koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 15:31:01

جاڭيۇنى ئۇيغۇرچە نېمە دېسەك بولۇر؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 15:34  

ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئاشپەزلىك ساھەسىدە جاڭيۇدىن ئىبارەت تېتىتقۇدىن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن ھازىرغىچە بۇنى بىز «جاڭيۇ» دەپلا ئاتاپ كېلىۋاتىمىز. بەزى تىل سۆيەر، بولۇپمۇ ئانا تىلنى قەدىرلىگۈچى قېرىنداشلار جاڭيۇغا مۇۋاپىق بىر ئۇيغۇرچە ئىسىم تېپىشنى تەقەززا قىلماقتا. شۇ قاتاردا، غۇلجىدىكى مىللىي كارخانىلىرىمىزدىن ئاقئۆستەڭ ئاچچىقسۇ زاۋۇتىمۇ يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان جاڭيۇنى بازارغا سېلىشتىن ئىلگىرى، جاڭيۇغا مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ئىسىم تېپىشقا چاقىرىق قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، بىلىم دائىرىمنىڭ تارلىقىغا قارىماي، بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.  

مەلۇم ئاتالغۇنى تىلىمىزغا ئېلىپ كىرىش ۋە ئۇنى مۇقىملاش ئاساسەن 4 خىل بالداقسىمان پرىنسىپ بويىچە بولىۋاتىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئۆز تىلىمىزدىن قېزىش. يەنى يەرلىك شىۋىلىرىمىزدىن ياكى قەدىمكى تىللىرىمىزدىن شۇ ئاتالغۇغا ماس كېلىدىغان سۆزلەرنى قېزىپ چىقىش. مەسىلەن: «بىخەتەرلىك تاسمىسى»نى «بېزىندە» دېيىش قۇمۇل شىۋىسىدىن ئېلىنغان بولسا، «مەخپىي نومۇر»نى «ئىم» دېيىش تۈركىي تىللار دىۋانىدىن ئېلىنغان، ۋەھاكازالار.
2. سۆز ياساش. يەنى تىلىمىزدىكى قائىدىلەردىن پايدىلىنىپ، يېڭى شەيئىيگە يېڭىچە ئاتالغۇ ياساش. مەسىلەن: كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ دېگەندەك.
3. قېرىنداشتىن سۆز ئېلىش. يەنى باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن سۆز ئېلىپ ئىشلىتىش. مەسىلەن: «سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى» دېگەن ئۇزۇن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا تۈركىيە تۈركچىسىدىكى «كىملىك» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىۋاتىمىز.
4. چەت تىللاردىن سۆز ئېلىش. مەسىلەن: «ماشىنا»، «كومپىيۇتېر»، «مائۇس» دېگەندەك. بۇ ئاتالغۇلار ئاساسەن ئەسلى ئىجادىيەت ئىگىسىنىڭ تىلى بويىچە ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەن جاڭيۇ سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يۇقارقى 4 پرىنسىپ بويىچە بايان قىلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
1.        تىلىمىزدىن قېزىش:
شىۋىلىرىمىزنىڭ ھېچقايسىسدا جاڭيۇنىڭ يەرلىك ئاتىلىشى يوق، قەدىمكى ئاتىلىشىنىمۇ كۆرمىدىم، ھېچ بولمىغاندا مەن بىلمەيدىكەنمەن. ھازىر ھەممىمىز ئاساسەن جاڭيۇ دەپ ئاتايمىز.

شۇڭا 2- پرىنسىپقا ئۆتۈپ، سۆز ياساشنى مۇۋاپىق تاپتىم. بۇنىڭدا ئاساسلىقى قەدىمكى سۆزلەردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ قېلىشىم مۇمكىن.
جاڭيۇ ئېچىتىلىپ ياسىلىدىغان تېتىتقۇ بولۇپ، ئېچىتىش مەنىسىدىكى سۆزلەرنى تۈركىي تىللار دىۋانىدىن تېپىش مۇمكىن.
مەسىلەن: قورلاندى- ئېچىندى، ئېچىدى. ئەر تاۋارگە قورلاندى؛ قېمىز قورلاندى، قېتىق ئۇيۇتسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ (دىۋان 3-توم 213-بەت).
چۇۋشادى- ئېچىدى، بۇژۇلدىدى. جاغىر (شەربەت، مىۋە ئىچىملىكى- ئاپتوردىن) چۇۋشادى، ئىچىملىك ئېچىدى، يەنى كۆپۈك چىقىرىپ بۇژۇلدىدى؛ قارىن چۇۋشادى، يەنى تاماق زەردىنى قايناتتى. (دىۋان 3-توم 390-بەت)
ئەلۋەتتە، ئېچىتىش مەنىسىدىكى «ئاچىتماق» سۆزىمۇ تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئۇچرايدۇ، لېكىن بۇ سۆز ھەممىمىزگە ئومومىي بولغاچقا، دىۋاندىكى ئورنىدىن مىسال ئالمىدىم.
دىۋاندا يەنە «قورىما قورۇش» تىكى «قورىماق» سۆزىمۇ ئۇچرايدۇ. مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، يۇقارقى «قورلاندى» سۆزى بىلەن «قورىماق» سۆزى ئوخشاشلا «قور» دىن باشلانغان بولۇپ، مۇشۇ «قور» سۆزىنى يىلتىز قىلىپ تۇرۇپ، جاڭيۇغا ئۇيغۇرچە سۆز ياساش مۇمكىن. چۈنكى، جاڭيۇ «قورلان»ىپ ياسىلىدۇ، ھەمدە «قور»ىما «قور»ۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بۇ «قور» سۆزى جاڭيۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدىن تارتىپ ئىشلىتىلىشىگىچە بولغان جەريانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق چۈشىدۇ. بۇنداق قوش مەنىلىك ئاتالغۇلار ئېنگلىز تىلى قاتارلىق چوڭ تىللاردىمۇ ئۆز تىل قائىدىسى بويىچە ياسىلىدۇ، ھەم ئىشلىتىلىدۇ.
«چۇۋشادى» سۆزى پەقەت جاغىر (شەربەت) ۋە مىۋىدىن ياسىلىدىغان ئىچىملىكلەرگە، شۇنداقلا سۈجىك (شاراب) لەرنىڭ ئېچىتىلىشىغا قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، جاڭيۇغا ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
ئۇنداقتا، «قور» يىلتىزىدىن قانداق سۆزلەرنى ياساش مۇمكىن؟ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى ئارقا قوشۇمچىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرنى ياساش مۇمكىن.
1) قورە: ئارقىسىغا «ئا» ياكى «ئە» قوشۇپ ئىسىم ياساش قەدىمكى تۈركىي تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، «بىلگە» (دانىمشەن، ئالىم، ئەقىللىق)، ئۆڭە (ئەقىل ۋە تەجرىبىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن كىشى) دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ياسالغان.
2) قورۇت: بۇمۇ قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى «ت» تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسالغان ئىسىم. قاچقۇن مەنىسىدىكى «قاچۇت» سۆزى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
