alip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 16:09:29

Google Translator گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشايلى

Google translator (تۆۋەندە گۇگېل تەرجىمانى دەپ ئېلىندى.) نۆۋەتتىكى ئىنتىرنېت ساھەسىدە ھەممە ئېتراپ قىلغان ئىشىلتىش ئەڭ قولايلىق، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان ھەقسىز تەرجىمە قىلىش قورالى. نۆۋەتتە بۇ قورال دۇنيادىكى 52 چوڭ تىللارنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. گەرچە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئادەمگە يەتمىسىمۇ بىراق كۆرۈپ چۈشىنىشكە ۋە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىشىلتىش ئەھمىيتىگە ئىگە.  بۇ قورالنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئازراق ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن.
ئەگەر سىزدە بۇ قورال قوللىغان ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە قاتارلىق 30 خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تېكىست بولسا، گۇگېل ھېسابىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇ تېكىستنى Translator Toolkit (تۆۋەندە تەرجىمە قىلىش قورالى دەپ ئېلىندى) غا قوشۇپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە قىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز. ئەگەر سىزدە ئۇنداق تېكىست بولمىسا، يۇقارقى تىللاردىن مەلۇم بىرسىنى بىلسىڭىز بىرەر تور بەتنى ياكى ۋىكىپىدىيادىن بىرەر ماقالىنى مەلۇم تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ ھەقتە بىر قانچە يىل بۇرۇن تېما يېزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلار كونكىرىت قانداق مەشغۇلات قىلدىغانلىقىنى بىلەلمەي تاشلاپ قويغان ئىدى. مەن تۆۋەندە  Google Translator غا  ئۇيغۇرچە سۆزلۈك قوشۇش ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمەن. مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان سۆزلۈكنى كۆپلەپ قوشساق مەلۇم چەككە يەتكەندە گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلۇشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىز دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللاردىكى ئۇزۇن جۈملە، تېكىستلەرنىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تىز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىپ چۈشىنەلەيسىز. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى بېلەت تاشلاشتىن ياخشى.
ئالدى بىلەن google ھىسابات نومۇرىڭىز بولۇشى كېرەك. بولمىسا gmail.com غا كىرىپ بىر ئې-مايىل ئىلتىماس قىلىپ تەييار قىلىڭ.
ئاندىن http://translate.google.com/toolkit/list?hl=en#translations/active گە كىرىڭ. ئېنگىلىز تىلىنى چۈشەنمىسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئۈستى تەرەپتىكى settings نى بېسىپ كۆرۈنمە تىلىنى ئۆزىڭىز چۈشىنىدىغان بىرەر تىلغا تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ، مەسلەن: تۈركچە، خەنزۇچە... دېگەندەك. مەن خەنزۇچىگە تەڭشەپ مەشغۇلات قىلدىم.

بۇ رەسىمدىكىدەك ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ چاغدا 上传  (ئېنگىلىزچىسى upload) نى باسساق تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

بۇ يەردىكى 添加要翻译的内容 تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇن قوشۇش دېگەن خەتنى باسسىڭىز بىر نەچچە تاللاش بار. 上传文件 ھۈججەت چىقىرىش. بۇ تۈرنى تاللىسىڭىز ئالدىن تەييارلاپ قويغان تەرجىمە قىلماقچى بولغان ھۆججەتنى چىقىرىسىز. ئوڭ تەرەپتە قوللايدىغان ھۆججەت تىپلىرى بار. قوشماقچى بولغان سۆزلۈك كۆپ بولسا مۇشۇ تۈرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بىر قۇرغا بىر جۈملە يېزىپ، تېكىست فورماتىدا بولسا بولىدۇ.
تور بەت ۋە ۋىكىپېدىيەنى كىرگۈزۈش تۈرلىرىمۇ بار، شۇلارنىمۇ ئېھتىياجغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.
您要翻成什么语言 دېگەن يەردىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللايسىز. دەسلەپتە ئۇ يەردە ئۇيغۇر تىلى كۆرۈنمەيدۇ. ئاستىدىكى خەت يازدىغان كۆزنەككە ug دەپ يازسىڭىز ئۇيغۇر تىلى دەپ چىقىدۇ، شۇنى تاللايسىز.

