سۈت ،ئۈزۈمدىن پۇتكەن يىمەكلەرنى سانايلى
1. سۇت ئۇيغۇر تۇرۇكلىرىدە يايلاق مەدىنيىتىدىن باشلاپلا كەڭ ئىشلىتىلگەن ، ھەم ئۇيغۇر يىمەكلىك مەدىنيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇدۇ .2.سۇتتىن بىۋاستە پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىلغان يىمەكلىكلەر نېرىنكىرلىكلەرنىڭ دىيىشچە 20خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ بەزىلىرى ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە سارىماي ، قېتىق ،ئەجىگىي ، مۆچۇلۆ (قۇرۇت)ياغلىقاتارلىقلارنىلا بىلىدىكەنمەن ، بىلدىغان تورداشلارنىڭ ئېرىنمەي ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويۇلىشىنى بولسا ياساش ئۇسۇلىغىچە ئىنكاسقا يېزىپ قويۇشىنى سورايمەن ،
3.ئەمدى سۇت خۇرۇچ قىلىدىنىغان ۋاستىلىق يىمەكلىكلەر نان ، سۇت ئاش ، پىچىنە پىرەنىك .....................
4. ئۇنىڭىدىن باشقا سۈتتىن سوپۇن ئورنىدا پايدىلنىلغانلىق ھەقىدە خاتىرىلەر بار
5.ئۈزۇمدىن بىۋاستە پىششىقلاپ ئىشلەنىدىغان يىمەك ئىچمەكلەر بولسا ، ئۇزۇم شەربىتى ، ئۇزۇم سىركىسى ، ئۇزۇم قۇرۇقى ، ئۈزۇم شىرنىسى ، قېنى تۇرپانلىق دوسلار سۆز نۆۋىتى سىلەرنىڭ ئۆزۇمدىن يەنە قانداق نەرسىلەرنى بىۋاستە ياسىغىلى بولۇدۇ ، ھاراقنى تىلغا ئالمايمىز ھە ،
6.مەن ئىلگىرى ئۈزۇمنى سىقىپ سۇيىنى قاينىتىپ ئۇزۇم شىرنىسى ياساپ باققان ، جۇجەم شىرنىسىدىن قىلشمىغۇدەك شىرنە بولغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udun0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-14 10:12
سۈتتىن ماروژنى ياسىغىلى بولىدىغۇ دەيمەن، ئۇنتۇلۇپ قالمىسۇن:lol
يەنە قىتىق بىڭگور:P 1. بىلمەيدىكەنمەن
2.بىرىنچىسىغا قاراڭ 1. مەن تۇرپانلىق تۇرۇپ.
2.سىز سانىغاندىن باشقىلارنى بىلمەيدىكەنمەن.
3.كولا چىقارسىمۇ بولاتتى ئەسلى.ھازىرقى ئابىدە سودا سۈيىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مودا ئىچىملىكىگە ئايلانغان بولسا نەقەدەر ئېسىل بولاتتى ھە.
4.ئەلۋەتتە،بۇ بىر ئارزۇ. muztag يوللىغان ۋاقتى2014-4-14 10:14 static/image/common/back.gif
1. بىلمەيدىكەنمەن
2.بىرىنچىسىغا قاراڭ
«قارالسۇن»دەيتتىڭىز ئەسلى ئانى.:lol توخوتۇرىزىم مودا بوپتۇمۇ نېمە؟ بىرقىسىم ئىنكاسلار شۇ خىل ئۇسلۇبدا يېزىلىپتۇ. ئۈزۈم مۇرابباسى ، ۋە ئۈزۈم كونسىرۋاسى مۇ بار
ئۈزۈم مۇرابباسىنى ئىشلەش ئۈزۈم شىرنىسىدىن ئازراق پەرىقلىنىدۇ
1) ئۈزۈمنى ئاپتاپقا يېيىپ قۇرۇتىمىز پاكىز ئادالايمىز
2) تۆت كىلو سۇغا بىر ئىككى كىلو ئەتراپىدا يۇقىردا تەييارلانغان ئۈزۈمنى سېلىپ مەلۇم مىقداردا شەكەر ياكى ناۋات سېلىپ قاينىتىمىز ، ئۈزۈم كۈپۈپ ھول ھالىتىدىكىگە يەتكەندە ئەينەك قاچىلارغا قاچىلاپ قويۇلىدۇ ، نان ياكى يۇتازا ئوتتۇرسىغا ئېلىپ يىسە بەك يىيىشلىك بۇلىدۇ ، بۇلۇپمۇ ئەتىسى ياكى ئاخشىمىلىرى ناشتىلىققا يانداشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا بەك قولاي ، ھەزىمنى ياخشىلاش ، ئاشقازاننى كۈچەيتىش ، بەدەنگە قۇۋۋەت بۇلۇش ۋە بۆرەككە مەنپەئەتلىكتۇر ئۈزۈمدىن ياخشى شەربەت تەييارلىغىلى بولىدۇ، ئەمما سىز ۋە سىزگە ئوخشاش زور بىر تۈركۈم ئىستىمالچىسى بولۇشى كېرەك ، قىممەت دېمەيدىغان. ئۈزۈم مۇرابباسى ۋە ئۈزۈم كونسىرۋاسىمۇ بار.
