tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 06:57:29

360 كۈن دۇپپا كىيىش

1. ئىلگىرى داۋاملىق دۇپپا كىيىشىنى تەشەببۇس قىلاتتىم ئەمما ئۆزەممۇ بەزىدە كىيىپ بەزىدە خىلمۇ خىل سەۋەپلەر تۇپەيلى دۇپپىنى كىيەلمەي قالاتتىم .بۇ خىل سەۋەپلەر ئىچىدە باشقىلاردىن خىجىل بولۇش ، خىزمەتداشلار بىرنىمە دەرمىكىن دىگەندەك خىياللارمۇ پات پات كاللامغا كىرۋالاتتى .

2. بىر كۇنلەردە قومۇل ئەدەبىياتى تەھرىراتىدا سەمەت ئابدۇراخمان ئاكىمىز بىلەن سۆھبەتلەردە بولۇپ قالدۇق . بۇ ئاكىمىز ماڭا مىللەتلەر ئەدەبىياتى دىگەن بىر كىتاپنى سوغا قىلدى . ئۆيگە قايتقاچ بۇ كىتاپنى ۋاراقلاپ يۇرۇپ پەرھات تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ تەرجىمە قىلغان خاسلىق ياراتقان يەكتا رۇمان دىگەن ماقالىسىنى ئۇ يەر بۇ يېرىدىن كۆرۇپ كۆزۇم ۋەسىقە ۋە ئۆرۇپ ئادەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىش دىگەن جۇملىدە توختاپ قالدى . ئەسلىدە ئۆرۇپ ئادەتنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش كىتىدىكەندە ، مەن ئۆرۇپ ئادەت دىگەن بىز گە بەش قولدەك ئايان نەرسە دەپ ئويلاپ بۇ توغۇرلۇق تەسەۋۋۇر تۇرماق خىيال قىلىشمۇ ئارتۇقچە دەپ يۇرۇپتىمەن ئەمەسمۇ ،

3. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۆرۇپ ئادەت تەسەۋۋرۇچىلىقى دىگەن گەپ كاللامغا كىرىپلا ۋالدى ، خوش ئۇنداق بولسا دەپ ئويلۇدۇم ئۆزەمچە دوپپا كىيىش بىر ئۆرۇپ ئادەتقۇ ئۇيغۇرئۇچۇن ، ئەمما ئۇيغۇرلار قەدىم ئايەمدىن تارتىپ نىمە ئۇچۇن دۇپپىنى بېشىدىن چۇشەرمەي كەيگەن ، بىز بولساق خۇدۇك ھەم ئىزچىل ئەمەس .

4. بەلكىم يالاڭۋاشلىقنى مەدىنيەت دەپ قارىغان بولساق كېرەك . بەلكىم كۇچلۇك بولغان غەرىپنىڭ خەنلەرگە تەسىر قىلغان مەدىنيەت رادىئاتسىيەسىگە ئۇچراپ ئۆز دوپپىمىزدىن خۇدۇك بولۇپ يۇرسەك كېرەك .

5.بەلكىم ئەخمەت غوپۇر چۇۋۇلدار بەگە ئەپەندىم ئەپسۇسلانغاندەك دوپپىنى يۇغۇلى بولماسلىقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇنى ئىزچىل كىيىشىگە توسالغۇ بولغاندۇ .

6. بەلكىم مەدىنيەت ئىنقىلابىنىڭ كاللىدىكى تەسىرى تېخى تۇگۇمىگەندۇ ،نۇرغۇن ئادەم تارتىپ چىقىرىلىشتىن قورۇقۇپ دۇپپا كەيگۇسى بولسىمۇ كىيەلمەي يۇرگەندۇ . چۇنكى ئەتىراپىڭدا بەزى چېپىلغاق خەن خىزمەتداشلىرىڭ خۇددى بىخەتەرلىك ئىدارىسدىن مائاش ئالىدىغاندەك سەندىن غەرەز سوراپ نىمىگە كىيىسەن ، نىم بولدى ، سەن بۇنى كەيسەڭ بولمايدۇ ، بارىدىغان يېرىڭگە بېرىپ قالما دىيىشلىرى سېنى مېنى ئۇنى تېخىمۇ خۇدۇكچان قىلۋەتكەن ، ھېچ بولمىسا دۇپپا كەيگنىڭنى كۆرسە يۇزى تاتىرىپ رەڭگى ئۆڭۇپ سېنى قانداق پۇتلاشنى ئويلايدىغانلار مۇ ئاز ئەمەس .

7. موشۇ ئۇيغۇرلاردىن پىنىسىيەگە چىققانلار ئىكەڭنى سىللىق قىرىپ يۇرگەن بىلەن دوپپىنى كىيىشنى باشلىۋالدى . قارىغاندا جۇڭگودا ئاتمىشتىن كىيىن ئاندىن ھەقىقى ئۆزلۇك ھەقىدە ئويلۇنۇش  بولىدىغاندەك تۇرامدۇ نىمە ؟

8. ئۇيغۇرلار ئىلگىركى زامانلاردا دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم ، چېچىنى داۋاملىق ئالغۇزۇپ باشنى پاك پاكىز قىرىقتۇرۇپ ئاندىن دۇپپىنى قىرلاپ كىيۋالغان ئىكەندە ، باش تاقىر بولغاندىن كىيىن ، يالاڭباش يۇرسەڭ بىر خىل قاملاشماي تۇرۇدۇدە ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنى قانداق بولاركىن دەپ چېچىمنى چۇشۇرۇپ دوپپامنى كىيىۋالدىم ، چاچ ئۆسۇپ بىر سانتا بولغاندە يەنە چۇشۇرۋەتتىم ، شۇنداق قىلىپ مەخسۇس دۇپپا كىيىش ئۇچۇنلا چېچىمنى چۇشۇرۋەتتىم ، بۇنىڭغىمۇ بىر ئىككى ئاي بولۇپ قالدى ، مانا دۇپپىدىن ئايرىلماي يۇرۇيمەن .

9. موشۇنداق بىر يىل چېچىمنى چۇشۇرۇپ دۇپپا كىيىپ سىناپ باقاي دەيمەنيا ئەمدى ، باشقا نۇرغۇن نۇرغۇن بولمۇغۇر ئىشلارنى سىناپ يۇرۇيمىز ، ئەجدات تەۋەررۇكى دۇپپىنى كىيىشنى سىناپ باقساق ئەرزىيدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 07:21:45

نۇرغۇن جايلاردا زىيالىلار دىن ھەققىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلەشتى .ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلار پەرىزىمچە قۇرئاننىمۇ تولۇق ئوقۇپ باقمىغانىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىچە دەلىل كەلتۈرەتتى. مەدەنىيەت بىلەن ھېچ ئىختىلاپلاشمايدىغان دىننىي مەسىللەردىمۇ ئۇلار ئاتالمىش مىللەتپەرۋەرلىك ۋە مىللى مەدەنىيەتنى زورلاپ مۇنازىرىگە كىرگۈزۈپ ، مېنى ۋە دىننى مىللەتكە ،مىللى مەدەنىيەتكە قارشى قىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇناتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى پېقىر ئۇيغۇرنىڭ گۈزەل دوپپىسىنى ئۇزاقتىن بېرى كېيىگلىك ئىدىم ،ئەمما ئۇلاردا يوق ئىدى.
ھىلىمۇ ھەم ئۇلار مىللەت ،خاسلىق ھەققىدە چوڭ چوڭ پاراڭلارنى سوقماقتا ، ئەمما ئەڭ ئەقەللى مەدەنىيەت ئۆرنىكىمىز بولغان دوپپا بېشىدا يوق . مەن ئۈن تىنسىز ئۆز ئىشىمنى قىلىمەن ،ئەمما دوپپىدىن ئايرىلغىنىم يوق .
دەرىخا ،ئاللاھ ،ئىتىپاقلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن!

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 07:39:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadirlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-14 10:04  

دوپپا كىيسەك ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزمەيدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 08:56:15

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 07:39 static/image/common/back.gif
دوپپا كىيسەك ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزمەيدۇ

ئەركىنلىك جىنايەت نامى بىلەن قانۇنسىزلىققا ئايلىنىپتۇ مىسال : دوپپا كېيىش
جىنايەت ئەركىنلىك نامى بىلەن قانۇنلۇققا ئايلىنىپتۇ:    مىسال  : پاھىشىۋازلىق

