كەلگۈسى دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟
بۈگۈن قارىسام ئەزالىق دەرىجەم تۇدۇنغا ئۆسۈپ قاپتۇ. تۇدۇن بولغانلىقىمنى تەبرىكلگەچ، مۇنبەرداشلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى بېيىتسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئوي بىلەن ئىلكتۇرۇن ئۈسكىنىلىرى ھەققىدە بۇ تېمىنى يازدىم.1. مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى
2013-يىلىدىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ياپونىيە Fujitsu شىركىتىنىڭ مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى تېخنىكىسى
2013-يىلى 1-ئايدا گوگۇل شىركىتى ئامېرىكا پاتىنىت ھوقۇقى ئىشلىرى ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغان لازىر نۇرلۇق مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى
جۇڭگۇنىڭ جىڭدۇڭ سودا تورىدا سېتىلىۋاتقان باھاسى 1200 سوملۇق لازىرلىق مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى Epic
2. مېڭە ئىمپۇلىس سېنزورى
گوگۇل شىركىتى تەتقىق قىلىۋاتقان مېڭە ئىمپولىسى سەزگۈچى مەھسۇلاتلار، بۇ تېخنىكا پات يېقىندا گوگۇل كۆزەينىكىگە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
جۇڭگۇنىڭ شېنجىندىكى بىر شىركىتى بازارغا سالغان مەھسۇلات BrainLink، بۇ مەھسۇلات ئارقىلىق IOS سېستىمىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئاددى ئويۇنلارنى ئوينىغىلى بولىدۇ.
3. سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسى
بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلار بازاردا ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، رەسىم يوللىمىدىم. ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان بەزى تېلفونلارنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى بار
پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى تولىمۇ تىز بولىۋاتىدۇ. بۇرۇن فانتازىيە دەپ ئويلايدىغان نەرسىلەر ھازىر ئەمەلگە ئېشىپ بوپتۇ.
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىلمى فانتازىيە CT ماددا، CT ئۇچار كېمىسى قاتارلىق ئىككى ئەسەردىكى ئاساسى لېنىيە تەتۈر ماددا CT دىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ۋە سىمسىز يوللاپ بېرىش ھەققىدە ئىدى. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە ئاللاقاچان بازارغا سېلىنغان تېخنىكىلاردىن تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسكى 100 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە توك سىمى بىلەن توك يەتكۈزۈش تەدرىجى ھالدا ئەمەلدىن قېلىشىمۇ مۇمكىن.
100 يىلدىن كىيىنكى دۇنيا توغرۇلۇق مەن مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىم.
كەلگۈسىدىكى ماشىنىغا نېفىت ئىشلەتمەيدۇ، رول، تورمۇز، خوت دىگەندەك ئۈسكۈنىلەر بولمايدۇ. ماشىنا ھەيدىگۈچى پەقەت قانداق قىلماقچى بولغانلىقىنى خىيال قىلسىلا ماشىنا شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىدۇ. ئېنىرگىيە تۈگەپ كېتىشتىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە بولسۇن سىمىز توك يەتكۈزۈلۇپ بېرىلىدۇ. ناۋادا ھېرىپ كەتكەن بولسا، ماشىنا ھەيدەشنى كومپىيوتىرغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆزى خاتىرجەم ئۇخلىسا بولىۋېرىدۇ.
كۆپچىلىك، سېلەر قانداق تەسەۋۋۇر قىلىسىلەر؟ كەلگۇسى ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئىنىرگىيە مەسلىسىنى ھەل قىلسا دۇنيادا قىلىدىغاننغا ئىش قالمايدىغان ئوخشايدۇ كەلگۈسى دۇنيادا ھەممەيلەن قىيامەتنىڭ ئگىسى ئاللانىڭ ئالدىدا بۇدۇنيادا قىلغانلىرىمىز توغرىلىق جاۋاپ بىرىمىز. مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم دورىدىن ھالقىيالمىدى :dizzy: يىڭىلىقلاردىن داۋاملىق خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىلەر {:112:} ئۇنداق بولسا مىنى ھەزىر توڭلىتىپ قويۇپ ،يەنە 101يىلدىن كېيىن ئېرىتپ قويساڭلا بىراقلا ھوزۇرلىنايمىكىن .{:101:} كەلگۈسى دېسىلا يادىمغا ھازىر مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىلىدىغان ئىشلار رېئاللىققا ئايلىنىپ خىيال سۈرۈپ كېتىمەن... مەن تولۇقسقىزدا ئوقوۋاتقان ۋاقتىمدىلا، ئىلىكتىر ئىنىرگىيسىنى ( توك ) نۇر ئارقىلىقلا يەتكۈزۈشنى تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم، لىكىن باشقا ساۋاقداشلىرىم بۇ خىيالىمنى مەڭگۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەيىتتى.
