turken يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 12:15:36

ئافغانىستان سايلىمى ھەققىدە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-8 12:20  

         جۇڭگو خەۋەرلەر تورنىڭ 8-ئاپرىل  تىلگىراممىسى ،سىنگاپور <<بىرلەشمە ئەتىگەنلىك  گېزىتى>>دىن ئىگىلىشىچە  5-ئاپرىل ئافغانىستاندا پىرىزدىنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ،سايلامغا  قاتنىشىش  نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن  يۇقىرى  بولغان ،بۇرۇن سايلامغا  بۇزغۇنچىلىق  قىلىدىغانلىقىنى  ئىلان  قىلغان تالىبان قۇراللىق  كۈچلىرىمۇ ئالاھىدە  چوڭ ھەرىكەت قىلمىغان ،بۇ  بەلكىم تالىباننىڭ كۈچىنىڭ  ئاجىزلاشقانلىقىدىن  بولۇشى  مۇمكىن ،ئافغانىستان  تالىبان ئاغدۇرۇلغان 13يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تىنىچ ۋەزىيەتكە  كىرىشىدىن ئۈمىد  بار.
          ئافغانىستان  ئالدىنقى شەنبە كۈنى پىرىزدىنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى جاكارلانغاندا ،تالىبان 1000قېتىمدىن  ئارتۇق ھۇجۇم  قوزغاپ نەچچە ئون ئادەمنى ئۆلگەنلىكىنى ئىلان  قىلغان .لېكىن ئافغانىستان تىنچلىق  ئەمەلدارى  بۇ ساننىڭ  كۆپتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان .
            گەرچە  تالىبانلارنىڭ تەھدىتى  بولسىمۇ ئافغانىستاندا يەنىلا 12مىليون خەلقنىڭ 60% سايلامغا شۇنداقلا  تۇنجى دېموكراتىك ھۆكۈمەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا قاتناشقان .ئافغانىستاننىڭ  بىر  ئەمەلدارى :<<بۇ  مىنىڭ  ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ،بۇ  ئافغانىستاننىڭ  دۈشمەنلىرىگە ئافغانىستاننى  تېخى دېموكراتىك تەييارلىقى  پۈتمىدى دېگۈچىلەرگە  ئۇرۇلغان بىر  كاچات  بولدى >> دېگەن.
           مۇستەقىل  ئورگان -ئافغانىستان  تەھلىل  توردىن  ئوسماننىڭ  ئاي  ئاخىرىدىكى بىر  دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە تالىبان كۈچلىرى بۇرۇن قوللاشقا  ئىرىشكەن يېزا  كەنتلەردە تەسىرى ئاجىزلشىشقا  باشلىغان ،قارىغاندا ئۇلارنىڭ  ئاساسلىق شەھەر  بازارلارنى ئىگىلەش ئىقتىدارى يوقتەك  قىلىدۇ
              ئۇنىڭ  ئېيتىشچە تالىبان  ھازىرغىچە ئۇرۇپلا قىچىش ئىستىراتىگىيەسىنى قوللانغان  بولۇپ بۇ دۈشمەنگە زەربە  بېرەلىسىمۇ  يوقىتالمايدىكەن
لېكىن تالىباننىڭ  كۈچىنى ئاجىزلاشتى  دىيىشكە  تىخى بالدۇر  بولىشى  مۇمكىن ،ئافغانىستان  ھۆكۈمىتى  بۇ قېتىملىق سايلام  ئۈچۈن 350مىڭ ئامانلىق  ساقلىغۇچىسى ئاجراتقان  بولۇپ ،ئۇلار  كابۇل  ئەتراپىدا تەكشۈرۈش نۇقتىسى  ۋە توساقلار قۇرغان  بولۇپ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلار تالىباننىڭ  ھۇجۇمىنى  توسالىشى  مۇمكىن .
               بۇندىن باشقا تالىبان سايلام  مەزگىلىدە قەستەن بوش  ھالەتتە  تۇرۇۋېلىپ ،ئافغانىستان  ئامانلىقىدا ياخشىلىنىش  بولغاندەك تەسىر پەيدا  قىلىپ ،ئامېرىكا  ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىشنى  تېزلەشتۈرۈش ،يوقاتقانلىرىنى  قايتۇرۇۋالماقچى  بولۇشىمۇ  مۇمكىن .
                ئەمەلىيەتتە تالىبان سايلامدىن  بۇرۇن بىر  قاتار ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ ،ھازىر ئافغانىستان جەنۇپ  ۋە  شەرقىدە ھەركەت قىلىۋاتقان تالىبانلار 30مىڭغا  يېتىدىكەن .
              ئەگەر  بۇ  سايلامدا ئالدامچىلىق ياكى  كونترول  قىلۋىلىشتەك  ئەھۋاللار  كۆرۈلسە ،تالىبانغا بۇ بىر   باھانە بولۇپ  بېرىشى  مۇمكىن ،ئەگەر  سايلام  نەتىجىسى نەچچە  ئاي  كېچىكىپ ئىلان  قىلىنسا بىلەت  نىسبىتى  يۇقىرى  بولغان ئىككى  نامزات قايتا ئىككىنچى قېتىملىق  سايلامغا  قاتنىشىشى مۇمكىن ،  بۇنداق  بولغاندا ئافغانىستان  سىياسىيسىدا بوشلۇق  پەيدا  بولۇپ تالىبانغا  پۇرسەت  يارىتىپ  بېرىشى  مۇمكىن  .
                        




