ئائىلە لايىھىسى ئۈچۈن كۆركەمخانىگە مەرھەمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا korkemhane تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 13:31ھەرقانداق بىرئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىللىق بىر ماكانى بولىدۇ،بۇ دەل سىزنىڭ ئۆيىڭىزدۇر . كىشىلەر پەقەت ئۆز ئۆيىدىلا ئۆزىنى تولىمۇ ئەركىن ھەم راھەت ھېس قىلالىشى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي مۇھىتى ۋە تۈزۈلىشىنىڭ كۆركەم بولىشى،بېزەكچىلىكتە قوللىنىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ قوللىنىشچان بولۇش بىلەن بىرگە ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز بولىشىمۇ تولىمۇ مۇھىم ئامىللەرنىڭ بىرىدۇر.
بۇنىڭدىن سىرت ئۆي بېزەكچىلىكىدە سىز تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن،ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بېزەكچىلىك بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋىلىش،باھادىكى ئادىللىق،مەھسۇلاتنى سېتىۋالغاندىن كېيىنكى ساتقۇچى تەرەپ مۇلازىمىتى...بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمدىلىكتە سىز باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلەر بولماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى سىزنىڭ يەنە بىر تاللاش پۇرسىتىڭىز بار بولدى،سۆيۈملۈك «كۆركەمخانە»ڭىزگە كىرىش ئۈچۈن سىزگە يەنە بىرئىشىك ئېچىلدى!
ئاددىيلىق ئىچىدىن كۆركەملىك تۇيغۇسى يارىتىش،كۆركەملىك ئىچىدىن ئۆزگىچە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ۋە ياۋروپا پۇرىقى بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى ئۇسلوب تۇيغۇسىغا ئېرىشىش سىزگە سۇنۇلغان ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.ئۈرۈمچى يېڭى خۇالىڭ بازىرىغا جايلاشقان «كۆركەمخانە» تام قەغىزى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىتالىيە،ئامېرىكا،كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تام قەغەزلىرىنى تاللاپ كىرگۈزۈپ باھا ۋە سۈپەت جەھەتتە ئوخشاش ساھەدىكى سېتىش مۇلازىمىتىدە زور ئەۋزەللىكلەرنى ياراتتى ھەمدەئۈرۈمچى خۇالىڭ سودا بازىرىدىكى تام قەغىزى ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سېتىش مۇلازىمىتىنىڭ بولماسلىقىدەك بوشلۇقنى تولدۇردى.بۇنىڭدىن سىرت يەنە ھەر يىلقى خەلقئارا دەرىجىلىك يەرمەنكە مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان يېڭى نۇسخىلىق تام قەغەزلىرى،بالىلار ھۇجرا ئۆي تام قەغىزى،پاكىستاننىڭ ۋولگىرىس ھاي-ھايلىرى،تام قەغىزىگە كېرەكلىك قوشۇمچە ماتېرىياللار شۇنداقلا ئەلا سۈپەتلىك پول تاختايلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە «كۆركەمخانە»دىن يەر ئالماقتا.
ئەگەر سىز «كۆركەمخانە»تام قەغىزى سېتىش مەخسۇس دۇكىنىدىن ئەلا سۈپەتلىك تام قەغەزلىرى سېتىۋىلىشنى ئويلاشسىڭىز ياكى كۆركەمخانىگە كېلىپ ئائىلىڭىزنى يېڭى تۈستە لايىھىلەش ۋە "كۆركەمخانە لايىھە مۇتەخەسسىس"لىرىدىن مەسلىھەت ئېلىش ئۈچۈن "كۆركەمخانە"گە ئىشتىراق قىلماقچى بولسىڭىز ۋە ياكى كۆركەمخانىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا شەھەر رايونىدا ۋاكالەتچىلىكىمىز بولۇشنى خالىسىڭىز :كازىۋەن يېڭى خۇالىڭ جەنۇبىي رايونى بەش خىل مېتال سېكتورى تۈز قاتار 56-نومۇرلۇق ماگزىنغا كېلىڭ.ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى:
13999214778
18299141816
ئائىلەبېزەكچىلىكىڭىز ئۈچۈن «كۆركەمخانە»-سىزنىڭ ياخشى ھەمكارچىڭىز بولغۇسى!
دوستلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىگە تەشەككۈر!يۇقارقى رەسىملەرنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقوقى كۆركەمخانە ئۈندىدار سالونىغا تەۋە.قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ،تام قەغىزىگە ئائىت يېڭى بىلىملەردىن داۋاملىق خەۋەردار بولاي دېسىڭىز كۆركەمخانە ئۈندىدار سالونىغا ئەزا بولۇشنى ئۇنۇتماڭ.
بۇرۇنراق يوللىغان بولسىڭىزچۇ،ئۇ چاغدا ئەرزان برەتتىڭىز..
دۇكانغا مۇشۇ كۆركەمنى ئىشلەتكەنتىم :lol ماۋۇ تىمنى ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي،پات يېقىندا يېڭى ئۆيگە كۆچمەكچى ئىدىم . ھەراسىت ئۆي بىزەشكە ئىشلىتىدىغان زىيانسىز سىر بولسا تەۋسىيە قىلمامسىلەر؟چوڭ سۇپەت چىققان مىھمان خانە ئۆينىڭ رەسىملىرى بولسىمۇبولدۇ جۇمۇ.:lol تام قەغەز، پول، يىلىم قاتارلىق ماتىرىياللارنىڭ توردىكى باھاسى بىلەن دۇكانلىدىكى ئەڭ تۆۋەن سىتىش باھاسى ئوتتورىسىدا قانچىلىك باھا پارقى بار؟ tadubeg يوللىغان ۋاقتى 2014-4-13 14:51 static/image/common/back.gif
بۇرۇنراق يوللىغان بولسىڭىزچۇ،ئۇ چاغدا ئەرزان برەتتىڭ ...
سىزنىڭ دېگىنىڭىز كۆركەم ماركىسىمۇ ياكى كۆركەمخانە ماركىسىمۇ؟كەلسىڭىز ھازىرمۇ ئەرزان بېرىمىز:)
دوستلارغا ئەسكەرتىدىغىنىمىز،ئىزدىنىشنى ئېلان تور بېكىتى قىلىۋىتىشنى خالىمايمىز.بۇ سالون پەقەت سېتىشنىلا مەقسەت قىلمايدۇ،بەلكى شەھەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئۆي بېزەشتە مەۋجۇت بولىۋاتقان خاتا قاراشلىرى،مەھسۇلاتقا بولغان چۈشەنچىلىرىگە ئەڭ توغرا شەكىلدە جاۋاب بېرىشنى مەقسەد قىلىدۇ.بەلكى بۇ سالون ئارقىلىق ئۆي بېزەشكە ۋە مۇھىت ئاسراشقا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز. بۇ دۇكانغا قانچىلىك دەسمايە ئىشلەتتىڭىز؟بۇ كەسىپنىڭ كەلگۈسى پارلاقمۇ؟ مەن شۇ دۇكىنىڭىزدىن تامغا چاپلايدىغان ھاي ھاي ئەكەلگەن ئىدىم. ئۆتكەن قېتىم ئۆينى يېڭى سېتىۋالغاندا دۇكىنىڭلارغا بارغان ئىدىم،ماللىرىڭلار مەن كۆرگەن باشقا تام قەغەز دۇكىنىدىكى قەغەزلەر بىلەن ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەن،بولۇپمۇ ھېلىقى ئالماس كۆزلۈك قەغىزىڭلار ماڭا بەكلا يارىدى.بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلسەم سىلەردىن زاكاز قىلدۇرىمەن،يەنە بىرگە ماڭا ياخشىراق بېزەكچى ئۇستام تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.{:112:} http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201404/13/134359wccstwjyjsws0wc3.jpg.thumb.jpg
ماۋۇ رەسىمنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدىمغۇ ؟ paliwan يوللىغان ۋاقتى 2014-4-13 15:01 static/image/common/back.gif
ماۋۇ تىمنى ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي،پات يېقىندا ي ...
