najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 13:58:36

ماتىماتېكىغا دائىر يۈز ئۇقۇمىدىكى زىتلىق

ماتىماتېكىدا، چەمبەر، ئىللىپىس، كۆپ تەرەپلىك قاتارلىق شەكىللەرنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن بۇ شەكىللەرنىڭ بىر سىزىقنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.  مەسىلەن:
چەمبەر: OA كېسىك ئۆزىنىڭ قوزغالماس بىر O ئۇچى ئەتراپىدا تولۇق بىر قېتىم ئايلانغاندا، ئىككىنچى بىر  A ئۇچى بېسىپ ئۆتكەن تۇيۇق ئەگرى سىزىق چەمبەر دەپ ئاتىلىدۇ.

n تەرەپلىك: n كېسىكنىڭ باش ئاخىرىنى تەرتىپ بويىچە تۇتاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان شەكىل n تەرەپلىك دەپ ئاتىلىدۇ.
.........
يۇقارقى ئېنىقلىمىلاردىن، چەمبەر، ئىللىپىس، n تەرەپلىك ... لەرنىڭ سىزىقنى ئىپادىلەمدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ، ئەشۇ سىزىق قورشىغان دائىرىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇڭلاشقىمۇ، ماتىماتېكىلىق مەسىلىلەردە «ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈستىدىن شۇنداق بىر P نۇقتا ئالايلىكى،...» دېسە، P نۇقتىنى ئۈچبۇلۇڭنى ھاسىل قىلغان كېسىكنىڭ ئۈستىدىن ئالىمىز؛ «چەمبەرنىڭ ئىچىدە ياتقان A نۇقتىدىن، ......» دېيىلسە، A نۇقتا ئورنىنىڭ چەمبەر قورشىغان دائىرە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
دېمەك، يۇقارقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، چەمبەر، ئىللىپىس، كۆپ تەرەپلىك قاتارلىق شەكىللەر بىر سىزىقنى ئىپادىلەيدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن سىزىقنىڭنىڭ يۈزى مەۋجۇت ئەمەس. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز «n تەرەپلىكنىڭ يۈزى»، «چەمبەرنىڭ يۈزى» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى قوللۇنۇپ كېلىۋاتىمىز، بۇنداق ئاتاش ماھىيەتتە «كېسىكلەر يېغىندىسىنىڭ يۈزى»، «ئەگرى سىزىقنىڭ يۈزى» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىككىنچى بىر خىل ئاتىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، «سىزىقنىڭ يۈزى مەۋجۇت ئەمەس» كە زىت.
بىزگە مەلۇم، تەبىئىي پەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ ماتىماتېكىنىڭ لوگىكىچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان پەن. شۇڭا، «چەمبەر، ئىللىپىس، كۆپ تەرەپلىك قاتارلىق شەكىللەرنىڭ ئېنىقلىمىسى بۇ شەكىللەرنىڭ بىر سىزىقنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، ''چەمبەرنىڭ يۈزى''، '' n تەرەپلىكنىڭ يۈزى'' قاتارلىقلار ئۇلار قورشىغان دائىرىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قاراش كېرەك» دېسەك، قەتئىي خاتا بولغان بولىدۇ دەپ قارايمەن.
شۇڭا، شەكىللەرنىڭ ئېنىقلىمىسىنى قىسمەن ئۆگەرتىش ۋە «چەمبەرنىڭ يۈزى»، «ئىللىپىسنىڭ يۈزى»، «كۆپ تەرەپلىكنىڭ يۈزى» قاتارلىق ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتىش كېرەك، دەپ قارايمەن:
n تەرەپلىكنىڭ يۇقارقى ئېنىقلىمىسىدا، «n كېسىكنىڭ باش ئاخىرىنى تەرتىپ بويىچە تۇتاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان شەكىل n تەرەپلىك دەپ ئاتىلىدۇ.» دېيىلگەن بولۇپ، «...ھاسىل بولغان شەكىل...» نىڭ سىزىقنى ياكى شۇ سىزىقلار قورشىغان دائىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى مۇجىمەل بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىپادە قىلماقچى بولغىنى سىزىقتىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇ ئېنىقلىمىنى مېنىڭچە، مۇنداق ئۆزگەرتىش كېرەك:
  «باش ئاخىرى تەرتىپ بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان  n دانە كېسىك n تەرەپلىك دېيىلىدۇ» دەپ ئېنىقلىما بەرسەك، n   تەرەپلىكنىڭ n دانە كېسىكنى، يەنى، سىزىقنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ئېنىق ۋە دەل بولىدۇ.
يۇقارقى مۇلاھىزىلەرگە ئاساسەن، «ئۈچبۇلۇڭنىڭ يۈزى»، «تۆت تەرەپلىكنىڭ يۈزى»، ... «n تەرەپلىكنىڭ يۈزى»، «چەمبەرنىڭ يۈزى»، «ئىللىپىسنىڭ يۈزى» ... قاتارلىق ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەي، «ئۈچبۇلۇڭلۇق يۈز»، «تۆت تەرەپلىك يۈز»، ... «n تەرەپلىك يۈز»، «چەمبەرلىك يۈز»، «ئىللىپىسلىق يۈز» ... (ياكى «XXX سىمان يۈز») دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش كېرەك ھەم ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بېرىش كېرەك دەپ قارىدىم.
ئۈچبۇلۇڭنىڭ قورشاۋىدىن ھاسىل بولغان شەكىل ئۈچبۇلۇڭلۇق يۈز دەپ ئاتىلىدۇ.
تۆتتەرەپلىكنىڭ قورشاۋىدىن ھاسىل بولغان شەكىل تۆت تەرەپلىك يۈز دەپ ئاتىلىدۇ.
كۇۋادىراتنىڭ قورشاۋىدىن ھاسىل بولغان شەكىل كۇۋادىراتلىق يۈز دەپ ئاتىلىدۇ.
.....
n تەرەپلىكنىڭ قورشاۋىدىن ھاسىل بولغان شەكىل n تەرەپلىك يۈز دەپ ئاتىلىدۇ.
....
چەمبەرنىڭ قورشاۋىدىن ھاسىل بولغان شەكىل چەمبەرلىك يۈز دېيىلىدۇ.
ئىللىپىسنىڭ قورشاۋىدىن ھاسىل بولغان شەكىل ئىللىپىسلىك يۈز دېيىلىدۇ.
......
(«XXX لىك يۈز» ئورنىغا «XXX سىمان يۈز» دېسەكمۇ بولغۇدەك)
دېمەك، ئېنىقلىمىلارنى يۇقارقىدەك ئۆزگەرتكەندە، مۇلاھىزىمىزنىڭ بېشىدا دېيىلگەن «سىزىقنىڭ يۈزى» دېگەندەك مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىغان زىتلىق ھەل بولۇپ، ئۇقۇمغا قارىتا چۈشەنچە ئېنىق ۋە دەل بولىدۇ.
مەسىلەن: ئالدىمىزدا پولات سىمدىن ئىككى ئۇچى تۇتاشتۇرىلىپ ياسالغان بىر ئۈچبۇلۇڭ  ۋەكارتون قەغەزدىن قېيىپ ياسالغان بىر ئۈچبۇلۇڭلۇق يۈز (ئۈچبۇلۇڭسىمان يۈز) بار بولسۇن. ئىلگىرىكى چۈشەنچە بويىچە، ھەر ئىككى شەكىلنىڭ ئىسمى ئۈچبۇلۇڭ ئىدى، ئەمدى بولسا ئوخشىمايدۇ.

