OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 19:15:46

تەرجىمە:ھەقىقەت مۇھىممۇ ھاياتمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-11 19:37

ھەقىقەت مۇھىممۇ ھاياتمۇ؟
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
بىر كۈنى پەرىشتە قۇملۇقتىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاچ ،قۇملۇقتا ئالدىراپ تىنەپ كىتىۋاتقان بىر ئادەمنى ئۇچىرتىپ قاپتۇ.ھېلىقى ئادەم بىر قولىدا مىلتىق،يەنە بىر قولىدا بىر چىلەك نىفىت كۆتىرىۋالغان بولۇپ، نىفىت چىلىكىگە «ھەقىقەت» دېگەن خەت يېزىلغان ئىكەن.پەرىشتە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن نېمىشقا مىلتىق ۋە نىفىت كۆتىرىۋالغانلىقىنى سوراپتۇ،ھېلىقى ئادەم سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغاچ: ــمەن ھەقىقەت ئىزدەۋاتىمەن،ــ دەپتۇ.
پەرىشتە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ،قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە بىر ئادەمنىڭ يېتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ،ئۇ ئادەم سەكراتتا جان تالىشىۋاتقان ئىكەن.ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىدا بىر نىفىت چىلىكى بار بولۇپ،قۇرۇق ئىكەن.نىفىت چىلكىگە «ھايات» دېگەن خەت يېزىلغان ئىكەن،پەرشىتە ئۇنىڭدىن بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ، ھېلىقى ئادەم ھالسىزلانغان ھالدا :مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ھاياتىمنى ساقلاش ئۈچۈن تېرىشىۋاتىمەن،- دەپتۇ.
پەرىشتە تولىمۇ غەلىتىلىك ھىس قىپتۇدە شۇ ھامان پانى دۇنيانى كىزىپ چىقىپتۇ.ئۇ پانىي دۇنيانى كىزىپ چىققاندىن كېيىن، پانىي دۇنيادا غەلىتە ئىشلارنىڭ بەكلا كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ.بەزىلەر ھاياتنى دەپ ھەقىقەتتىن ۋاز كەچسە،بەزىلەر ھەقىقەتنى دەپ ھاياتتىن ۋاز كىچىدىكەن.ئۇ زادى ھاياتنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ياكى ھەقىقەتنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگاردىن سوراپتۇ.
ــ ئىنسانلار ھەقىقەت بىلەن ھاياتنى مۇھىم دەپ قارىسىمۇ،ئەمما مەنپەئەتنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ،مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنسانلار ھەقىقەتتىنمۇ،ھاياتتىنمۇ ۋاز كىچىدۇ،مەنپەئەتنى دەپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ،ئۇلار ئۇرۇش قىلغاندا ھەقىقەت ھاياتتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ.ئەلۋەتتە ئۇرۇشتا غايەت زور زىيان تارتقاندىن كېيىن،ئوخشاشلا مەنپەئەت ئۈچۈن،ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتماقچى بولۇپ،ھايات ھەممىدىن مۇھىم دەيدۇ،ــ دەپتۇ پەرۋەردىگار .
مەنبە:2012-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى «ساتىرا ۋە يومۇر»گېزىتى

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 19:31:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-11 19:40

گېزى كەلگەندە سىز ئاڭلىغان بىرەر ئېغىزگەپ ياكى سىز ئوقۇغان بىرەر پارچە ئەسەر سىزنىڭ ئىددىيەرىڭىز، ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىپ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشى مومكىن ئىكەن،يۇقارقى ئەسەر دەل مۇشۇنىڭ مىسالى.مەن بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتكەن بولساممۇ ئېلان قىلدۇرۇش نىسىپ بولمىغان ،ئاخىرى باغداش تورىغا ئەۋەتىپ ئېلان قىلدۇرغان ئىدىم.بۇ قېتىم ئىزدىنىش تورىغا يوللىدىم،مەقسەت تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمنى بۇ يازمىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىش،تورباشقۇرغۇچىلار ،ئاپتۇرلار،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت،ئۇتۇق تىلەيمەن.

