بەش ياشلىق بالا مىكروسوفت ئويۇن سۇپىسىنىڭ يوچۇقىنى ئېچىۋەتتى
سۈرەتتە ئۆسمۈر بالا خەسسىل
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئامېرىكىلىق بەش ياشلىق ئۆسمۈر بالا خەسسىل كۈتۈلمىگەندە مىكروسوفت بۇلۇت ئويۇن سۇپىسى Xbox Live نىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقىنى بايقاپ قالغان، پارولنى توغرا كىرگۈزمەيلا دادىسىنىڭ Xbox Live ھېسابات نومۇرىغا كىرىپ كەتكەن، دادىسى بۇ يوچۇقنى مىكروسوفتقا مەلۇم قىلغان. ئۇ بالا مىكروسوفتنىڭ سەمىمىي رەھمەت ئېيتىشىغا ۋە تۆت دانە ئويۇنىغا ئېرىشكەن، يەنە سوۋغات سۈپىتىدە Xbox Live نىڭ بىر يىللىق مۇلازىمىتىگە ئېرىشكەن.
خەسسىل دادىسىنىڭ Xbox Live ھېساباتىغا كىرمەكچى بولغان ۋاقىتتا، ئاۋۋال پارولنى خاتا كىرگۈزۈپ، ئىككىنچى قېتىم پارول دەلىللەش كۆزنىكى چىققاندا بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى پارول كىرگۈزۈش رامكىسى توشقۇچە باسسىلا كىرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
خەسسىل يوچۇقنى بايقىغاندا ھاياجانلىنىپ ۋارقىراپ كەتكەن، ئەمما دادىسىنىڭ ھېساباتىغا غەلبىلىك كىرگەندىن كېيىن ھودۇقۇشقا باشلىغان، بىر تەرەپتىن دادىسىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغۇرلىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنى دادىسىغا ئېيتقان.
خەسسىلنىڭ دادىسى روبىرت ئۆزىمۇ بىر كومپيۇتېر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى بولغاچقا، بۇ يوچۇقنى مىكروسوفت شىركىتىگە مەلۇم قىلغان. مىكروسوفت مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال يوچۇقنى ئەتكەن، يەنە خەسسىلنىڭ ئىسمىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەخسۇس بېتى ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقاتچى خادىملىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
مەنبەسى جۇڭگو ئاخبارات تورى
ئىزدىنىشتىمۇ شۇنداق بىر يوچۇقنى بايقىدىم :lol dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 22:14 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتىمۇ شۇنداق بىر يوچۇقنى بايقىدىم
دەۋەتمەمسىز، باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاپ قويار.:P MSM يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 22:35 static/image/common/back.gif
دەۋەتمەمسىز، باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپا ...
مېنىڭ بايقىغىنىم سىستېمىدىكى يوچۇق ئەمەس، شۇ باشقۇرغۇچىلاردىكى يوچۇق;P ئەجەپمۇ ئەقىللىق بالا ئىكەن بۇ . {:92:} بايقاش ئوبدان ئىش .لىكىن ئۇنى سىزنىڭ بالىڭىز بايقىسا،ئىشنىڭ چىققىنى شۇ . MSM يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 22:35 static/image/common/back.gif
دەۋەتمەمسىز، باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپا ...
داداش بولغاندىكىن ۋاللەي ئويۇنچۇقلىرىدىن بىرەر يۈرۈش بېرىۋىتىدۇ دەيمە;P
بەت:
[1]