ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 09:53:44

پۈركىمە ماتور

بۇ خىل ماتور يېزا ئىگىلىك، باغۋەنچىلىك ئىشلېرىدا دورا چىچىش ئىشلېرىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇلۇپ، ھاشارات ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى بەك يۇقىرى ھەم بەك يىنىك، ئىشلىتىشتە شامال يوق چاغدا بېنزىن يىقىلغۇسىنى باكقا قۇيۇپ ئاندىن دورا باكىغا دېزىل مىيىغا دېھقانچىلىق دورىسى ئارلاشتۇرۇپ  تەييارلاپ،(دېزىل مىيى ماتور ئىشلىگەندە ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق تەسىرىدە چالا كۈيۈپ زەھەرلىك گازغا ئايلىنىپ، ئارلاشتۇرۇلغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ)  ئاندىن ئوت ئالدۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ، ناسوس بىلەن ھاۋا ماڭدۇرسا ئوت ئىلىۋالغاندىن كىيىن مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ. شامال كۈچلۈك بولسا ھاسىل بولغان دېزىل مىيىنىڭ كۈيىشىدىن پەيدا بولغان تۇمان ئۇچۇپ كىتىپ ئۈنىمى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ.
  مەن بۇ ماشنىنى بۇرۇنلا كۆرگەن بولساممۇ ئىچكى قىسمىنى كۆرمىگەن، شۇڭا ئالاقىدار شىركەتلەردىن ماتىريالىنى تاپالمىدىم، ئاخىرى بىر شىركەتتىن تور ئادرىسىنى تىمىغا قۇشۇپ قۇيۇش شەرتى بىلەن ماتىريالغا ئېرىشتىم.
  بۇ خىل ماتور راكىتادەك ئىتىرىش كۈچى قىندىغىنىمۇ باركەن، ماۋۇ دورا پۈركۈشتە ئىشلىتىلدىغىنى تورۇببا ئىچىگە تۇسۇق ئورنىدا ھاۋا ئۈتىدىغان تور ئورنىتىپ نىپىز يىنىك ياپراقچە كۈيۈش بۈلۈمى ئىچىگە ئورنىتىلسا كۆيگەندىن كىيىن ھاسىل بولغان بىسىم تەسىرىدە يۇقىرى تىزلىكتە سىرىتقا پۈركۈلگەن يۇقىرى تىمپىراتورىلىق ھاۋا ئىنىرتسىيلىك كۈچ تەسىرىدە توربىنا ئىچىدە بىسىم كىمىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن، ئاندىن نىپىز ياپراقچە بىر تەرەپكە سۈرۈلۈپ ئالدىنقى بۇغۇمدىن ئارلاشما يىنىشچان گاز توربىنا ئىچىگە كىرىپ تۇلۇق كۈيۈپ بولمىغان كېرەكسىز گاز بىلەن قۇشۇلۇپ قايتا كۈيىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن دەۋرى كۈيۈش نەتىجىسىدە كېرەكسىز گاز چىقىش ئېغىزى تەرەپتىكى دېزىل بىلەن ئارلاشتۇرۇلغان دېھقانچىلىق دورىسىنى گازلاشتۇرۇپ پۇركۈيدىكەن.
  ئەسلى ماتىريال چۈشۈرۈش ئادرىسى؛http://pan.baidu.com/s/1dDxLTJj
  لازىم بولغانلار شۇ شىركەت ئەۋەتكەن ماتىريالنى چۈشۈرسە ماتىريال ئىچىدە شىركەت ئالاقىسى ۋە ئادرىسى بار.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 15:45:40

بۇ مەھسۇلات ئەشۇ شىركەتنىڭ ئۆز كەشپىياتىمۇ؟
خېلى ئىلغار ئۈسكىنە ئىكەن،

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 16:01:07

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-9 15:45 static/image/common/back.gif
بۇ مەھسۇلات ئەشۇ شىركەتنىڭ ئۆز كەشپىياتىمۇ؟
خېلى ئىلغ ...

مەن خېلى كىچىك چاغلاردىلا كۆرگەن ئىدىم، ئۇلارنىڭ كەشپىياتى ئەمەسمىكىن، ئۇ نەرسىنى ئەكىلىپ ئازراق ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىشچان يىڭى تېخنىكا پاتىنتى ئىلتىماس قىلسا دۆلىتىمىزدە تەستىقلىۋېرىدۇ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 22:22:11

ئىمپۇلىس ئايروپىلان ماتورتۈرىگە ئوخشاپ كېتىدىغاندەك..

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 22:32:54

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-4-9 22:22 static/image/common/back.gif
ئىمپۇلىس ئايروپىلان ماتورتۈرىگە ئوخشاپ كېتىدىغاندەك.. ...

ھەئە، ئۇ فىلىملەرنىمۇ كۆردۈم. قارىسام ئازراق پەرىق بار...

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 12:21:50

فانتازىيە كىنولىرىدىكى قورالغا ئوخشاتتىم
بەت: [1]
: پۈركىمە ماتور