كەپتەرۋازلار ماۋۇ يەرگە بىر قايلاڭلا
شۇمتەك ۋاقىتلىرىمدا بىر قېتىم كەپتەر باققان. ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن كېيىن يۇغۇشتۇرۇلۇپ كەتكەن. بۇ قېتىم يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ نەرسىنى قايتىدىن بېقىش ئىستىگى پەيدا بولدى. شۇڭا، بىر قىسىم كەپتەرلەرنى بېقىشقىمۇ باشلاپ بولدۇم.تۆنۈگۈن بىر تۇققىنىمىز بىلەن بىر يەرگە بارساق، بارغان يەردىكى كىشىنىڭ بەكلا چوڭ، تۇخۇدەك بار كەپتەرلىرى بار ئىكەن. سېتىپ بېرىڭ دېسەم، ھازىرچە سېتىش پىلانىم يوق ئىدى دەپ ساتقىلى ئۇنىمىدى. شۇڭا، ئامالسىز توردىكى كەپتەرۋازلاردا بىر – ئىككى جۈپ بولسا كەپتەر قىلىۋالاي دېگەن. مۇشۇنداق كەپتەرلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلغان بولساڭلار،رەھمەت!
1-رەسىم:
2-رەسىم:
چوڭ- كىچىكلىكىگە قارىساڭلارلام بولدى، رەڭدىكىسى ئۆرنەك خالاس! ئەقلىم ھەيراندە مۇشۇ كەپتارۋازلارغا ئۇچۇپ كىتىپ بارغان كەپتەرنى بىجىنەككىن ،،مايمۇنەككىن ،،ئالاقاغا ئىكەن ،،پايپاقلىقكەن ئۆتۈكلۈككەن توكۇلۇقكەن دەپ ئايرىپ كىتىدىكەن ،،،ماڭغىغۇ ئوخشاشلا كۆرنىدۇ بۇ جانۋار ،،كۆك كەپتەردىن باشقىنى بىلمەيمەن ،،،،،ئەنجان پاختىكىنى پەرىق قىلالايدىكەنمەن راس رەسىمدىكىسى چاڭلاشتۇرۇلغان كەپتەرمىدۇ؟
تۇرقىدىن ئۇچىدىغاندەك ئەمەس. گۆشكەپتىرى ، ئەممازەگېلىيامانگۇيتوزابۇ . 600 كويغا بىرىدۇ ياخشىراقىنىڭ جۈپتىنى.تاۋباۋدا بار.سۆزلىشىپ ئالسىڭىز بولىدۇ.مىنىڭ ئاكام ئېلىۋەتىتى بىر چاغدا.ئۈچ كۈندە كەپتىكەن. قەپەزگە دان سۇ ھەممىنى قويۇپ قويدىكەن. مال دوختۇرنىڭ ئىسپاتىدىن تارتىپ ھەممىسى باركەن. ھوي! كەپتەر رەڭلىك توخۇمۇ نېمە بۇ؟ گىنى ئۆزگەرتىلگەن بۇ مەخلۇقنى «كەپتەر» دېسە دەرگۇمان جۇمۇ!
پايدىلىنىش قىممىتى ھەقىقى كەپتەرگە يەتمەسلىكى مومكىن. qassap يوللىغان ۋاقتى2014-4-11 23:01 static/image/common/back.gif
600 كويغا بىرىدۇ ياخشىراقىنىڭ جۈپتىنى.تاۋباۋدا بار.سۆ ...
نىمدەيدابۇكەپتەرنىڭخەنچەئىسمىنى قاسساپ مەنمۇ كونا كەپتەۋاز.{:116:} ئالى مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن قاتتىق باققان.ئاساسەن شىڭگىر بىلەن ئويانچى باقاتتىم. بىر شىڭگىرىم ئاقسۇدىن ئۇلۇغچاتقا يېنىپ كەلگەن.600 ك م كەپ قالىدۇ. دوقا كۆككە ھەممىدىن ئامراقتىم.ئەڭ ياخشى كۆردىغىنىم دوقا كۆك.
ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندىن كىيىن توزۇپ كەتتى قارايدىغان ئادەم يوق.كەلگەندىن بېرى تىجارەت بىلەن بوپ كىتىپ تاشلىۋەتتىم كەپتەر بېقىشنى.
ياخشى باقالىسا خېلى ئومدان ئىقتىسادى ئۈنۈمى ياراتقىلى نولىدۇ. .بولۇپمۇ مەنزىرە كەپتەرلىرىدىن.جۈپى 6000 سوملۇق كەپتەرلىرى با تونۇشۇمنىڭ.مەنزىرە كەپتىرى.مىنىڭ تازا خوشام يوق.كەپتەر دىگەن ۋىڭ ۋىڭ ۋىڭ ئۇچۇپ بەرسە، غوڭ قاپاقتىن بىرخىل ئاۋاز چىقىرىپ بەرسە،موللاق دىگەننى ئايىماي ئېتىپ بەرسە،نەچچە يۈز ك م يەردىن ئۆينى تېپىپ كىلەلىسە ئاندىن ھادۇقى چىقمامدا ئەدەمنىڭ:lol .