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 22:31:41

سىز نىمىنى مۇھىم دىسىڭىز شۇ ھەقىقەت،ھەمدە شۇ مۇھىم،دۇنيادا ھىچكىم بىرسىنىڭ ياشىشىغا تېما بەلگىلەپ بىرەلمەيدۇ،باشقىلار ئۈچۈن ياشىشىپمۇ بىرەلمەيدۇ،ھەركىشىنىڭ چىرىغى ئۆز ئۆيىنى يۇرۇتىدۇ.
«مۇھىم»،«ھەقىقەت»،«ئادىللىق»...دىگەن ئۇقۇملارنىڭ بۇ دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن ئېنىق تەبىرىمۇ يوق،ھەمدە ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ.
چىشى ئاغرىۋاتقان ئادەمدىن«ھەقىقەت دىگەن نىمە»دەپ سورىسىڭىز«چىشىمنىڭ ئاغرىغىنىڭ توختىشى،چۈنكى جېنىم بەك قىينىلىپ كەتتى»دەپ جاۋاپ بىرىدۇ،ئۇ راست سۆزلىدى،ئۇسسىغان ئادەم ئۈچۈن قانغۇدەك سۇ ئىچىپ ئۇسسۇزلىغىنى قاندۇرۇش ھەقىقەت،شۇنداقلا ھەممىدىن مۇھىم ئىش.ھەپسىدە قامىلىپ ياتقان ئادەم ئۈچۈن ھۆرلۈككە چىقىش ھەممىدىن مۇھىم.نامرات ئۈچۈن تويغۇدەك تاماق يىيىش،ئاچ قالماسلىق ھەممىدىن مۇھىم.
قىيىنچىلىقتا قالغاندا،باشقا كۈن چۈشكەندە،زارىقىپ كۈتكەندە،ھاياتلىق تەھدىتكە ئۇچىرىغاندا شۇ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش ھەممىدىن مۇھىم،شۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ھەقىقەت.
ئاددى كاللام بىلەن ئاران مۇشۇلارنى ئويلىيالاپتىمەن،مەندىنمۇ ياخشى ئويلايدىغانلار چىقىدۇ.

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 00:27:58

kuchtunggur يوللىغان ۋاقتى2014-4-11 22:31 static/image/common/back.gif
سىز نىمىنى مۇھىم دىسىڭىز شۇ ھەقىقەت،ھەمدە شۇ مۇھىم،دۇ ...

سىز ھەقىقەت بىلەن ئېھتىياجنى ئالماشتۇرۇپ قويۇۋاتامسىز - يا؟

ھەقىقەت دېگەن سىزنىڭچە ئاشۇنداق ئۆزگىرىشچان نەرسىمۇ؟ سىزنىڭ نېمىنى ھەقىقەت دەپ قارايدىغانلىقىڭىز ئايرىم مەسىلە، ئەمما ھەقىقەت دۇنيادا پەقەت بىرلا... ئۇنى نۇرغۇن ئادەم ئۆز جايىغا قويالمايدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ ھەقىقەت دەپ ئاتايدىغان نەرسىسى بار، ئەممە ھەقىقەت ھەقىقىتىنى تېپىشى ناھايىتى تەس.
ناۋادا سىز بىر نەرسىنى ھەقىقەت دەپ قارىسىڭىز، شۇ نەرسىنىڭ كويىدا جان، قان بېرەلىشىڭىز كېرەك! ھەقىقەت سىز دېگەندەك ھېلى قول سۈرتىدىغان قەغەزگە، ھېلى خىزمەتكە، ھېلى مۇئاشقا، ھېلى سىياسەتكە ئايلىنىپ قالسا... ئېنىقكى بۇ ئۇچىغا چىققان چاكىنىلىق ۋە تۇترۇقسىزلىق بولىدۇ.

مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم توغرا ھەقىقەتنى تاپالمىغانلار ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت مېزانىنىڭ چېكىتى يوقلار....

ئۇچىدا قويسىمۇ، تۈۋىدە قويسىمۇ توغرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغانلارنى چىرايلىق ئاتىغاندا تۇترۇقسىز، مەيدانسىز، ئىسلامچە ئاتىساق مۇناپىق، قوپالراق ئاتىغاندا خۇمسى، ناجېنىس دېيىشكە بولىدۇ...

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 08:47:58

‹ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ › ماۋۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئازراق ھىس قىلغان بولساممۇ تىخىچە تولۇق چۈشۈنۈپ بولالمىدىم .

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 09:06:30

بۇ ئەسەر بۈيۈك دىننىي ناملارنى ئادەملەشتۈرىدىغان ، بىرقىسىم ئەخلەت مەدەنىيەت ئىنكاسلىرىكەن.
ئىسلام دىنىمىز : ھەقىقەت ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ!ئادىللىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

elturk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 09:18:38

توخۇ بالدۇرمۇ - تۇخۇممۇ دىگەندەكلا ھەم....

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 09:19:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-12 09:20

«ئىنسانلار ھەقىقەت بىلەن ھاياتنى مۇھىم دەپ قارىسىمۇ،ئەمما مەنپەئەتنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ،مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنسانلار ھەقىقەتتىنمۇ،ھاياتتىنمۇ ۋاز كىچىدۇ،مەنپەئەتنى دەپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ،ئۇلار ئۇرۇش قىلغاندا ھەقىقەت ھاياتتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ.ئەلۋەتتە ئۇرۇشتا غايەت زور زىيان تارتقاندىن كېيىن،ئوخشاشلا مەنپەئەت ئۈچۈن،ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتماقچى بولۇپ،ھايات ھەممىدىن مۇھىم دەيدۇ،»....ئىنكاس يازغان توردىشىمىزنىڭ يۇقارقى بايانلارنى قايتا قايتا ئوقۇشىنى،مۇلاھىزە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 10:40:52

...... پەرىشتە پەرۋەردىگاردىن سوراپتۇ.
ــ ئىنسانلار ھەقىقەت بىلەن ھاياتنى مۇھىم دەپ قارىسىمۇ،ئەمما مەنپەئەتنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ،مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنسانلار ھەقىقەتتىنمۇ،ھاياتتىنمۇ ۋاز كىچىدۇ،مەنپەئەتنى دەپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ،ئۇلار ئۇرۇش قىلغاندا ھەقىقەت ھاياتتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ.ئەلۋەتتە ئۇرۇشتا غايەت زور زىيان تارتقاندىن كېيىن،ئوخشاشلا مەنپەئەت ئۈچۈن،ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتماقچى بولۇپ،ھايات ھەممىدىن مۇھىم دەيدۇ،ــ دەپتۇ پەرۋەردىگار .

يۇقارقى ئابزاستىكى قايسىسى پەرىشتىنىڭ سوئالى، قايسىسى «پەرۋاردىگار» نىڭ جاۋابى، ھىچ بىلگىلى بولمىدى.

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 11:00:54

پەرىشتە تولىمۇ غەلىتىلىك ھىس قىپتۇدە شۇ ھامان پانى دۇنيانى كىزىپ چىقىپتۇ.ئۇ پانىي دۇنيانى كىزىپ چىققاندىن كېيىن، پانىي دۇنيادا غەلىتە ئىشلارنىڭ بەكلا كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ.بەزىلەر ھاياتنى دەپ ھەقىقەتتىن ۋاز كەچسە،بەزىلەر ھەقىقەتنى دەپ ھاياتتىن ۋاز كىچىدىكەن.ئۇ زادى ھاياتنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ياكى ھەقىقەتنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگاردىن سوراپتۇ.
ــ ئىنسانلار ھەقىقەت بىلەن ھاياتنى مۇھىم دەپ قارىسىمۇ،ئەمما مەنپەئەتنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ،مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنسانلار ھەقىقەتتىنمۇ،ھاياتتىنمۇ ۋاز كىچىدۇ،مەنپەئەتنى دەپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ،ئۇلار ئۇرۇش قىلغاندا ھەقىقەت ھاياتتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ.ئەلۋەتتە ئۇرۇشتا غايەت زور زىيان تارتقاندىن كېيىن،ئوخشاشلا مەنپەئەت ئۈچۈن،ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتماقچى بولۇپ،ھايات ھەممىدىن مۇھىم دەيدۇ،ــ دەپتۇ پەرۋەردىگار .

