ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 18:49:00

ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر ئېچىش شەربىتى ياسالدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ماۋۇ تېمىنى ئەۋەتكەندىن كېيىن نۇرغۇن قېرىنداشلار مۇشۇ رېتسىپتا ئىشلىگەن مەھسۇلات بولسا ئىچىپ باقساق دىگەن تەلەپنى قويدى .
http://bbs.bagdax.cn/thread-24072-1-1.html
بۇ تەلەپنى مەن قومۇل تۆتكوچىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىدىكى تىۋىپ دوستۇمغا يەتكۈزگەن ئىدىم .ئۇ بۇ رېتسىپنىڭ شىپا قىلدىغىنىنى مەنمۇ ئاڭلىغان .بەزى بىمارلار ھەم ماڭا ئىنكاس قىلغان .ئەمدى ئىشلەيدىغان يەرگە يەتتى .ئالما ئاچچىقسۇ ياساش مۇھىتىنى ھازىرچە ياسالمايمىز .لېكىن مۇشۇ قولىڭىزدىكى گىرمان ئاچچىقسۇيىنى ئىشلەتسەك تامامەن بولىدۇ دەپ گىرماننىڭ ئالما ئاچچىقسۇيىنى ،گوللاندىيەنىڭ لىمۇن مىۋىسىنى ،سامساق سۈيى ۋە زەنجىۋىل سۈيىلىرىدىن پايدىلىنىپ دەسلەپكى 28 شىشە مەھسۇلاتنى ياسىدى .بۇ ئۇچۇرنى بىر نەچچە خېرىدارىمغا دىۋىدىم ئۇلار بەك خۇشال بولۇپ ئەۋەتىپ بىرىشنى ئۆتۈندى .ھازىر دەسلەپكى مەھسۇلاتتىن نەچچە بوتولكىلا قالدى .ئىككىنچى قېتىملىق مەھسۇلاتقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز .لازىم قىلدىغانلار تېلىفۇن قىلساڭلار ياكى چچ ئۇندىدار قىلساڭلار بولىدۇ .


ئەسكەرتىش :بۇ رېتسىپ ھەقىقەتەن مەنپەئەت قىلىدۇ .سىناقتىن ئۆتكەن .شۇڭا تىزدىن خېرىدارلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە پايدىنى بەك قوشۇۋالمىدۇق .ياسىلىش 500مىللىلىتىرنىڭ تەننەرخى 43 كوي ئەتراپىدا پۈتتى .65 كويدىن بازارغا سالدۇق .ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىغا ۋە پاكىزلىقىغا ،ماتىريالنىڭ سۈپەتلىكىگە ئالاھىدە تەلەپ قويدۇق .ھازىرچە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئويىمىز بولمىغاچقا بۇ خەۋەرنى تارقىتىشقا ئېلان چىقىمى قىلىش پىلانى قىلمىدۇق .شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىپ ئۈندىلارلاردا تەشۋىق قىلىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .دوستلۇق چەمبىرەكلىرىدە ھەمبەھىرلەشتە ئىزدىنىش تورىدىكى مۇشۇ تېمىنى ھەمبەھىرلىسەڭلەر ھەم ئىزدىنىش  تورىنى تەشۋىق قىلىشقا ھەم بۇ خەۋەرنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
تېلىفۇن :18999036938

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-12 23:10):
باغداشتىكى ئۇلانمىنى كۆچۈرۈپ قويۇپتىمەن سەت بولسى ھە ..ئىزدىنىشتىكى مۇشۇ ھەقتىكى بۇرۇنقى ئۇلانما
http://bbs.i...

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-12 23:10):
http://bbs.izdinix.com/thread-57753-1-1.html

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 19:23:35

ھە ئەمدى بوپتۇ. {:217:}

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 20:24:06

500mlبولسا قانچە كۈنگە يېتەر؟ ئالدىنقى تېمىدا ئەتىگەندە بىر ۋاق ئىچىلىدۇ دەپتىكەن، ئاۋۇ رەسىمدە ئۈچ ۋاق دەپتۇ. ئىچىش ئۇسۇلى قانداق بولۇپ كەتتى زادى؟

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 20:36:15

مەن تېخى قان بېسىمغا پايدا قىلدىغان ئوخشايدۇ ، ئاپامنى بىر خوش قىلۋېتەي دەپ . مەسۇلات ئىگىسىگە تېفۇن قىلسام قان بېسىمغا پايدىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەسكەن ...  لىكىن  بۇنىڭ ئۈزى بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ....

