Myuluqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 04:15:35

تاماكا چەككۈچى بۇرادەرلىرىمگە ئۇچۇق خەت

تاماكا چەككۈچى بۇرادىرىمگە ئۇچۇق خەت
ئىنسان ئۈزى بىلىپ بىلمەي ھەر-خىل گۇناھلارنى قىلىپ قۇيىدۇ. بەزىلەر بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ بەزىلەر بىلمەي تۇرۇپ قىلىدۇ. بىلمەي تۇرۇپ گۇناھ قىلىپ تەۋبە قىلسا ئۇ گۇناھنى قىلمىغان بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ. ئەمما بىلىپ تۇرۇپ قىلسا ئۇنىڭ ئازابىنى دۇنيا ئاخىرەتتە تارتىدۇ.
مەن كىچىككىنە بىر مىسال ئېلىپ سۆزلەي.
سىز تاماكا چەككۈچى ئادەم. تاماكا چىكىشئادەم تىنىنى ھالاك قىلغانلىقتىن بۇنى چىكىش ھارام.
سىزنىڭ يېقىنلىرىڭىز تاماكىنىڭ زىينىنى بىلگەنلىكتىن سىزنى تاماكا چىكىشتىن توستى تاماكىنى تاشلىشىڭىزنى تەلەپ قىلدى. تاماكىنى تاشلىتىشتىكى مەقسىتى ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى سىزدىن يىراق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتتە دۇزاق ئازابىدىن قۇتقۇزماقچى.يەنە بىر مەقسىتى بولسا تاماكا كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغانئادەم بەدىنىدە پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل ساقايماي ئېغىر-يىنىك كىسەللىكلەردىن سىزنى قۇتقازماقچى.
سىز بۇ ياخشى نىيەتلىك يېقىنىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ شەرىئەتتە تۇسۇلغان ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشكەن بۇ تاماكا دىگەن نىجىسنى ئەمدى چەكمەي دەپ تاماكىدىن قول ئۈزەلىسىڭىز سىزگە كاتتا ساۋاب بار. بۇرۇن تاماكا چىكىپ سىزدە پەيدا بولغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسى يۇيۇلۇپ كىتىدۇ. ھەقىقى تەۋبە قىلسىڭىز ئاللاھ سىزنى ئۆمۈر بۇيى تاماكا چەكمىگەن ئادەمدەك تاماكا چىكىشتىن شەكىللەنگەن گۇناھلىرىڭىزنى كەچۈرۋېتىدۇ. ھەم سىز ئاللاھ ماختىغان«تەۋبە قىلغۇچىلار» قاتارىغا كىرەلەيسىز.
ئەگەرسىزئۇنداق قىلماي يەنى يېقىنىڭىزنىڭ نەسىھىتىنى توغرا يولغا باشلىشىشغا پەرۋا قىلماي ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ھەر-خىل ئاقماس سەۋەپلەر تۈپەيلى يەنە داۋاملىق تاماكا چىكىۋەرسىڭىز ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى قىلغان بۇلىسىز. تاماكا چەككەن ھالەتتە ئوقۇغان نامىزىڭىز مەقبۇل بولماسلىقى مۇمكىن. مەقبۇل قىلىنمىغان ناماز سىزنى دۇزاقتىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.
ئاقىۋەتتە سىز تاماكا چىكىۋەرسىڭىز ئۇزۇنغا قالماي ئۆپكىڭىز،جىگىرىڭىز،يۈركىڭىز،كانىيىڭىز... ھەر-خىل تۇسالغۇلارغا ئۇچراپ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا تاماكا چەكسىڭىز شۇھامان تەسىرىنى كۆرسىتىپ سىزنى قىينايدۇ. سىز بۇ كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن تاماكىنى تاشلىسىڭىزمۇ ئەلۋەتتە كىچىككەن بۇلىسىز. چۈنكى سىزنى يېقىنىڭىز تاماكىدىن ئاگاھلاندۇرۇپئۇنى تاشلاشقا دەۋەت قىلدى. سىز قۇبۇل قىلمىدىڭىز، ھالا بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە تاماكىنىڭ زىينىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن جىسمىڭىز سىزنى تاماكىنى تاشلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
