Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 23:22:17

Android دىكى Root ھوقۇقى دېگەن نېمە؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
ئىشلارنىڭ ئالدىراشلىقىدا ئۇزۇن بولدى تۈزۈكرەك بىرەر تېما يېزىپ باقمىغىلى. بۈگۈن ئازراق ۋاقتىم ئېشىپتىكەن، شۇڭا مۇشۇ Android ھەققىدە ئىككى - ئۈچ قۇر بىر نېمىلەرنى يېزىپ ھەرقايسىڭلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئۇنداقتا تېمىغا كېلەيلى.
ھازىر Android يانفون كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ ۋە قولايلىقلىشىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشتى، ھەتتا يانفونلارنى سەركىسى دەپ ئاتالغان Nokia مۇ تېخى يېقىندىلا Android سىستېمىلىق يانفون ئىشلەپ چىقىرىپ يەنە نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆزىگە رام قىلدى. شۇنداق بولغانىكەن بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇ Android سىستېمىلىق يانفون ئىشلىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەمدە ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ ئىشلىتىمەن دەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما مەيلى Android بولسۇن ياكى باشقا سىستېمىلىق يانفونلار بولسۇن ھەممىسدە بىرلا نەرسە بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كاللىسدا ئايدىڭ ئەمەس. ئۇ بولسىمۇ سىستېمىنىڭ ئالاھىدە باشقۇرغۇچىلىق (Root) ھوقۇقىدۇر.
ئۇنداقتا Android يانفوندىكى Root ھوقۇقى دېگەن نېمە؟ بۇ ھوقۇق بولسا نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟ Root ھوقۇقىنى ئېچىۋېتىشنىڭ قانداق زىينى (خەۋىپى) بار؟
تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمىز.


Root ھوقۇقى دېگەن نېمە؟

Root ھوقۇقى دېگىنىمىز UNIX سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىق سالاھيىەتكە ئىگە بىر ھوقۇق شەكلىدۇر. بۇ ھوقۇققا ئېرىشسىڭىز سىز سىستېمىڭىزنىڭ خالىغان ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەپ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ چىقالايسىز. يەنى يانفونىڭىزدا Root ھوقۇقى بار بولسا سىز يانفونىڭىزدىكى خالىغان بىر سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىكىدەك ھالغا كەلتۈرەلەيسىز.
مەسىلەن: سىستېما خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇش، ئەپ قاچىلىغاندا root ھوقۇقى بېرىپ خاتىرجەم ئىجرا قىلدۇرۇش... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ ھوقۇق كېرەك بولىدۇ.


Root ھوقۇقى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟

بۇ ھوقۇق ئارقىلىق سىز پۈتۈن Android سىستېمىڭىزنىڭ نېگىزلىك مۇھىم ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەپ، ئۆزگەرتىپ چىقالايسىز. يەنى Android سىستېما ئىچىدىكى framework-res.apk  ھۆججەت بىلەن Stetting.apk دېگەن 2 ھۆججەت Android سىستېمىسىدىكى سىستېمىنىڭ مۇھىم يادرولۇق ھۆججىتىدۇر. مۇشۇ ھۆججەتنى ئالماشتۇرۇشقا (ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنى كومپيۇتېرغا ئاچىقىپ يېشىپ ئۆزگەرتىپ قلغىلى بولىدۇ) يەنىلا Root ھوقۇقى كېرەك بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا سىز ئىشلىتىۋاتقان سىستېما ئىچىدە ئەخلەت ئەپلەر ياكى كۆزىڭىزگە سىغمىغان بىر قانچە ئەپ بار بولسا بۇنى ئۆچۈرەي دېسىڭىز ئۆچۈرەلمەيسىز. (ناۋادا ئۆزىڭىز قاچىلىغان ئەپ بولسا ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ، بۇ يەردە دېيىلگىنى سىستېما بىلەن بىللە كەلگەن ئەپتۇر) بۇ ۋاقىتتا سىز يەنە root ھوقۇقىغا ئىلتىجا قىلماي باشقا ئىلاجىڭىز يوق. بۇنى ھەتتا root ھوقۇقى يوق ھالەتتە كومپيۇتېردا تۇرۇپلا 3-تەرەپ دېتالى ئارقىلىق ئۆچۈرىمەن دېسىڭىزمۇ ئاقمايدۇ. شۇنىڭغىمۇ يەنىلا شۇ root ھوقۇقى كېتىدۇ.
مانا مۇشۇنداق مىساللارنى ئالساق بەك جىق. مەنچە بۇ 2 مىسالدىن root ھوقۇقىنىڭ نېمىلىكىنى ۋە قانداق رولى بارلىقىنى بىلدىڭىز ھەقىچان.