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 20:57:28

ئورالمىدىكى چۈشەندۈرۈشتىن قارىغاندا، داۋاملىق ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ مەنمۇ قان قويۇقلۇق، قان بېسىمغا پايدىسى بولامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. قان تومۇر كېسەللىكى بەك جىق تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېما ئېگىسى گەپنى ئاياپ قالماي يەنىمۇ تولۇقراق دېسىڭىز بوپتىكەن.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 22:32:21

ئېغىرلىقى :200 مىللىلېتىر{:136:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 22:54:16

ياخشى ئ‍ىشكەن يەنە ياسايدىغانسىلەر ، ئ‍ۈرۈمچىدە ساتىدىغان ئ‍ورۇن تەسس قىلساڭلار بەلەن بولىتى

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 23:08:28

ئۈندىدار ئوينايدىغانلار :328451737گە قوشىلىڭلار ..

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 23:09:02

zapar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-12 22:54 static/image/common/back.gif
ياخشى ئ‍ىشكەن يەنە ياسايدىغانسىلەر ، ئ‍ۈرۈمچىدە ساتىد ...

ئىككىنچى قېتىملىق مالنى ئۇرۇمچىگە سالىمىز ئىنشائاللاھ .

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 23:17:29

بۇ بەك ياخشى دورا، ھەقىقەتەن ئۈنىمى بار، بىر ئاكامنىڭ توسۇلۇپ قالغان تومۇرىنى مۇشۇ خىل رېتسىپقا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بىر رېتسىپتە تەييارلىغان جۇڭيى دورىسى ئېچىۋەتكەن. لېكىن ئۇنىڭغا مور ئارىلاشتۇرىدۇ يادىمدا قېلىشىچە. پىنتاڭدەك قىلىپ قاينىتىپ ئىچەتتى، لېكىن لاۋزىلىقىدىن ئىچىش تەسرەك توختايدۇ. ما دارا ئىچىشكە قولايلىقتەك قىلىدۇ.
ئوبدان قىپسىلەر بۇ دورىنى ياساپ. رەھمەت...

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 10:34:15

مەن داۋاملىق قوللايمەن

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 11:01:03

Saqlap qoyay

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 11:13:52

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2014-4-12 23:17 static/image/common/back.gif
بۇ بەك ياخشى دورا، ھەقىقەتەن ئۈنىمى بار، بىر ئاكامنىڭ  ...

تېخمۇ بىر تەپسىلى ئۇچۇرنى بەرسىڭىز ئاشۇ دورىنىڭ

ERKEK@ERCHIN يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 11:47:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ERKEK@ERCHIN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-13 11:53  

بۇ يازما تورغا چىقماستا مەن ياساپ ئىچكەن. ياساش بەك ئاسان. ئالما ئاچچىقسۈيى بولمىسىمۇ، ئالمىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ياسىسا بولىۋېرىدۇ.
(ئاچچىقسۇ دېمەك__ ئالمىنىڭ سۈيىنى ئېچىتىش دېمەكتۇر) يېڭى يەرلىك  سامساق، يېڭى چامغۇر زەنجىچىل، سۇلۇقراق ئالما، لىمون(ياكى، چوڭ ماندارىن، چوڭ ئاپېلسىن، ئاناناس  بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ، چۈنكى، ھەممىسى سىتروس ئۆسۈملۈكى بولغاچقا، تەركىبى ئوخشاش)
ھەممىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، قازاندا قاينىتىپ، قايناپ بولغاندا ئوتنى پەسلىتىپ، سۇس ئوتتا 30-40 مىنۇت ئەتراپىدا تۇۋاقنى ياپماي قاينىتىپ،(بۇنداق بولغاندا، سۇ تەركىبىنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى تېزلەركىلى بولىدۇ) سوۋۇتۇپ، ئاندىن ياخشى ھەسەلدىن كۆپرەك ئارىلاشتۇرۇپ، ئېغىزى چوڭراق ئەينەك قۇتىلارغا قاچىلاپ، بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ، كۈندە ناشتىدىن كەم دېگەندە 40 مىنۇت، بولسا بىر سائەت بۇرۇن چوڭ قوشۇقتا ئىككى قوشۇق ئىچىپ، ئاندىن بىرەر سائەتتىن كېيىن ناشتا قىلساق بولىدۇ. بۇ تەرەپتىن يەپلا، ئۇ تەرەپتىين تاماق يېسەك قىلچە پايدىسى يوق!
مەن ئۆزۈمگە تەجرىبە قىلىپ، پايدىسىنى تولۇق كۆرگەندە ئاندىن تورغا چىقىرىپ قوياي دەپ يۈرسەم، ئاچچىقسۇ ساتىدىغانلار ئالدىراپ-سالدىراپ ياساپ پۇل قىلىۋېتىپتۇ.
تەشۋىقاتنىڭ رولى بەك چوڭ. شۇڭا، ئالدىراپلا: «كۆۋرۈك سالمىسىمۇ بولىدۇ...»دېگەندەك گەپلەرنى دەپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا چاقچاق قىلىدىغان ئىشنى قىلمايلى. يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرى بەك مۇرەككەپ. بەزىلەرگە ماس كېلىشى، بەزىلەرگە ماس كەلمەي، بۇ ياسالمىغا گول بولۇپ، خەتەرلىك ئەھۋاللار چىقىشى مۇمكىن. گەپ قىلغاندا سەل ئېھتىيات قىلايلى!
ئاچچىقسۇ سېتىپ پۇل تېپىشنىلا ئويلاپ، كىشىنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشمايلى.
ھازىرغىچە تېخى ئۆلمەسنىڭ دورىسى ياسالغىنى يوق!

