tursunn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 21:34:45

ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا ئىلتىماس

ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا  ئىلتىماس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ تۆھپىكار باشقۇرغۇچلىرى، يازغۇچىلىرى، كەمىنىدىن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام!
ئۈندىدار ئاتالمىش ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى چىققان بىر قانچە يىلدىن بېرى، تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قۇلايلىق، يېڭىلىقلارنى (ئەلۋەتتە بەزىبىر سەلبىي تەرەپلىرىمۇ بار) ئېلىپ كەلدى، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، رەسىم، سىن، ئاۋاز  قاتارلىق ئۇچۇر- خەۋەرلەرنى يوللاش تېخىمۇ قولايلاشتى، ئەرزانلاشتى.
بولۇپمۇ، مۇشۇ بىر- ئىككى يىلدىن بويان ھەرخىل ساھە، مەقسەتلەردە قورۇلغانئۇيغۇرچە ئۈندىدار سالونلىرى كۈنسايىن كۆپەيدى، سەرخىللاشتى. يېڭى- يېڭى ئۇچۇر، بىلىم ۋە باشقا مەزمۇنلار تېز سۈرئەتتە ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ  نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىشكە، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇشقا بەلگىلىك دەرىجىدە ياردىمى بولدى. ھەتتا، كومپىيۇتېر، تور ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يوق يېزا- قىشلاق، چەت يەرلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان يېڭىلىقلاردىن بەھرىمەن بولدى.
ئەلۋەتتە، كۆپلىگەن ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ باشلىقلىرى، يازغۇچىلىرى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېڭى- يېڭى، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئېگە ئىجادى ئەسەرلەر ۋە باشقا خەۋەر، ئۇنىۋېرىسال ئۇچۇرلارنى ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلىرىگە تەمىنلەپ كەلدى. ئەمما، ئاز بىر قىسىم ئۈندىدار سالونچىلىرى سانغا ئەھمىيەت بېرىپ، سۈپەت، ئىناۋەت بىلەن چاتىقى بولمايدىغان، كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇش، ئەزا توپلاشنىلا ئاساسلىق مەقسەت قىلىپ، دەبدەبىلىك تېمىلارنى قويۇپ، مەزمۇنىنىڭ تايىنى يوق يازمىلارنى ئېلان قىلىپ ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ۋاقتىنى، زېھنىنى ئىسراپ قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى ھەم كۆرۈلىۋاتىدۇ.
بايقىشىمىزچە، ئادەتتتە كىتاب- ژۇرنال ئوقۇمايدىغان، گېزىت كۆرۈش بىلەنمۇ ئانچە خۇشى يوق كىشىلەر ئۈندىدارنى، ئۈندىدار سالونلىرىنى خېلىلا قېزىقىپ ئوقۇيدىكەن، ھەتتا بەزى كىشىلەر كۈندە مەلۇم دەرىجىدە مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇيدىكەن. كىتاب، گېزىتلەردىن ئالالمىغان بىلىم، ئۇچۇرلارنى ئۈندىدار سالونلىرىدىن ئاز- تولا بولسىمۇ ئالىدىكەن. ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا كىتاب ۋاراقلىمايدىغانلارمۇ كۈندە ئۈندىدار سالونلىرىنى «ۋاراقلاپ» تۇرمىسا بىر نېمىسى كەملەپ قالغاندە ھېس قىلىدىكەن.
بۇ ئەھۋالدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ جەمئىيەتتە، كىشىلەر ئارىسىدا ئوينايدىغان رولى زور بولۇپ، سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ.
خوش! ئۇنداقتا ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى مۇشۇنداق نۆۋىتى كەلگەندە كىتاب- ژۇرناللارنىڭ رولىنى ئۆتەۋاتقان سالونلارنى، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى باشقۇرمىسا، ئانا تىل- يېزىقىمىزنى ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قېلىپ، توغرا قوللانمىسا قانداق بولىدۇ؟ ئىشلەتكۈچىلىرىگە قانداقمۇ يۈز- كېلەلەيدۇ؟
تۆۋەندىكى بىر قانچە مېسالنى كۆرۈپ باقايلى:
1. مەن سېنى سۆيىمەن
مەن سېنى سويىمەن
2. بەشىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىمەن
بەشىنچى قەۋەتتە ئۆلتۈرىمەن
3. مېنى كۈت(ساقلا) دېگەن ئېدىڭغۇ!
مېنى كۆت (ئۆزىڭىز بىلىسىز) دېگەن ئېدىڭغۇ!
...
ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئانا تىل- يېزىقىمىزنى توغرا يازمىساق، كىچىككىنە كەتكۈزۈپ قويساق قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىكەن؟ بۇلار تېخى نۇرغۇنلىرىنىڭ پەقەتلا بىر قانچىسى...
  ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى ھەرگىزمۇ ئورنى يوق، رولى كىچىك تىل ئەمەس
ئۇيغۇر تىلىنى 11 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر سۆزلەيدۇ. ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان خەنزۇ، قازاق، شىبە، ئۆزبەك، قىرغىز، تاجىك، رۇس ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ سانى 1 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، 12 مىليون كىشى ئېگىلىگەن بۇ تىل دۇنيادىكى 6000 خىلدىن ئارتۇق تىل ئىچىدە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ سانى جەھەتتە ئالدىنقى 70 نىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. (ئوردۇ تىلى بىلەن پەنجاپ تىلى، پۇتۇڭخۇا، كانتونچە قاتارلىقلارنى ئايرىم تىل دەپ ھېسابلىغاندا).