3) قورۇچ: «چ» تاۋۇشىنى قوشۇش قەدىمكى ۋە ھازىرقى تۈركىي تىللارنىڭ سۆز ياساش قائىدىسى. «كۆم+(ە) چ = كۆمەچ» سۆزى قەدىمدىمۇ بار بولۇپ، ھازىرمۇ تېخى ئىستېمالدىن قالغىنى يوق.
4) قورۇنچ: «نچ» قوشۇمچىسىنى قوشۇشمۇ قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىنىڭ قائىدىسى بولۇپ، قۇرقۇنچ، سەۋىنچ (سۆيۈنچ)، ئىشەنچ دېگەن سۆزلەر مۇشۇ قائىدە بويىچە ياسالغان. قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا تېخى مەخسۇس «نچ» تاۋۇشىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرپ بار. كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، بۇ تاۋۇشنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن كەڭ.
5) قوراق: ياتاق دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاش ياسالغان.
6) قورۇم: ئۆرۈم، ئۆلچەم دېگەندەك سۆزلەرگە ئوخشاش ئارقىسىغا «م» قوشۇمچىسى قوشۇلغان.
7) قورغىل: «غىل» قوشۇمچىسى قوشۇلغان، قەدىمكى قائىدە.
8) قورىل: «ل» قوشۇلغان، يۇقارقىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
9) قورىن: ئېقىن (ئاقىن)، يىغىن سۆزلىرىگە ئوخشاش، «ن» قوشۇمچىسى قوشۇلغان. قەدىمكى ۋە ھازىرقى قائىدە.
10) قورلاق: «قورلا»نىڭ ئاخىرىغا «ق» تاۋۇشى قوشۇلۇپ ياسالغان.
11) قورسۇ: قورلانغان ۋە قورىمىغا ئىشلىتىدىغان سۇ. سۆز ياساش قائىدىسىگە ئانچە مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ، لېكىن جاڭيۇنى ئىپادىلەپ بېرىشى ياخشى، ھەم تۈركچىدىكى جاڭيۇ soya sosu نىڭ ئارقسىدىكى «سۇ» سۆزىگە ئۇددۇل كېلىدۇ. بېشى ئۇددۇل بولمىسىمۇ، ئارقىسىنى ئۇددۇل قىلىش تۈركىي تىللار ئورتاقلىقىنى ساقلاشقا يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقىچىلىك بولسىمۇ پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.
12) قورياغ: خەنزۇچە 酱油 سۆزىگە ئاساسەن «ياغ» سۆزى قوشۇلدى. بۇمۇ قائىدىگە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس.
13) قوڭۇرسۇ: رەڭگى قوڭۇر، ھەم ئاچچىقسۇغا قارىتا ياسالغان. (قۇغۇرسۇ دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر قەبىلىسىگە ئاھاڭداش بولۇپ قالغۇدەڭ`ھىجايغان چىراي ئىپادىسى`)
14) قوڭۇرمۈڭ: «مۈڭ» سۆزى قەدىمكى تۈرك تىلىدا «شورپا» دېگەنلىك بولىدۇ.
15) ئېچىقسۇ: ئېچىتىلغان سۇ، يەنى ئاچچىقسۇغا قارىتا ياسالغان.
16) قورىمسۇ: «قورسۇ»غا ئوخشاش، قورلانغان ۋە قورىمىغا سالىدىغان سۇ. ياسىلىشى قائىدىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ بوغۇم، قورسۇغا قارىغاندا ئۇزۇنراق.
17) قورناق: قور سۆزىدىن ياسالغان.
18) سويا ئېچىتمىسى: سويا پۇرچاقنى ئېچىتىپ ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن دېيىلگەن. لېكىن بۇ ئاتالغۇ ئۇزۇن، ئوموملىشىشى تەس.
19) سويسۇ: سويا پۇرچاقنىڭ ئېچىتىلغان سۈيى. «يۇمتال» دېگەندەك قىسقارتىلغان.

3- پرىنسىپ قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن ئېلىشقا كەلسەك، تۈرك ۋە ئەزەربەيجان تىللىرىدىكى جاڭيۇ سۆزى ئېنگلىز تىلىدىن كەلگەن. مەسىلەن:
soya sosu (سويا سوسۇ) تۈركچە
soya sousu (سويا سوۋسۇ) ئەزەربەيجانچە
سس سوىا (سەس سويا) پارسچە
سوىا ساس (سويا ساس) ئوردۇچە
Soy sauce (سوي سوۋس) ئېنگلىزچە

كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى، بىز بىلەن قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن باشقا، نۇرغۇن مىللەتلەر بۇ سۆزنى ئېنگلىز تىلىدىن قوبۇل قىلغان. بەلكىم جاڭيۇ سويا پۇرچاقتىن ياسالغاچقا، شۇنداق ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز تۈركچىگە ئوخشاش «سويا سوسۇ» دەپ ئالساق، بۇ سۆز بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، كۆپىنچە ئۇيغۇر ئاممىسى يەنىلا «جاڭيۇ»دىن ئىبارەت قىسقا ۋە كۆنگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشى ئېنىق. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇن ئاتالغۇنى ئاممىغا قېلىپلاشتۇرۇشتا غەلبە قىلىپ باققىنى يوق، مەسىلەن: «ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى»، «ساپما كەش» دېگەنلەرنى كۆپىنچىمىز «چۈكەنجى»، «توشې» دەپلا كېلىۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزلەرنى قىسقارتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: چۈكەنجىنى «ئاقچا+ ئال+غۇ= ئاقچائالغۇ= ئاقچالغۇ» دېسەك بىر قەدەر ئىخچام بولۇپ،取款机 بىلەن ئوخشاشلا 3 بوغۇم (تاۋۇش) كېلىدۇ، ئوموملاشتۇرماق ئاسان. «ساپما كەش»كە كەلسە، بۇنى تۇرپان ۋە قۇمۇل ئەتراپىدىكى كىشىلەر «شىپرىق» ۋەياكى «شىپلاق» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە مەلۇم شىۋىدىكى بىر ئىخچام سۆز، شۇڭا بۇنىمۇ ئوموملاشتۇرماق ئاسان.
ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋېتىشكە ياكى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: چۈكەنجىنىڭ ئېنگلىزچسى ATMنى «ئاپتوماتىك تىللا ماشىنىشى» دەپ چۈشەندۈرۋەتسەكمۇ بولىۋېرەتتى. توغرا، بۇ ئۇيغۇرچىدىن كەلگەن سۆز ئەمەس، لېكىن شۇنداق چۈشەندۈرسە، كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ئېسىدە ياخشى قالىدۇ. BRT نىمۇ «بىۋاستە، راۋان ۋە تېز دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى» دەپ چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، BRT نىڭ تەلەپپۇزىمۇ «(ئۇ ئاۋۇ يەرگە) بارىتى» دېگەنگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت باشقىلارنىڭ «ئەمگىكىنى» تارتىۋېلىش ئەمەس، بەلكى يېڭى شەيئىيلەرنى ئۆز تىلىمىز بىلەن چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا تىلىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

4- پرىنسىپ: چەتتىن سۆز ئېلىش.
جاڭيۇ ئەسلى 3-، 5-ئەسىرلەردە جۇڭگودا ئىجاد قىلىنىپ، تەدرىجى ھالدا كورىيە، ياپونىيە، ۋېيتنام قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تارقالغان. چاۋشىيەن (كورىيو) تىلىدا «گەنجاڭ»، ياپون تىلىدا «شويۇ» دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇڭا، چەت تىلدىن جاڭيۇغا ئىسىم ئېلىش توغرا كەلسە، ئەلۋەتتە شۇ جاڭيۇنىڭ ئىجادچىسى بولغان خەنزۇلارنىڭ تىلىدىن ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇنچە ئۇزۇن گەپنى دىيىشتىكى مەقسەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، جاڭيۇ دېگەن خەنزۇچە ئىسىمغا ئۇيغۇرچە ئىسىم تېپىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ سۆز كۆپ تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. 4-پرىنسىپقا سۆز تەۋسىيە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن «جاڭيۇ»، ئۇنىڭدىن قالسا ياپونچە «شويۇ»، كورىيوچە «گەنجاڭ» سۆزلىرىنى تەۋسيە قىلىش مۇمكىن.

ئۇنداقتا، سىزنىڭچە جاڭيۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىغا قايسى سۆز ئەڭ مۇۋاپىق؟
(ئىككىلەنگۈچىلەر ئىككى بېلەت تاشلىسا بولىدۇ)

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 18:04:15

،سويسۇ دىسە مۇۋاپىقتەك تۇارامدۇ نىمە ؟ئاچچىقسۇ،سويسۇ دىگەندەك .

diljahan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 18:28:07

تىلىمىز (www.tilimiz.com) تەرجىمە سۆزلۈك تورىدا چۈشكەن سۆزلەر:
مايسىركە (سىركە: ئاچچىقسۇ)
قىيامسۇ
تېتىمسۇ،
ياغسىركە،
تېتىقسۇ،
قورۇمسۇ

http://www.tilimiz.com/forum.php?mod=viewthread&tid=146&extra=page%3D2&page=1

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 18:40:28

ئىزدنىشىڭزگە ئاپىرىن.
ساپما كەشنى بىزنىڭ تۇرتتا شىپەك دەيمىز . شىپەك سۆزى لۇغەتتمۇ بار

