najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 19:59:22

«سويپاقلىق» سانلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   najlida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-12 23:21  

«سويپاقلىق» سانلار

ھەممەيلەنگە مەلۇم، باشپىياز، كاللەكبەسەي (لاڭقا) قاتارلىقلارنىڭ سويپىقى (سىرتقى قەۋىتى) نى سويپاقلاۋېرىشكە بولغىنىدەك، بەزى سانلارنىمۇ «سويپاقلاۋىرىشكە» بولىدۇ.
مەسىلەن: تۆۋەندىكى ئىككى تەڭلىك بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنلۇق، يەنى:
           21323  +  76878  +  65767  =  32434  +  87989  +  43545
        2^21323 + 2^76878 +2^65767=2^32434 +2^87989 +2^43545
بۇ ئىككى تەڭلىكنىڭ بارلىق قوشۇلغۇچىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن بىر خانسىنى «سويپاقلىۋەتسەك» مۇ، تەڭلىك يەنىلا ئورۇنلۇق بولىدۇ، يەنى:
         2132  +  7687  +  6576  =  3243  +  8798  +  4354
        2^2132 + 2^7687 +2^6576=2^3243 +2^8798 +2^4354
بۇ ئىككى تەڭلىكنىڭ بارلىق قوشۇلغۇچىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن يەنە بىر خانسىنى «سويپاقلىۋەتسەك» مۇ، تەڭلىك يەنىلا ئورۇنلۇق بولىدۇ، يەنى:
         213  +  768  +  657  =  324  +  879  +  435
        2^213 + 2^768 +2^657=2^324 +2^879 +2^435
يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە ئەڭ ئاخىرقى بىر خانسىنى قالغىچە «سويپاقلىۋەتسەك» مۇ، تەڭلىك يەنىلا ئورۇنلۇق بولىدۇ، يەنى:
         2  +  7  +  6  =  3  +  8  +  4
        2^2 + 2^7 +2^6=2^3 +2^8 +2^4
ئەسلىدىكى ئىككى تەڭلىكنىڭ سول تەرىپىدىن «سويپاقلىساق» مۇ ياكى ئوتتۇرىسىدىن ماس ئورۇندىكى خانىلىرىنى «سويپاقلىساق» مۇ ۋە ياكى بىر قانچە ماس خانىلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا «سويپاقلىساق» مۇ تەڭلىك يەنىلا ئورۇنلۇق بولىۋېرىدۇ.

بۇنى ماتىماتېكا ئوقۇغان ئادەملا ئەمەس، تۆت ئەمەلدىن خەۋىرى بارلىكى ھەر قانداق ئادەم «سويپاقلىيالايدۇ»، شۇڭا، باشپىياز، كاللەكبەسەي قاتارلىقلارنى سويپاقلاۋەرمەي، بۇنداق سانلارنىمۇ «سويپاقلاپ» قويسىڭىز نېرۋىڭىزنى ئالىدۇ.
ئەگەر «سويپاقلاش» نى ياقتۇرۇپ قىلىپ، كۆپلەپ لازىم قىلماقچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
مەنبە: ئۆزەم
(ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا «قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستېتوتى ئىلمىي ژورنىلى» غا فورمۇلاسى، ئىسپاتلاش جەريانى ۋە گىئومىتىرىيەلىك مەنىسى ... قاتارلىقلار بىلەن ئىلان قىلغان ئىلمىي ماقالەمدىن ئېسىمدە قالغىنى بويىچە قىسقارتىپ يوللاندى)

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 13:38:06

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 14:17:02

42343+53454+97898=75676+86787+31232
قىزىق ئىشكەن بۇ...سەۋەبىنى ئويلاپ باققۇلۇقكەن..
ئۈستىدىكىسىنى سىزنىڭكىدىن ئوغرىلىغان. ماۋۇنى ئۆزۈم تۈزۈپ چىقتىم.

89776+86657+55467=97768+66578+67554


لېكىن كىۋادراتى ئۇدۇل كەلمەيدىغۇ...يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقسام بولغۇدەك...

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 19:23:43

ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق ئىزدىنىشلەر كۆپرەك بولۇشى كىرەك.  ھەرقايسى ساھە بويچە تىخىمۇ تەپسىلى تۈرلەر بويچە سەھىپە مۇندەرىجىسى بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.  

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 08:24:01

بۇنداق «سويپاقلىق سان»لار ھەقىقەتەن ئاز. مەن يەنە بىرنى يىزىپ قوياي:

123789+561945+642864=242868+323787+761943

بۇ سانمۇ تېمىدىكى شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى قانائەتلەندۇرىدۇ.
مەن «سويپاقلىق سانلار» دېگەن ئىسىمغا قىزىقىپ قالدىم.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 08:25:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-15 08:57  

يەنە مۇشۇنداق سانلار بولسا مۇشۇ يەرگىلا تۆكىۋەتمەمسىز؟
مەن يەنە بىرنى قالدۇراي:

32156+83692+77547+51383+45238+96774=56338+41274+95783+33147+87656+72592

« سانلار نەزەرىيىسى»دە تەڭ دەرىجىلىك سانلار دېيىلەتتى ، ئەسپاتىمۇ ئانچە قىيىن ئەمەس.
ئەمما قانۇنىيەت بويىنچە سان تولدۇرۇپ ، مۇشۇنداق سانلارنى تاپماق سەل قىيىن.

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 17:20:36

matimatika يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 08:25 static/image/common/back.gif
يەنە مۇشۇنداق سانلار بولسا مۇشۇ يەرگىلا تۆكىۋەتمەمسىز ...

«سويپاقلىق سان» لار:
13021+68576+57465=24132+79687+35243
(كۇۋادىراتلىرىنىڭ يىغىندىسىمۇ تەڭ)

230131+785686+674575=452353+341242+896797
(كۇۋادىراتلىرىنىڭ يىغىندىسىمۇ تەڭ)

..................................

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 17:50:52

بولسا مۇشۇنداق يېڭىچە،ئادەمنى تەپەككۈرگە ئۈندەيدىغان تىمىلاغا ئايرىم سەھىپە بولغان بولسا بۇلاتتىكەن

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 22:35:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   najlida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-15 23:08  

تەكشۈرسەم توغرىكەن، تەھرىرلىۋەتتىم.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 00:22:57

سويپاقلاش دىگەن سۆز قايسى يۇرتنى شىۋىسى ،  جەنۇپ تەرەپلەر دە  سويۇش ياكى ئاقلاش دەپ ئىشلىتىدۇ ،سىلەر قىززىق ئاتايدىكەنسىلەر     ، سويۇپ + ئاقلاش = سويپاقلاش      ھى ھى ھى   ئەسلى سىلەرنىڭ توغرىمۇ نىمە

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 00:39:20

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 00:22 static/image/common/back.gif
سويپاقلاش دىگەن سۆز قايسى يۇرتنى شىۋىسى ،  جەنۇپ تەرەپ ...

مەنمۇ شۇ جەنۇپتىنغۇ، باشقا تەرەپلەردە قانداق ئاتايدىغانلىقىنى بىلمىدىم، قەشقەرلەردە «پىيازنىڭ سويپىقى» ، «پىيازنىڭ پوستى» دەيمىزغۇ، «پىيازنى ئادالا» دېگەندىن «پىيازنى سويپاقلا» دېسە تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولىدىكەن دەپ، شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ «سويپاقلىق سان دەپ ئىسىم ياسىغان.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 00:42:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 00:57  

يەنە سىممىترىك سان دەپمۇ بىر سان بولىدىغان،مەسىلەن 121،313دىگەندەك،ئوڭدىن ياكى سولدىن ئوقۇسىمۇ ئوخشاش بىر سان .ھەرقانداق بىر ساننىڭ سىممتىرىك سانىنى تىپىش ئۈچۈن،بۇ ساننى تەتۈر ئۆرۈپلا شۇ ساننىڭ ئۆزىگە قوشسا شۇ ساننىڭ سىممترىك سانى چىقىدۇ مەسىلەن:17 بۇ ساننىڭ سىممترىك سانىنى تېپىش ئۈچۈن بۇ سانغا 71 نى قوشساق 17 نىڭ سىممىترىك سانى 88 كېلىپ چىقىدۇ،ئەگەردە چىقمىسا داۋاملىق كېلىپ چىققان نەتىجنى تەتۈر ئۆرۈپ شۇ ساننىڭ ئۆزىگە قوشسا شۇ ساننىڭ سىممترىك سانىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.مەسىلەن 19 نىڭ سىممترىك سانى:
19+91=110
110+11=121
بىرلا ساندىن باشقا قالغان ھەممە سانلارنىڭ سىممترىك سانىنى تاپقىلى بولىدۇ.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 08:35:03

