gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 11:04:10

سەئۇدىي ئاياللىرىنىڭ ئايىغى



سەئۇدىي ئاياللىرىنىڭ ئايىغى

Adil tuniyaz

دېڭىزنىڭ خورما رەڭ قىزلىرى كەلدى،
ئۇلار بار كوچىدا ماڭا قاياققا؟
مىسرا-مىسرا ئىزلىرى قالدى
دەسسەپ ئۆتكەندە بۇ ۋاراققا.

كەپتەر مېڭىشىدا يۈرەكنى چوقۇپ
قەدەملىرىدە گۈللەرنى ئوقۇپ،
كەچلىرى تالاغا چىقسا يۇلتۇزدەك
ئۇيغۇر شائىرى چىقالماس قورقۇپ.

ئوتتۇرا شەرىقنىڭ يۈرىكىدە
زىمىننى كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر ئوت
قاپقارا ھىجاپتا كۈل ئىچىدە
كۆيمىسۇن دەپ دۇنيا ئۇشتۇمتۇت.

قۇتلۇق سەئۇدىي ئاياللىرىنىڭ
پۇتلىرى جەننەتكە سۆرەيدۇ.
ئوتلۇق مودا ئاياغلىرىدىن
پۇت بارماقلىرى سۆزلەيدۇ.
سۆزلەر كۆزلىرىمگە
باشباشتاق ئايىغى،
ئايىغىنىڭ گۈللىرى،
گۈللىرىنىڭ رەڭلىرى،پۇرىقى،
ھەر پۇتىنىڭ بەش مىسراسى،
ھەر بارمىقىنىڭ ئۇزاق ياز پەسلى.

تىترىتەر مېنى بۇ ئاياغلارنىڭ
كوچىدىكى ئاشكارا نامايىشى.
تەرلىتەر خېنە يۇقى تىرناقلارنىڭ
ئەركىنلىك شوئارى توۋلىشى.

سۆزلەر ماڭماقتا قارا سىياھتا
كۆرمىدى قەغەزدە باشقا ئادەم.
بىر جۈپ گۈللۈك كەش ئۆتسە ناۋادا
بىر تۈپ خورمىدەك توختايدۇ قەلەم.





   يۈرەگىم


كۆزلەردىن شەبنەملەر تۆكۈلدى
بۇ باشتىن نى سەۋدا ئۆتۈلدى،
سۆيگۈنى كۈتەتتۇق،ۋادەرخ
قەلبلەر ھىجراندا ئۆپۈلدى.
ئېچىلىپ توزىدى،گۈل ئەمدى
مۈمكىنمۇ گۈل كەبى ياشاشقا؟
موھتاج بوپ تۇرۇپمۇ باھارغا
كۆنگەندە مۇزدەك سوغ ھاياتقا.
راست بىر تەم قالمىدى كۈنلەردىن
ئىزدەيمىز سىقىلىپ بىر مەنە.
چىشلەپ چىڭ لەۋلەرنى،سەبىر دەپ
ئىزدەيمىز بىز زادى ئاھ، نېمە؟
ئالغىنە سۆزلەرنى،قەلەمنى
ئالغىنە شۇ غەمكىن مۇڭلارنى،
ئالغىنە ئۈمۈدلەر چاقنىتىپ
رەببىم دەپ يىغلىغان تاڭلارنى،
شەپەقتەك ۋىلىلداپ ھاياتقا
چوغدەك نۇر چاچايلى يۈرەگىم.