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 12:26:08

ھاياتلىق نورمال داۋام ئەتكەندە ، ھەقىيقەتنى ھىس قىلغېلى ، كۆرگىلى بولىدۇ . لىكىن ھاياتنى دەپ ھەقىيقەتتىن ۋاز كېچىش ئاقىلانىلىكمۇ ئەمەس ،

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 14:01:49

نان يېسە قوساق تويىدۇ دېگەندەك گەپ ئىكەن.

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 14:52:38

OCUZ ئەپەندىم:
يۇقارقى جۈملىنىڭ ئەسلى ماتىرىيالىدا پەرىشتىنىڭ سوئالى بىلەن «پەرۋەردىگار» نىڭ جاۋابىنى سىز ئېنىق چۈشەنگەن بىلەن، تەرجىمىدە تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلمىگەندەك تۇرىسىز. قاراڭ:

«......شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگاردىن سوراپتۇ.
ــ ئىنسانلار ھەقىقەت بىلەن ھاياتنى مۇھىم دەپ قارىسىمۇ،ئەمما مەنپەئەتنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ،مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنسانلار ھەقىقەتتىنمۇ،ھاياتتىنمۇ ۋاز كىچىدۇ،مەنپەئەتنى دەپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ،ئۇلار ئۇرۇش قىلغاندا ھەقىقەت ھاياتتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ.ئەلۋەتتە ئۇرۇشتا غايەت زور زىيان تارتقاندىن كېيىن،ئوخشاشلا مەنپەئەت ئۈچۈن،ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتماقچى بولۇپ،ھايات ھەممىدىن مۇھىم دەيدۇ،ــ دەپتۇ پەرۋەردىگار .»
يۇقارقى جۈملىدە، «شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگاردىن سوراپتۇ» دېيىلگەن ئىكەن، بۇ جۈملىدىن كېيىن پەرىشتىنىڭ سوئالى بولىشى كېرەك ۋە سوئالى سىزىقچە «-» بىلەن باشلىنىپ، ئاخىرى يەنە سىزىقچە «-» بىلەن تاماملىنىش كېرەك.
يەنە «...... موھىم دەيدۇ، - دەپتۇ پەرۋاردىگار.» دېگەن جۈملىنىڭ بېشىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى بولۇپ، جاۋابمۇ سىزىقچە «-» بىلەن باشلىنىپ، ئاخىرى يەنە سىزىقچە «-» بىلەن تاماملىنىش كېرەك.
دېمەك، سىز يازغان يۇقارقى ئابزاس پەقەت ئىككىلا سىزىقچە «-» ئارىسىدا بولغاچقا، ھەم بۇ ئابزاس پەرىشتىنىڭ سوئالى بىلەن باشلىنىپ، «پەرۋەردىگارنىڭ» نىڭ جاۋابى بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ. شۇڭا، قايسىسى سوئال، قايسىسى جاۋاب بىلگىلى بولمىدى.ئەشۇ ئابزاس تۆت دانە سىزىقچە «-» ئارىسىغا كەلسە، ئاندىن ئېنىق بولىدۇ دېمەكچىمەن. يەنى، جۈملە شەكلى مۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى:

«شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگاردىن سوراپتۇ:
ــ ئىنسانلار ھەقىقەت بىلەن ...... ــ (پەرىشتىنىڭ سوئالى)
ــ ......ھايات ھەممىدىن مۇھىم دەيدۇ،ــ دەپتۇ پەرۋەردىگار .

