كەتمەنباي: جان مۇقام
جان مۇقامساداقەتجان ھاجى
ئاللا-ئاللا ۋاي مۇقام،
كۆكتە يۇلتۇز، ئاي مۇقام.
تەڭرىتاغدۇر، تارىمدۇر
سەن تۇغۇلغان جاي مۇقام.
ئاللا-ئاللا ئاي مۇقام،
ھېكمەتلەرگە باي مۇقام.
ئىچەر سەندىن قەلبىمىز
مۇھەببەتلىك چاي مۇقام.
ئاللا-ئاللا يار مۇقام،
سەندە بىر روھ بار مۇقام.
ئاشۇ روھتىن روھىمىز
كۈچ-قۇۋۋەت تاپار مۇقام.
بەزمىدە بۇلبۇل مۇقام.
بەيگىدە تۇلپار مۇقام.
باغدىكى گۈل-گۈل مۇقام،
تاغدىكى شۇڭقار مۇقام.
سۇ مۇقام، قۇرغاق مۇقام.
چۆلدىكى توغراق مۇقام.
ئورمىدا ئورغاق مۇقام.
كۈن-تۈنۈم ئويغاق مۇقام.
ئاللا-ئاللا جان مۇقام.
جانغا ھەم جانان مۇقام.
جاندىن ئۇزاق ياشايسەن،
نەچچە مىڭ زامان مۇقام!
★★★★★
2006-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى. قەشقەر
★★★★★
2006-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى. قەشقەردە يېزىلغان ناخشا تېكىستىكەندە؟!
داپ بىلەن ئورۇندىسا بولغۇدەك تۇرامدۇ.:) مۇقامدىكى ئاشۇ روھىمىز كۈچ- قۇۋۋەت تاپىدىغان روھ توغرىسىدا پاراڭ سېلىپ باقمامسىلەر سەنئەتكار دوستلار؟ مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھايات . مۇشۇ مۇقام ~ئەلنەغمىلىرىمىزدە دىيىلۋاتقان ئاللا ، ئاللا دىگەن سۆز ياراتقۇچى ئاللا (خۇدا)نى كۆرسىتەمدۇ يە ، ئۇنداق چۈشىنەي دىسە ناخشا مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدىكەن ، ياكى بۇ ئىملىق سۆزمۇ (ئۇيغۇر تىلىدا باشقىلارنىڭ دىقىتىنى قوزغاش ، ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۆزنى ئىملىق سۆز دەيدۇ ، دىگىنىم توغرىدۇ ھە ، خىلى يىللار بولدى ئۇيغۇرتىلى كىتابنى كۆرمىگىلى )، ئەگەر ئۇنداق بولسا نىمىشقا باشقا سۆزنى ئىشلەتمەي ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىدۇ ، بەزى ناخشىلاردا مەنا خاتا چۈشىنىلىپ قالىدىكەن ، مەسىلەن :
ئاللا چىمەن دوپپاڭ ياراشىپتۇ ،
ئاللا كۆرۈپ سەۋداغا ئايلاندىم ـ
ئاللا چىچىڭ بوستانغا ئايلانسا،
ئاللا ئىقىن دەرياغا ئايلاندىم ـ
مەن يەنە باشقىچە بىر تەھلىل قىلىپ باقتىم ، سوپىزىم ئەۋىج ئالغان دەۋىرلەردە سوپىلار ئاللا ۋە پەيغەمبەرىمىز مەدھىيلەنگەن ناخشىلارنى ئوقۇغان ، ئاللا مەدھىيلەنگەن ناخشىلاردا ئاللا سۆزى ئۇرغۇلۇق ئىيتىلغان بولسا (سوپىلارنىڭ ھۇھ ئاللا ھۇھ دىگىنىدىمۇ ئاللانى كۆرسەتسە كىرەك )، بارا _بارا بۇ خىل شەكىل باشقا ناخشىلارغىمۇ ئىشلىتىلگەن بولسا ، كىيىن خاتا ھالدا ئۇلۇغ ئاللا مەزمۇن قىلىنمىغان ناخشىلارغىمۇ ناخشىنى ئۇرغۇلۇق ، ياڭراق قىلىش ئۈچۈن قىتىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن بولىشى مومكىن ـ بەلكىم مەن خاتا ئويلىۋالغاندىمەن ، بۇ ھەقتە بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار
بەت:
[1]