شۇ قەدەر گەپلەر بار تۈگىمەس
ئاتىدۇ قانچە تاڭ،قانچە ئاي،
ئۆتىدۇ يىللار ۋە ئۆمۈرلەر
بەزىدە بىر نەپەس پايلىماي،
كۆز يۇمار سۆيۈملۈك بىر قىزچاق
ئاخىرقى بىر سۆزنى ئېيتالماي.
ئانىسى باغرىنى ئاچالماس،
دادا بىر مەڭزىنى ياقالماس،
دوستلىرى كەلگەندە ئىزدىشىپ
ئۇنى شۇ گۈللۈكتىن تاپالماس.
بىر جانسىز جەسەت ئۇ-بىر پىراق
ئاق كېپەن ئىچىدە ئاشۇنداق
كېتىدۇ قەبرىگە ھەم ئەتە
بولىدۇ بىر سىقىم نەم تۇپراق...
ئاھ!دىلدىن گويا قان تامغاندەك
ھەرمىنۇت ئۆتسە مۇڭ-ھىجراندا
ياشاشقا ئۇ يېشىل باھاردەك
تەلپۈنسە ۋە لېكىن ئارماندا...
كەتسە ئۇ شۇنداقلا-ئۇنىڭچۈن
كىم سۆزلەر ھەق سۆزنى،كىم يىغلار؟
ئۇنى كىم بەرگىدىن ئۈزدى،كىم
زالىمغا نەپرەتلەر ياغدۇرار؟
قىساسى قالدىغۇ،دەرد قالدى،
كۆزلەردە تۈگىمەس مۇڭ قالدى.
مۇشتۇملار تۈردى كىم،بىر مەررە
كىملەردىن قاينىغان قان قالدى؟
ئاھ نىتەي بىزلەردە پەقەتلا
بىر ئارمان ۋە نىمجان جان قالدى...
قول كۆتۈر تۆكۈلگەن گۈللەرچۈن
دۇئالار باشلايلى يۈرەگىم.

ئېچىقلىق خاتىرە بېتىدەك
ئاچ قەلبىڭ بېتىنى،سىرىنى.
قارىغىن كەينىڭگە نىمە بار
ۋە ئېلىپ كېتىسەن نېمىنى؟
بىرەر ئىز كۆردۈڭمۇ،كۆرمىدىڭ؟
گۈل كەبى ئۈندۈڭمۇ،ئۈنمىدىڭ؟
يىگانە كەلگىنى،يىگانە
كېتىشچۈن ماڭغىنى سەنمىدىڭ؟
ياق،زادى نېمە بار ئۆمرۈڭدە
ئاشۇ پەيت كۈلدۈڭمۇ،كۈلمىدىڭ؟
ئۇھسىنىپ قويىسەن،شۇنچىلىك
ھايات بۇ تارتىشىپ كەتكۈدەك
نىمە بار،نېمىگە ئالدىراپ
ماڭدۇق بىز بۇ قەدەر ئۆلگۈدەك؟
دەيسەنۇ ۋە يەنە سەل تۇرۇپ
ماڭىسەن نەگىدۇر قىياندەك...
شۇ دۇنيا غەملىرى باسىدۇ،
كىمگىدۇر كۆزدىن ياش تاشىدۇ.
نېگىدۇر تارتىشار بۇ يۈرەك
گۈل ئاچار ئېھتىمال كېلىچەك.
ئېھتىمال قىساسمۇ ئالارمىز
بىر كۈنى ئاللاھۇ ئەكبەر!دەپ...
ھازىرچە مۇشتۇمۇڭ تۈرۈپ تۇر،
شۇ جايدا رەقىبىڭ كۈتۈپ تۇر،
كەپ قالار بىر ئەپلىك پۇرسەتمۇ
يا رەب دەپ نۇسرەتمۇ كۈتۈپ تۇر...
بارمۇ شۇ ئۆمۈر ھە بارمۇ سەن
تەۋبىگە ئۈلگۈرۈپ قالامسەن؟
ئەڭ گۈزەل بەختىمىز قەيەردە
ئاڭغىچە تېپىپمۇ ئالامسەن؟
بىلمەيمىز غەيىپنى،ئەتىنى
بىلمەيمىز قىيامەت-قەبرىنى.
بىلمەيمىز نە بولار ئاشۇ چاغ
ھېسابقا توپلانغان شۇ كۈنى...
يا رەببىم قانداقمۇ قىلارمىز؟
ئۆتتىغۇ كۆپۈكتەك ئۆمرىمىز.
بىلمەيمىز ساڭا نە دېيىشنى
ئالدىڭغا نى تۈستە كېلەرمىز؟
ئۇشبۇ دەم شاھادەت ئىچكەنلەر
كەلدى بۇ مىسراغا،ئېسىمگە.
شۇ قورقۇنچ كۈنىدە غەم يوقتۇر
دېگەنتىڭ ئۇلارغا راببىم ھە؟
ئۇھسىندىم مەن ئۇزاق...كەتتى ئۇ
تۆكۈلدى گۈل،شەبنەم،يۇلتۇزمۇ
ئۆچتى،كۈن پاتتى تاغ كەينىگە،
كۆمۈلدى بېھىساب كىشىلەر.
شۇنداققۇ بىزمۇ ھەم ئۇزىماي
كەينىدىن يېتەرمىز قەبرىگە،
شۇ ھەسرەت كۈنىچۈن،ھېسابچۈن
 تەۋبىلەر باشلايلى يۈرەگىم...




