كالا گۇشى (ھىكايە)
كالا گۇشى (ھىكايە)بۇرۇن كالا گۇشىگە بەكلا ئامراق ئىدىم ، بىراق شۇ ئىشتىن كىيىن كالا گۇشىدىن بىر مەزگىل چىقىپ كەتكەندىن بۇيان ھازىرغىچە كالا گۇشىدىن ئىتىلگەن تاماقلار ئالدىمغا كەلسە شۇ ئىش كۆز ئالدىمغا كىلىپ تاماق يىگۇم كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.
ئۇ ئىش 2000-يىلىلاردا مۇنداق يۇز بەرگەن ئىدى.
مەن چېنىقىشقا چۇشكەن بۇلۇمنىڭ باشلىغى لىيۇ بىلەن بىرگە چۇكانتال بايرىمى ھارپىسى ئەتتىگىنى تۇۋەنگە چۇشكىلى ماڭدۇق ، ئورگانغا قاراشلىق باقمىچىلىق ڧىرمىسىنىڭ ئالدىدىن ئوتكەندە كالىنىڭ ئېچىنىشلىق مورىگىنىنى ئاڭلاپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم ، قاتار كەتكەن كالا ۋە چۇشقا قوتىنىنىڭ ئالدىدا بىرتۇپ كالا ۋە ئادەملەر تۇراتتى .
مەن قىزىقسىنىپ لىيۇ بۇلۇم باشلىقىدىن سورىدىم:
- ئۇلار نىمىش قىلىۋاتىدۇ ؟
-كالا ئولتۇرۋاتىدۇ ، بايراملىق تەمىنلەش قىلغۇدەك ، بىزنىڭ بۇلۇمدىكىلەرگىمۇ تەقسىم قىلىدۇ ، سىنىڭمۇ بىر ئۇلۇشىڭ بار -دىدى بۇلۇم باشلىغى .
مەن -كالىلارغا ئىچىم ئاغرىغان بولسا كېرەك- يەنە قايتىلاپ سورىدىم : سىلەر كالىنى مۇشۇنداق ئۇرۇپ ئولتۇرەمسىلەر ؟
- كالىنى ئولتۇرۇش ئۇسۇلى ھەرخىل ، ئۇرۇپ ئولتۇرۇش ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى ، ئۇلار مۇشۇنداق ئولتۇرىدۇ - دەپ جاۋاپ بەردى بۇلۇم باشلىغى ۋە ئۇلاپلا دىدى :
- ساڭىمۇ تەقسىم قىلىنىدۇ ، سىلەرمۇ تازا قىينالدىڭلار ، ئورنىمىزدا چېنىقىشقا كەلگەن سىلەردىن باشقا ئويغۇرلار بولمىغاچقا بازىرىمىزدىمۇ ئويغۇرلار ئاشخانىسى يوق ، ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە تاماقنى ئۇزەڭلار ئىتىپ يەپ سىلەرگە بەك جاپا بولدى ، بىزنىڭ بۇلۇمدىكىلەرگە تەقسىم قىلىنغان گوشنى شىياۋۋاڭغا ئىشخانىغا ئەكىرىپ قۇيۇشنى تاپشۇردۇم ، چۇشتە ئىشتىن چۇشكەندە ساڭا تىگىشلىكىنى ئېلىۋالغىن ، كالا گۇشى بولغاندىن كىيىن يىسەڭلار بۇلىدۇ .
- رەھمەت بۇلۇم باشلىغى، مەن كالا گۇشى يىمەيمەن، شۇڭا ، ماڭا تەقسىم بولغىنىنى سىزلا بىرتەرەپ قىلىۋېتىڭ - دىدىممەن كوپ سوزلەشنى خالىماي .
- كالا گۇشى تۇرسا ، كالا گۇشى ھالال ئەمەسمۇ ، سىلەر كالا گۇشى يەيسىلەرغۇ !؟
- شۇنداق ، بىز كالا گۇشى يەيمىز - بىراق بۇ خىل ئۇسۇلدا ئولتۇرۇلگەننى يىمەيمىز دىمەكچى بولدۇميۇ بىر قىسىم ئىشلارنى ئويلاپ داۋاملىق چۇشەندۇرۇشنى بىئەپ كۇرۇپ يالغان سوزلەپ دىدىم- ئەمما مەن كالا گۇشىدىن چىقىپ كەتكەن .
.....