Biigan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 18:43:46

مېنىڭچە ئەجەم ئىسىملىرىنى قوللىنىش ھىچ زىيان كەلتۈرمەيدۇ دەپ قارايمەن. ھەممە ئادەم دەپ ئومۇملىشىپ كەتكەن بەزى سۆزلەرنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش بىرى قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا يەنە بىرى ئختىلاپ تىرىيدۇ.
تىلىمزىدىمۇ ئەرەپ ،پارس ۋە روس تىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئومۇملىشىپ كەتكەن سۆزلەر كۆپ. ھەممىنى ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولمايدۇ دە

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 18:47:58

بۇنچىلا ئاۋارە بولغىچە جاڭيۇ دېسىلا پۈتتىغۇ. ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ ئىشلىتىپ كەلگەن نەرسە بولمىسا يا جاڭيۇ دېگەن. ھەممە نەرسىگە چوقۇم ئۇيغۇرچە ئات قويىدىغان زۆرۈرىيەت بارمۇ؟
كومپيۇتېر، سالات... دېگەن گەپلەرنىمۇ ئىشلىتىۋاتىمىزغۇ.

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 19:03:16

'قاراسۇ' دېسىمۇ بولىدىكەنغۇ بولمىسا، رەڭگى قارا بولغاندىكەن، ھەم -اچچىقسۇ بىلەنمۇ قاپىيداش بولىدىكەن!  

dreamcatcher يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 19:24:09

Parwana يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 19:03 static/image/common/back.gif
'قاراسۇ' دېسىمۇ بولىدىكەنغۇ بولمىسا، رەڭگى قارا بولغان ...

مېنىڭچىمۇ قاراسۇ بولغۇدەك، ئادەملەرمۇ ئاسانلا ئۆزلەشتۈرەلىگۈدەك

beliver يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 19:55:27

تېتىمسۇ دېسەك بولماسما ؟ ئاچچىق سۇ _تېتمسۇ.

fathullah يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 20:25:42

سويا سۇ
ياغ سىركە

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 20:39:38

ماشماي ، يەنى ماش + ماي   ...
بۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىۋىدىم

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 20:40:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 20:44  

ئۆزەمنىڭ ئازراق شەخسىي پىكىرىنى قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ.
بۇ ئاتالغۇ چوقۇم تىلىمىزدا يىلتىزلىق بولۇشى كېرەك، يەنە كېلىپ 2-3 بوغۇم، مۇمكىنقەدەر 2 بوغۇم بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئوموملاشتۇرۇش ئاسان، ھەمدە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگىچە تەشۋىق قىلغىلى بولىدۇ.

