سۇيۇق مىتالدىن ياسالغان ماشىنا
14-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 3D پىرىنتىرىدا قۇيۇپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىدە، ھەر خىل ئالاھىدە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىندى.بەزىلەر يىمەكلىكلەرنىمۇ قۇيۇپ ياساپ چىقتى. لىكىن سۇيۇق مىتالدىن قۇيۇپ چىقىرىلغان فورد ماركىلىق ماشىنا باشقا بارىلىق بۇيۇملارنى بېسىپ چۈشتى.
بۇ خەۋەرنىڭ مەنبەسى ۋاڭيى تورى
بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەخسەت، 3D پىرىنتىرى بىلەن تونۇشۇش. جۇڭگۇدا ھازىر گەجدىن باشقا ماتىرياللارنى ئىشلىتىدىغان 3D پىرىنتىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشى چەكلەندى. ھۆكۈمەت تەرەپ ئىشلىتىدىغان پىرىنتىردا ھەر قانداق نەرسىنى قۇيۇپ چىقارغىلى بولىدۇ. جۇڭگۇ يېقىندا ئىشلەپ چىقارغان خەلق ئاۋاتسىيە ئايروپىلانىنىڭ كۆپ قىسىم زاپچاسلىرى 3D دا قۇيۇپ چىقىرىلغان. بۇ پىرىنتىرنىڭ مەشغۇلاتى ئادەتتىكى پىرىنتىردا خەت باسقانغا ئوخشاشلا ئاددى.
پىلاستىك ماتىرياللارنى خام ئەشيا قىلىدىغان 3D پىرىنتىرىدا بەلكىم ھەر خىل سەنئەتلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىپ مەلۇم ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقىلى بولۇشى مۇمكىن.
تۆۋەندىكىسى سۇيۇق مىتالدىن قۇيۇپ چىقرىلغان بۇ ماشىنىنىڭ رەسىملىرى.
ۋوجون ماشىنىمۇ بۇ يا ماشىنا شەكىلدىكى تۆمۈر پوقىمۇ ؟
يا كىنولاردىكى ئالۋاستى ئەرۋاھلارنىڭ ماشىنىسىمۇ بۇ ؟ مۇشۇنداق بىر پۈتۈن ماشىنىنى بېسىپ چىققۇدەك غايەت چوڭ باسقۇمۇ بۇ؟
ئادەتتىكى پىرىنتىرنى خەت باسقۇ دەيتتۇق،ماۋۇلارنى نىمە دەرمىز ئەمدى
سۆز ياسىماي بولماپتۇ بولسا مۇشۇ 3d پىرىنتىرتوغرىسىدا كۆپرەك توختالغان بولساڭلار دىمەك گەجنى نەقىشلىگەندەك قېلىپتا قويۇپ چىقىدىكەندە توغرا ئويلاپتىمەن , 3Dپىرىنتىرغا بۇلار چوقۇم چەك قويۇپ تۇرۋالىدۇ دەپ پەرەز قىلغان دەرۋەقە شۇنداقكەن, بىزنىڭ مەكتەپتە ئۆتكەندە تۇنجى 3د پىرىنتىر تەخنىكىسىدا بىسىپ چىقاغان كىچىك ئۇچقۇنى ئۇچۇرغان ئاۋۋال چىرتىيوژنى سىزىۋىلىپ شۇنىڭغا ئاساسەن ئاۋتۇ كەددە 3د كۆرنۈش ياساپ ماتىريال زىچلىقى ھەجىمى دىگەنلەرگە ئاساسەن ماتور قاناتلانى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن 3د پىرىنتىردا بىسىپ چىقىرىپتىكەن تەپسىلىي خەۋەر سۇيۇق مىتال دەپتىكەنسىلە قاتتىق تۇرمامدۇ ئەنە نىماندا كۆرۈمسىز:lol بۇ پرىنتىر بەش يۇزمىڭنىڭ ئۇستىدە ھەقاچان ؟ سۇيۇق مىتال ئۇقۇمىغا چۈشەنچە:
نورمال تىمپۇراتۇرىدا سۇيۇق ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مىتالدىن ھازىرچە پەقەت سىماپ بار.
قوغۇشۇننىڭ ئىرىش نوقتىسى بىر قەدەر تۆۋەن ئېسىمدە قېلىشىچە 200 دىن 300 بولغان ئارلىقتا سۇيۇق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.
تۆمۈرنىڭ ئىرش نوقتىسى 1500 ئەتراپىدا.( بۇ ھەقتە مەخسۇن ماتىريال ئىزلىمىدىم، ئېسىمدە قالغىنى مۇشۇنداقراق، خاتا بولسا ئەيپىكە ئالماڭلار)، مىتاللارنىڭ ئىچىدە ۋولفىرامنىڭ ئىرىش نوقتىسى( ئىرىش تېمپراتۇرىسى) ئەڭ يۇقۇرى.