چۇشتە تۇۋەندىن قايتىپ كىلىپ ياتىقىمىزغا قايتىپ كىلىپ قازاندىشىم (بىز بىر يۇرتتىن كەلگەن كادىرلار ئۇچ گورۇپپىغا بۇلۇنۇپ تاماقنى ئايرىم ئىتىپ بىرگە يەيتتۇق ، بىر گورۇپپىدىكىلەرنى چاقچاق قىلىپ قازانداش دەپ ئاتايتۇق) بىلەن لەغمەن ئىتىپ تاماق شىرەسىگە ئېلىپ چىقتۇق .
بۇگۇن 1 -گۇرۇپ پولۇ ، 2 -گورۇپ مانتا ، بىز لەغمەن ئەتكەن بۇلۇپ تامىقىمىز ھەقىقەتەن مول بولغان ئىدى.
كوپچىلىك خېمىنى سىنىڭ-مىنىڭ دىيىشكەن بىلەن پىششىغىنى خوش-خوش دىيىشىپ ئادىتىمىز بۇيىچە يىيىشكە چۇشتۇق.
ئەسقەر كۇندىكىدەك قىزىقچىلىق قىلىپ : بىزنىڭ مانتا ئوخشاپ كەتكەن مانتا ، پۇلۇ بىلەن يىسەڭلار بۇلۇر پۇلو مانتا ، لەغمەن سىيى بىلەن يىسەڭلار بۇلۇر سەي -مانتا ، يىمىسەڭلار ئارماندا قالدۇرىدىغان مانتا - دىگىنىچە ھەممىمىزنىڭ قاچىسىغا مانتا سېلىپ قويدى ۋە ئۇزىمۇ سەي پۇلۇلاردىن مانتا بىلەن قۇشۇپ يىيىشكە باشلىدى.
مەنمۇ ئەسقەر قاچامغا سېلىپ قويغان مانتىنى يىگەندىن كىيىن ئەسقەردىن سورىدىم :
- سىلەر شەنبە كۇنى شەھەرگە بارغىنىمىزدا كالا گۇشى ئالمىغاندەك قىلغانتىڭلارغۇ ؟ مانتىنى كالا گۇشىدە ئىتىپسىلەرغۇ؟
-ھە ، شۇنداق شەھەردىن كالا گۇشى ئالمىغان ، بۇگۇن بۇلۇمدىن كالا گۇشى تارقىتىپتىكەن ، شۇ گۇشتە ئەتتۇق - دىدى ئەسقەر.
مىنىڭ قۇلاق تۇۋۇمدە كالىنىڭ ئېچىنىشلىق مورىگەن ئاۋازى قايتا جاراڭلىغاندەك بولدىدە تاماق يەۋاتقانلارغا قاراپ قۇيۇپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
2014.4.11 مەسخىرلىك كۈلگەن چىراي ئىپادىسى قاملاشمىغان ھىكايە شۇنداق قىلىپ گوڭسەنداڭ ۋەنسۈي دەپ بوغۇزلانغان كالىنىڭ گوشىدا مانتا ئىتىپ يىدىڭلا :lol qassap يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 19:33 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىپ گوڭسەنداڭ ۋەنسۈي دەپ بوغۇزلانغان كالىنى ...
:lol ھىكايىما بۇ ؟ھىچ بولمىغاندا كالىنىڭ ئۆلتۈرلۈش جەريانىنىمۇ يېزۋەتمەي،ئاندىن ‹‹مۇكەممەل›› ھىكايە بولاتتىكەنتۇق:lol kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 19:31 static/image/common/back.gif
قاملاشمىغان ھىكايە
رەھمەت ، ۋاقتىڭىزنى قاملاشمىغان ھىكايە بىلەن ئېلىپ قۇيۇپتىمەن ، كەچۇرۇڭ . atiyan يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 19:43 static/image/common/back.gif
شۇنداق ، بىر قېتىم ئۇقۇشماسلىقتىن يەپ سالغانغا ‹‹مەن ›› كالا گۇشىدىن چىقىپ كىتىدۇ ، بىراق بۇنداق قاملاشمىغان ئىش - تۇرمۇشتا يوق دەپ ئېيتالايمىزمۇ؟ رەھمەت. bitalay يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 19:44 static/image/common/back.gif
ھىكايىما بۇ ؟ھىچ بولمىغاندا كالىنىڭ ئۆلتۈرلۈش جەريانى ...