كەسپداشلارنىڭ بۇ قارىشىمغا قىممەتلىك پىكىر- تەلەپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 15:35:50

ھاھاھا، گەپ ئويىنىكەن  بۇ دېگەنلىرىڭىز، ئەگەر يەنە مۇشۇ تەتۈر پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇۋالسىڭىز يېنىكى ساراڭ بولىسىز، ئېغىرى ئەتراپىڭىزدا نورمال ئادەم قالمايدۇ.

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 16:45:28

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-4-12 15:35 static/image/common/back.gif
ھاھاھا، گەپ ئويىنىكەن  بۇ دېگەنلىرىڭىز، ئەگەر يەنە مۇش ...

بۇ ماتىماتېكىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، «كاللىسىدىن ئېزىش» نى تەتقىق قىلىدىغان پسىخىكا مەسىلىسى ئەمەس. ئەقلى ھۇشى جايىدا ئادەم پاكىت سۆزلەيدۇ.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 17:08:45

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 19:31:11

مەنمۇ ئويلىنىپ باقماپىتكەنمەن. دەرۋەقە ياخشى ئىزدىنىش بولۇپتۇ.  ماڭا يارىدى.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 20:16:26

قارىغاندا ‘يۈزى’ دىگەن ئۇقۇمنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز،،يەنە كىلىپ ماتىماتكىنى ئالي ماتىماتكا دەرىجىسىگىچە ئوقۇسىڭىز،بىرتال ياكى بىر نەچچە تال سىزىقنىڭ يۈزى بولمىغان بىلەن،،بىرىلگەن بىر شەكىلنىڭ يۈزىنى بۇ شەكىلنى نۇرغۇن سىزىقلارغا بۈلۈپ ھىساپلاپ چىقىرىدۇ،   بۇنى积分integrateدەپ ئاتايدۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 22:44:34

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 23:02:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-12 23:44  

بۇ خىل خىيالنىڭ پەيدا بولۇشى نورمالدۇ..
لېكىن بۇ خىل قالايمىقانچىلىقنىڭ پەقەت كېرىكى يوق!..  خۇددى بەش يىلدا بىر ئىملا ئۆزگەرتكەندەك..

تېما ئېگىسى ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلغان، ئۇقۇمنى چۈشەندۈرىمەن دەپ ئۆزى خاتا چۈشىنىپ قالغان!
سىزىق، كېسىكنىڭ يۈزى بولمايدۇ، بىراق، تۈۋەندىكى جۈملىگە قاراپ باقايلى:
---  «كېسىكنىڭ باش ئاخىرىنى تەرتىپ بويىچە تۇتاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان شەكىل »،
--- «بىر  A ئۇچى بېسىپ ئۆتكەن تۇيۇق ئەگرى سىزىق چەمبەر دەپ ئاتىلىدۇ»

تېما ئىگىسى ئۆزى، ئۇقۇملارنى خاتا ھالدا مەجىبۇرىي ئورۇن ئالماشتۇرغان! «شەكىل»،  ۋە «ئەگرى سىزىق» دېگەنلەرنى مەجىبۇرى «سىزىق» ۋە «كېسىك» كە  تەڭ قىلىۋەتكەن!!
«كېسىكلەر يېغىندىسىنىڭ يۈزى» دېگەن سۆزىگە قارىساق، «كېسىكلەر يىغىندىسى» يەنە « كېسىك» بولىۋىرەمدۇ مەڭگۈ؟
شۇڭا،  كېينكى  تەشەببۇسلىرى ئاساسسىز!

قىر بىلەن يۈز، ئىچكى بولۇڭى، ئابىسساسى قاتارلىقلار بىر شەكىلگە تەۋە ئۇقۇملاردۇر. سىمدا ياسالغان ئۈچبۇلۇڭ بىلەن كارتۇن قەغەزدە ياسالغان ئۈچبۇلۇڭغا كەلسەك، كارتۇننىڭ يۈزى بار، سىم ئۈچبۇلۇڭنىڭ يۈزى يوقمىكەن؟ فورمۇلا بويىچە سىم ئۈچبۇلۇڭنىڭ يۈزىنى ھېساپلىغىلى بولمامدىكەن- يا؟!

«ھۈجەيرىلەر دەرستىن چۈشۈڭلار..» دېمەيمىز، گەرچە ئادەم ھۈجەيرىدىن تەشكىل تاپسىمۇ..
گېئومېتىرىيە ۋە سىتىرومېتىرىيىدىكى ئاساسىي ئاتالغۇلار: چېكىت، كېسىك، تۈز سىزىق... شەكىل، قىر، يۈز، ھەجىم... چەمبەر، پارابولا، كۇنۇس، كۇپ..

ئالدىراپ ئەگىشىپ قالغان دوستلارنىڭ بۇرۇنقى توغرا چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتمەسلىكىنى سورايمەن. تېما ئىگىسىگە نىسبەتەن، سۆزۈم چىڭراق چىقىپ قالغان بولسا ئېغىر ئالمىغاي..
كۈتۈپخانىدىلا ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى گىئومېتىرىيە قاتارلىق كىتاپلىرىمىزنى يوقالسۇن دېسەڭلار مۇشۇنداق گەپلەرنى جىقراق ئويدۇرۇڭلار.. ھازىرقى بالىلارنىڭ قولىدا ئۇ كىتاپلار يوق. :@

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 23:44:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   najlida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-12 23:46  

كۈتۈپخانىدىلا ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى گىئومېتىرىيە قاتارلىق كىتاپلىرىمىزنى يوقالسۇن دېسەڭلار مۇشۇنداق گەپلەرنى جىقراق ئويدۇرۇڭلار.. ھازىرقى بالىلارنىڭ قولىدا ئۇ كىتاپلار يوق.