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 00:42 static/image/common/back.gif
يەنە سىممىترىك سان دەپمۇ بىر سان بولىدىغان،مەسىلەن 121، ...

http://bbs.izdinix.com/thread-55390-1-1.html
بۇ سان مۇشۇ تېمىدا بار.كۆرۇپ بىقىڭ.
سىز دېگەندەك سېممىتىرىك سان دىسىمۇ بولامدۇنېمە؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 16:11:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 16:16  

سىز دىگەن تېما 2013-يىلى 10- ئايدا يوللۇنۇپتۇ،بۇ سان توغرىسىكى ئۇيغۇرچە ماترىيالنى مەن 10 نەچچە يىل بۇرۇنلا كۆرگەن،بۇنداق سانلارغا بۇرۇنلا ئۇيغۇرچە نام قويۇلۇپ بولغان،لېكىن بۇ نامنى كىمنىڭ قويغۇنىنى بىلمەيمەن،تېما يوللىغاندا سىز بىۋاسىتلا خەنزۇچە مەنبەدىن ئالغاندەك قىلىسز.بۇرۇن ماتىماتىكغا دائىر ئۇيغۇرچە ماترىياللار خېلى كۆپ ئىدى،ھازىر قانداقكىن بىلمەيمەن.ماتىماتىكىمۇ موزىكىغا ئوخشاش تىل چەكلىمىسىگە ئانچە بەك ئۇچراپ كەتمەيدىغان بىر پەن.

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 16:48:54

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 16:11 static/image/common/back.gif
سىز دىگەن تېما 2013-يىلى 10- ئايدا يوللۇنۇپتۇ،بۇ سان توغرى ...

دېمەكچى بولغىنىڭىز «سويپاقلىق سان» نىڭ گېپىمۇ ياكى «سىممىتېرىك سان» نىڭمۇ؟ ئەگەر «سويپاقلىق سان» نىڭ گېپى بولسا، مەن ماقالىنىڭ ئاخىرىسىدا ئىزاھات بەردىم. مەن تەھرىر بىلەن بۇ سانغا «سويپاقلىق سان» ياكى «قاسراقلىق سان» ۋە ياكى «گارمانىك سان» دېگەن ئىسىملاردىن «سويپاقلىق سان» نى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىمنى ئېيتسام، تەھرىر لۇغەتتە «سويپاق» دېگەن گەپ يوقكىن دېدىمۇ، ئىش قىلىپ بىرنىمەرنى دەپ «سويۇلىدىغان سان» دەپ ئالغان ئېسىمدە، ئەسلى ماتېرىيالنى ئۆيدىن تاپالمىدىم.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 18:39:46

دىمەكچى بولغۇنۇم 13-قەۋەتتىكى ماتىماتىكا ئىسىملىك توردىشىمىز تەمىنلىگەن ئۇلىنىشتكى سانلارنى كۆرسىتدۇ.يەنى بۇ ئۇلىنىشتىكى سانلارhttp://bbs.izdinix.com/thread-55390-1-1.html

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 21:47:12

سويپاقلا دېگەن گەپ سويۇپ ئاقلا دېگەن گەپ ئوخشىمامدۇ .
سويپاقلىق دېگەن سۆزنى ئەمدى ئاڭلىشىمكەن مېنىڭ  . لىكىن ماۋۇ سانلار ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن.
بۇ بىر خىل تاسادىپىيلىقمۇ ياكى بىرەر قانۇنىيتى بارمۇ ؟ مەنغۇ ھىچ بىرەر «سويپاقلىق»سانلارنى ئويلاپ چىقالمىدىم .

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 07:47:53

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 16:11 static/image/common/back.gif
سىز دىگەن تېما 2013-يىلى 10- ئايدا يوللۇنۇپتۇ،بۇ سان توغرى ...

شۇنداقكەن، بۇ يەردىن ئاخىرى تاپتىم.
http://baike.baidu.com/link?url=CDkus-ABfNV-B99066IBWGS_L8f6QVDrdJUg8welUPL9pp2iG3RZvaYO9gKgCLq0

لىكىن ماتېماتىكا لۇغەتلىرىدىن تاپالمىغان ئىدىم.
بەت: [1]
: «سويپاقلىق» سانلار