ئەمدى ھەر ئىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى بولغاندەك، زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار، شۇنىڭغا ئوخشاش Root ھوقۇقىنى ئېلىۋېتىشنىڭمۇ سىستېمىغا نىسبەتەن زىينى بار. زىينى دېمىسەكمۇ بىخەتەرلىكى تۆۋەنلەپ كېتىش خەۋىپى بار دېمەكچى ئەمدى. قانداق خەۋەپ بار، تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئازراق توختىلايلى.

Root ھوقۇقىنى ئېچىۋېتىشنىڭ قانداق زىينى (خەۋىپى) بار؟

ئادەتتە سىستېما ياسىغان تەرەپ (مەيلى ئۇ windows، apple بولسۇن) سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شۇ سىستېمىغا ئەڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى  بېرىدۇ. ناۋادا بۇ ھوقۇقنى بەرمىگەندەك يامان نىيەتلىك كىشىلەر سىستېمىغا ھۇجۇم قىلغاندا ئاسانلا كىرىپ كېتىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ. ئېغىر بولغاندا شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى، بانكىدىكى پۇللىرى ۋە باشقا نەرسلىرىنى ئېلىپ كېتەلەيدۇ. ئەمدى بۇ ئالىي ھوقۇق بولغاندا سرتتىن كىرگەن بۇيرۇقلارغا قارىتا ئىشلەتكۈچىنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئۇنىڭ كىرىشگە يول قويۇش ياكى قويماسلىقنى بەلگىلىيەلەيدۇ. ناۋدا ئىشلەتكۈچى بۇنىڭ ياخشى بولغان بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى بىلسە ئۆزى خالاپ داۋاملىق ئالىي ھوقۇققا ئېرىشىش پۇرستىنى بېرىپ ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. ناۋادا بىلمىسە رەتلا قىلىۋەتسە ئۇ رەت قىلىنغۇچى قايتا بۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ.
شۇنىڭدەك مانا مۇشۇ سىستېمىدىمۇ بۇ ھوقۇقنى چىڭ تۇتمايدىغان بولساق يانفونىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يانفون ئارقىلىق ئېلىم-بېرىم قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق چاغدا ئەپ قاچىلاش جەريانىدا غەيرى ئەپلەرنىڭ كىرىپ قېلىشىنى چەكلىمىسەك يۇقىردا تىلغا ئالغاندەك خەتەرلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. تېخى شۇ ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىنى بۇزۇپ تاشلىشىمۇ مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە root ھوقۇقىنى ئېچىۋەتكەندە بىر قىسىم لۈكچەك دېتاللار سىستېمىنىڭ يادرولۇق يەرلىرىگە كىرىۋېلىپ سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ. بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەردە Anddroid ئاستا ئالما تېز دەيدىغان قاراش بار، بۇ دەل مۇشۇ ھوقۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يەنە بىرسى 2 سىستېمىنىڭ ئەپ ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ (بۇنى كېيىنچە تەپسىلىي بىر تېما قىلىپ يازارمەن). ئالما بارلىق كۈچنى ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپ بېرىدۇ. شۇڭا سىز ئالمىدا بىرەر ئىش قىلسىڭىز ناھايىتى تېز بولىدۇ. Android دا بولسا سىز بىرلا ۋاقىتتا نەچچە ئىشنى قىلغان بولسىڭىز شۇ قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ھەممىسگە كۈچنى تەڭ تەقسىملەيدۇ شۇڭا سىزگە سۈرئىتى ئاستىدەك بىلىنىدۇ.... ئالمىدىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەيدىغان ئۇقۇم بار بۇمۇ دەل مۇشۇ Android دىكى root ھوقۇقى شۇ. ئۇنىڭ مۇشۇ ھوقۇقىغا ئېرىشسىڭىز ئۇنىڭدىمۇ بەلگىلىك سىستېما تۇراقسىزلىق ئىشلىرى يۈز بېرىشى تەبىئىي...

گەپنى يىغساق شۇڭا سىز root ھوقۇقىغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلىپ بولسىڭىز ئامال بار بۇ ھوقۇقنى ئەسلىگە قايتۇرۇۋېتىڭ. شۇندىلا ئەڭ بىخەتەر بولغان سىستېما ئىشلەتكۈچىسى بولالايسىز.

تۆۋەندە مەن بۇ مەزمۇنغا باغلاپ تورداشلارغا بىر قانچە root ئالىدىغان دېتاللارنى تەۋىسيىە قىلاي.
كومپيۇتېردا تۇرۇپ Root ئالىدىغان قوراللار ئىچىدە Root大师 ئەڭ قولاي ۋە ئەڭ تېز root ھوقۇقى ئېلىپ بېرەلەيدۇ.
يانفوندا تۇرۇپ root ئېلىشتا سۈرئىتى تېز، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغىنى 百度一键Root ئەپچىسىدۇر.
يۇقارقى ئىككى دېتالنى مەن ئىشلىتىپ باشقا دېتاللارغا قارىغاندا ئىقتىدارنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلىپ شۇڭا تەۋسىيە قىلدىم. بۇنىڭىدىن باشقا يەنە root ھوقۇقى ئالايدىغان دېتاللاردىن تۆۋەندىكى دېتاللار بار:
一键root
root精灵
root助手
安智root
刷机精灵一键root
360一键root
完美root
....
يازساق بەك كۆپ. مۇشۇلاردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ.

بۇ يازاما جەھەتتە كەم قالغان ياكى چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغان ۋە ياكى خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا پىكىر بەرسەڭلار تۈزۈۋەسەم بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش:
باشقىلارنىڭ ئەمگىكنى ھۆرمەت قىلىڭ، بۇ يازمىنى رۇخسەتسىز باشقا تور بېكەتلەرگە تارقاتماڭ. مەزكۇر يازما قۇتيار مۇنبىرى، بىلىك كۇلۇبى ۋە ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللاندى.

2014-يىلى ئۈمۈتنىڭ 13-كۈنى (كۈلكە)

ئەسلى مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 06:54:17

مۇشۇ كۈنگە كەلگەندە ئەقلىفونغا بولغان قىزىقىشىم باشقىدىن ئېشىۋاتىدۇ...

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 07:14:21

روت ھۇقۇقىنى ئەسلىگە قانداق قايتۇرىدىغاندۇ؟

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 07:21:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tozimas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-13 07:22  

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسقاتىدىغان تىما ماۋۇ...مەنغو روتلاپ ئىشلەتمىسەم تىلفۇن ئىشلەتكەندەك بولمايمەن مۇشۇ ئاندىروئىدنى ..رەھمەت كۈلكەم، ھەربىر قېتىم ئىسمىڭىزنى كۆرسەم ئازراق كۈلۈپ سالىمەن ...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 07:40:49

tumurjan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 07:14 static/image/common/back.gif
روت ھۇقۇقىنى ئەسلىگە قانداق قايتۇرىدىغاندۇ؟

root ھوقۇقىنى ئاساسەن ياردەمچى دېتاللار بىلەن ئالغاندىن كېيىن شۇ دېتاللار ئارقىلىق يەنە يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ. CM نىڭ rom لىرىدا بۇ ھوقۇق ئەزەلدىن بار، ئۇنى قولدا تاقاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 07:43:40

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 07:21 static/image/common/back.gif
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسقاتىدىغان تىما ماۋۇ...مەنغو روتلاپ ...

ھاھا ھە بوپتۇ، ئىسمىمغا قاراپ سىزنى بىر كۈلدۈرەلىگەن بولسام مەن شۇنىڭدىن خوش. :lol

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 08:12:24

بۇرۇن ئىشلەتكەن تىلىفۇنىمنى شۇنچە ھەپىلىشىپ Root ئالامماي ئاخىرى تاۋباۋدىن 10 كويغا روتلانغان ROM نى سىتىۋالغان، ئىھتىياجى بارلار چۈشۈرۈۋىلىڭلار.
三普VIP111 (باتارىيە ئاستىدىكى تاختىدا چوقۇم SUNUP VIP 111 دىگەن خەت بولىشى كىرەك!)
链接: http://pan.baidu.com/s/1mgoev8W 密码: b3wx

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 10:01:49

باش سۈرتىڭىزنى قايتا ps قىپ قويسىڭىز بۇلىدغان چىراي ... يە  بولمىسا  ئىسمىڭىزنى يىغا غا  ئۆزگەرتىپ دىگەندەك ... دىگەندەك....{:90:}{:90:}{:90:}{:90:}

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 10:38:25

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 10:01 static/image/common/back.gif
باش سۈرتىڭىزنى قايتا ps قىپ قويسىڭىز بۇلىدغان چىراي ... ي ...

