patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 19:13:45

كۈچ ئۇلاپ پىيادە مېڭىش...

ئالدى بىلەن تۈۋەندىكى تىمىنى تەپسىلى ئۇقۇڭ.

http://bbs.izdinix.com/thread-57842-1-1.html
ئۇنىڭدىن كىيىن ماڭا قۇلاق بەرسىڭىز- يۇقارقى تىمىدا بايان قىلىنغاندەك مەسىلە باركەن.
بىرقانچە ئابزاس سۆز قىسقارتىلدى(تەسىرلىك سۆزلەر تىمىدا دىيىلىپ بولغاچقا يەنە سۆزلەپ ھەرقايسىڭلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ  يۈرمىسەممۇ بۇلار)
نەق گەپ- مىنىڭ مەزكۇر مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا كىتاب ئاپىرىپ بەرگۈدەك ئىمكانىيىتىم يوق، ھەم نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بىر-ئىككى پارچە كىتابنى ئاپتۇۋىزدىن ھاۋالىگە ئەۋەتىپ بىرىشكە ۋاقتى يوق ياكى ئىرىنىمىز. شۇڭا مىنىڭ تەكلىۋىم- كەمىنە ئەڭ يۇقىرى چېكى ئۈچ خانىلىق قىممەتتىكى ھاۋالىگە-پوسولكا يەتكۈزۈش خامچوتى بىلەن تەمىنلەيمەن. ھەربىر ناھىيە-شەھەردىن بىردىن تورداش ئازراق ۋاقتىنى ئاجرىتىپ ئىئانە كىتابلارنى تاپشۇرىۋالىدۇ، قالغانلىرىڭلار ھېچ بولمىسا بىر پارچىغا چاغلىق كىتاب-ژورنالنى شۇ كىشىگە يەتكۈزۈپ بىرىسىلەر دە-ھەمىمىزنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن يۇقارقى مەسىلە ھەل بۇلۇپ كىتىدۇ.
پىلاننىڭ ئىجرا قىلىش مۇددىتى؛ يەتتە كۈن.
نەقلەشتۈرۈش شەكلى؛ كىتاب يېغىۋېلىشقا مەسئۇل بولغان كىشى يېغىلغان كىتاب-ژورناللارنى پوسولكا قىلىپ خوتەن تەرەپكە ماڭىدىغان ماشىنىغا سېلىۋەتكەندىن كىيىن بانكا كارتا نۇمۇرىنى قۇشۇپ ماڭا ئۇچۇر قىلسا 14-چىسلادىن كىيىنكى 48سائەت ئىچىدە پوسولكا يەتكۈزۈش ھەققىنى كارتىسىغا ئۇرۇپ بىرىمەن.
قېنى ئەمىسە تۇرۇشلۇق ئورنىڭلارنى ئەيتىپ بىر شەھەردىن بىرىڭلار كىتاب يېغىۋېلىشقا مەسئۇل بۇلىڭلار. باشقىلار ئىزدىنىش، مىسرانىم، باس باس مۇنبەرلىرىنى ئارىلاپ تۇرۇپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ چىققان نوچىغا كىتابلىرىڭلارنى يەتكۈزۈپ بىرىڭلار...
13399790644ماۋۇ قاراقاش لوقمان دوختۇرخانىسىدىكى ئابدۇكىرەم مەتناسىر دىگەن بالىنىڭ تېل نۇمۇرىكەن، شۇنىڭغا سالساڭلار بۇلىدۇ.

قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش؛تۇشۇغۇچى راكىتا، ئايرۇپىلان قاتارلىق تىراسفورت ھەققى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى  قاتناشلار بىلەن ئەۋەتىلگەن پوسولكىلارنىڭ يەتكۈزۈش ھەققى ئاتچوت قىلىنمايدۇ. پوچتا پاراخوتىمۇ بار...




lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 19:30:20

قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش؛تۇشۇغۇچى راكىتا، ئايرۇپىلان قاتارلىق تىراسفورت ھەققى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى  قاتناشلار بىلەن ئەۋەتىلگەن پوسولكىلارنىڭ يەتكۈزۈش ھەققى ئاتچوت قىلىنمايدۇ. پوچتا پاراخوتىمۇ بار...

:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 19:33:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 19:36  

قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش؛تۇشۇغۇچى راكىتا، ئايرۇپىلان قاتارلىق تىراسفورت ھەققى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى  قاتناشلار بىلەن ئەۋەتىلگەن پوسولكىلارنىڭ يەتكۈزۈش ھەققى ئاتچوت قىلىنمايدۇ. پوچتا پاراخوتىمۇ بار...