سۆز ئاز بولسا 输入文本 نى تاللاپ تەرجىمە قىلماقچى بولغان سۆز ياكى تېكىستنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
مەسلەن: تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


ئاندىن كېيىنكى قەدەمنى باسىسىز، ئېچىلغان كۆزنەكتىن 不用了 كۇنۇپكىنى بېسىۋەتسىڭىز بىرىنجى رەسىمدىكى ھالەتكە قايتىپ كېلىپ، سىز كىرگۈزگەن ھۆججەت نامى ياكى تېكىست كۆرۈندۇ، شۇ يەرنى باسسىڭىز تەھرىرلەش رايونى ئېچىلدۇ.



ئوڭ تەرەپكە سول تەرەپتىكى خەتنىڭ تەرجىمىسىنى كىرگۈزۈپ، ساقلاش، تاماملاشنى بېسىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

كېيىنكى قىسمىدا TMX ھۆججىتى ياساش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن.

مەنبەسى: ئالپ تورى

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 19:58:49

ياخشى تەكلىپكەن،قوللايمەن،ئەلانى دەسسىۋەتتىم ئەمىسە.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 21:25:09

گوگىل ھىساۋاتىم ھەجەپ ئېچىلمايدۇيا؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 23:11:24

Google translator غا قاتنىشىڭ نى 2010-05-16  دا يوللاپتىكەنمەن، بۈگۈن مەنمۇ قايتا چاقىرىق قىلاي.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 10:44:51

كۈچ چىقىرىدىغان مۇھىم ئىش ئىدى بۇ !

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 13:43:42

مېنىڭ كومپىيۇتېردىمدا ئېچىلغان كۆزنەكتىن سىز تونۇشتۇرغان مەزمۇنلار كۆرۈنمىدى مانا مەندە مۇشۇنداق چىقىۋالدى

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 14:10:01

choice يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 13:43 static/image/common/back.gif
مېنىڭ كومپىيۇتېردىمدا ئېچىلغان كۆزنەكتىن سىز تونۇشتۇ ...

كۆرۈنۈپتىغۇ。

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 14:13:47

سېلىتۇرۇپ بېقىڭ سىز يوللىغان رەسىم بىلەن مەن يوللىغان رەسىملەرنى، ئۇيغۇر تىلىنى  تاللايدىغان مەزمۇنمۇ يوق

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 14:43:08

choice يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 14:13 static/image/common/back.gif
سېلىتۇرۇپ بېقىڭ سىز يوللىغان رەسىم بىلەن مەن يوللىغان  ...

قالغىنى مەن دېگەندەك مەشغۇلات قىلسىڭىز چىقىدۇ.

Rohluqtekin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 14:48:00

رەھمەت  !
دېگىنىڭىزدەك ئۇسۇللار بىلەن بىر ئابزاس سۆزنى تەرجىمە قىلىپ، ساقلاش، تاماملاشنى بېسىۋەتتىم.
ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 17:25:09

بولسا خەتلىك فىلىم بەتلىرىمۇ يىغىپ ساقلاپ كەلگەن فىلىمنىڭ يېزىق ھۆججىتىنى يوللاپ قويسا خېلى كۆپ مەزمۇنلار قوشۇلغان بولاتتى.
ما كۈلكە بىلەن باپكار جىم يېتىۋالماڭلار دەيمە.:lol
قۇتيار، ئاق بۈركۈت، تۇرانىم دىكىلەر ماۋۇ تېمىغا قاراپ قويسا بولاتتى.{:92:}

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 20:31:14

توردا تەرجىمە ئەسەرلەر كۆپقۇ ، ئەسەر يوللىغاندا  ئەسلى ماقالە بىلەن ئەۋەتسە  باشقۇرغۇچىلار  گوگۇلغا قىتىپ قويسىمۇ بولىدۇ ، بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان رومانلارنىڭ TXTھۆججىتىنى تىپىپ ئەۋەتىلسە بولاتتى
  ياكى گوگۇل تەرجىمانىدىكى تۈركى تىللارغا ئۇيغۇرچىنى ئۇلاپ ۋاستىلىق تەرجىمە قىلدۇرساقمۇ بولىدۇ ، ilkan.biz  نىڭ قۇرغۇچىسى ئاشۇندا قىلغىلى بولىدۇ دەۋاتاتتى ، ھازىر ilkan.biz  تورىدا تۈركى تىللارنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ

amrakcn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 19:43:15

ھازىر ilkan.biz  تورىدا تۈركى تىللارنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ
بۇرۇن توربەتتىكى باشقا تىللارنى ئۇيغۇرچىغا  يىڭى يىزىققا ئايلاندۇر دىغان ئىملا خاتالىقىنى تەكشۇر دىغان توربەت بار ئىدى قايسىڭلار ئۇقىسىلەر
بەت: [1]
: Google Translator گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشايلى