ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 09:52:56

قەشقەر يۇمۇرلىرى

          بىر كۈنى قەشقەردە بەش ئاغىنە تاكسى توساپ قالدۇق ، تۆتىمىز تاكسىغا چىقىپ بولاپ بەشىنچىسى ئەمدى چىقىشىغا شوپور:
   ئۈكەمممم جۇڭباما بۇ 。

   
        بىرسى دەرد ئىيتىپ قالدى :
   قەشقەدىن ئۆيلەنگەنگە تويدۇم جۇمۇ ، قائىدە يۇسۇنى جىق خەقكەن
  غوجووووم ماڭقايلىسىلا ، ئاندا بوسا يوپورغىدىن ئىشەك ئاسىلىرى بولمامتى ، بىشىدىن باغلەپلا ئەكىتىتىلە

      
            ئۆستەڭبويى تەرەپتە بىرسى ماشىنىسىنى يولنىڭ ئوتتۇرىسىغىلا توختىتىپ ماگزىنغا چىرىپ چىقىپتۇ، ئارقىدا توسولۇپ قالغان ماشىنىنىڭ شوپورى :
    غوجووووووم ، ئۆگەي دادىلىرى ساقچى ئوخشىمامدا ، ئەجەپ يولنىڭ ئوتتورىغا قوقماي توختىتىپلا


               بىر ناماز ۋاقتىدا ياندىكى بىر كىشىنىڭ تىلفونى دايراپ قالدى ، ئۇ كىشى نامازنى بۇزىۋەتمەي دەپ قالدىمۇ  ئۆچۈرۋەتمەي ئوقىۋەردى، بىردەم دىن كېيىن مەزىناخۇنۇم ئاچچىقلاپ :
    ئۆچۈرۋەتسەك بولمامدا، بىژ ئاڭلىۋىلىپ ئۆچەگۈچە

         بىر كۈنى قاسساپ چىۋىن قوروپ ئولتاسا بىرەلەيلەن كەپتۇ:
  ئۇستام گوش نەچچە پۇل بولاپ كەتتى ?
   60 كوي
  مەن 10 كويلوق ئالاي دىگەن
  غوجوووووم ئەشۇ 10 كويلىرىنى بىرىپ ئىۋۇ پىچاقنى بىر يالىۋالاملا

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 10:12:10

ئۇستام ئانار نەچچە پۇل ?
  40 كوي
20 كويدىن بەمەملا ،جىقراق ئالاي
سۈيىنى سىقىۋىلىپ 10 كويدىن بىرەي ، بىرە ماشىنا ئالاملا

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 11:20:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 11:21  

     قەشقەرنىڭ  يول ياقىسىدا ئايال باققال  يايما ئېچىپ ئولتۇردۇ  ، بىر  ياقا يۇرتلۇق كىشى ماشىننى  يايمىنىڭ  ئالدىغا توختۇتۇپ ، ماشىندىن چۈشمەيلا ، تاۋۇزدىن بىرنى ئالدى ....
  
ما مەيدان كۈرنىشنى مۇشۇ جايدىن باشلايمىز.... تەيارلىق ، 3 ، 2 ،1 ... ئەكشى ...


ماۋۇ تاۋۇز ئاق چىقماس ھە ؟
(باققال ئايال خېرىدار قۇلغا ئەپ بولغان تاۋۇزنى ياندۇرۋېلىپ ئىككى قوللاپ  تۇتقىنچە  گەپ سۆزسىزلا خېرىدارنىڭ يېنغا چىقىپ ئولتۇردۇ  ).
ئاچا ، مەن تاۋۇزنى ئالدىم سىلنى ئالمىدىم .
ئۇدۇل 2 - دوختۇرخانىغا ھەيدىسىلە تاۋۇزنى  سى تى غا سەپ بىرەي ....


تۈگىدى !

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 12:01:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 12:22  

1)ساياھەتكە كەلگەن نەچچە ساياھەتچى تاكسىي تۇساپتۇ.تاكسىي قۇزغۇلۇپ سەل مىڭىپ شۇپۇر يىگىتنىڭ گىلى قىچىشىپ كىتىپ ،گىلىنى قىرىپ ماشىنا دىرىجىسىدىن سىرىتقا قاراپ بىر تۇكۈرۈپتىكەن ،تۇكۈرۈك چاچىراندىلىرى كەينىدە ئولتۇرغان بىرىنىڭ يۈزىگە چاچراپ كىتىپتۇ.
خىجىل بۇلۇپ كەتكەن شوپۇريىگىت ، ئەپۇ سۇراپتۇ.
ئەمما مىھمانلار ،نىمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ ئەمدى يېرىم كىرا ھەققىنى بىرىمىز دەپتۇ!!!
شوپۇر ،يەنە كەچۈرۈم سوراپتۇ،،،،،،
مىھمانلار يەنىلا يېرمىنى بىرىمىز دەپ جاھىللىق قىپتۇ.،،،،
شۇنىڭ بىلەن غەزىپى تۇتقان شوپۇر،-ھىي ماڭ قايلاشسىلا!!!ھەممىڭلارنىڭ يۈزىگە بىردىن تۈكۈرۈپ قۇيۇپ ،بىكارغا ئاپىرىپ قۇيايما؟؟؟؟دەپتۇ.

2)
بىر كىشى ئاشخانىغا كىرىپ لەغمەن بويرىتىپتۇ. سەل ئۆتۈپلا لەغمەن چىقىپتۇ.
كۈتكۈچى قىز لەغمەننى مىھماننىڭ ئالدىغا قۇيۇپلا ،قېنى ئاشقا باقسىلا دەپلا كىتىپ قاپتۇ.مېھمان ئۈستەلگە قارىسا چۇكا يوق،ساقلاپ بىقىپتۇ.كۈتكۈچى يا ئەكەلمەپتۈ.
شۇنىڭ بىلەن سەل ئۈتۈپ ئاچچىقى كەلگەن مېھمان،كۈتكۈچىنىڭ توۋلاپتۇ ،نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ كۈتكۈچى ئالدىراپ يىتىپ كەپتۇ.ۋەنىمە لازىم ،دىگەندەك قاراپتىكەن.
ئاچچىقى كەلگەن مېھمان: ئۇكام خاپا بولماي ماۋۇ ئاشقا قاراپ بەرسىلە!!!مەن ئۆيگە كىرىپ چۇكا ئەچىقىۋالاي!!!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 12:23:43

دەيلى ھە باللا، توختاپ قالماي.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 12:29:45

قىلىنراقلىرى بولسىمۇ بولامدا

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 13:03:34

ئىككى  قەشقەرلىك  يىىگىت ساياھەت قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەپتۇ .شۇندا چۆگلەپ كىتىۋاتسا بۇلارنىڭ ھاجىتى قىستاپ كىتىپتۇدە  ،بىر ھاجەتخانىغا كىرىپتۇ .كىرىپ شۇندا قارىسا ئوغۇللارنىڭكىگە ئو قىزلارنىڭكىگە  ق دەپ تۇرغان بىرسى دەپتۇدە ما ئۈرۈمچلىك گۇيلا مەشەدىمۇ قەشقەلىك ئورۇمچىلىك دەپ ئايرىپ قۇياپتۇ بوپتۇ قەشقەگە چىرىلى دەپ  شۇندا كىرسە ھاجەتخانىدىكى ئاياللا چىقىرشىپ كىتىپتۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى تۇرۇپ كىتىپ قوقۇشمىسىلا خانلىرىم بىزمۇ قەشقەلىك دىگۈدەك

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 13:16:34

بىرەيلەن يۈتۈپ كەتكەن, ئالغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئامبۇرىنى قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە كۆرۈپ قاپتۇ ,
:ۋۇ يۈزى قېلىن ئامبۇر ئەسلى مىيەدىكەنسەندە؟
:خەئە قېلىن بولغاچ توك ئۆتمەيدىكەن بۇنىڭدىن. (ھېجىيىپ تۇرۇپ)
ئىككى تاغامنىڭ دىئالوگى.
بۇنداق گەپلەر بەك جىق دەيمە , تاغام بىلەن 8ياشلىق ئوغلىنىڭ كىچىككىنە جىدىلى ,
ئوغلىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن دادا جىلە بولۇپ :
ئاناڭنى xxxxگۇي !
ئوغلى يىغلامسىراپ تۇرۇپ :
ئانام ئاينا دەپ خېمىر يۇغۇرۇپ ئولتۇرغان ئانىسىنى كۆرسىتىپ قويدى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 13:53:29

:lol:lol:lol

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 14:01:13

:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 14:12:17

دوختۇرخانىدا
-خانقىز, ctنىڭ نەتىجىسى پات چىقارمۇ؟
-نېمىگە ئالدىرايلا ئاكا، بۇ سىلىنىڭ ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا 10كويغا چۈشىدىغان رەسىملىرى ئەمەس تارتىپ بولغىچە چىقىرىپ بېرىدىغان.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 14:12:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HEZINE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 16:34  

تەكرار

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 14:30:18

جۇمەگە بالىسىنى ئىلىپ كىرىپ كىتىپ بارغان بىرەيلەننى كادىر ئالدىنى توسۇپ
- ئاكا ئا بالىنى ئىلىپ كىرسىڭىز بولمايدۇ . - دىدى
-سالە ئىشتاننى بالام- دىدى ئۇئادەم- خەتنىسىنى قىلغان جىما ،ئۇكەم  ! بالا دىمەيدىغان چوپچوڭلا ئادەمنى .

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 14:38:38

بۇنداق گەپ - سۆزلەر يۇمۇر ئەمەس ئادەتتىكى نورمال تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ:lol

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 15:14:02

ئىسىمدە قالغىنى...

ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا بىرسى باتى ئاقسۇلۇق،  دايىم بىزنىڭ ياتاققا تاماكا سوراپ كىرىدىغان..
بىژ كۈنى يەنە تاماكا سوراپ چىرىپتى، ئادىشىمىز ئۇ بالىنىڭ قولىغا پىچىتىنى ئاچمىغان بىر قاپ تاماكىنى تۇتقۇزۇپ :  «ئېدىششش، سىلىمۇ دۇكان ئارىغۇدەك بوپ قالدىڭلا» دەپتى....{:87:}{:87:}{:87:}

شۇنىڭدىن بىرى ئۇ ئاقسۇلۇق بالىنىڭ تاماكا سوراپ ياتاققا كىرگىنىنى كۆرمىدۇق:lol:lol:lol:lol

ئەسكەرتىش: ئاڭلىغان گەپلەر

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 15:16:10

داۋملىق ھە باللا،  بۇنداق گۈلا قاق بوپ كەتكەن تاۋىلانغان سۆز ئىبارىلەر خىلى ئۇچراپ تۇرىدۇ خەقلەر ئارىسىدا
بىر يېزىپ قالدۇرۇپ قويسىمۇ بولغۇدەك دەششەت گەپلەر بار ئەمما:lol:lol:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 15:22:09

يېڭىللىرى بولسا دەڭلا تېمىدىكىدەك.  تەيپىنەمنىڭ زامانىدا قالغانلىرىنى دىمەي.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 15:29:40

ھە، يەنە ھە.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 16:19:12

:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 16:36:32

ئۆتكەندە  ئۈرۈمچى ۋوگزالدا  ناۋاي ئۇچراپ قېلىپ پويىزدا يەمەن بىرنى ئالاي دەپ ... قانچە پۇل ... 3 كوي ... ئىككىنى ئالاي ...شۇنداق تۇتىشىمغا  مۇزدەك تۇرمامدا ، سەل ئىگىپ باقسام  قاتتىقلقىدىن قارسلا قىپ سۇنۇپ كىتىدىغاندەكلا ... ئا ئەدەم بىلدى بوغاي ئامايدىغىنمنى .... سوزوپ تۇرۇپ : ئوكـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــو ، قۇللىرى كۈيەپ قېۋاتامدا  .... قاشقالىق باللا بىلەن بىرگە يۈرۈپ دەڭلا بىزمۇ ... بوش  كەلمىدۇق : ياق ئاكا  ئىي ياققا  بېرىپ بولقا  ئېلىپ  ياناشىمدا  ئالەمە  ...ياۋ ياش بالىكەنلا ...چىشلىرىنى بىكىمگە ساتقانما دىمەسما  ... تەڭ بوغىلى بوممايدىكەن دەپ ئاستا قاچتىم ...
بەت: [1] 2 3
: قەشقەر يۇمۇرلىرى