بۇ ماشىنىنى ياساشقا ئىشلەتكەن سۇيۇق مىتال بەلكىم ئادەتتىكى تېمپۇراتۇرىدا قاتتىق ھالەتتە، سەل يۇقۇرى بولغان تېمپراتۇرىدا سۇيۇق ھالەتتە بولغان قېتىشما مېتال بولۇشى مۇمكىن.
3D پرىنتىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل تەرىپى مىنىڭچە بولغاندا ۋاقىت ۋە ئىقتىسادنى تىجەش بولۇشى مۇمكىن.
يېڭىچە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئېسىمىزگە ئەڭ ئاۋال كېلىدىغىنى ئاقما لېنىيە.
مەسىلەن تېلفوننى مىسالغا ئالايلى: بىر لېنىيە تېلفوننىڭ قېپى ياسىلىدۇ، يەنە بىر لېنىيەدە ئاساسىي توك يول تاختىسى ياسىلىدۇ، يەنە بىر لېنىيەدە توپلاشتۇرۇلغان ئۆزەك توك يولى تاختىسىغا كەپشەرلىنىدۇ.
......
يۇقۇرقىدەك نۇرغۇن ئىش-تەرتىپلىرى بىلەن بىر تېلفون پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر بىر ئىش تەرتىۋىگە بىر لېنىيە مەخسۇس ياسىلىدۇ. بىر ئاقما لېنىيە پۈتۈپ چىققاندىن كىيىن باشقا ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئالدىن بەلگىلەنگەن مەشغۇلاتنىلا بېجىرىدۇ. ناۋادا باشقا مەھسۇلات ياسىماقچى بولسا، جەزمەن ھەممىنى يېڭىدىن باشلاش، ھەر بىر ئاقما لېنىيەنى قايتىدىن ياساپ چىقىش كېرەك.
بەلكىم بەزىلەر يولۇقۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئىچكىرىدە بىرەر ئىلىكتۇرۇنلۇق مەھسۇلات ياساتماقچى بولساق، ئەڭ تۆۋەن سان چەكلىمىسى بار. بىر قېتىمدا 100 مىڭدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك دىگەنگە ئوخشاش.
مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاز بولغان كىچىك كارىخانىلارغا 3D پىرىنتىرى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىشى مۇمكىن. رەسمى ئىشلەپچىقىرىش لېنىيە قۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. كۆپ ۋاقىت ۋە ئىقتىساد تىجىلىپ قالىدۇ.
تەجىربىخانىلارغىمۇ ماس كېلىشى مۇمكىن. بازارلاردا سېتىلمايدىغان تەجىربە ئۈسكۈنىلىرىنى، زاپچاسلىرىنى ياساپ چىقىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەل ئىچىدىكى كەشپىياتچىلارغىمۇ ماس كېلىشى مۇمكىن. مەخسۇس سىتانوك، ئۈسكۈنىلەر بولمىسىمۇ لازىملىق زاپچاسلارنى ئۆزىلا ياسىيالايدۇ.
3D پىرىنتىرىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىغا مۇناسىۋەتىلىك ماتىرياللار خېلى كەڭرى. ئاچقۇچلۇق سۆز 三维打印، 3D打印 قاتارلىقلار بىلەن توردىن ئىزلەپ كۆرسەڭلار بولىدۇ.
مېنىڭ بىر ئىشدىشىم 3D باسمىخانىسى ئاچىمەن دەپ يۈرگەن، گەجنى خام ماتىريال قىلىپ، رەسىمگە چۈشكەن ئادەمنىڭ 3 ئۆلچەملىك ھەيكىلىنى ياساپ بېرىدىغان، مۇشۇنداق باسمىخانىدىن بىرنى قۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 200 مىڭ سوم پۇل كېتىدىكەن. 3D پىرىنتىرى، كومپىيوتىر، مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سۈرەت ئاپىراتى، مەخسۇس يۇمشاق دىتال، دۇكان دىگەندەك بارلىق ئىشلار ئۈچۈن. قارىغاندا 3D باسما ئاپاراتى بەك قىممەتمۇ بولمىسا كېرەك. چەك قويماي بولماي، چەك قويمىسا چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ ئۇ پىرىنتىردىن ak47 ....... sada425 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-13 10:50 static/image/common/back.gif
چەك قويماي بولماي، چەك قويمىسا چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ ئۇ پىرىنتىردىن AK47...
:lol ئەجنەبىلەر بىر داچىنى بېسىپ چىقاردىغۇ ئۆتكەندە، ئاجايىپ تېخنىكا بۇ! iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-4-13 00:16 static/image/common/back.gif
ۋوجون ماشىنىمۇ بۇ يا ماشىنا شەكىلدىكى تۆمۈر پوقىمۇ ؟
ي ...
گەپلىرىڭىزدىن ۋەششى سەت كۈلدۈم
بەت:
[1]