سىز بۇ چاغدا تاماكىنى تاشلىسىڭىزمۇ سىزگە تاماكا چەككەننىڭ گۇناھى بۇلۇپ تۇرىدۇ. گەرچە چەكمىگەن بولسىڭىز گۇناھ يېزىلىپ تۇرىدۇ. شۇ ھالىتىڭىزدە ئۆللسىڭىز ئىشىڭىز خەتەرلىك.
چۈنكى سىز تاماكىنى ئاللاھ ھارام قىلغانلىقى،بۇنى يېقىنىڭىزنىڭ بىلدۈرگەنلىكى سەۋەبلىك تاشلىغان ئەمەس جىسمىڭىزنىڭ بەرداشلىق بىرەلمىگەنلىكى،تاماكىنىڭ زىينى ئاشكارا كۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈنلا تاشلىغان. ئەگەر سىزگە تاماكا زىيان قىلىدىغان كىسەل كەلمىگەن بولسا سىز تاماكىنى ھەرگىز تاشلىمايتتىڭىز.شۇنىڭ ئۈچۈن سىز تاماكىنى تاشلىغان بولسىڭىزمۇ سىزگە گۇناھ يېزىلىپ تۇرىدۇ.
ۋەياكى كىسەللىك سەۋەبىدىن ئەمەس بىرەر باشلىقىڭىزدىن قورقۇپ ئۇنىڭ سىزگە ئۆچ بۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ،ياكى تاماكا چەككەنلىك سەۋەپلىك سىزگە كىلىدىغان مەنپەئەتنىڭ ئۈزۈلۈپ كىتىشىدىن قورققانلىق سەۋەپلىك تاماكىنى تاشلىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى سىز ئاللاھ ئۈچۈن تاشلىيالمىدىڭىزدە
ھەرقانداق بىر ياخشىلىقنى ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلمايدىكەنسىز بۇنداق ياخشىلىق سىزگە پايدا ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.
«ھەرقانداق يامانلىقنى، گۇناھ ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈنلا تەرك ئەتمەيدىكەنسىز بۇيامان ئىشتىن گۇناھتىن يانغىنىڭىز سىزنى نىجاتلىققا ئىرىشتۈرەلمەيدۇ. »
مۇشۇ قوش تىرناق ئىچىدىكى ئىككى جۈملە سۈزۈمنى مەڭگۈ ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ.
تاماكا تاشلىغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. تاشلاش ئەڭ قىيىن بولغان خىروئىننىمۇ تاشلىغانلارنى كۈرۈپ تۇرۋاتىمىزغۇ؟! سىزدە ئاللاھقا بولغان ھەقىقى مۇھەببەت،ئاللاھتىن قورقۇدىغان ھەقىقى قەلب، ئەركەكتەك ھەقىقى ئۇغۇل بالىدەك ئىرادە جاسارەت بولسىلا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئاسان.
يەنە بىرسى ناماز ئوقۇمايدىغان ياكى ئوقۇسىمۇ تۇلۇق بەش ۋاقىت ئوقۇمايدىغان ئادەمدەشەيتان ئىنتايىن كۈچلىنىدۇ. شەيتىنى كۈچلەنگەن ئادەمنىڭ قۇلىدىن ھەممە يامانلىق كىلىدۇ.ياخشىلىققا قۇلى بارمايدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا«ناماز يامان ئىشلاردىن تۇسىدۇ» دىگەن. سىز نامازنى تۇلۇق تەلەپ قىلىنغان بۇيىچىلا ئوقۇسىڭىز سىزدىكى ناچار ئىللەتلەر ھەممىسى ئۆزلىگىدىن تۈگەيدۇ.
يۇقارقىلارغا ئوخشاش ھەممە يامان ئادەت تاماكا توغۇرلۇق يېزىلغان مەزمۇنلارنىڭ ھۆكمىدە بۇلىدۇ. يەنى ھاراق ئىچىشنى ھارام دەپ تاشلىماستىن سىزگە زىيانقىلغاندا تاشلىسىڭىز، نېشە چىكىشنى ئاللاھ ھارام قىلغان دەپ تاشلىماي سىزگە زىيان قىلغاندا تاشلىسىڭىز قەتئىي پايدىسى بولمايدۇ،
ئاللاھ سىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي يۈزلىنىدىغان كىشىلەر قاتارىدىن قىلسۇن
م يۇلۇچىنىڭيازغان يۈرەك سۆزلىرى

lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 12:14:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-7 12:23

تاماكا چېكىش ياخشى ئەھۋال بولمىسىمۇ مەن بۇھەقتىكى مەلۇم ئىسلام مۇنبىرىدە كۆرگەنلىرىمنى ئاۋۋال ئىزدەپتېپىپ ، ئاندىن ئۇنىڭ مېكرو ياكى ھاراملىقى ھەققىدە دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا تىرىشمىساممۇ ئۈلگۈرگىدەكمەن.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 12:25:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-7 12:49

ئۇزھالنىڭمۇ تاماكا تاشلاش تۇغۇرلۇق بىر تېمىسى بار ئىدى.بەك بولمىغاندا بىر قۇتا مۈزدەك سۇنى ئىچىش دەپ.
شۇ تېمىسىدىكى تاماكىنىڭ خۇمارى پەقەت 7 كۈن ئۈندىن كىيىنكىسى خۇمار ئەمەس ئاددەت دىگەننى مەنخۇمار پەقەت ئككى كۈن ئۇندىن كىينكىسى ئادەت دەپ ئۇقىۋىلىپ ،ئىككى كۈندىن كىيىن چەككىم كەلسە .خۇما يۇق تاماكا چىكىش ئادىدىم تۇتۇۋاتىدۇ دەپ ئۈزەمنى بەزلەپ 15يىللىق تاماكا چىكىش تارىخمنىئاخىرلاشتۇرغىلى،مانا 1يىلدىن ئېشىپتۇ.ھازىر تاماكىنى چىكىش ئەمەس ،چىكىۋاتقان ئادەمنىڭ يىنىدىن ئۈتسەممۇ پۇراق كۈڭلۈمنى ئېلەشتۈرىدۇ.
كىينكى 5-6 يىلدا قىلدىغان خىزمىتىم كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش بولغاچقا بەك ئېغىر چىكىدىغان بۇلۇپ كەتكەن.ئۈزۈممۇكىينكى نەچچە يىلدا،نەچچە تاشلاپ يەنە نەچچە چىكىپ،چەكمىگەن ئىلىكتىرۇنلۇق تاماكا،تاماكا تاشلاتقۇزۇش تاماكىسى(بۇ ئاتالمىش دورىلىق تاماكىدىن 10 نەچچە قاپ چىكىۋەتتىم،قىزىق يىرى كىيىن شۇنىڭغا خۇمار بۇلۇپ قالدىم:L )قاتارلىقلار قالمىدى.ھىچ تاشلىيالمىغان.
مىنىڭچە تاماكا تاشلاشقا ئىرادە كەتمەيدىكەن،پەقەت( نىيەت )لا كىتىدىكەن.
ئوزھال باينىڭ شۇ تېمىسىنى تېپىپ رەخمىتىمنى ئېتىۋالاي دەپ ،پەقەت تاپالمىدىم.مۇشۇتېمىدا بولسىمۇ رەخمەت ئېتىۋالاي.:lol:lol:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 12:37:43

زىتەيلاڭدەك ئوندىن نەچچىنى قاتلىغانلىق سىتاژى بار بەڭگىلەرمۇ بار مەۋەدە {:92:}

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 13:58:25

چوشقا قېنى بارلىقى راستكەن ..مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھارام مەكرو دەپ ئايرىپ يۈرەمدىمىز ئەمدى؟

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 13:59:30

دادام تاماكا چىكىۋاتقىلى 30يىلدىن ئاشتىن،شۇنچە دەپمۇ تاماكىنى تاشلاتقۇزالمىدىم.