ھازىرمۇ بۇ تەسەۋۋۇرۇمدىن ۋاز كەچمەيمەن. بۇ تىخنىكىنى كىملا رىئاللىققا ئايلاندۇرسۇن، تەسەۋۋۇرۇم شۇ كىشىنىڭكى بىلەن بىردەك بولىشى مۇمكىن. مۇشۇ تېخنىكىلارنىڭ ئارقىسىغا غايەت زور رادىياتسىيەدىن بۇلغىنىش يۇشۇرۇنغان، تېخنىكا قانچە تەرەقىي قىلسا يەرشارى شۇنچە تېز ۋەيران بۇلۇشقا قاراپ يۈز تۇتىدۇ، بۇ يەردە ئىنتايىن ئاز بىرقىسىم كىشىلەر مال-دۇنيانىڭ ياكى باشقا ئارزۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە قالغان بارلىق ئىنسانلارنى ۋەيران بولۇشقا ئاپىرىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-15 20:26
دېھقانلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە ئورنىتىدىغان گاز تۇرۇبىسى، ئىسسىق سۇ تۇرۇبىسى، پار تۇرۇبىسى، قىشتا توڭلاپ قالمايدىغان.... 5 كىلومېتىر يىراقتىكى قۇدۇقتىن سۇ توشىمىسىمۇ بولىدىغان ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىسى، يېزىلارنىڭ مەكتەپ ماشىنىلىرى، .... دېگەندەك كىشىنىڭ ئەقلىي يەتمەيدىغان يۇقىرى تېخنىكىلار قاچانمۇ كەشىپ قىلىنار؟ قاچانمۇ كەشىپ قىلىنار؟!!!! ماشىنىنى خىيال بىلەن باشقۇرىدىغان تېخنىكا ئىجات بولىدۇ، دېگۈچە كۆز ھەرىكىتى ياكى مەلۇم بەدەن تىلى بىلەن باشقۇرىدىغان تېخنىكا ئىجات بولىشى مۈمكىن، دېسىڭىزچۇ؟
خىيال ئادەمنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدىكى سىرلىق بىر مەنبە. سىز ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا كونترول قىلالايسىز، ئەشۇ كونترول ئىدراك دەپ ئاتىلىدۇ.
ماشىنىنى خىيال بىلەن باشقۇرغىلى بولۇش ئىنسان ئىرادىسىنىڭ سىرتىدىكى ئەشۇ سىرلىق مەنبە- روھنى پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغان بىر سەۋىيىدە ئىشقا ئاشىدۇ.
بۇنداق بولىشى ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس، ناۋادا مۈمكىن بولدىمۇ، ئۇنداقتا سىز ئادەم ئەمەس، ئىلاھىي ئىقتىدارغا يەتكەن بولىسىز.
فانتازىيە تەسەۋۋۇر قىلغۇلۇق، بۇنىڭغىمۇ سەۋىيە كېتىدۇ، ئىلمىي فانتازىيە دېگەن بۇ نەرسە قانداق تەسەۋۋۇر قىلسىلا قاملىشىۋەرمەيدۇ، ئۇمۇ ھازىرقى بىلىم- نەتىجىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن يېقىن كەلگۈسىدە مەيدانغا كېلىدىغان تېخنىكىلارنى ئالدىنئالا تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئىبارەت. سىز بەكلا خىيالىي فانتازىيە ئويلاپ قاپسىز. مەن يۇلتۇزلار نۇرىنىڭ گۈللەرنىڭ ئېچىلىشى ۋە مىۋىلەرنىڭ رەڭگىگە بولغان تەسىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كىتىمەن بۇ كىشى سىمسىز توكنى يۈز يىل بۇرۇنلا ئىجاد قىلىپ بوپتىكەن.... ئەپسۇس تا ھازىرغىچە ئۇمۇملاشماپتۇ...... قىسقىسى، ئىدراكتىن ھالقىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەلۇم فورمىلا- پروگراممىدىن ھالقىغان تېخنىكا ئىجات بولمايدۇ. matros5 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 20:45 static/image/common/back.gif
بۇ كىشى سىمسىز توكنى يۈز يىل بۇرۇنلا ئىجاد قىلىپ بوپتى ...
