OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 15:54:43

سۈرەتلىك خەۋەر:مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايونى

مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايونى
مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايونى ــ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزا ھەزىرتى موللام كەنتىنىڭ تاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ،11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس ، مۇتەپەككۇر،مائارىپچى ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتۇرى مەھمۇد كاشىغەرىي دەپنە قىلىنغان جاي. ساياھەت رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 43كىلومىتىر كىلىدۇ.314دۆلەت يولى ساياھەت رايۇنىنىڭ يېنىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا قاتناش شارائىتى ئىنتايىن قولاي.ئومۇمى يەر كۆلىمى 2930مۇ بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىي يادىكارلىق بويىچە قوغدىلىدىغان كۆلەم 234مۇ كىلىدۇ.
ساياھەت رايونى چوڭ دەرۋازا،ھەيكەل ،ھاي -ھاي تىرەك، مەقبەرە، مەدرىس خارابىيىسى،مەسچىت،كۆرگەزمىخانا،زەر بۇلاق، توققۇز قازناق ئىزى،راۋاق،ئەجدىھار غارى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان.
مەقبەرە 12-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياسالغان بولۇپ، 900يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇ مەقبەرە قەبرىگاھ،ئايۋان، تىلاۋەتخانا،تۆت مۇنار،گۈمبەزلىك دەرۋازىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ تىپىك ئۇيغۇر بىناكارلىق خۇسۇسىيتىگە ئىگە قۇرۇلۇش ھىساپلىنىدۇ.
بۇ ئورۇن 1983-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن،2006-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈنتەرىپىدىن 6-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغانئورۇن قىلىپ بىكىتىلگەن.2010-يلى 9-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت رايۇنى بولۇپ باھالانغان.
مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايونى قەشقەر ۋېلايىتى بويىچىلا ئەمەس پۈتكۈل ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچىمۇ مۇھىم قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە ساياھەت رايونى ھىساپلىنىدۇ.
2013- يىلى مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ3مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن ساياھەت رايۇنىنىڭ دەرۋازا،ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋىلىش مەركىزى،ساياھەتچىلەر يولى قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسسەلىرى يېڭىلىنىپ يېڭىچە قىياپەتتە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلدى.
سۈرەتتە:شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى، ياش شائىر قەيسەر تۇرسۇن مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايونىدا
قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن :مامۇتجان نۇرمۇھەممەد(ئاققاش)خەۋېرى،فوتوسى
ئادرىس:قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى
تېلېفون:13899146980

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 16:02:36

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!بۇ خەۋەرگە قوشۇپ بەش پارچە سۈرەت بار ئىدى،سۈرەتنى يوللاشتا ئاۋارىچىلىككە يولۇقتۇم.سۈرەتنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن كۆرۈپ باققان بولساڭلار.

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 16:28:13

سۈرەت: مەھمۇد كاشىغەرىي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-8 19:33

[

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 16:35:32

يازما ۋە سۈرەتنى قانداق يوللاشىنى بىلىۋالدىم،ئىزدىنىش تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان بارىلىق ئوقۇرمەنلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى كونا شەھەر ناھىيەسىگە تەكلىپ قىلىمەن.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 17:25:25

بىلەن باھاسى قانچە پۇل ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 17:38:38

مەن بارغاندا30 كوي ئىدى

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 19:25:15

قىممەت ئەمەس،30يۈەن
ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار،چوڭلارغا ئېتبار قىلىنىدۇ،بەزى بايراملاردا ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدۇ.

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 19:26:30

بەش پارچە سۈرەتمۇ بار ئىدى،كۆرۈنمەيدىغۇ؟

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 21:51:32

سۈرەت كۆرۈنمەپتۇ ،ئىلگىرى بۇ موھىم ساياھەت ۋە تارىخى مۇزىيخانىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈش بەك ئاجىز بولغان بۇ قېتىمقى سەۋەپ بىلەن ياخشى بوپ كىتەر،چەتئەللىكلەرنىمۇجەلىپ قىلىدىغان تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگەبىزلەرگە ھەقىقى تارىخى مۇزىينى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلىسە بەك ياخشى بولاتتى ،ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك ساياھەت نوختىسى بوپ قالاتتى بالىلارنى ئەپ چىقساق ئۇنتۇلماس بىر دەرس بولالىغۇدەك بولىشىنى ئۈمىت قىلىمىز

Pirkat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 09:29:36

تىمىما بۇ ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 09:33:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-9 09:34


attach://3892.jpgattach://3893.jpgقانچە قىلسىمۇ ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە .
ئەمما بۇ قىتىمقى دەرۋازىنى لاھىيەلەش ماڭا ياقمىدى
يىڭى دەرۋازىغا كىتاپ ۋە كىتاپ جازىسىنىڭ شەكلى چۇشۇرۇلگەن.
ھازىرقى دەرۋازىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
ئەمما كونا دەرۋازىسىنىڭ شەكلى مۇنداق ئىدى

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 10:17:41

سۈرەتلىك خەۋەر ،خەۋىرى ئايرىم،سۈرىتى ئايرىم يوللانغان ئىدى،شۇ بويىچە ئېلان قىلىنىپتۇ.

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 10:31:39

رەسىمدىكى كىشى مەھمۇد قەشقەرىگە ھىچ ئوخشىمايدىغۇ :(:(

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 12:35:39

قەيسەر تۇرسۇنكەنغۇ

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 12:41:54

موللام مۈشۈك نىڭ ئىنىسىما؟

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 17:00:12

http://nur99.net/

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 17:00:14

http://nur99.net/

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 17:29:01

قەيسەر تۇرسۇن ئىقتىساد گېزىتىدە مۇھەررىردۇر.«قەيسەر تۇرسۇن»دەپ بىر شېئىرىنى ئوقۇغاندەك يادىمدا.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 20:24:07

مەن ئۆتكەندە بارسام بوتكىلار ئىشتىن توختاپ، شۇنداق ياخشى بولۇپ كىتىپتىكەن.
ئىسل جاي،ئاقسۇدىكى تىلمىش ۋە قىرمىش ئاتام مازىرىدەك ئىسل جايكەن.

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 11:54:11

بىلەت باھاسى 30يۈەن،مويسىپىتلەر،كىچىك بالىلارغا ئىتبار قىلىنىدۇ،ئالدىمىزدا دەرۋازا ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ سۈرىتىنى شۇنداقلا ساياھەت رايۇنىىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ سۈرىتىنى يوللايمەن.
بەت: [1] 2
: سۈرەتلىك خەۋەر:مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايونى