇنلارغىمۇ ئاز قاتنىشىدۇ . چىداملىق، سەۋىرچان، ئىچى يامانراق . بەزىدە مۇشۇنداق كىشىلەرنى پىرىنسىپچان مۇھاپىزكار دەپ باشقۇرۇشقا قويۇپ قويىلىدۇ. ئەمما بۇلار يېڭىلىق ئۆزگىرىشنى ياقتۇرمىغاچ ئورگاننى كۆپىنچە ئالدىغا ئېلىپ تەرەققى قىلدۇرالمايدۇ . شۇڭا باشقۇرۇشتىن يىراقراق ئىشلارغا ماس كېلىدۇ .

8 – يۇمشاقباش يەنى تەسىرچانلىقى تۆۋەن ئاكتىپچانلىقى تۆۋەن ئىزچىللىقى تۆۋەن . ئەتراپىدىكى ۋە سىرتقى ئىشلاردىن ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ. ھاياجانلانمايدۇ . ئىجتىمائىي ھاياتقا كۆڭۈلشىمەيدۇ ، ۋەتەنپەرۋەرلىكى تۆۋەن. دىنغىمۇ بەك ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ . ئىشلارنى بولىشىغا تاشلاپ قويىدۇ . بېشىغا كەلگەندە بىر ئىش بولار دەيدىغانلاردىن. ھورۇن، ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ . پىرىنسىپتىن بەكراق  نەپسىگە قۇل بولىدۇ .  بۇنداقلار جەمئىيەتنىڭ كۆپراق كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج. پايدا يەتكۈزەلمىسىمۇ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

تۆۋەندىكىسى تىپنى تەخمىن قىلىشتىكى تەقلىدى سۇئاللار بولۇپ، چىققان نەتىجىگە ئاساسەن يۇقاردىكى سەككىز تىپقا ماس كېلىدىغاننى تاللاپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.  شىركەتلەر خىزمەتچىلەر ئۈچۈن قوللانغاندا سۇئال شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قوللانسا بولىدۇ .

تەسىرچانلىق سۇئاللىرى

1 - ئادەتتىكى تايىنى يوق ئىشلاردىن تەسىرلىنەمسىز ؟                                                 9
ياكى پەقەت بەك چوڭ ئىشلاردىنلا تەسىرلىنەمسىز؟                                                     1

2 -  تىز قىزىقامسىز؟ تىز ئىنكار قىلامسىز ؟                                                            9
ياكى ئاستىمۇ ؟                                                                                                1

3 - باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىدىن تىزلا ئاغرىنامسىز ؟                                                  9
ياق                                                                                                               1

4 -  بىرسى تۇيۇقسىز سىزنى چاقىرسا ئەندىكىپ كېتەمسىز ؟                                       9
ياق                                                                                                               1


5 -  گەپ قىلغاندا بەك ھاياجانلىنامسىز ؟                                                                9
ياق                                                                                                               1

6 -  يېڭى ئىش تاپشۇرۇۋالغاندا ئەنسىرەمسىز ؟                                                        9
ياق                                                                                                               1

7 -  تۇتامغا چىققۇدەك سەۋەپسىزلا قىزغىنلىقتىن ئۈمىدسىزلىككە ئۆتەمسىز؟                    9
ياكى كۆپىنچە ئۇزۇنغىچە مۆتىدىل كەيپىياتىڭىزنى ساقلاپ قالالامسىز ؟                              1

8 -  سىزنى كۆپىنچە تايىنى يوق قىممىتى يوق ئوي-پىكىر ياكى ۋەسۋەسە قاپلىۋالامدۇ  ؟      9     
ياكى سىزدە بۇنداق ئىش ئىنتايىن ئاز يوق دېيەرلىكمۇ؟                                                1

9 -  بەزى چاغدا خىجىللقتىن گەپ قىلالماي ياكى ھەرىكەت قىلالماي قالامسىز؟                   9
ياكى ئىنتايىن ئاز شۇنداق بولامسىز ؟                                                                     5
ياكى سىز قەتئى ئۇنداق بولمامسىز ؟                                                                      1   