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 14:44:00

1.جىق ئاچچۇقسۇ سېتىش مەقسىتىدە ئالدىراپ تەشۋىقات قىلمىدۇق .بۇ رېتسىپ توردا خەنزۇچە ئېقىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولدى .تەكشۈرۈپ باقساق ،ئۇيغۇر تببابىتىدىمۇ ئوپمۇ ئوخشاش رېتسىپ ىاركەن .ھەم بۇ رېتسىپتىن دارا ياساپ ئىستىمال قىلغۇچىلار بىلەنمۇ سۆھبەتلەشتۇق .ئالما ئاچچىقسۇنىڭ قان تومۇرلارنى ئېچىش،قان تومۇر تازلاش،مىتابولىزىمنى ياخشىلاش رولى بارلىقىنى تىۋىپلار ئوبدان بىلىدۇ .
http://zhidao.baidu.com/question/549253333.htmlمامان بەيدۇدىكى چۈشەندۈرىشى ..
خەلىق ئىچىدە كۈندە ئىككى ۋاق ئاچچىقسۇ ئىچىپ ئورۇقلاۋاتقانلارنىمۇ ئۇچىرتىپ تۇرىمىز .شۇڭا بىز بىلەن ئۇچىراشقان تىۋىپلار ئالما سۈيىنىڭ ئورنىغا ئالما ئاچچىقسۇ ئىشلەتسەك ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دىيىكلىك .شۇ ئىھتىياجدىن بىز ئالما ئاچچىقسۇ ساتتۇق .جىق سېتىپ بېيىپ بېلگەيتىس بولۇپ كەتكىلى بولىدىغان ئوقەت ئەمەس بۇ .جان بىلەن ئوينىشىدىغان نەرسە .شۇڭا تەشۋىقاتتىمۇ يۈرەككە تېرىك سېلىشنى داۋالايدۇ دىمىدۇق .بەلكى ئەسلى يازما نىمە بولسا شۇنى تەرجىمە قىلدۇق .
2.سىزنىڭ رېتسىپىڭىز بىلەن مەن ئاڭلىغان ۋە ئىشلىتىپ كۆرگەنلەر ئىشلەتكەن رېتسىپ يەنە ئوخشىمايدىكەن .خەلق ئىچىدىكى بۇرۇندىن بار رېتسىپ ئىككى مەن ئاڭلىغاندىن :بىرسى سامساق،لىمۇن،زەنجىۋىل ئاخىرىدا ھەسەل،يەنە بىرى سامساق زەنجىۋىل ،تاش ئالما ،لىمۇن ئاخىرىدا ھەسەل .
ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆز ئالدىغان رولى بولىدۇ .سىزنىڭ رېتسىپىڭىزمۇ ياخشىدۇ .لېكىن سەل يۈزەكى بايان قىلىپ قالدىڭىزمۇ قانداق .بولسا تىبابەت ساھەسىدىكى بىرزات ۋە تۆت تادۇ قاتارلىق ساھىپلار بىرنىمە دەپ باقسۇن ..مەن بۇ سودىنى قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ رېتسىپتىن دورا ياساپ سېتىۋاتقان بىر دورىخانىنى ۋە بۇ رېتسىپتىن دارا ياسام ئۆزى ئىستىمال قىلىپ پايدا كۆرگەن بىر قېرىندىشىمىزنى زىيارەت قىلدىم .شۇڭا ئالما ئاچچىقسۇ لازىمكەن دەپ ئالما ئاچچىقسۇنى كىرگەزدۇق .بۇ سودىدا ھاياجان ىىلەن كۆپىزىپ سېتىش ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس .شۇڭا سۆز جۈملىلەرنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلساق .
لېكىن بىر ئېلان قىستۇرۋالاي .
ئۈلۈشكۈن بىر سىمىز ئادەم كەپتۇ .دوستۇم ئىچكەن سىلەرنىڭ ئاچچىسۇدىن ئالتە كىلو ئورۇقلاپتۇ .شۇڭا مەنمۇ ئىچىمەن دەپ .بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىز ئالما ئاچچىقسۇنىىڭ بۇنداق رولى بارلىقىنى بىلمەيتتۇق .كېيىن ئۇقساق ئورۇقلىماقچى بولغان بەزى كىشىلەر خەنزۇلار ياسىغان ئالما ئاچچىقسۇنى ئىچىۋېتىپتۇ .ئۆتكەندە بىرنەچچە ئايالغان ئالما ئاچچىقسۇ ساتقان .بەلكىم شۇلارنىڭ تەشۋىقاتى بولسا كىرەك .ھازىر دۇكانغا ئورۇقلايمە دەپ ئالما ئاچچىقسۇ سېتىۋالىدىغانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ .بۇ كۆپىزگەنلىك ئەمەس .كۈندە ئىككى ۋاق تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىدىكەن ئۇلار ...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 18:18:18