ئۇيغۇر تىلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە تېخنىكا تىلىغا ئايلاندى.
ھازىر:
Google
Wikipedia
Wordpress
Bing
...
قاتارلىق ئەڭ داڭلىق تور مۇلازىمەتلىرىنىڭ رەسمىي ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار.
ئەڭ داڭلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان Microsoft Windows پۈتۈن يەرشارىدا 50 تىن ئارتۇق تىلدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
ئەڭ داڭلىق يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىشخانا قوراللىرى بولغان  Microsoft Office مۇ ئۇيغۇرچە تارقىتىلدى.
ئەڭ داڭلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىن ئالما، ئاندرويد، Windows Phone قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە قوللايدىغان بولدى.
ھازىر ئۇيغۇرلاردا ھۆكۈمەت، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى، ئۇيغۇرچە تور مۇلازىمەتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلىرى، ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا ھەرخىل يۇقىرى تېخنىكىلىق نەرسىلىرى بار.
ھازىر تور دۇنياسىدىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەپ، كېرەكلىك جاۋاب ياكى ئۇچۇرغا ئۇيغۇرچە ئېرىشىش ئاساسى جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشتى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ قارمىقىدىكى
خەلق گېزىتى (uyghur.people.com.cn)
شىنخۇا ئاگنېتلىقى (uyghur.news.cn)
جۇڭگو خەلقئارا رادىيوسى (uygur.chinabroadcast.cn)
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى تور بۆلۈمى (uyghur.cntv.cn)
.... قاتارلىق بىر مىليارد ئادەمگە قارىتىلغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار.
ئۇيغۇر تىلى يەنە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى، مىننۇسىتا ئۇنىۋېرسىتېتى... قاتارلىق خەلقئارالىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەمدە ياپونىيە، كورىيە، رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ماگىستېر- دوكتور ئاسپىرانتلىق دەرسى سۈپىتىدە تەسىس قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى نۆۋەتتە يۇقىرىقىدەك ئورۇنغا ئىگە بولسا، تارىختا تۇنجى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئەسىرى ئۇيغۇر تىلىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسىدا يېزىلغان.
ئۇيغۇر تىلى خەنزۇ، ئەرەب، ھىندى، قىرغىز تىللىرىغا ئوخشاشلا قەدىمىي تىل، شۇنداقلا 30 دىن ئارتۇق تۈركىي تىللار ئۈچۈن ئاساس تىل. ئۇيغۇر تىلىنى ئىگىلىۋالغان ھەرقانداق كىشى باشقا 35 خىل تۈركىي تىلنىڭ ھەرقانداق بىرىنى ھېچ قىينالمايلا ئۆگىنەلەيدۇ.
دۇنيادىكى قەدىمىي يازما يادكارلىقلار ئىچىدە خەنزۇ، ئەرەب (فىنىك قاتارلىق باشقا سام تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سانسكرىت ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىرى ئەڭ كۆپ.
بۇ تىلدا «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» گە ئوخشاش... باشقا دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، قوڭىدىن پوق چىقىپ كەتكۈچە چىرقىراۋاتقان دۇنياۋىي داڭلىق ئەسەرلەر يېزىلغان.
شۇڭلاشقا، بارلىق ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، يازغۇچىلىرىغا ئىلتىماسىم شۇكى، ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى، يېزىقىمىزنى توغرا قوللىنايلى، يۈكسەك مەسئۇلىياتچانلىق بىلەن ئۈندىدار ئىشلەتكۈچى ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلايلى.
دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز تىلىنى«ئانا تىل» دەپ ئاتىسا كېرەك. شۇنداق بولغاندا، بىر مىللەتنىڭ ئۆز تىلى «ئانا» بىلەن «تىل» دىن ئىبارەت ئىككى سۆز بىرىكىپ «ئانا تىل» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە ئانا بىلەن بىرگە ئاتالغان «ئانا ۋەتەن»، «ئانا دەريا»، «ئىنىك ئانا» ...  لارغا ئوخشاش نۇرغۇن سۆزلەر بار ھەم بۇ سۆزلەر بىلەن ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى قەدىرلىنىدۇ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ ھەمدە ئاسرىلىدۇ. ئويلاپ قالىمەنكى، تىلىمىز «ئانا» دېگەن مۇقەددەس سۆزنى باش قىلىپ ياسالغان ئىكەن ئۇنى خۇددى ئانىمىزنى سۆيگەندەك سۆيۈشىمىز، ئانىمىزنى ھۆرمەتلىكەندەك ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇلۇغلىشىمىز لازىم.
  ئانا تىلغا خىيانەت ئانىغا خىيانەت، ئانا تىلنى ھۆرمەتلىمەسلىك ئانىنى ھۆرمەتلىمەسلىك بىلەن باراۋەر. ئانا تىلغا خىيانەت ئانىغا قىلىنغان كەچۈرگىسىز جىنايەت.

پايدىلانمىلار:

1. «ئىزدىنىش» مۇنبىرىدىكى بىرھونننىڭ «ئەتە ئانا تىل كۈنىمىش» ناملىق يازمىسى.
2. ۋىكىپېدىيە تورى.

ئەسلى مەنبە: بىلىمبار ئۈندىدار سالونى
ئىزدەش نامى: bilimbar

amrakcn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 20:18:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amrakcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-6 20:19  

ۋاي خۇدايىم  تۇنۇگۇن يوللانغان تىما ئىكەنغۇ
قوللايدىغانلار ياكى ياخشى دەپ ئىلھام بىرىدىغانلار يوقما


رەخمەت قىرىندىشىم      سىزگە ئوخشاش مىللەت سۆيەر تىل سۆيەر  قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن

Myuluqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 04:07:15

بۇ مۇنبەردە ۋەھھابىي مەركەز قىلىنغان تىمىلار بەك قىززىيتۇ

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 23:15:04

ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىب بوپتۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ئۈندىدار سالونلىرىدىكى لاتىنچە يېزىقلار ئىنتايىن ئۆلچەمسىز بولۇپ ئوقۇغان ئادەمنى ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتكىدەك دەرىجىدە بەزىلىرىگە ئۇچۇر يوللاپ قويغانمۇ بولدۇم،ھېچ تۈزىتىدىغاندەك ئەمەس!!!
بەت: [1]
: ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا ئىلتىماس