President يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 17:47:09

قىرغىزىستاندىكى «قىز ئېلىپ قېچىش» ئادىتى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tangriqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-8 11:36  

     ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،قىرغىزىستاندا قىرغىز ياشلىرى ئۆزىنىڭ كۆزى چۈشكەن قىزلارنى خەلقى ئالەم ئالدىدا بۇلاپ كېتىدىكەن. تېخىمۇ قىززىق بولغىنى شۇكى، ئەركەك تەرەپنىڭ ئائىلىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرمەكچى بولغىنىدىن خەۋەردار بولغان ھامان، ھەر تۈرلۈك يامان-ياخشى تەييارلىقلارنى قىلغاچ تۇرىدىكەن ھەمدە ئوغلى قىزنى بۇلاپ ئۆيگە ئەكەلگەن ھامان توي ھازىرلىقىغا چۈشىدىكەن ھەمدە بۇ جەرياندا قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالمايدىكەن.
    قىرغىزىستاننىڭ «قىز ئېلىپ قېچىش» ئادىتى 1994-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن . قىرغىزىستاننىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ باياناتلىرىدا دېيىشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىل مابەينىدە پۈتكۈل قىرغىزىستاندا 24 مىڭ قېتىم «قىز ئېلىپ قېچىش ۋەقەسى» يۈز بەرگەن. ئىنسانىي ھوقۇق كومېتىتىتنىڭ باياناتىدا، بۇ شەكىلدە توي قىلغان جۈپلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قىسقا مۇددەتتىن كېيىن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    يېقىندا بىر مۇخبىر مۇشۇنداق بىر ۋەقەگە شاھىد بولۇپ، تۈركىيە گېزىتىدا مۇنداق خەۋەر قىلغان: بۇلانغان قىزنىڭ قورقۇنىچى ۋە داد-پەريادىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، يىگىت تەرەپنىڭ ئانىسى شۇنچە ئاماللارنى قىلىپ باقتى، ئەمما ھېچ ئامال قىلالمىدى. «قېيىنئانا»سى ئەمدى مەخپىي ھالدا قىزنىڭ يېقىن دوستى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىزنى رازى قىلىشقا تىرىشتى، ئەمما قىزنىڭ دوستلىرى بولسا بۇ نۇقتىدا قىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قىزنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتى ۋە بولغان ۋەقەلەرنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، قانداق قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، قىزنىڭ ئاكىسى «بۇلاڭچى يىگىت»نىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى ھەمدە سىڭلىسىنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە بۇ ئۆيدە قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىغا قارىماي، سىڭلىسىنىڭ «قېيىنئانا»سىغا بولغۇلۇقنىڭ بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشدىن باشقا ئامالىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى، شۇڭلاشقا سىڭلىسىنى قايتۇرۇپ ئەپكېتىپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەندە قايتىدىن بۇ ئۆيگە ئەپ كېلىپ قويۇش تەكلىپىنى بەردى. يىگىت تەرەپ بۇنىڭغا قوشۇلدى.
    ۋاقىتلار ئۆتتى، قىز تەرەپنىڭ مۆھلىتىمۇ توشتى. سىڭلىسىنى يىگىت تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشتىن بۇرۇن، بېشكەكتە ئاخىرقى بىر خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتى. يىگىتنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر مەزگىلگىچە ئۆيدە مەخسۇس كۈتۈلدى، چۈنكى ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قىزنى ئاسىلىق ياكى باشقا يامان ئىش قىلىشتىن ياندۇرغىلى بولاتتى. كېيىن، نىكاھ تەييارلىقلىرى ھاپىلا-شاپىلا تۈگەتكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئورۇق-تۇققانلىرى جەم بولۇپ، توينى تىزلا تۈگەتتى، يېپىق قازان يېپىق پېتى قالدى.

ئەمما، يىگىتتىن 13 ياش چوڭ بولغان ئاچىسىنىڭ بېشى ئوچاق بولۇپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ كۈننىڭ ئۆزىنىڭ بېشىغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايتى.

قىز تەرەپنىڭ چوڭلىرى بۇ ئىشتىن ئېغىر خارلىق ھىس قىلسىمۇ، قارشى تەرەپكە ھەرگىز قارشى ھەرىكەت قىلالمايتى. بولمىسا، ئۆزلىرىمۇ مۇشۇنداق «قىز ئېلىپ قېچىش» يولى ئارقىلىق توي قىلغانلىقلىرىنى، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردىكى بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەۋرىدىكى بىلەن ئىنتايىن پەرقلىقىنى بىلىشەتتى. تۇرسۇن بوۋاينىڭ دېگىنى كەمپىرى بىلەن «قېچىش»دىن خېلى بۇرۇن بىر-بىرلىرىنى ئوبدان بىلىشەتتى ۋە مەكتۇپ ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپ تۇراتتى، كېيىن قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر توي تەكلىپىنى رەت قىلغاچقا، ئىككىسى دېيىشىپ، تۇرسۇن قىزنى ئېلىپ قاچقان ئىدى.
تەرجىماندىن:
ماۋۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمىدىم، ئەمما غۇلجىلىق ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە، غۇلجا تەرەپتە مۇشۇنداق قىز ئېلىپ قېچىش ئەھۋالىنى بارمىش، باشتىن كەچۈرگەن بولسا سۆزلەپ باقساڭلار، گازىر چاققاچ ئاڭلاپ باقساق...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 20:02:12

غۇلجىدا بۇرۇنلاردا قىز تەرەپكە ئەلچى كىرگۈزسە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغۇل تەرەپنى كەمبەغەل كۆرۈش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەت قىلسا، قىزنىڭ يىگىتكە مەيلى بولسا، قىزنىڭ رازىلىقى بىلەن يىگىتكە ئەگىشىپ كېتىشنى قىز ئەپقېچىش دەيتتىكەن.
ھازىرقى ياشلار ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوقلا قېچىپ كېتەمىش.
بىراق ھازىر بولسۇن بۇرۇن بولسۇن ئىشلار قىزنىڭ مەيلى بويىچە بولىدۇ. ئاۋۇلاردەك خەقنىڭ قىزىنى بۇلاپ قاچىدىغان ئىش يوق.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 20:03:54

غۇلجىنڭ قىزلىرنى  ئەپ قاشقىسى كىلدۇ   جۇمۇ ئىشقىلىپ ئەدەمنىڭ

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 20:29:03

نىمە دىگەن نۇمۇسسىزلىق ، پەسكەشلىك بۇ .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 20:53:29

ياۋايى دەۋردە ئىكەنغۇ بۇلار
بىر توپ ئېشەكلەر

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 20:59:00

مەدىنيەتلىكلەر قەدەم تەشرىپ قىلساڭلار پوش پوش دەپ قۇيۇپ كىرەرسىلەر

beliver يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 21:48:02

بالىلار ئېپقاچىدۇ جۇمۇ، ئاچچىغىمدا نەچچىسىڭ نىكاھىنى قىلمىدىم 60 -70 % غۇلجىدا ھازىر

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 21:48:38

yoruqman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 23:02:11

خۇرشىد دەۋراننىڭ قىز ئېلىپ قېچىش دەپ بىر شېئىرنى ئوقۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويغانتىم.خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن تاللانما دەپ مۇنبەرگە بىر تېمىنى يوللاپ قويدۇم. تەستىقلانغاندىن كىيىن ئىنكاس سۈپتىدە يوللاپ قويارمەن.
ھە راس پەرھات تۇرسۇننىڭ قىز ئېلىپ قېچىش دەپ بىر شېئىرنى ئوقۇغاندەك يادىمدا بار.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 00:26:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bireylen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-6 00:31  

مەن ئىككى يىل ئىلگىرى ئەدىم ئەدەم تورىدا (人人网)دا بىر ئامېرىكىلىقنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا ئىشلىگەن نەق مەيدان زىيارەت فىلىمىنى كۆرگەنىدىم . تەسىراتىم : 5- 6- قەۋەتتىكى  تورداشلارنىڭ  تەسىراتى  بىلەن  ئوخشاش

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 00:39:57

ماۋزۇدا ئازراق مەسىلە بارمۇ قانداق ؟ «كىم ئېلىپ قاچسا ئېرى شۇكەن» دىسەك نورماللىشىدىكەن :lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 00:52:43

مەملىكەت خەۋىرىنى جىق كۆرسەڭلە چاۋشەن بىلەن جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئازاپ ئوقۇبەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقاندەك ھېسياتقا كىلىسىلە:lol

بۇرۇن ھەقىقەتەن مۇشۇنداق قائىدە بار ئىكەنتۇق.بۇنى قائىدە دىسەك قانداق بولار،ئىشقىلىپ قىزغىزىستاندا توي قىلىشنىڭ بىر خىل يولىمىش.ئۈچتەن بىر قىسىم توي مۇشۇ بۇيىچە قىلىنغان دەيدۇ.
ئەمما 1994-يىلى بۇ خىل توينى قانۇنلاشتۇرغان ئەمەس بەلكى قانۇندا چەكلىگەن.شۇڭا تېما يازغۇچى مۇشۇ سۆزىڭىزگە مەنبە كەلتۈرگەيسىز.
قانۇندا چەكلەنگەن بىلەن داۋاملاشقىنىمۇ راستكەن لېكىن.....ئىقدىسادى تەرەققىياتنىڭ ئاستا بولىشى،ئاياللار ھوقوقى دىگەندەك مەسلىلەر سەۋەبىدىن دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ بايا كۆرگەن ماتىريالدا......
يەنە بىرى
يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى بۇ خىل ئەپقېچىپ توي قىلىش قىلمشىغا بېرىلىدىغان جازا ئېغىرلاشتۇرۋېتىلىپتۇ.........

دىگەندەك ..............
دىگەندەك.............


مەملىكەت خەۋىرىنى جىق كۆرۈپ بېرىڭلا:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 00:54:29

ئەپقېچىپ بىر كىچە خۇتۇن قىلىۋالسا باشقىلار ئالمايدىكەن،شۇڭا ئاتا ئانىسى شۇنىڭغا بەرمەيلا ئامالى يوقكەن.........

دىگەندەك........
دىگەندەك:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 01:01:37

ئاغزىڭلارغا كەلگەننى دەۋەرمەڭلا
بۇرۇن ئۇيغۇردىمۇ بار ئىدى بۇ ئىش
قىرغىزلاردا بۇرۇن بولغان
ھازىر بارمۇ يوقمۇ دىسە بەلكىم بار بولىشى مومكىن.ئەمما قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ دىگەن گەپ يوق گەپ.
باشقا ياردىكىلەر قانداق ياشايدىغاندۇ دەپ ئويلايدىغانسىلەركىنتاڭ؟،،،،،،،،،،

ئالدىنقى يىللاردا ئىچكىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكىگەندە  قىزنى ئەپقاچقان ئۇيغۇر يىگىتلىرى چىققان دەپ ئاڭلاپ بىر خىل خوش بولۇپ قالغان ئىدىم مەن:shutup:

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 09:47:51

ماۋزۇ يۇمۇركەن:lol، بۇ ئەھۋاللارنى توغرا چۈشۈنەيلى زىيالى دىگەندەك، دىگەندەك!!!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 09:59:14

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-4-6 01:01 static/image/common/back.gif
ئاغزىڭلارغا كەلگەننى دەۋەرمەڭلا
بۇرۇن ئۇيغۇردىمۇ بار  ...

