Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 18:30:28

چوڭ ھادرون سوقۇشتۇرغۇچى(LHC) ماددىنىڭ يېڭى تۈزۈلىشىنى بايقىغان بولى...



چوڭ ھادرون سوقۇشتۇرغۇچى(LHC) ماددىنىڭ يېڭى تۈزۈلىشىنى بايقىغان بولىشى مۇمكىن



تەتقىقاتچىلار  پۈتۈنلەي يېڭى ماددىي تۈزۈلىشىگە ئېگە، تېپىلىشى تەس بولغان «تۆتلۈك كۋارك» (tetraquark) نى بايقىدى.  ھېگگىز بوزۇنلىرى نى تاپقانلىقى بىلەن مەشھور «چوڭ ھادرون سوقۇشتۇرغۇچى»(LHC) دىكى  يېقىنقى تەجىربە نەتىجىسى يېڭى زەرىچە  (4430)Z نىڭ بايقالغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. بۇ ماددىنىڭ  پۈتۈنلەي يېڭى  شەكلى  «تۆتلۈك كۋارك» (tetraquark) مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق ئىسپات بولىشى مۇمكىن.



كۋاركلار ئاتوم يادرولىرىنى تۈزگۈچى ئاساسى زەرىچىلەر بولۇپ، زەرىچىلەر فىزىكىسىدىكى ئۆلچەملىك مودېلغا كۆرە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسى زەرىچىلەر فېرمىيونلار ۋە بوزۇنلار دەپ ئىككى چوڭ ئائىلىگە بۆلۈنىدۇ.  ماددىلارنى تۈزگۈچى فېرمىيونلار  يەنە لەپتونلار ۋە كۋاركلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلىشىش يەنى ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش مەيدان زەرىچىلىرى بوزۇنلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ( بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن  «تەبىئەت پەلسىەپىسىدە ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ سىرى» دېگەن تېمىنى كۆرۈش تەۋسىيە قىلىمەن).  



بۇ يەردىكى كۋاركلار ئادەتتە ئىككىلىك ۋە ئۈچلۈك ھالەتتە توپلىنىپ  مەزونلار( ئەركەك چىشى - ئىككىلىك كۋارك) ۋە بارىيونلار(ئۈچلۈك كۋارك)نى ھاسىل قىلاتتى.  نەزىرىيە جەھەتتىن  تەتقىقاتچىلار تۆتلۈك ھالەتتە توپلىنىپ زەرىچە ھاسىل قىلىدىغان «تۆتلۈك كۋارك» نىڭ مەۋجۇتلىقىنى  بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ تەجىربىدە بۇ تېپىش تەس بولغان ئۆزگىچە زەرىچە تېخىچە بايقالمىغان ئېدى.


«چوڭ ھادرون سوقۇشتۇرغۇچى»(LHC) تەجىربىخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار مۇشۇنداق زەرىچىدىن 4000 تال بايقىغان بولۇپ، نەتىجە 2014، يەتتىنچى ئاپىرىل   ArXiv.org  دە ئېلان قىلىندى ھەمدە داڭلىق ئاكادېمىك ژورنال  «فىزىكا تەقرىز ژورىنىلى»  Physical Review Letter غا تاپشۇرۇلدى.  ماقالىنىڭ ئابىستراكىت قىسمى تۆۋەندىقى رەسىمدە كۆرسۈتۈلدى.



تېپىلغان (4430)Z  نىڭ ھەقىقەتەن تۆتلۈك كۋارك ياكى ئەمەسلىكىنى، ئەگەر راستىنلا شۇ بولسا بىزگە نېمە يېڭىلىق ئېلىپ كىلەلەيدۇ بۇ ھەقتە تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولۇپ، ھازىرچە تەتقىقاتچىلار  تۆتلۈك كۋارك نىڭ فىزىكا قانۇنىلىرىغا بويسۇنىدىغان بويسۇنمايدىغانلىقى ھەققىدە  %100 ئېنىق مەلۇمەتقا ئېگە ئەمەس.  مارىلەن ئۇنىۋېرستىتىدىكى توماس كوھىن نىڭ ئېيتىشىچە ھازرقى كەمپۈتەرلەر تېخى «بىرىنچى پىرىنسىپ» (پەلسەپىدە ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپ، ماتېماتىكىدا ئاكسىئومىلارنى كۆرسۈتىدۇ) نى ئاساس قىلغان نەزەرىيەلەرنى ھېساپلاشقا ئاجىزلىق قىلىدىكەن.  لېكىن،  ئالىملار  دەسلەپكى توساقنى ھالقىپ ئۆتۈپ (4430)Z  نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەمدە بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ چۈشىنىشتە تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك ۋە تىرىشچانلىقنىڭ لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

مەنبە : ئىلىم-پەن مۇنبىرى

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 19:41:39

تېپىلغان (4430)Z  نىڭ ھەقىقەتەن تۆتلۈك كۋارك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلمەن . ....
(4430)Z  نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىغىنىمۇ چوڭ ئىش ......
  ئىنسانىيەتنىڭ تەرەقىياتى يەنە ئىلگىرلىگەن ھالدا  چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى . ھەم داۋاملىق ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن  .   
  دۇنيانى ھەقىقىي چۈشنىش ئۇنداق ئاسان ئىشمۇ ئەمەس . ئالىملار يەنىمۇ جاپا تارتقۇدەك ....

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 09:42:51

ئاتالمىش توت كۇۋاركلىق تۇزۇلۇشكە ئىگە زەررىچىنىڭ تېپىلىشى  قېلىپلاشقان مەيدان نەزەرىيەلىرى ، زەررىچە تۇزۇلۇش تەلىماتلىرى ، كۇسمۇلۇگىيە نەزەرىيەلىرى ...ئۇچۇن ئاپەت ۋە ئامەت بۇلۇپ قالغۇسى!.

tilmish يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 10:59:33

@izdanguqiman@
بەت: [1]
: چوڭ ھادرون سوقۇشتۇرغۇچى(LHC) ماددىنىڭ يېڭى تۈزۈلىشىنى بايقىغان بولى...