تۆگىقۇش ماركىلىق سىرنىڭ پۇرۇقى تۆۋەن ۋە سىر رەڭگى باشقا ماركىلىق سىرلارغا قارىغاندا پارقىراقلىق دەرىجىسى يۇقىرى .لىباڭ ماركىلىق سىر داڭلىق ماركا باھا جەھەتتىن باشقا سىرلارغا قارىغاندا سەل يۇقىرى ئەمما ئىشەنچ دەرىجىسى سۈپىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-13 15:02 static/image/common/back.gif
تام قەغەز، پول، يىلىم قاتارلىق ماتىرىياللارنىڭ توردىك ...
تورغا ئېسىل تام قەغەزلەرنىڭ تۈرىنى تۇلۇق ئېلان قىلمايدۇ. تام قەغەز بولسا كۆز بىلەن كۆرۈپ قول بىلەن تۇتۇپ ھېسسىي تۇيۈۇرىڭىزغا بەكرەك تايىنىپ تۇرۇپ تاللايدىغان مەھسۇلات. ئەسلىدىنلا نۇر تارقىتىىدىغان بولغاچقا ھەرقانچە ئېسىل ئاپپارات بىلەن تارتقان تەغدىردىمۇ يەنىلا ئەسلى ھالىتى بويىچە چىقمايدۇ . شۇڭا تام بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىنىڭ توردا سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن. بىز ھەركۈنى دېگۈدەك ھەرقايسسى ماركىلىق ۋە يېڭى تەرەققىي قىلىەۋاتقان ماركىنىڭ قەغەزلىرىنىڭ توردىكى سېتىلىش باھالىرىنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. سۈپىتىگە ۋە بازاردىكى ئومۇملىشىپ كېتىش دەرىجىسىگە ئاساسە ئەرزانلىرى بەكلا ئەرزان ، قىممەتلىرى بەكلا قىممەت باھا مۇۋاپىق ۋە تەكشى ئەمەس. uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-13 16:35 static/image/common/back.gif
ماۋۇ رەسىمنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدىمغۇ ؟
جۇڭگو خەنزۇ مەدەنىيىىتىدە ئۆيگە تام قەغەز چاپلاش تازا ئومۇملاشمىغان. ئەمما بىزدە 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا ياۋروپا ئەللىرىدىن بۇ مەدەنىيەت تېز سۈرئەتتە قوبۇل قىلىنغان . گەرچە ئومۇميۈزلۈك بولمىسىمۇ . ئەمما تا ھازىرغا قەدەر تام قەغەزگە نىسبەتەن چۈشەنچە شەكىللەنمىىگەن جۇڭگولۇق يەنىلا يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن .
سىزچە 100كۇۋادىرات دۇككانغا سىلەرنىڭ مەھسۇلاتىڭلارغا ۋاكالەتچى بولۇپ ئىچىش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ كىتەر تەخمىنەن ...
توردا بولسىڭىز چ چ نۇمۇرۇمنى قاچىلۋىلىڭە نۇمۇرۇم 2226787844 مەنمۇ يېڭى ئالغان ئۆيۈمنى بېزەش ئالدىدا تۇرىمەن، ئۈرۈمچىگە چىققاندا دۇكىنىڭىزغا بارسام بولغۇدەك. بوشلۇقتىن بىرنى تولدۇرۇپسىز.
زاكاس قىلىپ 15 كۈن ساقلاپ ھېرىپ كىتەتتۇق.سىلەردە تەييار قەغەزلەر باردۇ ھە؟ ھە
ئېلانمىدى بۇ؟
بەت:
[1]
2