NASA: مارس ئۈستىدە چىراق نۇرىغا ئوخشاش يورۇقلۇق بايقالدى
مارس ئۈستىدە چىراق نۇرىغا ئوخشاش يورۇقلۇق بايقالدى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 8-ئاپرېل
ناسا مەركىزى ج پ ل باشقۇرىدىغان «ھەۋەسكار» ناملىق مارسنى تەكچۈرۈش ماشىنىسى 2014-يىلى 3-ئاپرېل كۈنى تارتقان بىر پارچە رەسىمدىكى تاغ باغرىدا خۇددى بىر چىراق نۇرىغا ئوخشايدىغان جاي بايقالغان بولۇپ، بۇ رەسىم پۈتۈن دۇنيادىكى «ئۇچار تەخسە» ھەۋەسكارلىرىنى باشقىچە روھلاندۇرىۋەتتى.
بەزىلەر بۇ يورۇق نۇقتىنى كامېرادىكى بىر كىچىك نۇر سېزىش ئېلېمېنتىنىڭ ئىشلىمەس بولۇپ قالغانلىقىدىن پەيدا بولغان، دەپ قارىسىمۇ، «ئۇچار تەخسە» ھەۋەسكارلىرى بۇ ھادىسە ھەققىدە باشقىچە پاراڭلارنى باشلاپ كەتتى. «ئۇچار تەخسىنى بايقاش كۈندىلىك خەۋىرى» (UFO Sightings Daily) تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سكوت ۋارىڭ مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ئەھۋال مارسنىڭ يەر ئاستىدا ئەقىللىق ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش چىراق ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن.»
بۇ رەسىمنى تارتقاندا «ھەۋەسكار» دىكى ئوڭ-تەرەپ ۋە سول-تەرەپتىكى ئىككى كامېرا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئوڭ-تەرەپتىكى كامەرا بىر كۈن ئالدىدا تارتقان رەسىمدىمۇ ئاشۇنداق يورۇق جاي بايقالغان. ئەمما سول-تەرەپتىكى كامېرادا تارتىلغان رەسىمدە بۇنداق يورۇق جاي يوق ئىكەن.
بۇ رەسىم ھەققىدە ناسا تېخى رەسمىي خەۋەر تارقاتمىغان بولۇپ ج پ ل دە ئىشلەيدىغان ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ دېيىشىچە، بۇ يورۇق جاي كائىنات نۇرى سوققان (cosmic ray hit) جاي بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە رەسىملەر:
Bright Blips on Mars Pictures Spark a Buzz Among UFO Fans
UFO Sightings Daily
http://www.ufosightingsdaily.com/
ئەركىنكا نىمە ئۇچۇن ناسانىڭ مارستىكى ۋە بەزى پلانتلارنى تەكشۇرۇش ئۇسكۇنلىردە تارتقان سۇرەتلىرى بەكلا غۇۋا ياكى قارا كۆرنىدۇ؟ ھازىرقى تېخنىكا بوينچە بولغاندا ئارلىق بولۇپمۇ ئاۋۇ ئاسماندا تۇرۇپ يەردىكى ماشنىڭ نۇمۇر تاختىسنى ئوقۇيدغان تېخنىكا بوينچە بولغاندا سۇرەتلەر ئىنىق بولسا بولاتتى؟ يا ئۇلارمۇ سېرتقا تارقىدتىدغان سۇرەتلەرنى شۇنداق قىلۋىتەمدۇ؟ alip824 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 08:45 static/image/common/back.gif
ئەركىنكا نىمە ئۇچۇن ناسانىڭ مارستىكى ۋە بەزى پلانتلار ...
سلام ئۇكام،
مەن بۇرۇن يوللىغان مارسنىڭ رەسىملىرى ئاساسەن بۇنداق قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى. بۇ قېتىم توردا ئېلان قىلىنغىنى قاراڭغۇراق تارتىلغان رەسىملەر ئىكەن. مېنىڭچە بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئەگەر كۈندۈزى تارتىلغان رەسىمگە قارىسىڭىز، ئاۋۇ يورۇقلۇقنى پەرق ئېتەلمەيتىڭىز. سىز قوشۇلامسىز؟ ئۇنىڭغا قوشۇلمەن.
مارىسنى ئايلنۋاتقان ئىسمنى ئۇنتۇپ قاپتمەن بىر سۇنئى ھەمرا بارغۇ دەيمەن. شۇلار يۇقىرى ئىنىقلقتىكى رەسملەرنى تارتالامدۇ خۇددى يەرشارنى ئايلنۋاتقان سۇنئى ھەمرالاردەك؟ .