ماۋۇ تەرەپلەردە  ئالمىدىن ئەرزان نەرسە يوق مۇشۇ كۈنلەردە، ئالما ئاچچىقسۈيى  ئىشلەيدىغانلار يوقمىدۇ؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 19:07:22

ئەلئىچى رېتسىپ:
تۇنجى بۇغداي ئورىمىنىڭ يۇمشاق، پاكىز ئايرىلغان سامىنىنى چايغا چىلاپ ھەركۈنى ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچتە ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ئىنتايىن ياخشى بولغان ياغ سىيرىش ئۈنىمى بولىدىكەن.

سېمىزلىگىدىن قورسىقى باداڭدەك يوغىناپ كەتكەن، تۈرلۈك قان-تومۇر كېسەللىگى چىرمىۋالغان بىر شوپۇر تونۇشۇم مۇشۇ رېتسىپ بويىچە قىلىپ قوسىقىمۇ جىق كىچىكلەپتۇ، قېنىدىكى ماي، خولېسترىن دېگەندەك ئەخلەت-چاۋارلارمۇ جىق تۈگەپتۇ، ئۆزى شۇنداق دېدى.
مەن بۇغداي ئورىمى كەلگۈچە ساقلاپ تۇرىۋاتىمەن، ساماننىڭ ئەكس تەسىرى يوق دەپ ئويلايمەن، ئېشەك سىيىۋەتمىگەنلا بولسا بۇغداي دېگەن مەڭگۈ پاكىز نەرسە، سىناپ باققۇلۇق.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 21:13:07

ئالما ئاچچىقسۈيى دېگەن قانداق نەرسە ئەمدى؟

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 14:36:10

ئۈچىنچى قېتىملىق شەربەت ئىنشائاللاھ ئەتە 120 شىشە چىقىدۇ .ئەمدى خېلى جىق بۇرادەرلەرگە يىتىدىغان بولدى .

بىر داۋالاش مۇددىتى 6 شىشە 390 سوم .ئاشقازىنى ئاجىزلار ساپ ھەسەل قوشۇپ ئىستىمال قىلىدۇ .بىزمۇ ھەسەل قوشقان لېكىن بەزىلەرگە يەنىلا ئاچچىق بىلىنىشى مۇمكىن .تويمايراق تاماق يەپ ئاندىن ئۈچ ۋاق 30مىللىېتىردىن ئىستىمال قىلىدۇ .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 15:37:36

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 14:36 static/image/common/back.gif
ئۈچىنچى قېتىملىق شەربەت ئىنشائاللاھ ئەتە 120 شىشە چىقىد ...

ئۈندىدار سۇپاڭلار يوقما ‹؟
بەت: [1] 2
: ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر ئېچىش شەربىتى ياسالدى