ئوقۇشنى خالىغانلار ئۈچۈن شېئىرلىرىمنى توپلام قىلىپ قويغانتىم.يېڭى ۋە كونا شېئىرلار ھەممىسى كىرگۈزىلدى.

http://aqxnxmhn4b.l30.yunpan.cn/lk/QNskYKKwAUXtv






تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-11 09:36):
360 بوشلۇقىغا نەچچە يوللىسام يەنە ئۆچۈرۈپتۇ...قانداق قىلغۇلۇقكىن

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 08:00:30

ئادىل تۇنيازنىڭ شېئىرلىرى سەل قۇرغاقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 09:35:10

NeXter يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 08:00 static/image/common/back.gif
ئادىل تۇنيازنىڭ شېئىرلىرى سەل قۇرغاقلىشىپ كېتىۋاتقان ...

راست دەيسىز،مەنمۇ «دېڭىزدىكى كوچا»دىن باشلاپ شۇنداق ھېس قىلدىم،ھەممىسىلا ئەمەس ئەلۋەتتە.«چۈمبەلدىكى كۆز»بەك ئېسىل ئىدى لېكىن...

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 10:20:19

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 09:35 static/image/common/back.gif
راست دەيسىز،مەنمۇ «دېڭىزدىكى كوچا»دىن باشلاپ شۇنداق  ...

ئەمەلىيەتتە، بۇ ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىدىيە جەھەتتە پىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. شائىر تۇيغۇلىرىنى رەڭلەر ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان رەسساملىق قۇرۇلمىنى شېئىردا سىناق قىلىۋېتىپتۇ، دەپلا ئويلىدىم.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 14:38:59

يۇرەگىم دېگەن شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، مەن ئادەتتە شېئىر ئوقۇمايمەن، لېكىن بۇ شىئىرىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇدۇم.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 15:36:56

ئادىل تۇنىياز ھەقىقەتەن يېتىشكەن بىر تىل ئۇستىسى .

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 21:55:31

سىز چولپانلار مۇنبىرىدىكى گۈلمىسال شۇمۇ؟

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 10:00:17

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 21:55 static/image/common/back.gif
سىز چولپانلار مۇنبىرىدىكى گۈلمىسال شۇمۇ؟

ياق،مىسرانىمدىكىمۇ،ئۇ يەردىكىسىمۇ ۋە باشقىسىمۇ مەن ئەمەس. بۇرۇنقىسىدا كىرەلمەي بۇ ئىسىمدا تىزىمتىلىپ قويۇپتىكەنمەن،ئۇ گۈلمىسالنىڭ ئىسىمىنى تارتىۋاپ ئۇقۇشماسلىق بولىۋېتىپتۇ،ئەمدى ئىشلەتمىسەم بولغۇدەك.

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 06:34:42

رەھمەت تاتلىق ھەمشېرەم نەۋال!
تەۋبىلەر باشلايلى يۈرەگىم...

كىم يىغلىتار ئىنساننى بىردىن؟!
كىم كۈلدۈرەر ھەم شۇئان تىزدىن؟
ئىچىلدۇرار ئازاب گۈلىنى ،
پورەكلەتكەن كەبىي شاتلىقنى.
ئالماس تامغان گۈللەر بەرگىدىن،
تۆكىلىدۇ قىسمەت بىر كۈنى.
ھەيرانلقىڭ يۇمۇلماستىنلا،
كۆز ئاچىدۇ ھەسرەتلىك سۇئال؟
جاۋابلارنىڭ لەۋلىرى تىترەر،
كۆزپەسلىدەك ناخۇش كۆزلەر ھەم.
ئاھ سالغىنىڭ نەدۇر بۇ جانىم؟!
كۈلپەت ئەمەس باشقا چۈشكىنى،
جاۋاب كۈتمە زۇلۇم ھەم ئەمەس،
كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىمدىكى
كۆتىرەلمىگەن سىرلىرىم مومكىن ...
ئاپىرىدە قىپ ئۆزۈم چوڭ قىلغان،
شېرىنغىنە ئازابىم بەلكىم...
ۋە بەلكىم ...
بەرداشلقى يۈرەكنىڭ قانچە؟
ھەيرانە-ھەس بىلەلمىدىم ھېچ.
خالىغىنىڭنى دېگىن بولدىلا،
زېرىكتىمغۇ ئەجەپ زېرىكتىم.