مېنىڭ تاللىشىمغا قويۇپ بەرسە، مەن «قورىن»، «قورسۇ» ۋە «جاڭيۇ» سۆزلىرىنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
چۈنكى، «قور» سۆزى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك قوش بىسلىق مەناغا ئىگە بولۇپ، ھەم ئېچىتىشنى ھەم قورىما قورۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزدا يىلتىزى بار. ھەر قانداق بىر تىل ئۆز يىلتىزىدىن قانچىلىك ئايرىلىپ كەتسە، شۇنچىلىك بۇزۇلىدۇ، ھەتتا 100 يىل ئاۋالقى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چۈشۈنۈشىمۇ تەسلىشىشى مۇمكىن. يىلتىزلىق ياسالغان بۇ خىل سۆزنى باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارساقمۇ، كۆزىگە نىقتاپ تۇرۇپ پاكىتى بىلەن كۆرسىتەلەيمىز.
مەن بۇ سۆزلەرگە جۈملىمۇ تۈزەپمۇ كۆردۈم. مۇۋاپىق ۋە راۋان ئېغىزغا چىقىدىغانلىرىنى تاللىدىم. مەسىلەن:
لەغمەن سېيىنى ئاچچىسۇ- جاڭيۇلارنى قۇيۇپ قورىسا راۋۇرۇس ئوخشايدۇ.
لەغمەن قورىمىسىنى ئاچچىسۇ- قورسۇلارنى قۇيۇپ قورىسا راۋۇرۇس ئوخشايدۇ.
لەغمەن قورىمىسىنى ئاچچىقسۇ- قورىنلارنى قۇيۇپ قورىسا راۋۇرۇس ئوخشايدۇ.
باشقا سۆزلەرنىمۇ مۇشۇنداق جۈملىگە قوشۇپ دەپ بېقىڭ، قايسىلىرى راۋانكىن؟
«جاڭيۇ»نىمۇ تاللىشىمدىكى سەۋەب، جاڭيۇنىڭ كېلىش مەنبەسى جۇڭگو، يەنى خەنزۇلار ئىجاد قىلغان. شۇڭا بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنبەسىگە ئىلمىي قاراش كېرەك. كېيىن ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر گەرچە جاڭيۇنى باشقىچە ئاتىسىمۇ، لېكىن جاڭيۇنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. خۇددى بىز «كومپىيۇتېر» ئاتالغۇسىنى ئاشۇ ئىجاد قىلغان مىللەتنىڭ تىلى بىلەن ئالغانغا ئوخشاش، «جاڭيۇ» ئاتالغۇسىنىمۇ شۇ ئىجادىيەت ئىگىسىنىڭ تىلى بىلەن ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «جاڭيۇ» سۆزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى ئىجىتمائىي ئاساسقا ئىگە. ھەر قانچە مىللەتپەرۋەر بولۇپ كەتسەكمۇ، ئىلمىي مەسىلىلەرگە يەنىلا ئىلمىي قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك.
مۇشۇ 3 ئاتالغۇدىن پەقەت بىرنىلا تاللايسەن دېسە، مەن «قورىن»نى تاللىشىم مۇمكىن. چۈنكى بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزدا يىلتىزى بولۇشتىن باشقا، يەنە دېيىشگە ئەپلىك. «ئاچچىقسۇ- قورىن» دېسە ئاران 5 بوغۇم، بىز دائىم دەيدىغان «ئاچچىقسۇ- لازا» بىلەن ئوخشاش، بۇنى شېئىر- قوشاق، ماقال- تەمسىل ۋە جۈملىلەرگە قوشسىمۇ شۇنداق راۋان چۈشىدۇ. مەسىلەن:
تائاملارنى ئوخشاتتى،
ئاچچىقسۇ ۋە قورىنلار.
كۈلكە - چاقچاق جۆر بولغاچ،
قىزىپ كەتتى سورۇنلار.
(شېئر-قوشاقلارغا ئېپىم بولسىمۇ، بىرەنى جۆيلۈپ قويدۇم. `ئىزا تارتقان چىراي ئىپادىسى`)

بۇلار مېنىڭ شەخسىي قاراشلىرىم ۋە ئىزدىنىشلىرىم، قالغىنى قىزىققۇچى قېرىنداشلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە باغلىق!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 20:55:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muzdala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 20:56  


ماي+سۇ= مايسۇ

ياغ+سۇ= ياغسۇ

مانداق ئىككى خىل تەۋسىيەنى بىر يەردە كۆرگىنىم ئېسىمدەئ

yerimnan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 21:10:46

ساپما كەشنى بىزنىڭ يۇرتتا سوڭغاق دەيدۇ.سوڭ(ئاياق تەرەپ دىگەن مەنىدە )+غاق قۇشۇمچە =سوڭغاق .

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 21:11:51

تىللا ئالغۇ نى بىريەردە پۇلدان دەپ كۆرگىنىم ئېسىمدە، خاتا كۆرۈۋالمىغاندىمەن؟:o

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 21:43:21

پۇلدان، پۇلبەرگۇ دەپ ئ‍اتايدىغان بولغانغۇ ؟ATMنى،

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 22:24:07

نىمە دەپ ئاتىساق بولار شۇنچە ئويلىنىپمۇ ھېش بىر مۇۋاپىق ئىسىم تاپالمايمەنيا؟قارا سۇ ياكى تېتىقسۇ دىگەندەك ناملارنى قوللانساق بولمايدۇ،يەنىۇ ئىچكىرلەپ ئويلىنىش زۆرۈر.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 23:33:25

چەرچەننىڭ بىر كەنىتىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى بوپ چۇشكەن دوستۇم يەرلىك كىشىلەرنى جاڭيۇنى قىرتاقسۇ  دەيدىكەن دەۋاتاتتى.

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 06:07:01

قىيام ياغ دىسەمۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 07:55:54

تېتىتقۇسۇ دېيىش كېرەك
بەت: [1] 2 3
: جاڭيۇنى ئۇيغۇرچە نېمە دېسەك بولۇر؟