ئۈزۈم مۇرابباسىنى ياساش ئۇسۇلى .
ئۈزۈمنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ پاكىز ئادالاپ بىر ھەسسە كۆپ مىقداردا سۇقۇيۇپ مەلۇم مىقداردا شىكەر ياكى ناۋات سېلىپ قاينىتىلىدۇ، ئۈزۈم كۈپۈپ يېرىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئەينەك قاچىلارغا سۇزۇپ ئېلىنىدۇ ، نان ياكى يۇتازا بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بەك يىيىشلىك بۇلىدۇ . قېتىق،سۈزمە،قۇرت،سېرىقماي،ماروژنا،دوغاپبۇلارنىڭ ھەممىنى ياساش ئۇسۇلىنى بىلىمەن.ۋاقتىم چىققاندا تەپسىلىي تونۇشتۇراي. ئاۋۇلاردىن باشقا يەنە ئىرىمچىكنى بىلىدىكەنمەن .
ئۈزۈمدىن يەنە سىركە ماتاڭ ياسىغىلى بۇلىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا imtiyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-14 14:52
‹‹يوللىغان ئىنكاسىڭىز تەستىقتىن ئۆتتى ! كۆرۈش ›› مۇنداق مۇ ئىش باركەن
ئىنكاس تەستىقلايدىغان ئىشنى بىلمەي چىقمىدى دەپ قايتا يوللابتىمەن ئۈزۈم سوقمىقى ، سۈت زېڭى ، ئۈزۈم پولوسى قاتارلىقلار ، ئۈزۈم پولوسىنىڭ گېپىنى قىلىپ ئېغىزىمغا سېرىق سۇ جۇغلىشىپ قىلىۋاتىدۇيا باللا ... ئۈزۈمدىن ئاۋاتتا مۇسەللەس ياسايدۇ :shutup::shutup::shutup::shutup: ئۈزۈمدىن يەنە نىمە ياسايدىغاندۇ ھە؟
ھاراق دەپ سالماڭلە جۇمۇڭلە باللا:lol ھۆل ئۈزۈمنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇق ئۈزۈم ياسايدۇ{:92:} ئۈزۈمنىڭ تېلىغا باراڭ بىكىتىپ سالقىندىسا ناھايىتى ياخشى. قىمىزنى سانىماپسىز ، قىمىز ئات سۈتىدىن ياسىلىدۇ ، بەك قۇۋەتلىك
كالا سۈتىدىنسۈتلۈك ئاش (ئاق ئاش) ئىتىلىدۇ ، گۈرۈچ ۋە سۈتنى ماتىريال قىلىپ ، بەك يىيىشلىك تاماق ئۇ ،بىزنىڭ ئاتۇشتا كۆپ ئىتەتتۇق ، باشقا يۇرتلاردا بارمۇ ئۇقمايمەن ، قىرغىزلارمۇ ئىتىدۇ ، ئۇلار شىرىن گۈرۈچدەيدۇ سۈتتىن ياسالغانلار
1.سۈت
2.قېتىق
3.سۈزمە
4.قۇرۇت
5.ئېرىس
6.قىمىز
7.ئەتكەنچاي
8.قايماق
9.ماروژنى
......
قالغاننى غۇلجىلىقلاردىن سوراپ كۆكرۈڭ، بولمىسا ئاشپەز مۇنبىرىمۇ بولىدۇ يىمەكلىكلەرنى ياساپ سۈت بىلەن ئۈزۈمنى قىتىپ قويساق يامىنى بولماس، چاتاق يىرى ساناپ بولغىلى بولمىغۇدەك
بەت:
[1]
2