ئالە شەرىڭنى، تەبىئىي پەنگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلەرگىمۇ «قالپاق» كىيگۈزگىلى بولىدىكەن- دە.
قاراپ بېقىڭلارچۇ، خەنزۇچە كىتابتىمۇ ئوخشاش. شۇڭا، بۇ «قالپاق» نى زورلاپ  كىيگۈزمەي، پىكىرنى ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويغۇلۇققۇ، ئەمدى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 23:52:13

ئىلمىي پىكىردە مەسىلە بولغان ئەھۋالدا، مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن سىرت، مەسىلە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقتىلارنىمۇ كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار! سىزگە زىيىنى يوق. كەيپىيات ئارىلىشىپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن، ئىنكاسىمنىمۇ نەچچە تەھرىرلەپ سىلىقلاپ قويدۇم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 12:35:21

قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن داركىنىس دېگەن ئالىمىمىزمۇ مۇشۇنداق تەھلىللەرنى قىپ باققاندەكلا ئېسىمدە.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 10:48:29

دىدوكسىيىلىك خۇلاسە چىقىرىش جەريانى مۇنداق :
چوڭ ئاساس .....›كىچىك ئاساس.....›خۇلاسە چىقىرىش. دېمەك چوڭ ئاساس ۋە كىچىك ئاساس توغرا بولغاندا ،خۇلاسە چوقۇم توغرا بولىدۇ.
سىزنىڭ خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىڭىزدا ئېغىر مەسىلە بار. ماتېماتىكا كۈچلۈك ئاساس تەلەپ قىلىدىغان پەن.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 10:50:06

دېمەك، يۇقارقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، چەمبەر، ئىللىپىس، كۆپ تەرەپلىك قاتارلىق شەكىللەر بىر سىزىقنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ خۇلاسە تولىمۇ يىنىكلىك بىلەن خاتا چىقىرىلغان.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 10:50:08

دېمەك، يۇقارقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، چەمبەر، ئىللىپىس، كۆپ تەرەپلىك قاتارلىق شەكىللەر بىر سىزىقنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ خۇلاسە تولىمۇ يىنىكلىك بىلەن خاتا چىقىرىلغان.

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 12:05:18

OA كېسىك ئۆزىنىڭ قوزغالماس بىر O ئۇچى ئەتراپىدا تولۇق بىر قېتىم ئايلانغاندا، ئىككىنچى بىر  A ئۇچى بېسىپ ئۆتكەن تۇيۇق ئەگرى سىزىق چەمبەر دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك، چەمبەر ئېنىقلىمىسىدا، «........... تۇيۇق ئەگرى سىزىق چەمبەر دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ چەمبەرنىڭ سىزىق ئىكەنلىكى ئېنىق، ئۇنىڭغا يەنە باشقىچە پاكىت كەتمەيدۇ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 15:24:04

شۇڭا، شەكىللەرنىڭ ئېنىقلىمىسىنى قىسمەن ئۆگەرتىش ۋە «چەمبەرنىڭ يۈزى»، «ئىللىپىسنىڭ يۈزى»، «كۆپ تەرەپلىكنىڭ يۈزى» قاتارلىق ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتىش كېرەك، دەپ قارايمەن:

بۇلارنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ بىلىش ئېڭىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 16:44:10

بۇنىڭغا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتىماتكا كىتابىغا قاراپ باقساق بۇلۇدۇ، ئەگەر چەمبەر يۈزى دىگەەن گەپكە تېما ئىگىسى دىگەندەك چەمبەر ئايلانما سىزىقىنىڭ يۈزى دەپ ئېنىقلىما بەرگەن بولسا، مەنمۇ ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بىرىمەن. لىكىن ئەمەلىيەت بولسا چەمبەر بىلەن قورشالغان يۇمىلاق شەكىلنىڭ يۈزى دەپ ئېنىقلىما بەرگەندەك ئىسىمدە، شارائىت بارلار قاراپ باقسا بوغىدەك،،

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 08:12:03

ئالدى بىلەن ماتېماتىكا ئۇقۇملىرىنىڭ (بولۇپمۇ ئىلمېنتار ئۇقۇملارنىڭ) ئابىستىراكىتنى بولىدىغانلىق خاسلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك.
بۇ ئالدىنقى شەرت چۆرۇپ تاشلانسا ماتېماتىكىمۇ ماتېماتىكا بولماي قالىدۇ.ماتېماتىكىدىكى باشقا ھاسىلىۋى ئۇقۇملار ھەققىدە سۆز ئىچىش تىخىمۇ بىمەنە بولىدۇ.

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 22:13:01

matimatika يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 08:12 static/image/common/back.gif
ئالدى بىلەن ماتېماتىكا ئۇقۇملىرىنىڭ (بولۇپمۇ ئىلمېنتا ...

مۈمكىن بولسا، تېخىمۇ كونكىرېت بولغان قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام، رەخمەت.
بەت: [1]
: ماتىماتېكىغا دائىر يۈز ئۇقۇمىدىكى زىتلىق