yoruqman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 21:55:59

(شېئىرلار)خۇرشىد دەۋران شېئىرلىردىن تاللانما

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoruqman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-5 22:03

http://photoload.ru/data/e2/d5/63/e2d56306278acb66a55dd2640548e355.jpg

خۇرشىد دەۋران شېئىرلىردىن تاللانما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يالقۇن ئەزىزى

خۇرشىد دەۋران 1952-يىلى 20-يانۋاردا ئۆزبېكىستاننىڭ قەدىمىي شەھىرى سەمەرقەند ئەتراپىدىكى چاردارا قىشلىقىدا تۇغۇلغان. 1994- يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئۆز بېكىستان دۆلەتلىك مەنىۋىيەت- مەرىپەت مەركىزى رەھبىرىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلى ئۆزبېكىستان مىللىي رادىئو-تېلىۋېزىيە شىركىتى ياشلار قانىلىنىڭ باش دېرىكتورى، 2005-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ ئۆز بېكىستان تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېرىكتورى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
   1979-يىلى خۇرشىد دەۋراننىڭ دەسلەپكى شېئىرلار توپلاملىرى «قەدىردان قۇياش»، «شەھەردىكى ئالما دەرىخى»قاتارلىقلار نەشىر قىلىنغان، شۇ يىلى ئۇ ئۆز بېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە،1981-يىلى«تۈندىكى باغلار»، 1983-يىلى«ئۇچۇپ بارىمەن قۇشلار بىلەن »،1984-يىلى«تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى».1986-يىلى«بالىلىقنىڭ ئاۋازى»، 1987 -يىلى«قەقنۇس»قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ، يەنى 1997-يىلى«باھاردىن بىر كۈن ئالدىن »، «تەنھا قۇشنىڭ ئاۋازى»قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.
خۇرشىد دەۋران ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، شېئىرىيەتتىن كۆرە نەسىرىي ژانىرلاردىمۇ سەمەرىلىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بۇ ساھەدە، ئالدى بىلەن تار ىختىكى ئۇنتۇلماس تارىخىي سىمالارنىڭ ھاياتىي پائالىيە تلىرىگە قىزىقىپ، دەسلەپكىي قەدەمدە ئۇلار ھەققىدىكى مۆتىۋەر قوليازمىلار بىلەن تونۇشتى، شۇنىڭ بىلەن 1989-يىلى بابۇر مىرزا ھەققىدە «سەمەرقەندخىيالى»، 1990يىلى ئەمىر تۆمۈر ساھىبقىران ۋە بىبىخانىم ھەققىدە«ساھىبقىران نەۋرىسى»، 1998-يىلى شەيخ كۇبرا ھەققىدە«شېھىدلار شاھى ياكى شەيخ كۇبرا چۈشلىرى» قاتارلىق تارىخىي قىسسىلەرلەرنى يازدى. روشەنكى ئۇ بۇ ئەسەرلىرى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندا ئۆتمۈش-تارىخقا بولغان قىزىقىشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
خۇرشىد دەۋران بۇنداق تارىخىي سىمالارنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىنى پۇختا ئۈگۈنۈپ ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلار ھەققىدە يەنە، ئۇلۇغبەگ مىرزا ھاياتىغا بېغىشلانغان «ئالغۇل» (1995)، بابۇر مىرزا ھاياتىغا بېغىشلانغان «سېغىنىش»(1996)قاتارلىق تارىخىي تېمىدىكى سەھنە ئەسەرلىرى بىلەن تارىختىكى ئاجايىپ كىشىلەرنىڭ يارقىن ئوبرازىنى ھازىرقى زامان ئۆزبېك دىرا مىچىلىقىغا ئېلىپ كىردى.
شۇ دەۋىرلەردە، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەنە «ئەمىر تۆمۈر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 660-يىللىقى»،«ئۇلۇغبەگ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 600 يىللىقى »غا بېغىشلانغان ئوپېرالىرى سەمەرقەند سەھنىلىرىدە ۋە فىرانىسىيىنىڭ پارىژ شەھرىدە ئۆتكۈزۈ لگەن«بۇخارا ۋە خىۋە شەھەرلىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2500يىللىقى»نى خاتىرلەش كېچىلىكلىرىدە پارىژ شەھىرىدىكى يۇنىسكو ۋ مۇزىيى«ئوردىئان»تىياتىرخانىسىدا ئوينالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «تۆمۈر نامە» ناملىق 21 قىسىملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى، «بۇخارائىي شەرىف»ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلىۋېزىيە فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان.
ئۇ يەنە، شەرق ۋە غەرب شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان«قىرىق بىرئاشىق دەپتىرى»(بۇ توپلامغا جۇڭگو شائىرلىرىدىن لى بەي بىلەن دۇفۇنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈ لگەن).«ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياش شائىرلىرى»(1989) ۋە ياپون شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان«دېڭىز ياپراقلىرى»، «ساكۇرا گۈللىرى تۆكۈلەر»(1988)قاتارلىق تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ بەزىلىرى ئەزەربەيجان،پولشا، بۇلغارىيە، روسىيە،تۈركىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامېرىكا،ئەنگلىيە، ياپونىيە، مېكسىكا،تاجىكىستان قاتارلىق ئەللەردە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.
خۇرشىد دەۋران ئىجادىيەت ھاياتىدا، كۆپ قېتىملىق شېئىرىيەت فىستىۋاللىرىغا قاتناشقان،ھەمدە 1997-يىلى چاقىرىلغان ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ۋە شۇ يىغىندا«دوستلۇق»ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغان. 1999-يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھر ىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا يازغۇچىلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە شۇ يىلى ئۆز بېكىستاندا «ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى » ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان. 2000-يىلى ئۆز بېكىستان پارلامېنىتىنىڭ دىپوتاتلىقى(پارلامېنىت ئەزالىقى)غا سايلانغان. تۆۋەندە شائىرنىڭ« قېقىنۇس»« باھاردىن بىر كۈن بۇرۇن»« باللىقنىڭ ئاۋازى» قاتارلىق 3 شېئىرلار توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بىر تۈركۈم شېئىرلارنى دىققىتىڭىزلارغا سۇندۇم.

دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا

دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا،
دولقۇنىدا ئاقاي دىسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
قاراي دىسەم باقاي دىسەم.

ئىسمىڭدىن باشقا بىر سۆز يوقتۇر،
ئېيتاي دىسەم توۋلاي دىسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
يالقۇنىدا كۆيەي دىسەم.

مېھرىڭدىن باشقا كۈندۈز يوقتۇر،
سۆزلىرىمنى ئېيتاي دىسەم
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
باشقا يولدا كېتەي دىسەم.

كېرەك بولسا

كېرەك بولسا قىلىچ ئۇچىدا،
ياشا سۆيگۈمسەن مەجنۇن بولۇپ
سېرىق رەڭلىك گۈللەر ئىچىدە،
ئېچىل كىيىن قىزىل گۈل بولۇپ.

دېلڭدىكى سۆزنى ئېيىت پەقەت،
بەخىتلىك قىل سۆيگەن ئايالنى.
ئاڭا سەن زەر -تىللانى ئەمەس،
ئىنئام قىلغىن ئاينى،شامالنى.

ئۆچىڭنى ئال،ياۋدىن زۇلمەتتىن،
ساتقىنلاردىن،ئەڭ ئاخىرقى مەيدان.
سان-ساناقسىز تېرەكلەر ئارا،
ئەڭ قۇۋەتلىك چىنارغا ئايلان.

يالغان بىلەن تولغاندا ئەتراپ،
ئىچىڭگە يۇت،تىترەك نالىنى.
چاللار جىمجىتبولۇپ قالغاندا،
ئالقىشلىغىن راستچىل بالىنى !