رەخمەت. خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر ! يەر ئاستىدىن بىرنەرسە پۈركۈپ چىقىۋاتقاندەك قىلدۇ قانداق؟ بەلكىم يانار تاغ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. يەرشارىدىن باشقا يەرلەردە ياشايدىغان باشقا جانلىقلارنىڭ مارىس تەكشۇرۇش ئاپىراتى بولسا، بىزنىڭ ھەۋەسكارنى سۇرەتكە تارتىۋىلىپ، ئىگىسىگە يوللاپ بىرىۋاتامدىكى. . . . . .
ئۇلارمۇ ھەرخىل پەرەزلەرنى ئوتۇرغا قويۇپ تەتقىق قىلىۋاتامدىغاندۇ ھازىرتىخى . . .
ما پۇرسەتنى قەدىرلەڭلار ئەركىنكا :lol:lol:lol ئامېرىكا مۇش مارىس بىلەنلا قېيىشىپ قالدى دىسە، چۇقۇم بىر نەرسە بايقاپ قالدى بۇلار خېلى بۇرۇنلا. پارقىراق قوڭغۇزنىڭ نۇرى ئەمەسلىكىنى ساقىت قىلىشقا بولامدۇ؟ ھەۋەسكار ئاشۇ نۇر چىققان ئورۇنغا بارالمامدۇ؟ يېقىنراق بېرىپ قاراپ باقسا دەيمەندە ... ئاۋۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى سىزىقلار- يامغۇر سۇيى ھاسىل قىلغاندەك سىزىقلار قانداق پەيدا بولغاندۇ؟ دىگەن سۇئال كاللامغا كەلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-9 16:45
بۇنىڭ ھىچقانداق قىززىقى يوق چۇنكى سول تەرەپتىكى كامىرا بۇنى تارتالمىغان ، يەنى ئككى كامىر بىرلا ۋاقىتتا تارتقان تۇرسا نىمە ئۇچۇن سول تەرەپتىكىسدە يوق بولىدۇ؟ بۇ ئىنقلا كامىرانىڭ ئىشىغۇ . ئۇنداقتا باشقا سۇرەتلەرنى تارتقاندىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋەل كۆرۇلگەنمۇ .، ئەگەر ئوڭ تەرەپتىكى كامىرادا بۇنداق ئەھۋەل كۆپ كۆرۇلسە ئىنقلا كامىرانىڭ ئىشى ،
پەقەت مۇشۇ بىر قىتىمدىلا كۆرۇلگەن بولسىمۇ مۇشۇ كامىرادا شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە مەسىلە كۆرۇلگەن ، مەنچە كائىنات نۇرى سوققان نور دىگەن قاراشمۇ خاتا ، ئەگەر ئۇنداق نور بولسا نىمە ئۇچۇن سول تەرەپتىكى كامىرا ئۇنى كۆرەلمىگەن.
يەنە بىر ئىھتماللىق ئەگەر ئۇ يەردە مەلۇم نۇر راسلا بار بولسا ، ئۇ ئوڭ تەرەپتىكى كامىردا كۆرلۇپ سول تەرەپتىكىدە كۆرۇلمىگەن بولسا بۇ نىمە سەۋەپتىن بولىدۇ؟؟؟؟
ئەركنكا ھەۋەسكار ئادەتتە فىلىم شەكلىدە ماتىريال يوللامدۇ ؟ ياكى سۇرەت شەكىلىدە يوللامدۇ؟
سىز ئككى كامىرا بار دەپسىز ھەرئككلىسى بىرلا ۋاقىتتا رەسىم تارتامدۇ ياكى ئارسىدا ۋاقىت پەرقى بارمۇ؟ ھەۋەسكار ئاشۇ نۇر چىققان ئورۇنغا بارالمامدۇ؟ يېقىنراق بېرىپ قاراپ باقسا دەيمەندە ...{:112:} ئاتۇشلۇق قىرىندىشىمىزدىن بىرسى قول چىراغنى يىقىپ قويۇپ ئالتۇن كولاۋاتامدۇ يا.{:92:} مارىسنىڭ يۈزى بىزنىڭ مەلىنىڭ دۆڭلىرىگە ئوخشايدىكەن-ھە! muztag يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 11:35 static/image/common/back.gif
يەرشارىدىن باشقا يەرلەردە ياشايدىغان باشقا جانلىقلار ...
:lol :lol :lol بۇ پىكىرىڭىز بەك ئورۇنلۇق بوپتۇ.ئۇنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ....ئۇلارنىڭ تىخنىكىسى يۇقۇرى بولغاچقا،ئاپىراتىنىڭ چىرىغىمۇ بەك يورۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ قىزىقىشقا ئەرزىيدىكەن. چۈنكى، مارىستىكى يورۇقلۇقنىڭ يەرشارى بىلەن بولغان پەرقى كۆپ ئەمەستەك قىلىدۇ{:92:}
بەت:
[1]