tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 11:54:13

شىپاخانىدىكى ھېكايەتلەر

شىپاخانىدىكى ھېكايەتلەر

سەككىز  ياشلىق بىر بالا ھەكىم مۇھەممەد  زۇڧەرخان  ھەزرەتلىرىنىڭ ئالدىغا  ئېلىپ كېلىندى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئاتىسى تەرىپىدىن مەلۇم قىلىندى.
بىمارنىڭ مۇھىم زارى: ئىككى ھەپتە بولدى ، كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ بالا كۆزۈم كۆرمىدى دەيدىغان بولۇۋالدى. قاراڭغۇ بولغانسىرى كۆزىنىڭ كۆرۈشى شۇنچە ناچارلىشىپ كېتىدۇ، چوڭ تەرىتىمۇ ئاز ھەم قەۋزىيەت بار.

دېئاگنوز  قويۇش ۋە دورا  بەلگىلەش: ھەكىم ساھىب بىمارغا نامازشام قارىغۇسى دەپ دېئاگنۇز قويدى ۋە دورا بەلگىلىدى.
ئاخشىمى ياتار ۋاقتىدا ئىتتىرىڧىل زامانىدىن ئۈچ گرامنى يېيىشكە بېرەيلى، كۆزىگە ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە پىياز سۈيى تېمىتايلى.
4-كۈنى بالىدىن خەۋەر بولدىكى ، بالىنىڭ چوڭ تەرىتى راۋان ھەم نورمال كېلىدىغان بولغان، كۆزىنىڭ كۈن ئولتۇرغاندىن  كېيىنكى كۆرۈش ئەھۋالى خېلى ياخشىلانغان. ھەكىم بۇنى ئاڭلاپ ، دورا ئىشلىتىشنى بۇرۇنقى تەرتىپ بويىچە داۋاملاشتۇرۇشنى بۇيرۇدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن مەلۇم بولدىكى ، بىمارنىڭ ئەھۋالىدا كۆپ ياخشىلىنىش بولغان. بۇ چاغدا ھەكىم ساھىب ھېلىقى پىياز سۈيىنىڭ ئورنىغا تاماكا توپىسى ۋە سۇپۇندىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ كۇمىلاچ ياساپ، ئۇنىڭدىن ئازراقىنى سۇدا ئىرىتىپ، پەلكۈچ بىلەن كۆزگە تارتىشنى بۇيرىدى، يەنە ئۈچ  كۈندىن كېيىن خەۋەر بولدىكى بۇ دورا ئىشلىتىلگەن كۈنى كۆزى روشەنلەشكەن ۋە  بىماردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى قالمىغان.
شىپاخانىدىكى ھېكايەتلەر كىتاۋىدىن
http://www.4tadu.com/?p=1024

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 14:06:12

پىياز سۈيى يېقىنراق كەپ قويسىمۇ ياش چىقىرۋېتىدىغان تۇرسا ،كۆزگە تېمىتسا زىيان قىلمامدۇ ؟

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 15:41:17

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم تادۇبەگ ئۇستاز؟

قىسقا ئۇچۇرغا تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى يوللىۋېتىڭە،بىر ۋاقىتتا سىزگە تىلفۇن قىلسام ئالدىراش دەپ تىلفۇننى قۇيىۋەتكەن ئىدىڭىز،سىزدىن دورا سېتىۋالماقچىدىم.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 15:50:08

مەن تېخى تادۇبەگنىڭ شىپاخانىسىدىكى بىر يۈرۈش ھېكايىلەر ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-11 09:33):

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 21:57:54

تادۇ بېگىم بوش كەلمەيدۇ جۇما!
بەت: [1]
: شىپاخانىدىكى ھېكايەتلەر