ئىسمى تىسلا ئىكەن.... گوگولغا ياكى بەيدۇغا ئىسمىنى كىرگۈزسە مۇشۇ كىشى ئىجاد قىلغان سىمسىز توككقا ئائىت نۇرغۇنلىغان فىلىملەر چىقىدىكەن.
سىمسىز تىزگىنەكنىمۇ ئەڭ دەسلەپ مۇشۇ كىشى ئىجاد قىلىپتىكەن. مەن دائىم مۇنداق ئويلايتتىم: كىشىلەر كىندىكىنى كەسمىسە، ماغدۇرسىزلانغاندەك قىلسا يېقىن ئەتراپتىكى ئاپتوماتىك ئېنەرگىيە تولۇقلاش ماشىنىسىدىن بەلگىلىك مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىنى تولۇقلىسا. خوددى توك زەرەتلىگۈچكە ئوخشاش. 79588010 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 21:03 static/image/common/back.gif
مەن دائىم مۇنداق ئويلايتتىم: كىشىلەر كىندىكىنى كەسمىس ...
{:87:} كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى ئاشۇ كۆرۈنۈش matros5 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 20:45 static/image/common/back.gif
بۇ كىشى سىمسىز توكنى يۈز يىل بۇرۇنلا ئىجاد قىلىپ بوپتى ...
قىزىل تېرۋوگىدا بارغۇ بۇ قورال ، كاپىتالىزىمنىڭ . enwerjula يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 20:37 static/image/common/back.gif
ماشىنىنى خىيال بىلەن باشقۇرىدىغان تېخنىكا ئىجات بولى ...
تېمىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە مىسال قىلىنغان ھازىر بازارغا سېلىنىپ بولغان مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئوقۇپ كۆرۈڭلار جۇلا ئەپەندىم. brainlink دەپ ئىزلىسەڭلار چىقىدۇ.
كۆز ياكى بەدەننىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلەتمەيدۇ. پەقەت نىمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىنى دىققىتىنى يىغىپ خىيال قىلسىلا بولىدۇ. بۇ ئۈسكىنە ھازىرچە پەقەت ئاددى ئىككى خىل ھالەتكە ھۆكۈم قىلالايدۇ. بۇ ئۈسكۈنىنى ئەمىرىكا ئەمەس جۇڭگۇلۇقلار ياساپ بازارغا سېلىپ بوپتۇ.
باشقىلارنى سەۋىيەسىز دەپ ئەيىلەشتىن ئىلگىرى ئازراق ماتىريال كۆرۈڭلار دەيمەن.
نىمە قىلىشنى خىيال قىلىپ ماشىنىغا بۇيرۇق بېرىش ھەرگىز سەۋېيەسىز تەسەۋۋۇر ئەمەس. enwerjula يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 20:47 static/image/common/back.gif
قىسقىسى، ئىدراكتىن ھالقىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مە ...
بۇ كىشىنىڭ ھېكايىسى قىززىقكەن...:
تېسلا دېگەن بۇ كىشى داڭلىق كەشپىياتچى ئىكەن، ھەم داڭلىق كەشپىياتچى ئېدىسون بىلەن بىر مەزگىل بىللە ئىشلەپتىكەن، كېيىن چىقىشالماي ئايرىلىپ كېتىپتىكەن. بۇ كىشىنىڭ كەشپىياتلىرىمۇ ئېدىسوننىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن، ئەمما ئېدىسون بىلەن تېسلا بىر-بىرىگە قاتتىق دۈشمەنىكەن. ھەتتا شۇ دۈشمەنلىكى سەۋەبلىك (بۇ ئىشلارنىڭ راست بولغانلىقى ئانچە ئېنىق ئەمەسكەن)... 1915-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى تېسلا بىلەن ئېدىسونغا تەڭ بېرىلمەكچى بولغاندا، ھەر ئىككىسى بىر مۇكاپاتنى ئورتاق ئېلىشنى رەت قىپتۇ. ھەر ئىككىسى ماڭا بەر، قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتى توشمايدۇ، دەپ تۇرۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىسىگە بېرىلمەپتۇ....
بەت:
[1]
2