سىزنى يىغلىتىۋەتكەن ئوخشىمامدىم. بولمىسىغۇ بىرەرسىگە يامانلىق قىلغاندەك قىلمىغان;P

darmanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 11:12:03

دىممەك روت ئالمىغىنىمىز ياخشى، ئالساقمۇ كىينچە روت ھوقۇقىنى شۇ دىتاللار ئارقىلىق قايتۇرۋەتسەك بولدىكەندە  كۈلكە ئەپەندى

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 11:12:57

darmanbay يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 11:12 static/image/common/back.gif
دىممەك روت ئالمىغىنىمىز ياخشى، ئالساقمۇ كىينچە روت ھو ...

شۇنداق. قىلىدىغان ئىشلار تۈگىگەندە قايتۇرۇۋەتكەن ياخشى.

darmanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 11:22:05

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 11:12 static/image/common/back.gif
شۇنداق. قىلىدىغان ئىشلار تۈگىگەندە قايتۇرۇۋەتكەن ياخ ...

9500   ما  تىلفۇنغا cm  نىڭ روم ئادىرسىنى تىپىپ بىرەلەسىزمۇ؟ قاچىلاپ باقاي دىگەن، ھەممە يىرى ئۇيغۇرچە بولغاندىكىن

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 12:07:11

مەن دائىم ئىسمىڭىزنى قۇلاق دەپ ئوقۇپ سالىمەن:lol

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 12:33:50

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 12:07 static/image/common/back.gif
مەن دائىم ئىسمىڭىزنى قۇلاق دەپ ئوقۇپ سالىمەن

ھېچ بىر ئۇنداق ھەرپ باردەك ئەمەستىيا. ساۋادىڭىز چىقماي مەكتەپتە چالا ئوقۇپ قالمىغانسىز:lol ;P

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 13:00:51

darmanbay يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 11:22 static/image/common/back.gif
9500   ما  تىلفۇنغا cm  نىڭ روم ئادىرسىنى تىپىپ بىرەلەسىزم ...

http://download.cyanogenmod.org/?device=jfltexx
مۇشۇ شۇغۇ دەيمەن. بۇ يەردە 9300 دىن كېيىن ئۇنداق سان بىلەن ئىپادىلىمەيدىكەن. مېنىڭ 9300 دەل Intl ئىدى شۇڭا مۇشۇ شۇمىكىن دەپ يوللاپ قويدۇم. قاراپ بېقىڭ قېنى.

darmanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 13:15:57

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 13:00 static/image/common/back.gif
http://download.cyanogenmod.org/?device=jfltexx
مۇشۇ شۇغۇ دەيمەن. بۇ يەردە 93 ...

ھە رەھمەت سىزگە ، قاراپ باقاي قىنى

darmanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 13:17:57

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 13:00 static/image/common/back.gif
http://download.cyanogenmod.org/?device=jfltexx
مۇشۇ شۇغۇ دەيمەن. بۇ يەردە 93 ...

ئودىن ئارقىلىق يازامدۇق بۇ رومنى ياكى باشقا ئۇسۇلدا   يازامدۇق؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 13:23:51

darmanbay يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 13:17 static/image/common/back.gif
ئودىن ئارقىلىق يازامدۇق بۇ رومنى ياكى باشقا ئۇسۇلدا    ...

ياق، بۇنى Recovery ئارقىلىق قاچىلايسىز. يەنى sd كا رتىغا كۆچۈرۈپ تۇرۇپ قاچىلايسىز.

darmanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 13:28:59

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 13:23 static/image/common/back.gif
ياق، بۇنى Recovery ئارقىلىق قاچىلايسىز. يەنى sd كا رتىغا كۆ ...

ھە  ، رەھمەت سىزگە.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 13:47:12

root大师دىگەن دىتالدا ئاساسەن روتلىيالايدۇ.مەن شۇنى ئىشلىتىمە ئادەتتە،لىكىن بۇ ئەنجۇر تىلفۇنلانى روتلىغاندىن كىيىن ئىغىرلىشىپ كىتىدىغان ئىشى چاتاق.ئىچكى سىغىمدىكى ئەپلەرنى يۇيۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئىغىرلىشىپ قالغان.
بەت: [1] 2
: Android دىكى Root ھوقۇقى دېگەن نېمە؟