10 -  كۆپىنچە ئۆزىڭىزنى تەلەيسىز بەخىتسىز ھېس قىلامسىز؟                                      9
ياكى ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك رازىلىق ھېس قىلامسىز ؟
( بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى سىز كۈتكەندەك بولمىغان بولسىمۇ؟ )                                     1

بۇلارنىڭ نەتىجىسىنى جۇغلاپ 10 غا بۆلۈڭ . 5 تىن يۇقۇرى بولغىنى تەسىرچانلىق يۇقۇرى، 5 تىن تۆۋەن تەسىرچانلىق تۆۋەنگە تەۋە(1 سەلبىيلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس پەقەت بىر تەرەپنى ئىپادىلەيدۇ).

ئاكتىپچانلىق

1 - بىكار ۋاقتىڭىزنى سىزگە تاپشۇرۇلمىغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكۈزەمسىز ؟                        9
ياكى دەم ئالامسىز ؟                                                                                           5
ياكى كۆڭۈل ئېچىپ ئويۇن ئوينامسىز ؟                                                                      1


2 -  پىكرىڭىزنى ئەمەلگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بەك چوڭ غەيرەت قىلىشقا مۇھتاجمۇ ؟            1
ياكى قانائەتلەنسىڭىزلا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتەمسىز ؟                                                 9

3 -  بۇرۇنقى تاتلىق ئەسلىمىلەر ياكى كەلگۈسى شىرىن خىياللىرىنى قىلىشقا بەكراق ئامراقمۇ؟  1
ياكى رىئال ئىشلارنى پىلانلاشقا ئامراقمۇ ؟                                                                 9


4 -  قېيىنچىلىق ئالدىدا بوشىشىپ كېتەمسىز ؟                                                            1
ياكى قېيىنچىلىق ئىرادىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەمدۇ ؟                                                     9

5 -  بىر ئىشقا بۇيرۇلسىڭىز تىز تۈگىتىشنى ياخشى كۆرەمسىز ؟                                     9
ياكى كەينىگە سوزامسىز ؟                                                                                    1

6 -  قېيىن شارائىتلاردىمۇ تىز ۋە كەسكىن قارار چىقىرالامسىز ؟                                      9
ياكى تەرەددۇدتا قالامسىز ؟                                                                                  1


7 - ھەركىتىڭىز جىقمۇ؟                                                                                      9
ياكى ئېغىر بېسىقمۇ؟ پەقەت ئېھتىاج تۇغۇلغاندىلا ھەركەت قىلامسىز ؟                              1


8 -   سىز ئۈچۈن پايدىلىق بىرە ئىش ئۈچۈن خىزمىتىڭىز
ۋە تۇرالغۇڭىزنى ئۆزگەرتىش ئاسانمۇ؟                                                                    9
ياكى ئۆزگەرمەي ئۆز پېتى قېلىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟                                                  1

9 -  بىر ئىشقا بۇيرىسىڭىز ئىجرا قىلىشنى ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈش
ئۈچۈن پات پات تەكشۈرۈپ تۇرامسىز ؟                                                                  9
ياكى بۇيرۇقنى بېرىپلا مەسئۇلىيەت تۈگىدى دەپ قارامسىز   ؟                                         1

10 -  ھەركەتنى كۈزەتكەندىن ئۈستۈن كۆرەمسىز؟
( مەسىلەن توپ ئوينىغاننى مۇسابىقە كۆرگەندىن )                                                    9
ياكى ئەكسىچىمۇ ؟؟                                                                                          1

   بۇلارنىڭ نەتىجىسىنى جۇغلاپ 10 غا بۆلۈڭ. 5 تىن يۇقۇرى بولغىنى ئاكتىپچانلىق يۇقۇرى، 5 تىن تۆۋەن ئاكتىپچانلىق تۆۋەنگە تەۋە(1 سەلبىيلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس پەقەت بىر تەرەپنى ئىپادىلەيدۇ)..