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى ،
ئۇ قىلىچىم قانغا زار ئىدى .
قىلچىمدىن ئايرىلار بولدۇم ،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى،
تىغىدا ياۋ قېنى خار ئىدى،
قىلچىمدىن ئايىرىلار بولدۇم،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى ،
ئۇنى ماڭا بەرگەن يار ئىدى ،
قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم ،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .

يات قىلىچلار قانىغا زار ئەمدى ،
يات قىلىچتىن قانىم خار ئەمدى .
باشقىلارغا يار بولدىئۇقىز،
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى .

ئىلان قىلىنغان مەنبە« مايبۇلاق»ژۇرنىلى2012-يىلى 4-سان

داۋامى بار
تېما ئەسلى ئىلان قىلىنغان مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/forum.php

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 17:58:28

http://kh-davron.uz/

najib يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 18:44:06

@sarrrwi

yoruqman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 23:31:33

بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا

بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا ،
ھە،بىلىمەن ئاي بەكمۇ گۈزەل،
تويۇپ بولماس بۇنداق چىرايغا.

يېتەر ئەمدى تەلمۈرمەڭ كۆككە ،
گەرچە قىزغۇچ يۇلتۇزلار،
سىرداش كەبى بولسىمۇ يۈرەككە .

بولدى دىمەڭ، ئۇ ھىلال پاتار ،
ئۇكىشنىگەن ساپ-سېرىق تۇلپار،
تۇمانلاردەك يېيىلىپ ياتار .

يەرگەقاراڭ خۇددى شۇ چاغدا ،
يۇلتۇزلاردەك يۇمران مايسىلار ،
باش كۆتۈرۈپ ئۈنۈپ چىقماقتا .

دېرزىنىڭ پەردىسدىكى قارنى

دېرىزنىڭ پەردىسدىكى قارنى ،
كۈزىتىدۇ تۆۋەندىكى گۈل.
تاشقىرىدا ياققان چاغدا قار،
ئۆيدە كىتاپ ئوقۇغىن ماقۇل .

تاشقىرىدا ياققان چاغدا قار ،
بۇ ئوي سۈرۈپ ئېڭرىماق دىمەك.
ۋە چىراغنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ ،
ئاپئاق شامنى ياندۇرماق كېرەك .

تاشقىرىدا ياققان چاغدا قار ،
كوچىدىكى چىراغدەك پارلاپ .
قانداق ياخشى مەيۈس ،بەختىيار ،
قىز كېلىشنى ئولتۇرساڭ پايلاپ .

قانداق ياخشى كۈزەتسەڭ تۇيۇپ،
تاشقرىدا ياققان ئاق قارنى .
ھېچ بولمىسا ئالدىڭغا قويۇپ ،
ئۆتكۈر شاراپ ،بىر بۇردا ناننى .

بىراق نىچۈن چىدىماس يۈرەك ،
كىينىمەنئاستا بىمادار .
قىيىن ئىكەن ئۆيدە ئولتۇرماق ،
تاشقرىدا ياققان چاغدا قار .

ئادەملەر

بۇ ئادەملەر ھەسرەتكە تولۇپ ،
قانداق ئويلار سۈرۈپ ماڭىدۇ ؟
تاڭنى ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ ،
تۈن قوينىدا يۈرۈپ ماڭىدۇ ؟

بۇ ئادەملەر يۈرىكى كۆيۈپ ،
قاي مەنزىلنى كۆزلەپ ماڭىدۇ ؟
ئۇلار ئاسان يوللارنى قويۇپ ،
-خەلقىم دەيدۇ ،بوزلاپ ماڭىدۇ .

بۇ ئادەملەر كۆكسى-بوغۇزدىن،
كۆزلىرىدىن نىچۈن ئاقار قان ؟
بۇ ئادەملەر تۆككەن قانلاردىن ،
تۈن قوينىدا كۆكۈرىدۇ تاڭ !