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 09:02:15

بىرى مۇنداق دىۋىدى ئويلىسام تېگى بارئىكەن: ئەگەر ھەممە ئادەم  دىگۈدەك باش كىيىم كىيگەن بولسا پالانى كىيمەپتىغۇ ئەنە سەن نىمە دەپ كىيىسەن دىگەن گەپ بولمايتتى. بىر چاغلاردا  مەدەنىيەتلىك بولىمىز دەپ ياغلىقلارنى دوپپىلارنى تاشلاپ يالاڭباشلىشىپ كېتىۋىدۇق .... يوقاتمىغۇچە قەدرى بولمىسا كېرەك

apsana123 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 09:08:39

مەيلى دىندا بولسۇن ياكى مىللىيلىكتە بولسۇن ، بۇ خىل ئويلۇقتىكى شەيئىلەرنى كۆرۈپ قويۇپلا بولدى قىلغانلار بىلەن ئۇنى تۇتۇپ باققانلار ، ھەمدە ئۇنىڭغا چۆكۈپ باققانلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆزگىچە پەرق بولىدۇ . بۇ خۇددى سۇ يۈزىنى كۆرۈش بىلەنلا توختۇلۇپ قالغىنىغا باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قارىدىغان ئادەمنىڭ بىلىدىغىنى ۋە ھىس قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭغا كەچكەن ۋە چۆكەن كىشىلەرنىڭ بىلىدىغىنى ۋە ھىس قىلغىنى ئوخشاش بولمىغاندەك .


مەن مۇشۇ كۈنلەردە مەن بىلەن بىللە جۈمەلەردە بولسۇن ياكى باشقا سورۇنلاردا بولسۇن دىننىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنىنى ئەمەلىيىتىدە ئورۇندىمايدىغانلار بىلەن  ئەقىدە ئىشلىرىدا تالاشمايدىغان بولدۇم . چۈنكى جامائەتچىلىككە چۆكمىگەن كىشىلەر بەزى جامائەتچىلىكتىكى ئىشلارغا قارىتا ئەقلىيىتى بىلەنلا ھۆكۈم قىلىۋېلىپ بەزىلەرنى ئازغۇنغا چىقىرىدىكەن . ئىش قىلىپ ، دىن بۇيرىغان ئىشلارنى تەستىقلاپ قويۇپ بولدى قىلغۇچى بىلەن ، ئەمەلىيىتىدە ئورۇندىغۇچى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچىنىڭ دىندىكى ئورنى ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدىكەن . بۇ خۇددى تاماقنىڭ مىزىلىك پۇرىقىنى پۇرىغان كىشى بىلەن ئۇنى پۇراپ يىگەن كىشىنىڭ ھىس قىلغىنى ۋە قۇۋۋىتى ئوخشاش بولمىغاندەك .

بەزىلەرنىڭ دوپپا كىيىشىدىنلا ئۇنىڭ دوپپىنى تاشلىماي كىيىدىغانلىقى ياكى ئەمدىلەتىن كىيگەنلىكى ئېنىقلا بىلىنىپ قالىدۇ . ھايۋاندىمۇ ئىنسانلارغا قارىتا مۇھەببىتى قوزغۇلۇپ ، ئىنسانلارغا مايىل بولغانلاردا ئادەمنى كۆرسە بىر خىل كەيپىيەتتا بولغىنىدەك ، ئىنسانلار ئارامۇ ھەم بىر توپقا كۆنگەن كۆنمىگەنلەرنىڭ ئەنە شۇ خىل ھالىتىدىن بىلگىلى بولىدۇ .

مانا بۇ دەل كىشىلەرنىڭ شۇ خىل توپتىكى كىشىلەرگە ، شەيئىگە قارىتا  بولغان قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتىنىڭ بار - يوقلىقىدىكى مەسىلە !

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 10:13:09

ئىسىمدە قىلىشىچە 3يىل ئاۋۋال تولۇق بىرىنچى يىللىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان چاغدا دەرىستە ناھايتى ئەلاچى ئىككى قىز ئوقۇغۇچىمۇ كىلىپ تىزىملاتتى،ئۇلار ھىجابلىنىۋالغان ئىدى (پەقەت يۈزقىسمىلا ئۈچۈق)،مەن ھەي مۇشۇلار ئۇقالمايدىغان بولدى دېدىم ئىچىمدە ، دەرۋەقە مەكتەپ ئۇلارنى ئوقۇشتىن چىكىندۈردى،مەن ئۇلارنىڭ ئاتائانىسىنى چاقىرتىپ كىلىپ سۆزلەشتىم،ھەمدە ماڭا ئازراق ماسلاشسىلا ،ئۇلارنى قوغداپ قالىدىغىنىمنى ئەسكەرتىپ شۇنداق نەسىھەت قىلساممۇ، ئاتائانىسى چوقۇم مۇشۇنداق ھىجابلىنىپ يۈرىشى كېرەك دەپ تۇرۇۋالدى.ئاخىر مەكتەپتىن چىندۈرۈلدى.ئۇلار بىربىرىدىن كاللىسى ئوچۇق ،زېرەك ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ئىسىت ئوقالمىدى.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 11:30:19