مەنبە شىنخۇا تورى

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 15:02:48

ما كىنىشكىنى خېنەنلىكلە كۆرسە، ئاففانغا بارىدۇ جۇمۇ، تالىبانلا جىق يەرگە بېرىپ ئەسكى تامدىن بىرنى تېپىپ، 办证 دەپ يېزىپ قويسىلا ئىش پۈتتى.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 15:31:13

بەن جىڭ دىگەن گەپنى ئۇقيالماسمىكى ئاپغاناخۇنلار ... .... {:101:}
بەن جىڭ دىگەن گەپنىڭ ئافغانچىسنى يازالماپسىلەدە :lol
ئافغانلارنى مىللىلارمىكى دەپ قالغانمۇ يە {:90:} ئافغانىستان شەرقى شىمالى خەن دەۋىرىدە ئايرىلماس بىرقىسمى ئىدى {:92:}

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 15:35:58

ئەرەپمىسەن ئاففانمىسەن ، سەن ئەرەپمۇ ئاففانىمۇ ؟ سەن ئەرەپ بولمىغاندىكىن كىيىن مىللى كىيمىڭنى كەي ..................دىگەن تالاش تارتىشلار ئاففانىستاندىمۇ بارمىدۇ ؟

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 17:29:50

30 مىڭ تالىبان ھايات تۇرسا ،،ئافغانىستان تىنىچلىق دەۋىرگە كىردى دەپ بىلجىرلايدىغان گەپما {:87:}

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 17:42:49

ئاففان  تاغلىق ئادەم دىگەن مەنىدە
ئاففانىستاندىكى ئاساسلىق مىللەت پۇشتۇلار ۋە ھازارلەر 2000 يىل بۇرۇنقى مۇقەددەس كۇشان ئىمپىريەسىنىڭ
يەنى كۇشان ئىمپىريەسنى قۇرغۇچى توخارلارنىڭ ئەۋلەتلىرىدۇر. ئەينى چاغدا قەشقەر خوتەنمۇ كۇشان ئىمپىريەسىگە قارىغان. شۇ زاماندا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ زور بىر تۈركۈم ئاھالىسى توخار ،ساك،پاسئان، ساكارائۇل بولۇپ بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئاففانلارنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسىنى چىتىشقا بولىدۇ. ھازىر جەنۇبى شىنجاڭ ۋە ئاففانىستاننىڭ نۇرغۇن يەر جاي ناملىرى ،ئۆسۈملۈك. ئۇچار قاناتلارنىڭ ناملىرىمۇ ئوخشاش بىر خىل تىلدا

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 18:23:07

تاغلىق رايۇنلارغىمۇ سايلام بىلىتى يەتكۈزگەننىڭ گىپىنى قىلىۋاتىدۇ  . سىنا مكىرو بىلوگىدىمۇ  يولداشلار دارتمىلاپ بىر نەرسىلەرنى دەۋاتىدۇ  .

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 03:40:19

ئاففانلار بىلەن بىزنىڭ چىرايىمىز بەكلا ئوخشايدىكەن
باللا ئاۋۇ ئاياللارنىڭ كىنىشكىدە رەسىمى بولغان بىلەن يۇزىنى ئىچىپ كۆرمەي قانداق پەرىق قىلىدىغاندۇ

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 08:56:17

تالىباننى پاكىستان قوللىمىسا ئۇرۇش بۇنچە ئۇزۇن سوزۇلۇپ كەتمەيتتى.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 09:11:56

سالونغا قانات قۇيرۇقلىرىنى كىسىپ يوللاپ بولاپتۇ

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 14:40:28

datman يوللىغان ۋاقتى  2014-4-9 03:40 static/image/common/back.gif
ئاففانلار بىلەن بىزنىڭ چىرايىمىز بەكلا ئوخشايدىكەن
ب ...

پۇشتۇلار تۈركى مىللەتتۇر، ئۇيغۇرلار تۈركى مىللەتتۇر، دىمەك، بىر مۇشۇ بىر نۇقتىدا بىر قەۋىمدىنمىز، لىكىن بۇ مىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قەستەن چىتىۋالغىنىم ئەمەس، ياكى ئۆزگىلەردىن «تۇققان ئىزدىگىنىم» مۇ ئەمەس، پەقەت مۇشۇ بىر نۇقتىنى دەپ قويغىنىم خالاس!

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 14:41:07

راس، رەسىمگە قاراپ رومال ئارتىۋالغان ئاياللارنى قانداق پەرق قىلىدىغاندۇ؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 14:54:02

سايلامدا بىلەت تاشلايدىغان كىشىلەر باشلىققا سايلىماقچى بولغان ئادەمنى سەل چۈشىنىپ ئاندىن سايلامدا بىلەت تاشلامدىغاندۇ؟

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 17:51:45

abdukayyum يوللىغان ۋاقتى  2014-4-9 14:40 static/image/common/back.gif
پۇشتۇلار تۈركى مىللەتتۇر، ئۇيغۇرلار تۈركى مىللەتتۇر ...

راسمۇيا...  بۇ    گەپ .

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 07:45:50

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-9 17:51 static/image/common/back.gif
راسمۇيا...  بۇ    گەپ .

ھەئە، بۇ راست گەپ، بەھۇزۇر پايدىلانغايسىز!

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 09:29:56

:lol ئاياللار يەنە شۇ رومىلىنى ئارتىۋالغاندا ئۆزىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايدىغان ئوخشايدۇ ئافغانىستاندا:lol بىزنىڭ بۇ دۆلەتتە گۈزەل يۈزلەرنى ئاچمىغۇچە... ھەقىقىي كاپالەتكە ئېرىشەممەيدۇ. بولمىسا ئاساسى قاتلامدىكى رەھبەرلەر ئۇنچە كۈچىمەس بولغىيتى{:136:}

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 10:33:01

پۇشتۇلار تۈركىي مىللەت ئەمەس ،ئۇلارنىڭ تىلى پارسلارغا يېقىن كىلەرمىكىن .لېكىن ئۇلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئەمەسلىگى ئىنىق.

yuknaki يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 10:38:45

سايلام باشلىنىپتۇ دە!

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 11:16:48

abdukayyum يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 07:45 static/image/common/back.gif
ھەئە، بۇ راست گەپ، بەھۇزۇر پايدىلانغايسىز!

راس ئەمەسكەنغۇ؟

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 16:33:52

ئافغانلارنى تارىخى جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش دەپ ئېيتىلغان بىر گەپ كۆگەندەك قىلىمەن بىر يەدە
بەت: [1] 2
: ئافغانىستان سايلىمى ھەققىدە