مىنىڭچە ، دىئالۇگلار يىتەرلىك ، سىزنىڭ مۇكەممەل ھىكايىلىرىڭىز بىلەن تەربىيلىنىشكە موھتاجمەن ، رەھمەت. muhakima يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 20:27 static/image/common/back.gif
شۇنداق ، بىر قېتىم ئۇقۇشماسلىقتىن يەپ سالغانغا ‹‹مەن ...
؟ كالىنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈگىنىنى دەپ قويمىغان «مەن» ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز ئەبلەخكەن! atiyan يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 20:50 static/image/common/back.gif
؟
بۇ يەردىكى ‹‹مەن ›› ئىسلامى تەرتىپ بىلەن سۇيۇلمىغان كالا گۇشىدە ئېتىلگەن مانتىنى يەپ سالغانلىقتىن كالا گۇشىدىن چىقىپ كىتىدۇ . بىراق ، تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن باشقىلارنى يىيىشتىن توسمايدۇ ، ھەم شۇ شارائىتتا تۇسالمايتتى . ...........
سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىغىڭىزنى چۇشىنەلمىدىم كەچۇرۇڭ. چۇشەنچە بەرسىڭىز ، رەھمەت . kinglion يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 21:05 static/image/common/back.gif
كالىنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈگىنىنى دەپ قويمىغان «مەن» ئىنتاي ...
ھەقىقەتەن ‹‹مەن ›› مەسئۇليەتسىز ئەبلەخ ، بىراق بۇ خىل مەسئۇليەتسىزلىكنى ھىكايىدە دىئالۇگ تىلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەسۋىرلەنگەن ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىت كەلتۇرۇپ چىقارغان ، ‹‹مەن›› ئىككى قېتىم كوڭلىدىكىنى ئېيتالمايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئېيتسا بۇلاتتى ، يەنە كىلىپ ‹‹سىلەردىن باشقا ئويغۇرلار ›› بولمىغان ئۇرۇن تارقاتقان كالا گۇشىنىڭ مەيلى قانداق ئۇسۇل بىلەن ، ئۇرۇپ ياكى پىچاق سۇرۇپ ئۇلتتۇرۇلگەن بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ھالال بولمايدىغانلىغى ‹‹بىز›› كوپچىلىككە ئايان ئىدى..... ئىشقىلىپ مۇۋاپىيەتلىك چىقمىغان تېكىست. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-11 21:36
kinglion يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 21:31 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ مۇۋاپىيەتلىك چىقمىغان تېكىست.
رەھمەت ، ياخشى يازالمىدىم. كونكىرت تەلىم بەرگەيسىز. muhakima يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 21:09 static/image/common/back.gif
بۇ يەردىكى ‹‹مەن ›› ئىسلامى تەرتىپ بىلەن سۇيۇلمىغان ك ...
مەن بىرنەرسە دىدىممۇ ؟..... شۇڭا بەزى كادىرلاردىن ، خوشياقسا ئىشلەپ بولمىسا كورت ئويناپ ئولتۇرىدىغان مەدىكارلارنى ئارتۇق بىلىمەن. جايىدا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان بىر ئىشلارنىمۇ قورقۇپ‹خوش-خوش›دەپ تۇرۇپ بېرىپ بوينىغا مىندۇرۋالىدۇ ئاخىر...
atiyan يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 21:41 static/image/common/back.gif
مەن بىرنەرسە دىدىممۇ ؟.....
:curse: atiyan يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 21:41 static/image/common/back.gif
مەن بىرنەرسە دىدىممۇ ؟.....
بىرنەرسە دىمىدىڭىز لىكىن،ئاپتۇرنى مەسخىرە قىلغان چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ قۇيۇپسىز،سىزمۇ بىر تىما يوللاپ نېقىڭ،تورداشلار سىزدەك مەسخىرە قىلسا سىز قانداق ھىسسىياتتا بولىسىزكىن؟ atiyan يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 21:41 static/image/common/back.gif
مەن بىرنەرسە دىدىممۇ ؟.....
بىرنەرسە دىمىدىڭىز لىكىن،ئاپتۇرنى مەسخىرە قىلغان چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ قۇيۇپسىز،سىزمۇ بىر تىما يوللاپ نېقىڭ،تورداشلار سىزدەك مەسخىرە قىلسا سىز قانداق ھىسسىياتتا بولىسىزكىن؟
بەت:
[1]
2