سۆيگۈ شارابىي تۇتقان شېرىنمەن،
قىلچ ئاسقان جاللات خىنىم ھەم
خىياللىرىم ئۆزۈمگە تەۋە،
لەزىزغىنە ئۆچ ئىلىشىم بار.
كەچۈرۈمگە كەينىمنى قىلىپ،
قەھ-قەھ ئۇرۇپ كۈلۈشلىرىم بار.
بەختلىكتۇر توزىغان گۈللەر،
بەختلىكتۇر سۇلاشقان گۈللەر،
ئاھ ئۇرارغا باغۋەنلىرى بار.
ئوتلۇققىنە مىسرالار پۇتكەن،
پىنھانلاردا شائىرلىرى بار.

مىسكىنغىنە سۇلياۋ گۈللىرىم،
مەڭگۈلۈككە ئىچىلىپ تۇرار.
ئاداشتۇرپ خىياللىرىمنى،
سۆيۈپ سالسا ئازغۇن لەۋلىرىم...
ئەپۇ قىلغىن سەبدە گۈللىرىم!
ئاھ !
تىنىمدىكى غىرىبانە روھ!
سەن نەقەدەر ئۇلۇغ؟!
ئۆلپەتلەشتۇق شۇ قەدەر ئۇزاق
سەن قېيالماي تىنىمغا ئەجەب
ھەم تىنىممۇ قېيالماي ساڭا
باشلىنىدۇ مۈشكۈل بىر ئازاب..
كېرىشىپ كەتكەن پاچاق-پاچاققا
مەڭگۈلۈككە جەم بولماق ئۈچۈن،
دۈچ كىلىمىز قېيىن پىراققا...
رەببىڭ كىم -دەپ سورىلار شەكسىز
جاۋابىغا ئەقلىڭ كار قىلماس،
نە پايدىسى سۆزمەنلكىڭنىڭ،
ئىمانىڭلا بىرەلەر جاۋاب..
ھېدلانغاندا ئۆلۈم پۇرىقى،
يوقالماقتا مەنالار ئاستا‹
ھەممە بەزدى ئۆزىدىن بىردىن.
راس قاچارمۇ؟ قەدىردانلىرىڭ؟
ئاتا-ئانا ئەزىز جانلىرىڭ؟
رەببىڭدىنمۇ راس سۆزلۈك كىم بار؟
« تەۋبىلەرنى باشلا يۈرۈگۈم »
پىلسىراتنى ئاسان قىل غەڧڧار!








gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 10:22:07

pain333 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 06:34 static/image/common/back.gif
رەھمەت تاتلىق ھەمشېرەم نەۋال!
تەۋبىلەر باشلايلى يۈرەگ ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم خەيرىلىك سەھەرلەر پەين! سىزنى ئۇچراتقىنىمىغا خۇرسەنمەن...شېئىرىڭىزنى نەچچە رەت ئوقىۋەتتىم،بەك گۈزەل!بەزى مىسرالارنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالغۇم كەلدى...ئاخىرقى مىسرالار «ئەبەسە»سۈرىسىنىڭ ئاخىرىنى ئەسلەتتى ۋە ئۇ سۈرىنى قايتا بىر ئوقۇۋەتتىم،شېئىرلىرىڭىز مۇڭ ۋە بىر لەرزىلەرگە سالغىنى ئۈچۈن...ھارماڭ جېنىم...
شېئىرىڭىزنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىغان بولسىڭىزكەن،سىزنىڭ ئىزلىرىڭىزنى دائىم ئۇچراتسامكەن دەيمەن :)
بەت: [1]
: سەئۇدىي ئاياللىرىنىڭ ئايىغى