atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 13:01:34

windows سىستىمىلىق كومپىيۇتىرلانىڭ مەخپى نۇمۇرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش...

ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ، ياكى مەلۇم ئىھتىياجلار تۈپەيلى كومپىيۇتىرنىڭ مەخپى نۇمىرىنى ئۆزگەرىتمەي زىيارەت قىلىش ئىھتىياجى تۇغۇلغاندا بۇ ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ .
WinPE سىستىمىسى ئارقىلىپ سىسىتىما قاچىلاش ياكى مۇناسىۋەتلىك مەشخۇلاتلارنى قىلىشنى ھەممىمىز بىلىمىز . بولۇپمۇ كومپىيۇتىرنىڭ مەخپى نۇمۇرنى بۇزۇپ كىرىشتە بۇنىڭدىن ئايرىلالمايمىز . لىكىن Win8 نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بۇزۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ، بەزى چاغلاردا باشقىلارنىڭ مەخپى نۇمىرىنى بۇزۇپ كىرسەك ئىگىسىنىڭ كۆڭلىگە كىلىدۇ ، كۆڭلىگە كىلىدۇ دەپ بۇزماي ئولتۇرساق ئىچىمىز پۇشۇدۇ  (:lol ) . ئەمىسە قانداق قىلىش كىرەك ؟...
ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بىقىڭ :
1.  توردىن NTPWEdit دىگەن دىتالنى چۈشۈرىمىز( چوڭ كىچىكلىكى150kbئەتراپىدا) .ياكى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ  .

2. Win PE ئارقىلىق كومپىيۇتىرغا كىرىمىز ، WinPE نى قانداق قاچىلاش ياكى ئىشلىتىشنى بۇيەردە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن ، مۇناسىۋەتلىك دەرىسلىك ياكى ماتىرياللار توردا ساماندەك (大白菜ياكى 电脑店 نىڭ بىر قەدەر ياخشى ).
3.  ئادەتتە مەخپى نۇمۇر  C:\WINDOWS\SYSTEM32\CONFIG ئاستىدىكى SAM ھۆججىتىدە ساقلىنىدۇ . بۇ ھۆججەتنى بىر نۇسخا زاپاسلىۋالىمىز،ئاندىن كىيىن يۇقاردىكى دىتالدىن شۇ ھۆججەتنى تاللايمىز

تاللاپ بولغاندىن كىيىن 更改密码 نى بىسىپ ئۆزگەرىتمەكچى بولغان مەخپى نۇمۇرنى سالىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بۇ كومپىيۇتىر سىزنىڭ بولۇپ كەتتى ، ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن ئەگەر ئەسلىكىدىكى ھالەتكە ئەكىلىپ قويماقچى بولسىڭىز 3-قەدەمدە زاپاسلىۋالغان ھۆججەتنى قايتىدىن ئۈستىگە باسۇرۋەتسىڭىزلا بولدى ، مەخپى نۇمۇرمۇ سىز ئۆزگەرىتكىنى ئەمەس ئەسلىدىكى مەخپى نۇمۇر بولىدۇ ، ئىگىسى سىنوۋدىن بولمىسىلا سىزنىڭ كىرگىنىڭىزنى بىلمەيدۇ :lol :lol :lol
بۇنى قانۇنلۇق ئىشلارغا ئىشلىتىڭ ، قانۇنسىز ئىشلارغا ئىشلىتىپ كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ئىگە ئەمەس

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 14:49:09

مەن win8 رىمغا رەسىملىك مەخپى نومۇر سالىمەن، شۇنىمۇ بۇزالامدىكەن؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 14:57:00

بۇنداق ئىشلارنى ئۆگەتمەڭلار باللار!!!!!ئادەتتىكى كومپىيوتىرلار بولسىغۇ مەيلى، شىركەت -كارخانىلارنىڭ سۇدا-تاۋار ،بىلىم مۈلۈك كە ئائىت ئۈچۈرلار بار كومپىيۇتىرلاربولسا نىمە دىگەن چۇڭ زىيان.ياكى ئوغۇرلانغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ.:L


bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:30:29

كەمىنە بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ دانە كومپىيوتېر ئىشلىتىمەن. بىرىنى كەڭ بەلۋاغلىق تورغا، يەنە بىرىنى ئچكى تورغا، يەنە بىرىنى ھېچقانداق  تورغا چاتسام بولمايدۇ. مەن ئاساسلىقى  运行 دىكى seyskey  گە مەخپى نومۇر سالىمەن.  كەڭ بەلۋاغ تورىغا چاتىدېىغاندىن باشقىسىغا xp قاچىلاقلىق.  xp نىڭ seyskey  گە سالغان مەخپى نومۇرنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بۇزغىلى بولامدۇ؟

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 17:18:36

gewala يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 14:49 static/image/common/back.gif
مەن win8 رىمغا رەسىملىك مەخپى نومۇر سالىمەن، شۇنىمۇ بۇزا ...