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 17:48:32

p1dakar يوللىغان ۋاقتى2014-4-12 00:27 static/image/common/back.gif
سىز ھەقىقەت بىلەن ئېھتىياجنى ئالماشتۇرۇپ قويۇۋاتامس ...

كىتاپ ئوقۇپ ھاياجانلىنىپ كەتكەندە ھاياجاندا ئېرىشكەن تەسىراتىمنى ھەقىقەت چۈشىنىدىغان ۋاقتلىرىم بولغان بولسا سىزنىڭ دىگىنىڭىزگە قوشۇلاتتىم،ئۇنداق ھاياجانلىق تەسىراتقا قورساق تويمايدىغانلىغىنى چۈشەنگەن ھازىرقى ۋاقتىمدا سۆزلىرىڭىز ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلىدىكەن.
ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز،ھەقىقەت بىلەن ئېھتىياجنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغان ئوخشايسەن،دەپ،مەن ئارىلاشتۇرۇپ قويمىدىم،ھەربىر ئادەمنىڭ ئېھتىياجى شۇ ئادەم ئۈچۈن ھەقىقەت.
ھەقىقەت توغرىلىق دۇنيادا بىرقانچە مىڭ يىلدىن بۇيان توختىماي بەس-مۇنازىرە بوپ كېلىۋاتىدۇ،ھىچكىم بىرى بىرىنى قايىل قىلالىغىنى يوق،ناۋادا ئۆز ئارا قايىل بولۇشقان بولسا،ھەقىقەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئەندىزىسىنى بېكىتىپ چىقىشقان بولاتتى، بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇرۇش-توقۇنۇش بولمايتى،بەس-مۇنازىرە بولمايتى،ئىزدىنىش بولمايتى،بىلىم ئېلىش بولمايتى،ئىجادىيەت،ئىختىرا بولمايتى،سىياسى گۇرۇھ،دىنى مەزھەپ،سۈلۈك تەرغىباتى،ئىزىم،پىزىممۇ بولمايتتى،مەدەنىيەتمۇ تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلمەيتتى،دەل بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى بولمىغاچقا ھەممە ئادەم توختىماي ئىزدەنمەكتە،بۇ ئىزدىنىش بۇندىن كىيىنمۇ توختىماي داۋاملىشىدۇ،دەل شۇ خىل ئىزدىنىش ئىنسانىيەت مەدىنىيىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئامىل.
ھەقىقەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنداق چوڭ سۆزلەرنى قىلىش كەتمەيدۇ.
سىز قۇملۇقتا يولدىن ئادىشىپ قالغاندا،سۇنىڭ نىمىلىگىنى بىلىپ قالىسىز،نامراتلىقتىن ئائىلىڭىزنىڭ بىرۋاقلىق تامىغى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقاندا،پۇلنىڭ سىزئۈچۈن نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىغىنى بىلىپ قالىسىز،بالىڭىزنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن بېشىڭىز قاتقاندا،كېسەل بولغان بالىڭىزنىڭ(ئاتا-ئانىڭىزنىڭ) بالنىسىت پۇلىغا ھاجەتمەن بولغاندا،ئىشسىزلىق سىزنى قىينىغاندا،بايلىقنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىغىنى بىلىپ قالىسىز......ئەگەر ئۇلارنى بېشىڭىزدىن كەچۈرۈشكە تىخى بالدۇر بولغان بولسا تۈرلۈك-تۈمەن قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ نىمىنى ئويلايدىغانلىغىنى چۈشىنىپ بېقىڭ،ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ھەقىقەتنىڭ نىمىدىن دىرەك بېرىدىغانلىغىنى چۈشىنىسىز.
ھەربىر ئادەمنىڭ ئېھتىياجى شۇ ئادەم ئۈچۈن ھەقىقەت.
ئەيەردە بەكلا جۇۋاپ كەتكەندەك قىلىسىز،ھەتتا بۇنى دىنغا باغلاپ بۇنى ئىسلام دىنىدا مۇناپىق دەيمىز،خۇمسى دەيمىز دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرۈپسىز،مېنىڭچە بۇ تېمىنىڭ دىن بىلەن باغلىنىشلىغى يوقتەك قىلغان،سىز ئەتەي دىنغا باغلاپ تېمىنى ئۇماچ قىلىش خىيالىڭىز بولسا مەنمۇ سىزگە ماسلىشىپ ئۇماچ قىلىشىپ بېرەي،ئەگەر ئۇنداق خىيالىڭىز بولمىسا ئوڭ-تەتۈر سۆزلەپ يۈرمەي.يولىدا گەپ قىلارسىز.

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 03:19:55

kuchtunggur يوللىغان ۋاقتى2014-4-12 17:48 static/image/common/back.gif
كىتاپ ئوقۇپ ھاياجانلىنىپ كەتكەندە ھاياجاندا ئېرىشكە ...

سىزمۇ قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، مەنمۇ شۇ... قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىز پەرقلىق ئوخشايدۇ. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويدۇم. مەن سىزنى قوبۇل قىلىڭ، قىلماڭ دېمەيمەن. ئەمما مېنىڭ قارىشىمدىكى ھەقىقەت ھېلى پۇلغا، يەنە بىر نەرسىگە يەنە بىر نەرسىگە ئۆزگىرەپ قالمايدۇ. ئەمما سىزنىڭ دىن بىلەن ھەقىقەتنىڭ مۇناسىۋىتى يوق دېگەن گېپىڭىزنى زادىلا چۈشەنمىدىم. مەن ئويلايمەن، بىر ئادەم مۇسۇلمان بولسا، ئېغىزىدىن چىققان گەپلىرى، ھەقىقەت دەپ قارىغان نەرسىلىرى ئىسلامىنى چۆرىدەپ ماڭىدۇ، خىرىستىيان بولسىمۇ ئۆز دىنىنى چۆرىدەيدۇ، بۇددىست بولسىمۇ نوملاردىكى بىر قىسىم قاراشلاردىن ئۆزى ھەقىقەت دەپ قارىغان نەرسىلەرگە دەلىل ئىزدەيدۇ، مېنىڭچە يۇقىرىقىلارنىڭ ھېچقايسىسى قورقۇنۇشلۇق ئەمەس، ئەمما ئەڭ قورقۇنۇشلىقى ئىشتىھاسى نېمىنى تارتسا شۇ ھەقىقەتكە ئايلىنىپ قالىدىغانلار. چۈنكى بۇنداقلاردا نە ئادالەت، نە ھەققانيەت تۇيغۇسى بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىلا ھەقىقەت دەپ قارىلىدۇ. ئەلۋەتتە سىزنىڭمۇ نېمىنى ھەقىقەت دەپ قارىشىڭىز ئىختىيارىڭىز، ئەمما مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك مەن مۇسۇلمان ئادەم، مېنىڭ ھەقىقىتىم قۇرئانىم ۋە ھەدىسىمدە كۆرسىتىلگەن. ئۇنداق بولغانىكەن مەن ھەر بىر مەسىلىگە ئۇچرىسام ئاۋۋال قۇرئان، ھەدىسىمگە توغرىلايمەن. شۇ ئىشتىكى ھەقىقەتنى شۇ مەنبەلەردىن ئالىمەن. بۇ ھەقتە ئىككىمىز ئوخشىمايدىكەنمىز. شۇڭا مەن مەيدانىمنى شەرھلەپ قويدۇم، سىز بىلەن ئارتۇقچە تالىشىش بىھاجەت بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە ھەقىقەتنى سىزدەك چۈشىنىدىغانلار دۇنيادا بەك كۆپ. بۇمۇ ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئاخىرىدا بۈگۈن كىتاب كۆرۈۋىتىپ مۇنداق بىر ھەدىسنى ئۇچرىتىپ قالدىم، خالىغانلار پايدىلىنىپ قالار دەپ بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم... «تارىق ئىبنى شىھاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم بىر چىۋىن سەۋەبلىك جەننەتكە كىردى، يەنە بىر ئادەم بىر چىۋىن سەۋەبلىك دوزاخقا كىرىدى. ساھابىلەر: بۇ قانداق ئىش يا رەسۇلۇللاھ، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردى: ئىككى ئادەم بىر قەۋمدىن ئۆتتى. ئۇ قەۋمدىكىلەرنىڭ بىر بۇتى بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتمەكچى بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۇ بۇتقا بىر نەرسە قۇربانلىق قىلمىغىچە ئۆتەلمەيتتى. (ھېلىقى ئىككەيلەن بۇ يەردىن ئۆتكەندە) كىشىلەر ئۇ ئىككەيلەننىڭ بىرىگە: قۇربانلىق قىل! دېدى. ئۇ ئادەم مەندە ھېچ نەرسە يوق، دېدى. ئۇلار: بىر تال چىۋىن بولسىمۇ قۇربانلىق قىل! دېدى. ئۇ ئادەم قۇربانلىق قىلىۋېدى، ئۇلار ئۇنى ئۆتكىلى قويدى. قۇربانلىق قىلغان ھېلىقى ئادەم (بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن) دوزاخقا كىردى. ئۇلار يەنە بىرسىگە: قۇربانلىق قىل! دېدى. ئۇ ئادەم: مەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىگە بىر نەرسە قۇربانلىق قىلمايمەن، دېدى. ئۇلار، ئۇ ئادەمنىڭ بوينىغا چاپتى (ئۆلتۈرۈۋەتتى). بۇ ئادەم (ئاللاھقا بولغان خالسلىقى تۈپەيلىدىن) جەننەتكە كىردى.» دېمەك، مەزكۇر ئىككى ئادەمنىڭ ھەقىقەت تۇيغۇسى ئوخشىمايدىكەن... ئاقىۋىتى ئوخشاش بولماپتۇ، دەپ چۈشەندىم...