-------------------
راسلام قىززىق
مەن خوتەن شەھىرىدە 15599600657  بۇ يەردىن ئىئانە قىلىشنى خالايدىغانلار ئالاقىلاشساڭلار ئۆز قۇلۇم بىلەن كۇتۇپخانىغا تاپشۇرۇپ بىرىشكە كىپىل . ھازىرچە23 سائەت 59 مىنۇت بىكار بۇلۇپ قالدىم :lol

ئىسمىم : ئابلەتجان

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 20:17:19

ئۈرۈمچىدىكىلەرنىڭ كىتابلىرىنى @GoodLuck بىلەن ئىككىمىز ماشىنىدىن سېلىۋىتەيلى.
كىتاب سانى 10غا يەتسە ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئەكىلىمىز{:87:}

بولسا تېما ماۋزوسىنى نەق گەپكىلا ئۆزگەرتىپ قويۇڭلا، كۆزگە چېلىققۇدەك قىلىپ.

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 20:41:12

muzdala يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 20:17 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچىدىكىلەرنىڭ كىتابلىرىنى @GoodLuck بىلەن ئىككىمىز ما ...

ئەجەپ ياخشى.
كىتاب سانى 10 دىن ئاشسا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئەكىلىۋالىدىغان ئىش بولسا، مەن ئاللاھ خالىسا 200 نى تەييارلاپ قويدۇم. GoodLuck ھازىرلا ئۆيگە كېلىپ، كىتاب جاھازامنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ ئېچىپ، كىتابلارنى ئېلىپ كەتسۇن. :lol  

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 20:50:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 21:01  

چاقچاقمۇ قىلىشتۇق.
مەن ئاللاھ خالىسا ئەتە سەپەرگە ماڭماقچى ئىدىم. بايا GoodLuck ئۇچۇر قىلىپتۇ: ئاكا، كىتابلارنى ئېلىۋالساق دەپ.
ئۆتكەندە ئۆيگە مېھمان چاقىرغاندا، ئۆزۈم دائىم كېرەك قىلىدىغان كىتابلارنى ھۇجرامغا تىزىپ قويۇپ، كىتاب جاھازىسىنىڭ ھەممىسىگە قۇلۇپ سېلىۋەتكەن ئىدۇق. چۈنكى، مەن باشقا ئىشلاردا مەرت بولغان بىلەن، كىتابقا بەك پىخسىق.
بايا ئالدىرىغاندا كىتاب جاھازىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر كىتاب جاھازىسىنىڭ ئىشىكىنى ئەتۋىركە بىلەن بۇزۇپ ئېچىپ، 15 كە يېقىن كىتابنى تەييارلاپ قويدۇم. ھەممە كىتاب جاھازىسىنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇشنىڭ ئورنى بولماي قالدى.
ئاللاھ خالىسا ئەتە ئىشخانىدىكى بالىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ ھەربىر سانىدىن 10 پارچىدىن تەييارلىتىپ قوياي.
GoodLuck ئىنىم ئۆيدە ۋە ئىشخانىدا تەييارلاپ قويغان كىتاب-ژۇرناللارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جايىغا يەتكۈزگەي.

كېيىنكى قېتىم ژۇرنالنىڭ يېڭى سانلىرىنى سېلىش ئالدىدا پەيزىم تۇتۇپ قالسا، يەنە بىر تۈركۈم كىتابلارنى قوشۇپ تەييارلارمەن، ئىنشائاللاھ ...

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 20:56:35

ئەسلىدە ھەيۋەتلىك قىلىپ ‹تاشقى پىلانت ئادىمى بايقالدى› ‹مارس يەر شارىغا سوقۇلىدىكەن› دەپ قۇياي دىگەن ماۋزۇنى لېكىن پەلسەپىۋىلىكى قالمايدىكەن شۇڭا مۇشتاراق قويغان :lol...ئۈچ مۇنبەرگە مۇشۇ ماۋزۇدا يوللىنىپ كەتتى...مۇنبەرلەر ئارا ئىزدەپ قالغانلار تاپالايدىغان تەرەزدە ماۋزۇنى ئۆزگەرتىپ قويساڭلارمۇ بۇلىدۇ.

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 20:59:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 21:01  

ماۋۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقان قىزلىرىم شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھۇجرىسىدىكى كىتاب جاھازىسىدىن 20 پارچىگە يېقىن بالىلار كىتابىنى تەييارلاپتۇ. «بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىز دادا، يىراقتىكى دوستلىرىمىز پايدىلانسۇن» دەيدۇ.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 21:03:28

Qismet يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 20:59 static/image/common/back.gif
ماۋۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقان قىزلىرىم شۇ تاپن ...

قالتىس ئىش بوپتۇ...يارايسىلەر

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 21:08:51

تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم:lol
قۇلۇمدىن كىلىدىغىنى شۇكەن{:112:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 21:12:04

خوتەندىمۇ كىتاب سانى 10 دىن ئاشسا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ ، جاپادا قويماي ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىمىز .
كېرىيەلىك بالىلار 30 پارچىدەك كىتاب يىغىپتۇ . ئەتە يا ئۆگۈن يەنە يىغىپ ئەۋەتىمىز دەۋاتىدۇ .
ئۈنىمى تىزكەن جۇمۇڭ {:112:}

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 21:12:29

باس باس مۇنبىرىدىن ھەۋەسكار ئەپەندىم خامچوت پىلانىغا قاتنىشىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما مەن ھازىرچە پايچەكنى بازارغا سالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تۇرمۇزلاپ قويدۇم...:lol

بولسا يېقىن-يۇرۇقلارغا يەتكۈزۈپ مۇشۇ ئىشنى بىر ۋايىغا يەتكۈزۋەتكەن بولساق قىرىنداشلار...گۇدلاك بىلەن مۇزدالا پەقەت كىتاب يېغىشقىلا بۇلىدۇ ئاغىنىلەر! يەتكۈزۈش ھەققىنى چۇقۇم بىزگە قالدۇرىشىڭلار شەرت!

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 22:22:39

قەشقەردىن يوللايدىغانلارغا مەن مۇ ئازراق كىتاپ ئاتايمەن ،يا بولمىسا مەن خوتەنگە ئوزۇم پۇلنى تولەپ يولغا سالمەن .خوتەندىن نامزات بېكتىڭلار.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 23:10:41

چىرا ناھىيەسى دىن كىتاپ سالىدىغانلار مىنى ئىزدەڭلا .....كىتاپ ئوندىن ئاشسا ئىشىك ئالدىغىچىە بېرىپ ئەكىلۋالىمەن
patrol  نىڭ يانچۇقىنى كولاپ يۇرمەي ئۈزۈم خوتەنگە ئاپىرىپ parakende  دىگە يەتكۈزۈپ بىرەي.....13899472970

ئەگەرparakende بۇرادەرنىڭ ۋاختى بولمىسا ئۈزۈم قارقاشقىچە يەتكۈزۈپ بىرىمەن

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 23:49:29

كىتاپ چۇقۇم ئۇيغۇرچە بۇلىشى كېرەكمۇ

ياكى قايسى تىلدىكى قايسى مەزمۇندىكى كىتاپ بولسىمۇ بۇلامدۇ.  
مەندە بۇرۇن پايدىلانغاب كومپيۇتېرغا ئائىت خەنچە كۆپ كىتاپلار بار ئىدى… ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايمەن

ئونسۇ   ياكى ئاقسۇ شەھىرىدىن كىتاپ يىغىدىغانلار ئۇچۇر قىلىڭلار       كىيۇ   كىيۇ   مىكروخەت 88247599

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 00:18:14

جەڭگىۋار مەن چىرىدا
مەندە بار
ۋېيشىن elbilge

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 03:04:35

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 23:10 static/image/common/back.gif
چىرا ناھىيەسى دىن كىتاپ سالىدىغانلار مىنى ئىزدەڭلا ..... ...

مىنىڭ ۋاقتىم يىتەرلىك جەڭگىۋار بۇرادەر

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 07:27:07

كىتابلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ئۇچۇرىنى قىلاي، قانداق يەتكۈزۈشنىڭ مەسلىھەتىنى قىلىشىلى

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 07:39:43

تۇرپاندىن كىتاب يىغىشقا مەسئول ئادەم بولمىسا بۇ ئىشقا مەن مەسئول بولاي.تېلىفۇن نومۇرۇم15109957010

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 11:23:23

alip824 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 22:22 static/image/common/back.gif
قەشقەردىن يوللايدىغانلارغا مەن مۇ ئازراق كىتاپ ئاتايم ...

باس باس مۇنبىرىدىن غەلىبە 159ئەپەندىم قەشقەردىن ئىكەن. تېلىفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرۇپتۇ13399980421، ئالاقىلىشىپ بىر ئىش قىلساڭلار...يا قەشقەر دىيارىدىن نامى ئالەمگە مەشھۇر ھەكىم بىرزات ئەپەندى ئۆھھۆ دەپ ئوتتىرىغا چىقسىمۇ بۇلىتتى
بەت: [1] 2
: كۈچ ئۇلاپ پىيادە مېڭىش...