باللا بىلەن بىر بىرىمىزنىڭ كەپتەلىرىنى تۇتۇشۇپ كىتىتۇق پەغەزگە تەڭخاڭ قۇرۇپ. كەپتەرلىرىم ھەلەمگە كۆنەكتى. قاياققا شىلىتسام شۇياققا ئۇچاتتى. ماراپ تۇرۇپ قوشنىلار كەپتىرىنى ئۇچۇرغاندا ھەلەمنى شۇندا شىلىتسام گۈررىدە ئۇچىشاتتى.بىر قاتا ئۆگىزنى چۆگىلەپ توپ ھالەتكە كەلگەندە ھەلەمنى قوشنامنىڭ كەپتەرلىرى ئۇچۋەتقان ياققا شىلىتسام بارغانچە بېرىپ قوشۇلۇپ كىتىتى.يەھ يەھ دەپ دان چاچسام ھىر بولمىغاندا بىرە ئىككىنى بولسىمۇ ئەگەشتۈرۈپ قوناتتى قوشنامنىڭ كەپتەلىرىدىن. ئىككى قانات بىر قۇيرۇق، ئۆزى ئۇچۇپ كەپتۇ، دەپ بەگىلى ئۇنىمايتۇق.پۇلغا يارىغۇدەك كەپتەرلىرى بولسا پۇل بىرىپ ئەكىتەتتى.
ئۆگىزگە قۇما سالىمەن دەپ خىشنى تارتىپ ئېچىقىش جەريانىدىكى جاپالىرىم ھازىرمۇ ئىسىمدە.خۇمىرى يامان ئىشقىلىپ كەپتەۋازلىقنىڭ. jaggiwar يوللىغان ۋاقتى2014-4-11 23:10 static/image/common/back.gif
نىمدەيدابۇكەپتەرنىڭخەنچەئىسمىنى قاسساپ
روۋجى .گوش كەپتىرى. تېما ئىگسى شۇنى دىمەكچى. بىر مەزگىل ساقچىلار قىسماق بار پەغەزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆرۈپ يۈرۈشەتتى.
كەپتەرۋازلىقنىڭ قىزىق يېرى ئالاڭغا ئويناشتىمىكىن دەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jaggiwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-11 23:33
ھەجەپ يوغانكىنا ما كەپتەر خۇدايا توۋا http://www.xjyeza.com/
http://www.izgu.net/
ماۋۇتورلاردا كەڭرىچىلىككەن بۇكەپتەرلەر .................
ماۋۇ تىمىنى ئىزگۈگە ئاچىقىپ چاپلىسىڭىز ئۈنۈمى ياخشىراق بولغۇدەك Alghaبۇرادەر qassap يوللىغان ۋاقتى2014-4-11 23:18 static/image/common/back.gif
بىر بىرىمىزنىڭ كەپتەلىرىنى تۇتۇشۇپ كىتىتۇق پەغەزگە تە ...
راست كونا كەپتەرۋازكەن بۇ قاسساپ :lol كەپتەرنىڭ تىمسنى باچكا تەستىقلاپتۇ :lol:lol:lol:lol:lol باشقا بىر نەرسە بىلەن تەڭ قۇيۇپ سېلشتۇرۇپ تارتساڭلا بوممامدا رەسىمنى ؟!
تىلپۇننىڭ قېلىنلىقنى تەڭگە پۇل بىلەن سېلشتۇرغادەكچۇ ....
يىقىندىن تارتسا نىمەيوغان چىقمايدۇ .... خۇددى چۈمۈلنى ئېكرانغابىر كەگۈدەك قىلىپ تارتىپ تۈگۈدەك باكەن ماۋۇ چۈمۈلە دىگەندەك ئىش بوپ قالدىمۇ ماۋۇ ؟ ! ئۆلۈپ قالىدىغان قاشتېشى بۇلار ghalibjan يوللىغان ۋاقتى2014-4-12 04:34 static/image/common/back.gif
باشقا بىر نەرسە بىلەن تەڭ قۇيۇپ سېلشتۇرۇپ تارتساڭلا ب ...
توغرا دىدىڭلا ماسشىتاب بۇيەرگە بەك ئىھتىياجلىقكەن كەپتەرۋاز
كەپتىرى ئاز
يۇندا قۇلاق
مەينەت تاز
كىچىكىمىزدە كەپتەرگىلا قاراپ يۈرىدىغانلارنى شۇنداق دەيتۇق. قاسساپ خاپا بولۇپ كەتمىسۇن يەنە.{:92:} مۇشۇ گۆش كەپتىرىنىڭ گۆشنى توخۇ گۆشۈگە ئوخشايمشقۇ. مەنغۇ ئادەتتە ئۆيدە كۆ تۇرا كەپتەرلىرىمنىڭ باچكىسىنى ئانچە مۇنچە يەپ قويىمەن. لېكىن ما گۆش كەپتەرنى بېقىپ باقماپتىمىز. ئۇچالمايدۇ ھە بۇ كەپتە:lol