مىرتىمىر خاتىرىسگە
-مىرتىمىر ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى

شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار ،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى .
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار ،
بىز يوقۇتۇپ قويغاندا سېنى .

يىغىلاشتۇق ،جىددى ۋە مەھزۇن ،
كۆپەيمەكتە سەزدىم دوسىتلارنى .
كۈي ئاقماقتا غەم كەبى ئۇزۇن ،
قوزغاتقانچە دىلدىن ھېسلارنى .

دەپىنىدىن قايىتتۇق مۈكچۈيۈپ،
ئېزەر ئىدى كۆرۈنمەس تاۋۇت.
قار سۈيىدە يۈزلەرنى يۇيۇپ ،
شىۋىرلىدۇق" يۈرەك ئەستە تۇت''

شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار ،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى .
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار ،
بىز يوقۇتۇپ قويغاندا سېنى .

شۇندا كىمدۇر، كىم ئۇئەستە يوق ،
دىدى غەمكىن ئەكىنىچە باش :
-مېيىتىنى كۆتەرگەن چاغدا ،
كۆزلىرىدە كۆردۈم تامچە ياش .

ئاھ! دوسىتلىرىم يۈرەك سەزمەكتە ،
ئۇ كۈزۈتەر ئەمدى بىزلەرنى.
كۆزىدە ياش ئۇ يىغلار ئىدى ،
-قىيناپ قويدۇم دەيدۇ سىزلەرنى .

تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان


تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان ،
يادىمدىدۇر خەندان كۆزلىرىڭ .
كۈلۈشىڭنى ئەسلەيمەن بۇئان ،
ئۇنتۇلغاندۇر يالغان سۆزلىرىڭ .

ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەك قىزىل ،
ئالۋۇن ئىدى تەبەسسۇمىڭ ھەم .
-ئەي كۆزلىرى خەندان ئۇرغان قىز ،
سەندىن ماڭا قالدى پەقەت غەم .

مەن بىلىمەن ئەڭ ئاخىرقى دەملەر ،
ھالسىزلارچە ئۇزاتسام قولۇم .
سېنىڭ،سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ ئىچرە ،
كۆزلىرىمگە باقىدۇ ئۆلۈم .

ئىلان قىلىنغان مەنبە« مايبۇلاق»ژۇرنىلى2012-يىلى 4-سان

داۋامى بار

yoruqman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 12:10:37

سۆز قۇشتۇر

سۆز-قۇشتۇر،
ئاۋايلا ئۇنى .
ئاۋايلا، كۆكسىڭنى سەن قىلغىن ئۇۋا .
قانىتنى سىلا، ئەركىلە،
ئۆز قېنىڭدىن ئۈچۈرگىن قۇشقا .

شېئىر-ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ ،
قۇياشقا تەلپۈنەر ئۇ ئۇچۇپ-ئۇچۇپ.
شېئىرنىڭ تۆت سەتىرى-
قەپەز بولمىقى،
ئاسمان بولمىقى
مۈمكىن سۆز ئۈچۈن ...

جىملىق

دەرىتلىرىمنى ئېيىتسام تۈنلىرى ،
-جىم ئولتۇرۇڭ دەيدۇ خوتۇنۇم.
ناخشا ئېيىتسام ناۋالار قىلسام ،
-جىم بولۇڭ دەپ ۋاقىرار خوشنام .
جاراڭلىسا قولۇمدا كېشەن ،
-جىم بول دەيدۇ،قەھىرلىك دۈشمەن .
گۈلزار ئارا سايىرسا بۇلبۇل ،
-جىم بول دەيدۇ سۇلغان ئەتىرگۇل .
ئۇسۇل ئويناپ، ناخشىلار ئېيىتسا ،
-جىم ئولتۇرغىنا دەيمەن بالامغا .
جىم بولساڭچۇدەپ ۋاقىرماقتىمەن ،
دىلىمدىكى يىغا-نالەمغا .
جىملىق مېنىڭ ئۆمرۈم-ھاياتىم ،
جىملىق مېنىڭئاخىرقى پەريادىم .
جىملىق بىلەن چۈشكەن بەسمۇ-بەس !
پەقەت يۈرەك ،
يۈرەك جىم ئەمەس ...


مەن سۆيۈمەن




مەن سۆيۈمەن شىۋىرلار ئايال

كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بېرىمەن.

دەزماللايمەن كۆينەكلىرىڭنى،

سېنى قۇچقان قوللىرىم بىلەن.

پەقەت بىر كۈن يېنىڭدا يېتىپ،

جىملايغانچە شىۋىرلايمەن بەس؛

يۈرىكىنىڭ ئاستىدا كىمدۇر،

خۇددى سەندەك ئالماقتا نەپەس.



ئىلان قىلىنغان مەنبە« مايبۇلاق»ژۇرنىلى2012-يىلى 4-سان

داۋامى بار

yoruqman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 18:04:08

قىز ئېلىپ قېچىش

ئاتلار...ئاتلار...ھەي ئاتلار،
دۆكۈرلەيدۇ تۇياقلار.
قورقۇپ كېتەرئويغۇنۇپ،
ئۇخلاپ قالغان تار يوللار.
         ۋاھ، مېنىڭ ھەسىرىتىم!
ئەمدى قايتىپ كەلمەيسەن،
ھالىمنى ھېچ بىلمەيسەن.
گەرچە يالغان بولسىمۇ،
جىمجىتقىنا كۈلمەيسەن.
         ۋاھ، مېنىڭ ھەسرىتىم!
يولۇڭ ئۇزاق-تاغ كەينى،
سەن كېتىپ، قايغۇ ئاشتى.
ئېتىمنى قۇچاغلىسام،
يىغلاپ چاپىدۇ ئېتىم.
         ۋاھ، مېنىڭ ھەسىرىتىم!
ئېتىم، ئېتىم ھەي ئېتىم،
سۇندىمۇ قاناتلىرىڭ.
كۈلۈۋاتقان يۇلتۇزدەك،
قارىيىپ كەتتى سىنەم.
         ۋاھ، مېنىڭ ھەسىرىتىم!
قېنى، ئالغىن تۇلپارىم،
ئۇزاققا كېتەي يارىم.
ئوغۇرلاپ قاچالمىسام،
قالارمۇ نومۇس-ئارىم.
         ۋاھ، مېنىڭ ھەسىرىتىم!
قېنى، قېنى، بول ئۇچقىن.
يىراقلارنى تىز قۇچقىن.
ئارقامدىن قوغلىغانلارغا،
كۆرۈستۈپ قويغىن كۈچىڭ.
          ۋاھ، مېنىڭ ھەسىرىتىم!
لەۋلىرىڭ شۇنچە شىرىن،
كۆزلىرىڭ شۇنچە شىرىن.
سىرىنى بىلىش ئۈچۈن
قەستەنگە ئېلىپ قاچتىم،
          ئاھ، مېنىڭ شادلىقىم!
          ۋاھ، مېنىڭ شادلىقىم!

خۇرشىد دەۋران ياكى باشقاتۈرك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرەي دىسىڭىز بۇ مۇنبەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ باققايسىز
http://awangart.com/mun/

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 19:07:05

مىنى مەس دەپ بىلگىن مۇنبەردە،
مەن بىر قىلىچ ،بولساڭمۇ ،گەردە،
ئويناپ قويدۇم تاتلىق قاپىيە،
كاللا باشتا بولسا،ئەگەردە.

بەت: [1]
: (شېئىرلار)خۇرشىد دەۋران شېئىرلىردىن تاللانما