OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 11:32:14

ئىككى مەسەل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-10 11:37

نۇر كۆچلۈك بولسا كۆزنى چاقىدۇ
(مەسەل)
راماسىۋام.راجۇ[ھىندىستان]
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
بىر كۈنى ئىلىم ۋە پاراسەتتە تەڭ يىتىشكەن شەرقلىق ئىككى ئۆلىما «تۆنۈگۈنكى قوياش بىلەن بۆگۈن ئاسماندا ئېسىلىپ تۇرغان قوياش بىر قوياشمۇ ياكى قوياشقا ئوخشايدىغان باشقا ئاسمان جىسىمىمۇ؟»دېگەن مەسلە ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىپ قاپتۇ.
بىر ۋالاقتەككۈر ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارغا:ــ ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر،مېنى سۆزلىگىلى قويساڭلار، بۇ مەسلىنى سىلەرگە ئوڭايلا بىر تەرەپ قىلىپ بېرىمەن، دەپتۇ.
ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ، دەپتۇ ئىككى ئۆلىما .ھېلىقى ۋالاقتەككۈر قوياشقا مۇناسىۋەتلىك بىر پاتمان ھىكايىنى بايان قىپتۇ،ۋە ئاخىرىدا « ئەتە قۇياشقا ئائىت يەنە بىر نوتۇقۇمنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن» دەپتۇ.ئەتىسى ئىككى ئۆلىما ئۇنىڭ نوتۇقىنى ئاڭلىغىلى كەپتۇ.
ھېلىقى ۋالاقتەككۈر:ــ ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر،مەن سىلەرنىڭ تۆنۈگۈن مەن بىلەن گەپلەشكەن ھېلىقى ئىككى ئاقىل ئىكەنلىكىڭلاردىن ياكى ئۇلار بىلەن تامامەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئادەمئىكەنلىكىڭلاردىن گۇمانلىنىمەن ،شۇڭلاشقا سىلەر ئەگەر ماڭا بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بىرەلىسەڭلار،ئاندىن مەن سىلەرگە نوتۇقۇمنىڭ داۋامىنى سۆزلەيمەن، بولمىسا،ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىمەن ،دەپتۇ.
ئىككى ئۆلىماقوياشقا مۇناسىۋەتلىك مەسلىنى تالاش تارتىش قىلىشقا پېتىنالماي دەرھال ئۇنىڭ قېشىدىن كىتىپتۇ.ھېلىقى ۋالاقتەككۈر: ــنۇر بەك كۈچلۈك بولسا كۆزنى چاقىدۇ،——دەپتۇ ۋارقىراپ تۇرۇپ.

مەنبە: «ساتىرا ۋە يومۇرگېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى سانى
ھاماقەتنىڭ قۇلىقى
(مەسەل)
راماسىۋام.راجۇ[ھىندىستان]
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
ئىلگىرى،دېڭىز ساھلىدا ياشايدىغان بىر تۈلكە ئەزەلدىن دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان بىر بۆرىنى ئۇچىرتىپ قاپتۇ.
ــ دېڭىز دېگەن قانداق نەرسە؟سوراپتۇ بۆرە.
ــ دېڭىز دېگەن مېنىڭ تۇرالغۇمنىڭ قېشىدىكى كۆز يەتكۈسىز سۇلۇق ،دەپتۇ تۈلكە.
ــ ئۇ سېنىڭ باشقۇرىشىڭدىمۇ؟ سوراپتۇ بۆرە.
ــ ئەلۋەتتە ،دەپتۇ تۈلكە.
ــ ئۇنداقتا مېنى دېڭىزنى كۆرۈپ كېلىشكە باشلاپ بارامسەن؟دەپتۇ بۆرە.
ــ بولىدۇ،سېنى باشلاپ باراي ،دەپتۇ تۈلكە.
تۈلكە بۆرىنى دېڭىز بويغا باشلاپ كەپتۇ،تۈلكە دولقۇنغا قاراپ«قايتىپ كەت» دەپتىكەن،دولقۇن قايتىپ كىتىپتۇ،«ياخشى،ئەمدى كەلگىن» دەپتىكەن،دولقۇن دەرھال كۆتىرلىپتۇ.ئارقىدىن تۈلكە دولقۇنغا يەنە« دوستۇم،سېنى بۆرە يوقلاپ كەلدى،شۇڭا مەن سېنى توختا دېگۈچە ئۇياق بۇياققا تەۋرەنگىن»دەپتۇ.
ــ مەن دېڭىزغا بېرىپ ئويناپ كەلسەم بولامدۇ؟ دەپتۇ بۆرە.
ــ سەن ياقتۇرغان بولساڭ بولىدۇ،قۇرقما،چۈنكى،دېڭىز مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ قايتىپ كەت دېسەم قايتىپ كىتىدۇ،كەل دېسەم كىلىدۇ،بۇنى سەنمۇ كۆردۈڭ، دەپتۇ تۈلكە.
بۆرە تۈلكىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ،دولقۇنغا ئەگىشىپ دېڭىز ساھلىدىن يىراقلىشىپتۇ.شۇ ئارىدا غايەت زور بىر دولقۇن يوپۇرلۇپ كىلىپ بۆرىنى يۈتۈپ كىتىپتۇ ۋە ئارقىدىن ئۇنىڭ جەسىتىنى قىرغاققا ئېلىپ كەپتۇ.تۈلكە بۆرىنىڭ گۆشىنى مەززە قىلىپ يىگەچ « ھاماقەتنىڭ قۇلىقى ئالدامچىنىڭ تىلى ئۈچۈن يارىتىلغان» دەپتۇ.
مەنبە:2012-يىلى2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى «ساتىرا ۋە يومۇرگېزىتى»
ئىزاھات:بۇ ئەسەر ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان.بۇ قېتىم ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئەۋەتتىم.


niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 15:25:16

بۆرە تۈلكىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ،دولقۇنغا ئەگىشىپ دېڭىز ساھلىدىن يىراقلىشىپتۇ.شۇ ئارىدا غايەت زور بىر دولقۇن يوپۇرلۇپ كىلىپ بۆرىنى يۈتۈپ كىتىپتۇ
بەت: [1]
: ئىككى مەسەل