tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 13:29:32

ھەزىم قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى(شىپاخانىدىكى ھېكايەتلەر)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-13 13:35  

15 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ھەكىم مۇھەممەد ئەھمەدخاننىڭ شىپاخانىسىغا كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېيتتى.
بىمارنىڭ مۇھىم زارى: ئىشتىھايىم ياخشى ئەمەس، تاماقنى ناھايىتى ئاز يەيمەن، زورلاپ يېگەنلىرىم ياخشى ھازىم بولمايدۇ، يەل پەيدا بولىدۇ، لېكىن ماڭمايدۇ، ئاغزىم ئاچچىق بولۇپ تۇرىدۇ.
دېئاگنۇز قويۇش ۋە دورا بەلگىلەش: ھەكىم ئۇنىڭغا ھەزىم قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى دەپ دېئاگنۇز قويدى ۋە دورا بەلگىلىدى.
ئەتىگەن كەچتە جاۋارىش كۇمۇنىدىن يەتتە گرام يەپ، ئۈستىدىن بەدىياندىن بەش گرام، ئەپتىمۇن ۋە رۇمبەدىياننىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ، ئۇلارنى 72گرام ئەرقى بەدىيان، 72 گرام ئەپتىمۇن، 72گرام ئەرقى شوخلا بىلەن ئىزىپ، تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا يەنە 24گرام خېمىرى بىنەپشە قوشۇپ، ئىچىپ بېرىڭ، ھەببى پىيىپىتەدىن ئەتىگەن كەچتە ئىككى تالدىن ئىچىپ بېرىڭ،
بىمار بۇ دورىلارنى ئۈچ كۈن ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئىچى سۈردى ۋە سۈيدۈكىمۇ قىزىل رەڭلىك كەلدى، ھەكىم ساھىب ئۇنىڭغا جاۋارىش كۇمۇنىدىن ئۈچ گرامنى قۇشۇپ يېيىشكە بۇيرۇدى.
يەتتە كۈندىن كېيىن بىمار تۈنۈگۈندىن بېرى تەرەت ماڭمىدى، ئىشتىھايىممۇ كېمىيىپ كەتتى دېدى. ھەكىم ئاق لەيلى ئۇرۇقى لوئابىدىن بەش گرامنى قۇشۇپ بەردى.
ئۈچ كۈندىن كېيىن بىمار تەرەت مېڭىپ ئىشتىھايىممۇ ئېچىلدى، لېكىن ئاشقازاننىڭ سول تەرىپىدە ئاغرىش بولۇۋاتىدۇ دېدى. ھەكىم كۇشتە قىلىنغان كۈمۈش تەركىبلىك پولاتتىن بىر دانىنى جاۋارىش كۇمۇنى بىلەن يىيىشكە ، قالغان دورىلارنىمۇ شۇ پېتى يېيىشنى بۇيرىدى.
بىمار ئىككى كۈندىن كېيىن ھەكىمنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە نەزلىنىڭ شىكايىتىنى قىلىپ، بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ، ئاغزىم ئاچچىق بولۇپ قالدى دېدى. ھەكىم دەسلەپكى نۇسخىنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى دورا بۇيرىدى.
گۈلبىنەپشە يەتتە گرام، چىلان بەش دانە، سەرپىستان توققۇز دانە ئېلىپ، قاينىتىپ، سۈيىگە خېمىرى بىنەپشىدىن 24گرام، قاپاق مېغىزى شىرىسىدىن 3گرام قۇشۇپ ئىچىڭ.
بىمار ئۈچ كۈندىن كېيىن، نەزلە ياخشىلاندى دېدى، ھەكىم ئۇنىڭغا يۇقىرىقى كۈمۈش تەركىبلىك پولات كۈشتىسىدىن ئىستىمال قىلىشنى بۇيرىدى.
بەش كۈندىن كېيىن بىمار ھەكىمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، پۈتۈنلەي ئارامچىلىق بولغانلىقىنى ، ئىشتىھاسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، تەرىتىنىڭمۇ راۋانلاشقانلىقىنى، باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

شىپاخانىدىكى ھېكايەتلەر كىتاۋىدىن
http://www.4tadu.com/?p=1037

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 16:22:27

تادۇبەگدىن سوراپ باقسام ئۆت ياللۇغىنى ئۈنۈملۈك بىر داۋالاش ئۇسۇلى يوقمۇ  ........ 3 يىل بولدى ھەريىلى  دوختۇر ياكى تىۋىپنىڭ  دورىلىرىدىن ئازدىگەندە  1000 كويلۇقتىن  يەۋاتىمەن    {:136:}

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 17:53:36

رەخمەت تادۇبەگ.

azizuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 17:54:45

ئەلۋارىس شىركىتىنىڭ ئاشقازان ئۆت ياللۇغ جەۋھىرىنى ئىچىڭ...

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 18:30:41

تادۇبەگ ،مۇشۇ سىز تىلغا ئالغان ۋە تىبابەت كىتابلىرىدىكى ئاشۇ دورىلارنىڭ ھەممىسىنى يۇرتىمىزدىن تاپقىلى بۇلامدۇ؟
پاكىستان،ھىندىستان تەرەپلەردىن دورىلارنى قانداق ئەكىلىدۇ؟ مۇشۇ خوتەن دىيارىدىكى تېرىشقا ماس كىلىدغان
پۇل تاپقىلى بۇلىدىغان دورىلار قايسىلار؟
بەزى دورىلارنىڭ مىقدارىنى ئەجدادلىرىمىز ئاشۇ پېتى قالدۇرغىنى بۇيىچە تەڭشەش لازىممۇ؟ئۆزىمىز تەڭشىۋالساق
قانداق بۇلىدۇ؟دېمەكچى بەزىلىرىنى ئازايتىپ بەزىلىرىنى تاپالمىساق ئۈنىمىگە نەچچىلىك تەسىرى بار؟
سىزنىڭچە ئۇيغۇر تىبابەت شىركەتلىرى ،دورىخانىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ،تەرەققىياتى قانداقراق كىتىپ بارىدۇ؟
بولسا دۇككان ئادىرىسى ،تېلىفۇن ،ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن كۆز روشەنلەشتۈرۈش ،
بۇرۇن ياللۇغى دورىسىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن،(نىمىشقىكىن 25يېشىمدا بۇرۇن ياللۇغى تېپىۋالدىم،
قەتئىي ئاغرىق بۇزەك ئېتەلمەيتتى كېسەل مىنى ،مۇشۇ قىشتىن باشلاپ بۇرۇننىڭ ئازابى مېنى بەكلا قىيناۋاتىدۇ
سىزنىڭچە مۇشۇ يېشىمغاكىلىپ بۇرۇن ياللۇغى بۇلۇشۇم مۇمكىنمۇ ؟دېمەكچى پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ئۆزۈمنى
بۇرۇن ياللۇغى دەپ .بولسا دورىلارنىڭ ئىسىملىرىنى دەپ بەرسىڭىز؟

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 20:39:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawuzbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-13 20:45  

ھەي تادۇبەگ،مېنىڭ كۆكرەك قەپىزىمنىڭ دەل ئاستى سول تەرەپ كۈپۈپ ئاغرىيدىغان بۇلىۋالدى.ئەمما ئۇزۇقلىنىشىم،چوڭ كىچىك تەرەتلەر نورمال.دوستلار ھەلقىسىدە سورىسام گۈلقەنت يەڭ دەپتىڭىز پىننە گۈلقەنتى يىدىم.دىگەندەك ئۈنۈمى بولماي ئۈچ تۆت كۈن ئۈكۈل سالدۇرغان ئىدىم ساقايغان.بىرەر ھەپتە ئۈتە ئۆتمەيلا يەنە ئاغرىشقا باشلىدى.دىمەك غەرپچە داۋالاش كىسەلنى يىلتىزىدىن ساقايتالمايدىغان ئوخشايدۇ.شۇڭا سىلىگە مۇراجات قىلىۋاتىمەن.داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز،ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتقاچ تۇراي.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 20:57:34

ئەرقى بەدىيان ئاجايىپ بەتتام دورىكەن.

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 21:08:09

muzdala يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 20:57 static/image/common/back.gif
ئەرقى بەدىيان ئاجايىپ بەتتام دورىكەن.

تادۇبەگ  تاتلىق ئىزدىسىڭىز ناۋات يەڭ دەپ قويمىسۇن يەنە:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 23:09:35

ياخشى تېما ئىكەن.{:112:}
يامغۇر يېغىپ ئەتە ئىشلىيەلمەيدىغان بولدۇق. ئىنكاس يېزىپ چوققىلىغاچ، تادۇبەگنىڭ بۇ تېمىسىنى سەل ئۆزگەرتىپ يېزىپ باقاي.
تەھلىل:
ھەزىم قۇۋىتى ئاجىزلاش كۆرۈلسە، ئاشقازان، ئۈچەي ياكى ئۆتتە كېسەللىك كۆرۈلدى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.:lol

ئاشقازان، ئۈچەي ۋە ئۆت كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار تۆۋەندىكى رېتسىپ بويىچە دورا تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
ئەتىگەن كەچتە جاۋارىش كۇمۇنىدىن يەتتە گرام يەپ، ئۈستىدىن بەدىياندىن بەش گرام، ئەپتىمۇن ۋە رۇمبەدىياننىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ، ئۇلارنى 72گرام ئەرقى بەدىيان، 72 گرام ئەپتىمۇن، 72گرام ئەرقى شوخلا بىلەن ئىزىپ، تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا يەنە 24گرام خېمىرى بىنەپشە قوشۇپ، ئىچىپ بېرىلىدۇ، ھەببى پىيىپىتەدىن ئەتىگەن كەچتە ئىككى تالدىن ئىچىلىدۇ.
ئەكىس تەسىرى: ئۈچ كۈندىن كىيىن ئىچ سۈرىدۇ.
بۇ دورىنى ئىستىمال قىلىش مەنئى قىلىنىدىغان كېسەللىكلەر: تولغاق، باكتىرىيەلىك ئۈچەي ياللۇغى.
15 ياشتىن ئاشقانلار ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
15 ياشقا توشمىغانلارغا دورىلارنىڭ مىقدارى مۇۋاپىق كېمەيتىلىپ بېرىلسە بولىدۇ.

قىپقىزىل رەڭلىك ئەسكەرتىش:
چاقچاق ئىنكاس، مەن يالغان تېۋىپ! دورىنى خاتا يەپ ئۆلەپ كەتسەڭلار مەن ئىگە ئەمەس.:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2
: ھەزىم قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى(شىپاخانىدىكى ھېكايەتلەر)