بۇنى سىناپ باقمىدىم

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 18:05:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 20:10  

بۇ نەرسىنى ئىشلىتىپ خەقنىڭ كومپڭيۇتېرىدا نىمە بار، قوساق تويامدۇ يە  ؟:o  ئوغۇرلۇق ئەمدى  خەقنىڭ يانچۇغىدىن ئېشىپ كومپىيۇتېرىغىچە تەرەققى قىلمىغاندۇ ؟:dizzy:  بىرسى بولىدىغان دائىم باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىغا كىرىپ خەقنىڭ پارىڭىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرۈدىغان. :@ بۇنداق ئادەملەر ئەڭ ئەشەددى ئەخلاقسىز ئادەملەر تىپىغا كىرىدۇ مەنچە .:@  قانۇنلۇق ئىشلارغىمۇ قانۇنسىزلىق ئۇسۇلى بىلەن كىرسە بولىدىكەندە؟توۋا...................:curse:

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 18:06:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 20:11  

بۇ ئىنكاس تەكرار يوللىنىپ كەتكەن ،باشقۇرغۇچىلار مالال كۆرمەي ئۆچۈرۋەتسەڭلار .................:$

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 18:13:04

gewala يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 16:49 static/image/common/back.gif
مەن win8 رىمغا رەسىملىك مەخپى نومۇر سالىمەن، شۇنىمۇ بۇزا ...

دەۋاتمامدۇ ،ئەسلىدىكىنى زاپاسلاپ قويۇپ ئاندىن يەنە ئورنىغا ئەكىلىپ قويارمىش ..........

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 19:17:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atiyan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 19:30  

attirgul يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 18:05 static/image/common/back.gif
بۇ نەرسىنى ئىشلىتىپ خەقنىڭ كومپڭيۇتېرىدا نىمە بار، قو ...

بۇنچىۋالا چىچىلماڭ خانقىز،قىزبالا دىگەن ئىغىر بىسىق مۇلايىم بولىدىغان،بۇنداق كۆرگەن ئاڭلىغانلىكى ئىشقا شالىڭىزنى چاچسىڭىز ئۆزىڭىزنى چارچىتىپ قويىسىز .  كونىلاردا ‹ئۆزۈڭنى چىڭ توت قوشناڭنى ئوغرى تۇتما › دەيدىغا گەپ بار،بىرەر بىلىمنى ئارتۇق ئۈگۈنۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.  بۇ قانداقتۇر ئوغۇرقۇق ياكى بىركىمنىڭ مەخپىيىتىگە چىتىلمايدۇ، گەرچە سىزگە ھازىر شۇنداراق تۇيغۇ بەرگەن بىلەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشلىتىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن . پەقەت ئىشلەتمەيمەن دىگەن تەقدىردىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارغا قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىسىز ، كومپىيۇتىردا ماتىريال ساقلىسىڭىزمۇ ئايرىم مەخپىلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىدىغان بولىسىز . شەخسەن مەن مۇھىم ماتىرياللارنى قولاي دىسكىدا(移动硬盘)  مەخپىلەشتۈرۈپ  ساقلايمەن ،بۇنداق بولغاندا ئۆزىمىزمۇ خاتىرجەم بولىمىز ، باشقىلارمۇ ھەم .

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 19:43:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 21:50  

atiyan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 21:17 static/image/common/back.gif
بۇنچىۋالا چىچىلماڭ خانقىز،قىزبالا دىگەن ئىغىر بىسىق  ...

:lol مانا ئوغىرنىڭ يۈرىگى پوك پوك دېگەندەك ئىش بوپتۇ،  ئۆزىڭىزمۇ قورقۇپ  ماتىرياللىرىڭىزنى كۆچمە دېسكىغا قاچىلاپ يۈرۈپسىز مانا ...


مەن چېچىلمىدىم . بۇنداق خەقنىڭ مەخپىيەتلىگىگە چېتىلىدىغان نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشى ئىشلەتمىگەن ياخشى دەپ قارايمەن .

يەنە قىز بالا دېگەن ئېغىر بېسىق  بولۇپ جىم ئولتۇرىدىغان دەپسىز، جىم ئولتۇرسام قانداق بولىدۇ ، مۇشۇنداق كۆرۈپ ئۇنى- بۇنى ئۈگۈنىدىغان گەپ ،  مەنمۇ win8 ئىشلەتكەچكە  كىرىپ قاراپ نىمىلىگىنى بىلەي دەپ كىرگەن جىم ئولتۇرغۇم كەلمەي ......

بولمىسا سۆزلىگەنلىرىڭىزدىن بۇ نەرسىنى ئىشلىتىشنى بىلىۋالدىم . رەھمەت !

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 19:50:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atiyan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 19:55  

attirgul يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 19:43 static/image/common/back.gif
مانا ئوغىرنىڭ يۈرىگى پوك پوك دېگەندەك ئىش بوپتۇ،  ئ ...

ياقەي ، بۇنى ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك پوك دىمەيمىز ،ئۆزىنى چىڭ تۇرۇش دەيمىز .:P   

ئىشلىتىشنى ئۈگۈنۈۋىلىپلا چاپاننى تەتۈر ئۆرۈپ تىلغا چۈشتىڭىز دەڭە ...

ئاشۇ Win8 كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرۇنى ئۇنتۇپ قالغاندا مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتمىگىنىڭىزنى مەن بىر كۆرەي ، شۇ چاغدا كىم يۈزى قىلىن ‹ئوغرى› بولىدىكەن كۆرەمىز -ھە ؟

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 19:54:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 22:01  

atiyan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 21:50 static/image/common/back.gif
ياقەي ، بۇنى ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك پوك دىمەيمىز ،ئۆزىنى ...

ھە ياق ، ماڭا رەددىيە  بەردىم دەپ ، ئاغزىمغا گەپ سېلىپ بېرىپسىزكەن ، دېگىنىڭىزنىڭ ئەكسىچە تېخىمۇ جىم ئولتۇرغۇم كەلمەي ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ دىۋالدىم  قاراڭ :lol

چۈنكى ھەممىدىن نىيەت ئەلا .................. :lol

سىز بىلەن تالىشىپ ئولتۇرۇپ ئۈگۈنىۋالدىم  بۇنى ، ھازىرچە يۈتۈپ كەتمەيدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىم خېلى ياخشى ،يۈتۈپ كەتكەندە ،بۇ تالىشىشلارنى ئەسلەپ قويارمەن شۇ بانادا .................

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 10:33:38

بىخەتەر دىگەن گەپنى كاللىدىن چىقىرۋەتكەندىلا ئاندىن بىخەتەر بولغىلى بولىدۇ.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 16:44:35

كومپيۇتېردا ئادەتتە ئېيتىلىدىغان «مەخپىي نومۇر» ئۈچ خىل بولىدۇ:
1. كومپيۇتېرنىڭ مەخپىي نومۇرى
بۇ قاتتىق دېتالغا ئورنىتىلىدىغان مەخپىي نومۇر بولۇپ، cmos تىن ئورنىتىلىدۇ، بۇزۇش ئۈچۈن cmos باتارېيىسىنى چىقىرىپ قايتىدىن سېلىش ئارقىلىق يوقاتقىلى بولىدۇ.
2. سىستېمىنىڭ مەخپىي نومۇرى
يۇقىرىدا بىر ئىنكاسچىمىز ئېيتقان syskey بۇيرۇقى بىلەن ئورنىتىلىدىغان مەخپىي نومۇر. بۇنى بۇزۇش ياكى ئەگىپ ئۆتۈش نەزەرىيە جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس (ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل مۇشۇ).
3. ئىشلەتكۈچى مەخپىي نومۇرى
administrator ياكى باشقا ئىشلەتكۈچىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مەزكۇر تېمىدا تىلغا ئېلىنغان مەخپىي نومۇر شۇ. بۇ مەخپىي نومۇرنى بۇزۇش ياكى ئەگىپ ئۆتۈش كومپيۇتېر ئۆگەنگەن بالىلارغا ئويۇننىڭ ئورنىدا.
(يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋالاتلاردا Win سىستېمىسىنى كۆزدە تۇتتۇم، باشقا سىستېمىلار ئۈستىدە بىلىدىغانلار گەپ قىلىپ بەرسە ئاڭلايتتۇق)

شۇڭا ۋە شۇڭا... مۇھىم ئۇچۇرلار ساقلانغان كومپيۇتېرنى قۇلۇپلىغاندا ئىككىنچى ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىنى تەڭلا قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. administrator نىڭ مەخپىي نومۇرى بەك بوش، ئەگىپ ئۆتۈش ۋە بۇزۇش ئۇسۇللىرىمۇ تولا. كۆپ ئىشلەتكۈچىلىك كومپيۇتېردا ئامال يوق مۇشۇنى ئىشلىتىپ قالىمىز. لېكىن، كارخانا ياكى خۇسۇسىي كومپيۇتېرلاردا بۇنى ئىشلەتمىگەن تۈزۈك.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 17:32:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atiyan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-8 17:51  

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-4-8 16:44 static/image/common/back.gif
كومپيۇتېردا ئادەتتە ئېيتىلىدىغان «مەخپىي نومۇر» ئۈچ خ ...

syskey نى بۇزماق ئالدىنقىدىنمۇ ئاسان . WinPE بىلەن C:\windows\system32 ئاستىدىكى syskey.exe نى قوزغۇتۇپ يىڭى syskey مەخپى نۇمۇرنى سالسىلا بولىدۇ .

مۇھىم ئۇچۇرلارنى ساقلاشقا يۇقارقى ئۇسۇللارنىڭ ھىچ قايسىسىنى تەۋسىيە قىلمايمەن ،ھەممىسى بىخەتەر ئەمەس . كىچىكرەك ھۆججەتلەرنى RAR ھالەتتە مەخپىلەشتۈرۈپ ساقلىغان ياخشى ، ئاۋارىچىلىق ھىس قىلىپ قالساق ئەڭ يەڭگىل بولغان مەخپىيلەشتۈرۈش دىتالى Lockdir غا تايانساق بولىدۇ . بۇ نى ئىشلىتىش نىسبەتەن ئاددى ، قاچىلاش كەتمەيدۇ،Uدىسكا ياكى قولاي دىسكىدا بىۋاستە مەخپىيلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەك بولىدۇ  . بۇنىڭ بىلەن مەخپىيلەشتۈرگەن ھۆججەتنى بۇزغان بالىلارنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم .

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 22:28:17

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-4-8 16:44 static/image/common/back.gif
كومپيۇتېردا ئادەتتە ئېيتىلىدىغان «مەخپىي نومۇر» ئۈچ خ ...

syskey نى ئىشلىتىش ئۈچۈن، چۇقۇم 运行 دىن syskey نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىپ كىرگۈزەمدۇق مەخپى نۇمۇرنى. ياكى ... ؟!  بولسا ئىشلتىش ئۇسۇلنى قالدۇرۇپ قويساڭلار ...

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 07:22:29

مەن كومپيۇتېرغا پەقەت يىراقتىن كىرىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈنلا مەخپى نومۇر سالىدىكەنمەن. {:223:}

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 07:48:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atiyan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-9 08:14  

PashshaXan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-8 22:28 static/image/common/back.gif
syskey نى ئىشلىتىش ئۈچۈن، چۇقۇم 运行 دىن syskey نى كىرگۈزۈپ ئى ...

تۇنجى قىتىم مەخپى نۇمۇر سالىدىغان چاغدا 运行 دىن syskey نى قوزغۇتۇپ مەخپى نۇمۇر سالسىڭىزلا بولىدۇ . كىيىنكى قىتىم قوزغالغان چاغدا مەخپى نۇمۇر سىلىش كۆزنىكى چىقىدۇ ، مەخپى نۇمۇرنى سىىلىپ نورمال ئىشلەتسىڭىزلار بولدى .

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 14:04:14

atiyan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-8 17:32 static/image/common/back.gif
syskey نى بۇزماق ئالدىنقىدىنمۇ ئاسان . WinPE بىلەن C:\windows\syst ...

لاپ ئۇرماڭ، syskey شىفىرىنى بۇزىدىغان باشقا ئامالىڭىز بولسا قانداقكى، سىز يۇقىرىدا دېگەن ئۇسۇلدا ئەگىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ. سىناپ باققان بولسىڭىز تۆكۈڭ، ئورتاقلىشايلى.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 14:07:50

Winpe مۇھىتىدا syskey شىفىرىنى ئۆزگەرتسىڭىز ماقۇل دەپ كۆرۈنگىنى بىلەن، قايتا قوزغاتسىڭىز يەنە ئەسلىدىكى مەخپىي شىفىرنى سورايدۇ، سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مېنىڭ سىنىقىم Win8 ۋە Win7 مۇھىتىدا بولدى، قالغان مۇھىتلاردا قانداقكىن، سىناپ باققان بولسىڭىز ئىنكاستا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.
بەت: [1] 2
: windows سىستىمىلىق كومپىيۇتىرلانىڭ مەخپى نۇمۇرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش...