Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 12:21:32

[ئۇيغۇرچە ئەپ] ھەرقانداق نەشردىكى Android قا فونت قاچىلىغۇچ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kulke تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-13 12:23  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
Android يانفونلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشتا نۇرغۇن تورداشلار قىينىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بارلىرىمىزغۇ root ئېلىپ بوپلا قولدا RE باشقۇرغۇچ بىلەنلا خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە تونۇتۇش مەقسىتىگە ئاسانلا يېتەلەيمىز. ئەمما بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلالمىغانلار (بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىشمۇ سەل خەتەرلىك، ئوڭۇشلۇق قىلالمىسا يانفون قوزغالماي ياكى خەتلەر كاتەك چىقىۋالىدىغان گەپ) يانفوننى بۇزۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.
يېقىندا تورلاردا چەتئەلنىڭ بىر ئەپچىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ شۇنىڭغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قوشۇپلا ئۇيغۇرچە تونۇتىدىغان ئەپلەرنى ياساپ چىققانلار بولدى. ئەمما 4.0 نەشردىكى يانفونلارغا بىر تال، 4.1 4.2.... دېگەنلەرگە ئايرىم-ئايرىم ياساپ ئۆزگەرتىپ باقتى. بۇ بىر ياخشى ئىش. ئەمما 3-4 تال ئەپلەرنى ئېپ يۈرۈش قولايسىز ھەمدە سىغىمى سەل چوڭ بولسا توردىن چۈشۈرۈشكىمۇ ئېقىم زايا بولىدۇ. شۇڭا قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت گۇرۇپپىمىز بۇ نۇقسانلارنى تۈگىتىپ قولايلىق، سىىغمى كىچىك بولغان ھەمدە 4.1 دىن تارتىپ 4.4 گىچە بولغان Android سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىدە سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئاپتوماتىك ھۆكۈم قىلىدىغان «فونت قاچىلىغۇچ» نى ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقتۇق.

ئەپ نامى: فونت قاچىلىغۇچ 1.0
ئەپ سىغىمى: 331KB
ئەپ نەشرى: 1.0
ھوقۇق شەكلى: يانفونىڭىزدا چوقۇم Root ھوقوقى بولۇش كېرەك.
ئەپنى چۈشۈرۈش


سىنالغان يانفونلار:
Samsung i9300 سىستېما نەشرى: 4.4.2
Samsung i9100 سىستېما نەشرى: 4.3.1
Huawei C8813  سىستېما نەشرى: 4.1.1
Xiaomi S2    سىستېما نەشرى: 4.1.2

ئەپ كۆرۈنمە يۈزلىرى:





ئەمدى بىز ئارانلا 4-5 دەك يانفونلاردا سىناپ ئېلىپ بارالىدۇق، ھەممىسىدە نورمال بولدى. بولسا ھەرقايسى تورداشلار سىناپ بېقىڭ، يولۇققان مەسىللەر بولسا قالدۇرساڭلار بىز كېيىنكى نەشرىدە ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. ھەممە ئىشنى بىرلا قېتىمدا مۇكەممەل قىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن. تورداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىگە قارايمىز.

ئەسكەرتىش:
تېما مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا، باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار مۇنبىرى
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى

2014-يىلى ئۇمۇت ئېيىنىڭ 13-كۈنى

ئەسلى مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 15:06:03

بولسا سىناپ باققانلار بولسا نورمال سىناقتىن ئۆتكەن ياكى ئۆتمەي خەت نۇسخىسى تونۇمىغانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇلارنى ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرغان بولساڭلار.
مەسىلەن قايسى ماركىلىق، سىستېما نەشرى قانچە بولغان تېلېفون دېگەندەك ئۇچۇرلارنى قالدۇرساڭلار.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 15:33:34

مېنىڭ 华为 y210—2010 ئىدى. ئەنجۈر 2.3.6 . بۇنىڭغا ئامال بارمۇ؟ زادى ئۇيغۇرچە تونۇتالمىدىم.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 15:37:20

نىمىشقىكىن، تېلفۇنغا پەقەت روت ئالغۇم كەلمىدى.
روت ئالماي ئالماشتۇردىغان ئامال يوقمىدۇ ؟
شىياۋمى 2س ئىدى .

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 15:44:47

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 15:33 static/image/common/back.gif
مېنىڭ 华为 y210—2010 ئىدى. ئەنجۈر 2.3.6 . بۇنىڭغا ئامال بارمۇ؟ ز ...

ئۇنىڭغا ئامال قىلغىلى بولىدۇ لېكىن قىلغان بىلەن ئە ۋە ئې ھەرپلىرى ئۇلاشمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 15:54:10

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 15:37 static/image/common/back.gif
نىمىشقىكىن، تېلفۇنغا پەقەت روت ئالغۇم كەلمىدى.
روت ئال ...

قايسى نەشرىكەن. يەنى ھېلىقى开发板 ياكى 稳定版 دېگەن نەشرىنىڭ قايسىلىقىغا قاراڭ. 开发板 بولسا root ھوقۇقى بار، پەقەت قۇلپىسىنى ئېچىپلا ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئاندىن تاقىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.稳定版 بولسا root ھوقۇقى يوق يەنى root باشقۇردىغان قوراللارنى ئېلىۋەتكەن. شۇڭا ئۇنىڭغا root ھوقۇقى ئالمىسىڭىز بولمايدۇ. قاراپ بېقىڭ

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 15:58:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-13 15:59  

بەك ئېسىل ئىش بولۇپتۇ....
كۆپ رەھمەت
...
بولسا... مۇشۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئاتالغۇلىرىنى بىردەكلەشتۈرۈپ كەتسەك...
«يۇيۇش» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىسەك....
Eraze, Delete, Remove قاتارلىق ئۈچ ئاتالغۇنى ئوخشاشلا «ئۆچۈرۈش» دەپ ئېلىشىمىز كېرەك، ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقمايدۇ.
Clean نى تازىلاش دەپ ئالساق.
پات يېقىندا يۇيۇش ئاتالغۇسىمۇ كېلىپ چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى ھازىر ئاللىبۇرۇن 洗白白 دېگەندەك سۆزلەر پەيدا بولدى...
------------
مەنا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، «يۇيۇش» ھەرگىز مەلۇم نەرسىنى ئۆچۈرۈشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى قاسماق جايلىرىنى تازىلاشنىلا كۆرسىتىدۇ.
ئەپ يۇيۇشمۇ ئوخشاش، ھەرگىز ئۇ ئەپنى يانفوندىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئەپتىكى ئەخلەت، بۇزۇق، قاسماق جايلارنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىپ، شۇ ئەپنى پاكىزە ھالەتكە كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
-----------------

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 16:14:07

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 15:58 static/image/common/back.gif
بەك ئېسىل ئىش بولۇپتۇ....
كۆپ رەھمەت
...


تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. مەنغۇ بۇ يۇيۇش سۆزىنى ئانچە كۆپ ئىشلەتمەيتتىم. لېكىن ماۋۇنىڭغا ئىشلىتىپ سالدىم. سەۋەبى بۇ ئەپنى ئىشلەتمەيمەن دېسە ئاشۇ يەرنى بېسىپلا ئۆچۈرسە بولاتتى، شۇڭا باشقىلارنى ئۇقالماي قالمىسۇن دەپ يۇيۇش دەپ ئالغان. بۇدا ئاشۇ يەرنى سىز دېگەندەك ئۆزگەرتىپ چىقاي.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 17:09:47

مەندە سامسۇڭ9300 تىپلىق تېلفۇندىن بىرسى بار ئىدى مۇشۇ فونت قاچىلايمەن دەپ تۈرمىدىن قاچۇردۇم ئاندىن باشقا بىر رومنى يىزىپ باقاي دەپ رومنى يازغاننى بىلىمەن . قوزغىلالماي رىمنۇتچىغا ئاپىرىپ قوزغىتىپ سېستىما قاچىلاتتىم . نىمىشقىكىن تۇرۇپ تۇرۇپ كارتا تۇنىمايدىغان تېلفۇننى قايتا نەچچە قېتىم قوزغاتسا ئاندىن كارتا تۇنىيدىغان بۇلۇپ قالدى. نىمىشتۇ بۇ رىمنۇتچى زىكو دەپمدۇ ئىشقىلىپ بىر نىمىسى ئۈلۈپتۇ ئالماشتۇرىمىز دەيدۇ .

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 17:20:26

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 17:09 static/image/common/back.gif
مەندە سامسۇڭ9300 تىپلىق تېلفۇندىن بىرسى بار ئىدى مۇشۇ فو ...

سىزگە يېزىپ بەرگەن سېستىما مۇقۇم ئەمەس ئوخشايدۇ بۇلۇپمۇ 9300 تىلفۇنلاردا 基带  نەشىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرسا سىگنال يۇقاپ كىتىدىغان كارتا تۇنمايدىغان ئىشلار كىلىپ چىقىدۇ

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 17:21:39

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 17:09 static/image/common/back.gif
مەندە سامسۇڭ9300 تىپلىق تېلفۇندىن بىرسى بار ئىدى مۇشۇ فو ...

زىكو ئۈلۈپتۇ دىگەن گېپىگە ئالدىراپ ئىشنىپ كەتمەڭ

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 17:56:43

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 15:37 static/image/common/back.gif
نىمىشقىكىن، تېلفۇنغا پەقەت روت ئالغۇم كەلمىدى.
روت ئال ...

ئورگان رومىنى چۈشۈرۈپ تەھرىرلەپ ماس كېلىدىغان خەت نۇسخسىنى ئالماشتۇرىۋىتىپ قايتا قاچىلايمىز. شىياۋمى يانفۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئاسان.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 18:14:46

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 17:09 static/image/common/back.gif
مەندە سامسۇڭ9300 تىپلىق تېلفۇندىن بىرسى بار ئىدى مۇشۇ فو ...

ئاشۇ زىكو دېگەن نەرسىنى 100 نەچچە كويغا ئوڭشايدۇ. يەنى سالىدۇ يېڭىدىن، يېڭىنى سالدۇرۋېتىڭ. بۇنىڭ بۇزۇلىشى ئاساسەن يانفون قاتتىق سىلكنسە يەنى چۈشۈپ كەتسە ئاسان بۇزۇلىدۇ. شۇنى ئالماشتۇرۋەتسە ئۇ ئىشلار ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 21:33:00

    مىنىڭ يانفۇنۇم سامسۇڭ   i879  ئىكەن . فونىد قاچىلىغۇچ كۆرۈنۈپ (خەتلىرى غەلىتىلا بىر بىرگە باغلاشمىغان ھالدا)سۈرەتتىكىسى بىلەن سىلىشتۇرۇپ قارىسام، بۇ ئەپنى يۇيىۋىتىش دىگەن خەتىنىلا باسقىلى بولدىكەن.ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش،سىستېما خەت نۇسخىسىنى ئەسلىگە ئەكىلىش دىگەنلەرنى باسقىلى بولمىدى.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 21:51:11

boran120 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 21:33 static/image/common/back.gif
مىنىڭ يانفۇنۇم سامسۇڭ   i879  ئىكەن . فونىد قاچىلىغۇچ كۆ ...

root ھوقۇقى يوق ئەھۋالدا دەل ئاشۇنداق چىقىدۇ. ئاۋۋال root ھوقۇقى ئېلىڭ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 00:00:38

lenovo a770e
4.1.2 سېستىمىدا ئىنتايىن نورمال تونۇدى
تەشەككۈر دوستۇم

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 07:57:03

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 00:00 static/image/common/back.gif
lenovo a770e
4.1.2 سېستىمىدا ئىنتايىن نورمال تونۇدى
تەشەككۈر  ...

سىناق ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 09:52:47

MEIZU MX تېلفون ئىدى.  روتلىمىغان، روتلاشنى بىلمەيدىكەن باشقىلار. بۇ تېلفوننى

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 10:25:06

مېنىڭكى sony xperia m35c  يانفونى ،ئۇيغۇرچە تېگىدىن نورمال تونۇيدۇ.
يانفوننىڭ root نى ئامال بار بۇزمىغۇلۇق، مەن تالاي يانفونغا رۇت ئالدىم ھەم ئىشلەتتىم ،خۇلاسەم شۇكى: رۇت ئالغاندىن كېيىن يانفون ئاستىلاپ كېتىدىكەن،ھەم قېتىۋىلىش كۆپىيىپ قالىدىكەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 16:02:01

سىناقتىن ئۆتكەن يانفونلار: (خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ)
Samsung i9500 سىستېما نەشرى: 4.3
Samsung i9300 سىستېما نەشرى: 4.4.2
Samsung i9100 سىستېما نەشرى: 4.3.1
Huawei C8813  سىستېما نەشرى: 4.1.1
Xiaomi S2    سىستېما نەشرى: 4.1.2
Samsung i9308  سىستېما نەشرى: 4.3
Samsung i759 سىستېما نەشرى: 4.1.2
Motorulla xt788 سىستېما نەشرى: 4.1
lenovo a770e سىستېما نەشرى: 4.1.2
Huawei G520-T10  سىستېما نەشرى: 4.2.1
Samsung I739  سىستېما نەشرى: 4.1
oppo find7  سىستېما نەشرى: نامەلۇم
Lenevo 830 سىستېما نەشرى:
ONDA V811 تىپلىق تاختا كومپيۇتېر



سىناقتىن ئۆتمىگەن تېلېفونلار: (بۇ تېلېفونلارغا قاچىلىماي تۇرساڭلار)
Samsung I869 سىستېما نەشرى: 4.1
Samsung I879 سىستېما نەشرى: 4.1
Nexus5/7 سىستېما نەشرى: 4.4
sony lt22i  سىستېما نەشرى: 4.1.2
Huawei Y511-T00 سىستېما نەشرى: 4.2.2
Huawei h30-t10 سىستېما نەشرى: 4.2.2

سىستېمىنى رەتلەپ قوياي دېسەم قايتا تەستىق سالغۇدەك. شۇڭا مۇشۇ يەرگە قالدۇردۇم. قۇتياردىكى تېمىغا سىناقتىن ئۆتكەن يانفونلارنى خاتىرلەپ ماڭدىم.
بەت: [1] 2
: [ئۇيغۇرچە ئەپ] ھەرقانداق نەشردىكى Android قا فونت قاچىلىغۇچ