ئىزدىنىشتا 360 كۈن دۇپپىنى بېشىدىن ئالمايدىغانلاردىن نەچچىسى باردۇ ؟ مانا مەن 360 كۈن كېيەلمىسەممۇ 355 كۈن بېشىمدىن دۇپپىنى ئايرىمايمەن .:lol

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 13:08:12

ئۈرۈمچىدە سۈپىتى ئوبدان دوپپا ساتىدىغان دۇكاننى  بىلسەڭلار دەپ بەرگەن بولساڭلار . مەن دوپپىنىڭ سۈپىتىنى تازا بىلمەيمەن . بۇرۇن ئالغان دوپپا  ياخشى چىقماي قالدى .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 13:33:08

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 10:13 static/image/common/back.gif
ئىسىمدە قىلىشىچە 3يىل ئاۋۋال تولۇق بىرىنچى يىللىققا ئو ...

مەكتەپتە ئوقۇپ مۇشۇ كۈنگىچە بولغان ئەھۋالىڭىزنى بىر سۆزلەپ باقمامسىز؟ نىمىلەرنى قىلالىدىڭىز، نىمىلەرنى قىلالمىدىڭىز . نىمىگە ئېرىشىپ ،نىمىگە ئېرىشتىڭىز؟

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 14:44:26

12 يىل ئوقۇپ ئىنتىزامغا بوي سۇنۇشنى ئۈگۈنۈپ چىقتىم {:101:}

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 15:16:33

مەكتەپتە ئوقۇپ مۇشۇ كۈنگىچە بولغان ئەھۋالىڭىزنى بىر سۆزلەپ باقمامسىز؟ نىمىلەرنى قىلالىدىڭىز، نىمىلەرنى قىلالمىدىڭىز . نىمىگە ئېرىشىپ ،نىمىگە ئېرىشتىڭىز؟

ئاۋۋال سىزدىن كەلسۇن! {:136:}

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 17:03:45

ھەممە ياخشى ئىشنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى قېرىنداشلار ، توغرا ، ياخشى بولغان تېلەكلىرىمىزگە رەببىمدىن مۇمكىنلىك تېلەيمەن .

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 20:03:00

مەن ھەريىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 15-كۈمىگىچە دوپپا كىيىمەن.قىش پەسلىدە تۇماق كىيىمەن.15 يىل بوپتۇ.ئۇنىڭ ئىلگىرىسىدە يالاڭباش يۇرەتتىم كۈپىنچە.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 22:58:21

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 10:13 static/image/common/back.gif
ئىسىمدە قىلىشىچە 3يىل ئاۋۋال تولۇق بىرىنچى يىللىققا ئو ...

مېنىڭ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىمۇ «مەكتەپ كاللىسىنى يۇيۇۋېتىدۇ» دەپ شۇنچە ئەلا بولۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇنداق يول قۇيۇشىغا قارىماي مەكتەپدىن چىكىنگەن ساۋاقداشلىرىم كۆپتى.
قارىسام، ئۇلار خەنسوچە بىلمىگەن بىلەن، جاپا تارتقان بىلەن، شەھەر كۆرمىگەن بىلەن، دوپپا-ياغلىقىنى تاشلىۋەتمەي ئۆزىگە چۇشلۇق ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ...

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 08:25:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugday تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-15 08:28  

مەن دوپپا كەيگەن، يالاڭ باش يۈرگەن، كىندىكى ئۇچۇق قالغان، يەنە بىر نىمە بولغان دېگەندەك ئىشلاردىن بەكرەك دوپپا كىيىدىغان باشنىڭ ئىچىگە نىمە قاچىلانغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلىدىغان بوپ قالدىم.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 08:31:17

360 كۈن دوپپا كىيەي دېسەم باشقىلار بېشىمنى قالپاقتىن بىكار قىلمايۋاتىدۇ، ئالدى بىلەن باشقىلارغا زورلاپ بىرنىمە كەيدۈرۈدىغانلار بىر ئادرام ئالسا بولىتتى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 12:51:03

دوپپىنى نىمىشقا كەيمەيمىزبىلمىدىم .

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 19:35:11

مەدەنىيەتنى قوغداش دوپپىدا ئەمەس ، دوپپا ئاستىدىكى كاللىدا .
بەت: [1]
: 360 كۈن دۇپپا كىيىش