بۇرۇن ئەمەس ھازىرمۇ بار.
ھەممە ئادەمگە ئۆزىنىڭ قىلىقى كۆرۈنمەي، باشقىلارنىڭ بەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ.
مەن ئايالىم بىلەن توي قىلىشتىن ئاۋال: سىزنى ئېلىپ قاچايمۇ؟ دېسەم، ئۇ ھەيران قېلىپ: يا ئۆيۈمدىكىلەر سىزگە بەرمەيمىز دەپ تۇرۇۋالمىسا، بىكاردىن قېچىپ نىمە قىلىمىز؟ دېگەنىدى.
مېنىڭ دوستلىرىمنىڭ نۇرغۇنلىرى قىز ئېلىپ قېچىپ توي قىلغان. ماڭا بۇ بەك رومانتىك تۇيۇلۇپ كېتەتتى. شۇڭا مەنمۇ بىرەر قېتىم قىز ئېلىپ قېچىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باققىم بار ئىدى.
مەمەت دېگەن بىر ئاغىنەم بىر قىزنى ئېلىپ قېچىپتۇ. ئەتىسى نەۋرە ئاكام قىزنىڭ ئۆيىگە سۆزلەشكىلى كىرىپتۇ. ئۇ ئاغىنەم بەك نامرات ئىدى. قىز تەرەپنىڭ بەزى شەرتلىرىنى ئورۇنلىيالمايىتتى. شۇڭا نەۋرە ئاكام: ئەمدى يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن دەپتىكەن، قىزنىڭ ئانىسى: ۋوي غۇجام ما قايلاڭ، مېغىزىنى چېقىۋېلىپ شاكىلىنى تاشلاپ بېرەمدىكەن! دەپتۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 10:02:34

بەزىدە تېخى قىزنىڭ ئاتا ئانىسى قاچۇرۇپ بېرىدىغان ئىشلارمۇ بار.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 10:23:27

مىنىڭ خوتۇنۇممۇ غۇلجىلىق مەن خوتۇنۇمنىڭ ئۈيىگە ئۈزۈملا ئەلچىلىككە كىرگەن ئاچا-ئاكىلىرى بەك قارشى چىققان لىكىن مەنمۇ يامان چىقىپ قىزنىڭ دادىسى بىلەن تاغىسى ۋە قوشنىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۈزۈمگە ماھىل قىلىۋالغان شۇنداق قىلىپ ھەممە تۇققانلار قارشى چىقسىمۇ ئامال يوق تويغا رازى بولۇپ تويىمىزنى قىلىپ قويغان .
خوتۇننىڭ تاغىسىغا بىر ئېغىز گىپىم بەك ياراپ كىتىپتىكەن . خوشنىلىرى قىزنىڭ ئۈيىدىكىلىرى بەك رازى بولمىسا ئېلىپ قېچىڭ دىگەنتى مەن ياق مەن دىگەن ئوغۇل بالا قىزنىڭ ئۈيىدىكىلىرىنى رازى قىلماي قىزنى ئېلىپ قاچسام بولمايدۇ . كىيىن قىزنىڭ ئۈيىدىكىلىرىنىڭ ئالدىدا تىلى قىسىلىپ قالىدۇ  ئالدىدىن توي مەرىكىسىنى قىلىپ ئۇچۇق يۇرۇق ھالدا ئېلىپ كىتىمەن تاكى ئۇلار رازى بولغىچە كىلىۋىرىمەن دىسەم بۇ گەپنى ئۇدۇل بېرىپ قىزنىڭ تاغىسىغا دەپتىكەن ئۇ ئادەم تەسىرلىنىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئۈزى باش بۇلۇپلا تويىمىزنى قىلىپ قويغان .

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 10:31:01

قىز ۋە يىگىتنى بىر بىرىگە مەيلى بولسۇن ياكى بولمىسۇن بۇنداق ئەپ قېچىش شەرئى نىكاھغا خىلاپ ئىشتۇ؟ ئاتا ئانىسى رازى بولماي تۇرۇپ قىز، يىگىتنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالسا...ئەمما بۇ مۇسۇلمان كىشىلەر قىلىدىغان ئىش ئەمەسكەن...
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: قىرغىزىستاندىكى «قىز ئېلىپ قېچىش» ئادىتى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىم