waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 22:13:11

خۇدىسون؛ شىنجاڭ گۇاڭخۇينىڭ چىمپىيۇنلىقى ئۈچۈن ياردەملىشىمەن

  سىنا تەنتەربىيە تورى 6-ئاپرېل خەۋىرى؛   تۆتىنچى قىتىم جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە ئىككىنچى بولغان شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى، يىڭى مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزىنىڭ « ئىككىنچىلىك » تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە قەتئى نىيەتكە كىلىپ، چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسى خۇدىسون بىلەن داۋاملىق تۇختاملاشتى.
  شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسى 2-4 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، بۇ پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى بىيجىڭ كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قۇيۇپ، تۆتىنچى قىتىم  ئىككىنچى بولغاندىن كىيىن، يىڭى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ تەييارلىقىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشتى.
شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك CBA بىرلەشمىسىدىكى باش تۆھپىكارى چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسى خۇدىسون، كوماندىنىڭ چىمپىيۇنلۇق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشدىكى شەكسىز كۈچلۈك تىرەك. خۇدىسون شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسىنىڭ يادىرۇسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن  بۇ پەسىللىك دائىملىق مۇسابىقىدە ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 25.6 نۇۇر ئىلىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىدا ئىككىنچىلىككە ئىرىشىشىگە ياردەم قىلغان، ئۆزىمۇ دائىملىق مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچىسى بۇلۇپ باھالانغان.
خۇدىسوننىڭ CBA دىكى ياخشى ئىپادىسى، NBA دىكى كۈلرەڭ ئېيىق، نىكىس، تىزكىمە كوماندىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قۇزغاپ، كىيىنكى پەسىلدە NBA غا قايتىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرغان. ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، شىنجاڭ كوماندىسى خۇدىسوننى قۇيىۋەتمەي قېپقېلىشقا كۆندۈرگەن.  يىقىندا خۇدىسون تاراتقۇلار ئارقىلىق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تۈنجى چىمپىيۇنلۇق لۇڭقىسىنى ئىلىشغا ياردەملىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php



uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 07:35:45

ئۆتكەن يىلى ئانچىمۇ ئەمەستى جۇڭگۇدىكى ئىپادىسى ،بۇ يىل پارتىلاپ كەتتىغۇ بۇ

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 08:01:39

كېتىپ قالسىمۇ جىق پۇشايمان قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بى قارۋاي كېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزغۇن بولۇپ كەتسە خودىسونغا ئۇۋال ئەمەسمۇ، شۇنى ئويلاپ بولسىمۇ ئالدىراپ كەتمەيدۇ.

powerman5000 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 10:10:37

ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن پەسىلدە سىنگېلتوننىڭ ئورنىغا ياخشىراق ھۇجۇمچىنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن بولسىلا بۇ يىل چېىميىيون بولۇپ قالاتتى. سىنگېلتون ئاقماي قېلىپ ، ئالدىنقى ئىككى مەيدان ساھىبخان تۇرۇپ ئۇتتۇرىۋەتتۇق . شۇنىڭ بىلەنلا يوق بولدى . خەير ، بۇ يىل سىنگېلتوننىڭ ئورنىغا ياخشىراق قارىدىن بىرنى ئەپكەلسۇن .

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 10:14:52

شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ئىككىنجى بولۇپ قالىدۇ.  بولمىسا دائىملىق مۇسابىقىدە ئىپادىسى خېلى ياخشى بۇلارنىڭ .  كېيىنكى قېتىم ‹ مەتەم مەتەم ، بەش مەتەم› بولۇپ  ،  ئۇزغۇن بولۇپ كېتىڭلا   !!
  قوشۇمچە پاراڭ:  بېيجىڭنىڭ مەيدانى بەك پەيزىكەن ، :lol
بەت: [1]
: خۇدىسون؛ شىنجاڭ گۇاڭخۇينىڭ چىمپىيۇنلىقى ئۈچۈن ياردەملىشىمەن