بالام ئالدىرماي تۇرە چىكىپ بوپ تاشلىۋەتمەمدىمەن دەپ قۇيۇشلىرى بار تېخى:lol

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 14:05:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-7 14:07

http://tech.sina.com.cn/d/2009-11-18/09333602700.shtml

چوشقا قېنى بولسىمۇ ھالال ھارام دەپ مەكرو دەپ بىر نىمىلەرنى دەمدىمىز؟ھارام تەركىپ ئېنىق بولسىمۇ ..بۇنى تېخى بىر خەنزۇ يازغان .

猪的全身都是宝
  新浪科技讯 北京时间11月18日消息 据英国《每日邮报》报道,在吞下美味的咸肉三明治时,几乎没有谁会疑惑猪的其他部分发生了什么,正是猪牺牲了自己的生命,我们才吃到了香喷喷的早餐。

  一名好奇的作家、29岁的克里斯藤·梅德斯玛开始追踪猪身上的各个部分最后去往哪里。他说:“和大多数人一样,我不知道猪离开屠宰场后都发生了什么,因此我决定一探究竟。我联系到了一名农场主朋友,这名朋友同意让我跟踪他的一只猪。”

  她发现,一只耳朵上黄色标牌数为05049的猪的最终用途竟达185项,从糖果和洗发水制造到面包、啤酒和子弹,都与猪发生了联系。克里斯藤说:“当我开始意识到一只普通的猪有着那么不同寻常而且多种多样的用途时,我震惊了。那种感觉就像是,现在猪不再被视为一种动物,更可能是一种工业原料,一种有着大量不同用途的工业原料。”

  她发现,那头猪的4.9磅用于制作水果橡皮糖;4.8磅用于制作甘草精,在这一过程中,猪身上的胶原质被提取转化为白明胶。之后,它就是食物中的一种胶凝剂。

  虽然不是所有糖果都含有猪肉白明胶,但很多糖果中含有,包括玛莎超市极受欢迎的派西小猪糖。不光糖果中含猪肉白明胶。在一些啤酒、葡萄酒和果汁中,猪肉白明胶也被用于改善饮品中的暗晦感。通过和液体中的单宁酸反应吸收黑色物质起澄清作用。有些冰激凌、生奶油、酸奶和某种黄油也含白明胶,一些宠物食物中含有白明胶。

  更令人惊讶的是,从止痛药到多种维生素,很多药物中也含有猪肉白明胶。一些卫生产品和美容产品也是由猪的副产品制成。从猪骨脂中提取的脂肪酸可用于制作洗发水和护发剂,它能让头发发出珍珠一般的光泽。这些脂肪酸还可用于制作多种身体乳霜、粉底和抗皱霜。由猪肉脂肪制成的甘油还是多种牙膏的一个成分。

  克里斯藤是荷兰人,她发现有些公司不愿答应她的合作请求,而有些公司声称他们甚至没有意识到自己的产品含猪肉中的成分。产品成分来自哪里标注不清的事实对这种混乱无济于事。据食品管理局的资料显示,厂商没有法律义务阐明他们使用的白明胶来自猪还是其他动物。如果标明的话,它经常会被误以为是猪胶。据拥有60年养猪经验的英国人、传统繁殖肉产品公司主席兼英国猪肉协会会员理查德·鲁维奇介绍,造成这种混乱的主要原因来自养猪业的工业规模。

  他说:“在英国,大型经济农场把他们的猪送到大型屠宰场。屠宰场将为所有副产品寻找不同市场。卖不掉的他们必须倒掉,因此,尽可能销售是他们的最大兴趣。有句老话说:‘猪浑身是宝。’过去100年,猪的用途快速膨大。”

  一些最令人惊讶的产品可能包括照相软片的材料,使用从猪骨骼中提取的胶原质;使用猪骨胶来改善鞋子的皮革品质;使用猪骨脂来增进涂料的光泽感。香烟生产商在香烟的过滤嘴中用到了猪血中的血红蛋白。这种成分在香烟中显然起着“人工肺”的作用。他们指出:“在化学物到达用户前有害反应就已经发生。”

  下次在购买面包时你最好看一下包装。有的制造商会使用L-Cysteine 半胱氨酸,这是一种提取自猪或者其他动物毛发的蛋白质,可用来软化生面团。特易购的原味玉米饼含这种成分。克里斯藤发现,对于猪副产品最奇怪的用途是制作子弹和炸药。猪骨白明胶用于帮助把黑火药或者无烟火药送入子弹。猪和猪身体各部分的多功能简直让人难以置信。

  事实上,猪身上没有被浪费的部分。05049号猪的猪嘴变成了油炸狗粮,而猪耳朵因其类似人类组织有时会被用于化学武器试验。纹身艺术家甚至会购买猪皮练习手艺,因为猪皮很像人皮,所以有时也被用于烧伤患者。

  猪对医学也做出巨大贡献,胰岛素、血液稀释剂“肝素”和猪心脏瓣膜都很重要。但是,对于素食主义者、遵从洁食的犹太教徒和其他嫌恶猪产品的人来说,这可能不是好消息。全球食品和加工业的复杂加工已使得完全避免猪变得不可能。(孝文)مەنبە:http://tech.sina.com.cn/d/2009-11-18/09333602700.shtml

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 15:18:10

شاڭيەننىڭ بۇلۇتىدا چوشقا تەركىبى باركەن دىسە ئەمسە موخرەك چىكەي دىگەنلەر بار. :lol

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 15:48:18

كەندىردە ھېچقانداق چوشقا تەركىۋى قوشۇلمىغان خاتىرجەم ئىستىمال قىلشىڭلارنى تەۋسىيە قىلمەن {:92:}

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 15:56:01

مەن 15 يىل چەككەن تاماكىنى تاشلىۋەتكىلى مانا بۇ يىل ساق 9 يىل بولدى!

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 16:19:57

مىنىڭچە تاماكا تاشلاشقا ئىرادە كەتمەيدىكەن،پەقەت( نىيەت )لا كىتىدىكەن.
ماۋۇ گەپنىڭ قوللايمەن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ھەقىقىي نىيەت، «قىسام بولىتى»دېگەندەك قۇرۇق نىيەت ئەمەس.
مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ، بۇرۇن تاماكا چىكىدىغانلار كۆزۈمگە سەت كۆرىنىدىغان، ئاغىنىلىرىم چەكسە تەربىيە قىلىدىغان ئادەم ئۆزۈممۇ چىكىشكە باشلىغان. 8يىلغا يېقىن چىكىپتىمەن. كىيىنچە مېنى نەچچە قاتلايدىغان كونا بەڭگىلەردىنمۇ بەتەر چىكىدىغان بولۇپ كەتكەنتىم.
ئۆتكەن يىلى رامىزاندىن باشلاپ 5ۋاخ نامىزىمنى باشلىۋالغان بىلەن تەڭ، «ھازىردىن باشلاپ چەكمەيمەن»دېگەن نىيەت بىلەن تەڭ تاماكىنىمۇ شۇ زامان تاشلىۋالدىم. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن كۆڭلۈم شۇنداق ئازادىچىلىك، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس چاغدىمۇ ئۇ نىجىسنى ئەسلىمەيمەن. ئاللاھ غا شۈكرى!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 17:05:44

تاماكا چىكىش تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق:lol

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 17:24:51

yanwar يوللىغان ۋاقتى2014-4-7 15:56 static/image/common/back.gif
مەن 15 يىل چەككەن تاماكىنى تاشلىۋەتكىلى مانا بۇ يىل ساق...

قانداق تاشلىدىڭىز ؟.. مۇشۇ تاماكا تاشلىيالىغانلار تەجىربىسىنى سۆزلەپ ئۆتكەن بولسا، شۇ باھانىدە بىزلەرمۇ سەپكە قوشۇلىۋالساق

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 17:35:28

atiyan يوللىغان ۋاقتى2014-4-7 17:24 static/image/common/back.gif
قانداق تاشلىدىڭىز ؟.. مۇشۇ تاماكا تاشلىيالىغانلار تەج ...

ئەگەر توغرا كەپقالسا، رامىزان مەزگىلى تاماكا تاشلايدىغانلارغا بىر ياخشى پۇرسەت بولىشى مۇمكىن.

yerimnan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 17:36:51

:lol «نىيەت»                سىزنىڭ بىر ئېغىز سۆزىڭىزنى ئون ئادەم ئاڭلىغان بولسا ئون خىل چۈشەنچىدە بۇلىدۇ.ئون ئادەم كورگەن بولسىچۇ؟!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 19:08:15

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-4-7 17:05 static/image/common/back.gif
تاماكا چىكىش تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق

:lol
زاكا بەڭگى

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 19:58:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yanwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-7 19:59

atiyan يوللىغان ۋاقتى2014-4-7 17:24 static/image/common/back.gif
قانداق تاشلىدىڭىز ؟.. مۇشۇ تاماكا تاشلىيالىغانلار تەج ...

مەن 1989-يىلى 10 يېشىمدا تاماكا چېكىشنى باشلىغان. 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شامدىن كېيىن ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويىغا چىقتىم. ئۆستەڭدە تىزغا كەلگۈدەك سۈزۈك سۇ بار ئىكەن. مەن ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ ساق بىر قاپ تاماكىنى قانغۇدەك چەكتىم. كاللام قاپاق بولۇپ كەتتى. ئاندىن سۇغا كىرىپ يېرىم سائەتتە ياتتىم. مېڭەم سۈزۈلدى. ئۆيگە كىرىپ جاينامازدا ئولتۇرۇپ قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ ئەتىدىن باشلاپ تاماكا چەكمەيمەن، دېدىم. دېگەندەك شۇ كۈندىن باشلاپ چەكمىدىم ھەم چېكەلمەيتتىم. لېكىن تاماكىنىڭ گېلىمدىكى ئىزى مېنى بەك قاتتىق قىينىدى. شۇنىڭ بىلەن يانچۇقۇمدىن ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئۈزمىدىم. 2007-يىلىدىن باشلاپ تاماكىنىڭ تۈتۈنىنى پۇرىساملا بىر قىسما بولۇپ تاماكىدىن يىرگىنىدىغان ھالەتكە يەتتىم.شۇنداق قىلىپ ئاخىرى تاماكىدىن قۇتۇلدۇم!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 20:25:57

داداممۇ 30 يىل چەككەن تاماكىنى تاشلىۋەتكىلى 10 يىلدىن ئاشتى.

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 20:26:55

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 20:33:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-7 20:41

atiyan يوللىغان ۋاقتى2014-4-7 17:24 static/image/common/back.gif
قانداق تاشلىدىڭىز ؟.. مۇشۇ تاماكا تاشلىيالىغانلار تەج ...

ئۇسۇلى مۇنداق :
بىرىنچى:مۇشۇنى چۇقۇم تاشلايمەن.دىگەن قەتئىي ئىرادىگە كىلىشىڭىز كىرەك.يەنە ئىچ -ئىچىڭىز بۇنىڭدىن قۇتۇلاي دىگەن نىيەتنى ھازىرلاڭ!بۇ مىنىڭچە 70%تەسىر كۆرتىدىغان ئامىل.(ئۈزىڭزىگە ھەر قاچان مەن بۇ نەرسىگە ئۈچ دەپ تۇرۇڭ)بىر ئايدىن كىيىن راسلا ئۈچ بۇلۇپ قالىسىز!!سىناپ بېقىڭ!!!
ئىككىنچى :دەسلەپكى يەتتە كۈندە جىسمانىي جەھەتتىن بىئارام بۇلىسىز.مىجەزىڭىز ئۇساللىشىدۇ.بۇ چاغدا كۈچلۈك تەمگە ئىگە نەرسىلەرنى يېنىڭىزدا دائىم ساقلاپ يۈرۈڭ!!!!مەن كۈچلۈك تاتلىق تەمگە ئىگە ئىچىملىك،ماڭا لازىغا سۈركەلگەن ياپراقچىدەك يىمەكلىك بەك تەسىر قىلاتتى.ئىشقىلىپ ئۈزىڭىز ياختۇردىغان كۈچلۈك تەمگە ئىگە نەرسىلەر بىلەن جىسمانىي جەھەتتىن بىسىپ تۇرۇڭ!!!ئامال بولسا ئەتراپىڭىزدىكى چىكىدىغانلاردىن سەل يىراق تۇرۇڭ!!!پەقەت بولمىسا سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىڭ .بۇ بىر ھەپتىدە كۈندە ئككى ئۈچ قېتمدىن چەكىڭىز كىلىپ تۇرىدۇ.كىينكى ھەپتىلىرىدە بۇ ئازلايدۇ.ئىككى ھەپتىدىن كىيىن كۈندە بىر قېتىم ،ئۈچۈنچى -تۈتىنچى ھەپتىلىرى ئىككى -ئۈچ كۈندە بىر قېتىم چەككىڭىز كىلىپ قالىىدۇ.لىكىن بىرىنچى شەرتنى ھازىرلىيالىسڭىز ،ئىشىنىمەنكى بىر ھەپتە ئۆتكەندە 80% تاشلىشىڭىز مۇقەرەرلىشىپ بولدى دىگەن گەپ.
ئۈچنچى :ئۇنىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش ھىچ گەپ ئەمەس،تەس ئەمەس.ئەمما مىجەز ئۇساللاشقاندا ،ئىچ پوشقاندا چىكىپ سىلىش تەسرەك،شۇڭا ئامال بار كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش كىرەككەن،ھەر قاچان باشقا ئىشلارغا ئاچىقلىنىپ ياكى چېچىلىپ قالغاندا قايتىدىن چىكىپ سالماڭ!!!(خەقنىڭ ناچارلىقى ئۈچۈن ئۈز سالامەتلىكىمگە زىيان يەتكۈزۈپ نىمە قىلاي دەپ تۇرۇڭ!)
پۈتكۈل تاشلاش جەريانىدا مىنىڭچە روھىي ئامىل ئاساسلىق ئورۇندا تۇرامدىكىن دەپ قالدىم.شۇڭا رۇھى جەھەتتىنئۈزىڭىزگە مەدەت بىرىپ تۇرۇڭ!!

مۇشۇ بىر قاپنى چىكىپ بۇلۇپ تاشلاي!ياكى قېپىدا ئۈچ -تۈت تال قالدى ،مۇشۇ تۈگۈسە تاشلاي! دىمەي.ئەگەر ئالدىڭىزدىكى بىر ئاي ئىچىدە قىلمىسا بولمايدىغان بەك مۇھىم ئىش(ئىنتىھان ،بەك زىھىن كۈچ تەلەپ قىلدىغان خىزمەت قاتارلىقلار،،) بولمىسىلا .ھازىرلا تاماكا قېپىڭىزنى دىرىجىدىن تاشلىۋىتىڭ!!!!مىنىڭچە (نىيەت )مۇشۇمىكىن دەپ ئويلانمەن.مەنمۇ شۈ كۈنى كەچتە ئىشتىن قايتىپ كىلۋىتىپ ئەمدى بىرتال تاماكىسى چىكىلگەن تاماكا قېپىنى ئەخلەت تۇڭۇغا تاشلاپ ،ھازىردىن باشلاپ چەكمەيمەن دىگەن.راست شۇنىڭدىن كىيىن چىكىپ باقمىدىم.ئۇزھال باينىڭ تېمىسىنى ئۇقۇغان شۇ چاغدا.
تاشلاڭ بۇنى نەرسىنى قەتئىي پايدىسى يۇقكەن.

بەت: [1] 2
: تاماكا چەككۈچى بۇرادەرلىرىمگە ئۇچۇق خەت