jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 18:52:48

ئانام بولسىدى

        ئانام بولسىدى


ئەزىز كۆرگەن جېنىدىن ئانام بولسىدى ،
ئايرىلمىسام يېنىدىن ئانام بولسىدى،
دەرمان بولسام دەردىگە بارىمنى ئاتاپ ،
رەھمەت ئالسام دىلىدىن ئانام بولسىدى .

مىڭ تىرىلىپ- مىڭ ئۆلۈپ ئوتۇمدا كۆيۈپ،
ماڭغىنىمدا سەپەرگە خۇشچىراي كۈلۈپ،
«ئامان بولغىن! بالام» دەپ مەڭزىمگە سۆيۈپ،
نۇر ياغدۇرغان چېھرىدىن ئانام بولسىدى.

كەلگىنىمدە ئېتىزدىن«ھاردىڭ ،بالام» دەپ،
«جان-جىگىرىم كۆپ جاپا تارتتىڭ، بالام» دەپ،
«مۈشكۈلۈمنى قولۇڭغا ئالدىڭ، بالام» دەپ،
پەخىرلەنگەن مېھرىدىن ئانام بولسىدى.

ئۇخلاپ قالسام بېشىمدا خىيالغا چۆكۈپ،
مەندىن ئۇلۇغ ئارزۇ ھەم ئۈمىدلەر كۈتۈپ،
ئۆمۈر بويى ئوتۇمدا ئۆچمىگەن كۆيۈپ،
سۆيۈپ ئالسام ئىلكىدىن ئانام بولسىدى.

بىلمەپتىمەن بارىدا ئانام قەدرىنى،
چۈشەنمەستىن خوشلۇقى ،مۇڭى ،دەردىنى ،
ئادا قىلسام بۇرچىمنى، پەرزى ـ قەرزىنى،
مەيلى كەچسەم جېنىمدىن ئانام بولسىدى.

مېھمان قىلىپ باشلىسام ئۆيۈم تۆرىگە،
دەستە-دەستە گۈل تىزسام ئەتراپ-چۆرىگە،
دەرت يەتمىسە زەررىچە ئۇنىڭ كۆڭلىگە،
رازى بولغان مېنىڭدىن ئانام بولسىدى.





مەنبە ئۆزۈم

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 12:01:24

ياخشى يېزىپسىز ، مەزمۇنى چۇڭقۇر شىئېر بوپتۇ . يەنىمۇ تېرىشىڭ ، ئانىلار ھەقىيقەتەنمۇ ئۇلۇقلاشقا تېگىشلىك ئىنسان .
بەت: [1]
: ئانام بولسىدى