ئىزچىللىق سۇئاللىرى

1 -  يىراق كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلەمسىز؟                                                                9
ياكى  يېقىننىلا ئويلامسىز ؟                                                                                  1


2 -  يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەممە ئېھتىماللىقنى نەزەرگە ئالامسىز؟                        9
كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشنى ياقتۇرامسىز؟                              
ياكى ھەممە ئىشنى ئۆز ۋاقتىغا تاشلاپ قويامسىز ؟                                                     1

3 - ھاياتتا مۇقىم بەلگىلىۋەتكەن ئادەتلىرىڭىز بارمۇ؟
( مەسىلەن مۇقىم ئۇخلاش ۋاقتى ، تاماق سائىتى ، كىتاب ئوقۇش ۋاقتى ؟)                        9
ياكى ھەممىنى ئۆز ۋاقتى پۇرسىتىگە تاشلاپ قويامسىز؟                                               1

4 -  باشلىغان ئىشىڭىزنىڭ ھەممىنى پۈتتۈرەلەمسىز؟                                                9
ياكى كۆپىنچە باشلىغان ئىشنى تاشلاپ باشقا ئىشقا ئۆتۈپ كېتەمسىز؟                              1

5 -  كونا دوستلىقىڭىز ساقلاپ قالالامسىز ؟                                                            9
ياكى تىزلا يېڭى يېڭى دوستلار بىلەنلا ياشاپ كېتەمسىز؟                                              1


6 - بىرسى ھىسياتىڭىزغا ئازار بەرسە تىزلا ئۇنتۇپ كېتەلەمسىز؟                                  9
ياكى خېلى ئۇزۇنغىچە غۇم ساقلاپ يۈرەمسىز؟                                                         1


7 - سىزنىڭ ئۆزىڭىز ۋاز كەچمىكىڭىز ئىنتايىن تەس بولغان
پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراشلىرىڭىز بارمۇ ؟                                                            9
ياكى سىز رىئال بولۇپ ئەھۋالغا قاراپ يول تۇتامسىز؟                                                1

8 -  ئىشلىرىڭىزدا ئوخشاشلىق ، رۇتىن ۋە تەكرارلىقنى ياقتۇرامسىز؟                            9
ياكى ھەر قېتىم يېڭى ۋە ئوخشىمىغان ئىشلارنى ياقتۇرامسىز؟                                      1

9 -  ئىش باشلاشتىن بۇرۇن غايە ۋە پىلان تۈزەمسىز ؟                                             9
ياكى دەرھال باشلاپ كېتەمسىز؟                                                                          1

10 -  بىر كۆز قاراشقا قانائەتلەنگەندە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلامسىز؟                                 9
ياكى يېڭى بىر ئىدىيە ۋە كۆز قاراشنى كۆرگەندە دەرھال ئۆزگىرەمسىز؟                          1

بۇلارنىڭ نەتىجىسىنى جۇغلاپ 10 غا بۆلۈڭ. 5 تىن يۇقۇرى بولغىنى ئىزچىللىق يۇقۇرى، 5 تىن تۆۋەن ئىزچىللىق تۆۋەنگە تەۋە(1 سەلبىيلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس پەقەت بىر تەرەپنى ئىپادىلەيدۇ)..

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 20:11:47

ياخشى تېما يېزىپسىز

Biigan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 20:26:34

ئىنسان ئۆزگىرىشچان بولىدۇ ؟ ھاياتىدا نەچچە قىتىم ھەتتا نۇرغۇن قېتىم ئۆزگىرىپ تۇرىشى مۇمكىن . خاراكتىرمۇ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس ،مەلۇم خاسلىقنىساقلىشى مۇمكىن ئەمما مۇقەررەر فورمۇلاغا چۈشىدىغان ئىنسان يوق.  

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 20:54:55

مەنمۇ كىچىكىمدە بەك شوخ، ياغاچ قۇلاق بالا ئىدىم،  ئەركىن يۈرۈشنى ياقتۇراتتىم، ھازىر مىجەزىم بەك ئىغىر ، ھەر قانداق ئىشقا سەل قارايمەن، بىكار قالسام تورغا قارايمەن، ئاغىنىلىرىم بىلەن كۆپ ئالاقە قىلىپ كەتمەيمەن.  ئويلاپ باقسام ھازىرغىچە خاراكتىرىم تۆت قىتىم ئۆزگىرىپتۇ. ھازىر يەنە ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرۋاتىمەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 21:03:56

ئۈچ-تۆت يىل بۇرۇن بىر ۋەھشى قاتىللىق ۋەقەسى يۈزبەردى،قاتىل 7 ياشلىق بىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى كۆمىۋەتكەن،ساقچىلار بۇ دىلونى 24 سائەتتە پاش قىلدى،كىيىن دىلونى پاش قىلىشقا قاتناشقان بىر ساقچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم،ساقچىنىڭ دىيىشىچە جىنايەت گۇماندارىنى بېكىتىپ ئۇنى سوراق قىلىش جەريانىدا ساقچىلار گۇماندارنىڭ ئىپادىسىدىن بۇ قىزنى مۇشۇ جىنايەت گۇماندارنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىگە تېخىمۇ بەك ئىشەنگەن،لېكىن جىنايەت گۇماندارى جىنايىتىنى زادىلا تەن ئالمىغان،گۇماندار تېخى توي قىلمىغان ياش بولغاچقا سوراق قىلغۇچىلار ئۇنى سوراق قىلىش جەريانىدا ھۆنەر ئىشلىتىپ،ئۇنىڭغا ئەگەر سەن جىنايىتىڭنى ئىقرار قىلىپ راس گەپ قىلساڭ ساڭا خوتۇن ئېلىپ بېرىمىز دىگەن، گۇماندار بۇنى ئاڭلاپ، راسما دەپ قۇغۇنچىنىڭ ھىكايىسىدىكى ساجىتنىڭ ئاۋازىدا كۈلۈپ كەتكەن ۋە ساقچىلار راس دەپ ۋەدە بەرگەندىن كىيىن ھەممىنى ئىقرار قىلغان.ئۇ ساقچى ماڭا ‹‹ ئەگەر مەھەللەڭدە بىر قارىسا ياۋاشتەك بىر قارسا دەلتۈشتەك كۆرۈنىدىغان ،ھىچ ئىش قىلماي بىكار يۈرۈيدىغان  ئادەم بولسا مۇشۇنداق ئادەمنڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ،مۇشۇنداق ئادەمدىن ئىھتىيات قىلماي بولمايدۇ دىگەن ئىدى،قارىسام بۇ قاتىل سەككىزىنچىسىگە چۈشىدىكەن.بۇنداق ئادەملەردىن پايدىلىنشقا جىق دەسمايە كەتمەيدۇ،بىر ياكى ئىككى كىشىلىك دىباۋ پۇلى بىلەنلا بۇنداق ئادەملەردە 007 ياكى  مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىدىن  قېلىشمايدىغان پۇراش سەزگۈسى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ،بۇلار قىمارۋاز،نەشىكەش ، ئوغرى ۋە باشقا جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 22:53:56

5-باشقارمىدا بىرگەپ بار: يىغىننىڭ مۇھىملىقى ۋاقتىغا تەتۈر تاناسىپ دېگەندەك.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 22:57:43

قانداق نۇمۇر قويىمىز ، ھەربىر سۇئالغا جاۋابىمىز 1 ياكى 9 دەپ ئىككىسىدىن بىرسىنى تاللامدۇق ياكى  1دىن 9  گىچە بولغان سانلاردىن تاللاپ قويامدۇق؟
بەت: [1]
: ئاۋار كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى : كىشىلىك تىپ ۋە خارەكتىر