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 17:39:28

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىز قېرىنداشلار،بۇ ئەسەرنىڭ ھەر ھالدا دىققەت نەزەرىڭلارغا ئېلىنغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،كەمىنە پېقىرنىڭ تۇرمۇش،خىزمەت ھەلەكچىكلىدە تورغا چىقدىغان ۋاقتىم چەكلىك بولغاچقا سىلەربىلەن بۇ يازما توغرىسىدا تەپسىلى پىكرلىشەلمەيمەن.شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتەي :بۇ ئەسەردە ئىلگىرى سۈرۈلگىنى ئىنسانلار مەنپەئەتنى ھەمىمىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ دېگەندىن ئىبارەت.دېمىسمۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىدا بىز ئادەملەر مەنپەئەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىمىز ئەمەسمۇ؟ئەسلى ئەسەردە پەرىشتىنىڭ پەرۋەردىگاردىن سورىغان سۇئالى قىسقارتىلغان،تەرجىمىدىمۇ شۇنداق بولدى.بىزدە تالاش تارتىش ئەزەلدىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئاياقلاشمىغان،بۇ ئەسەر ھەققىدىكى تالاش تارتىشنىڭمۇ شۇنداق بولىشىنى خالىمايمەن.
مەن تورداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە جۇگوپىڭ ئەپەندىنىڭ بىر ئەسىرىنى سۇنىمەن.بۇ ئەسەر تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان.
بەت: [1]
: تەرجىمە:ھەقىقەت مۇھىممۇ ھاياتمۇ؟