aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 12:42:00

بۇ كىتابلار لازىممۇ؟(بىكارلىق)

بىر تۈركۈم كىتابلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەي دېگەن ئىدىم، تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

ئىنگلىز تىلىغا ئائىت كىتابلار
1. ئالى مەكتەپ ئىنگلىز تىلى دەرسلىك ۋە ئوقۇشلۇق كىتابلىرى ئوندەك كىتاب
2. يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى دەرسلىك ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى بولۇپ 6-7 دەك كىتاب
3. ئامېرىكىغا سەپەر، كونا ۋە يېڭى نۇسخىلىرى بولۇپ 4 كىتاب
4. ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە ئائىت ھەر خىل كىتابلار 10 دىن كۆپرەك
5. ئىنگلىزچە ھەرخىل ژورناللار 10غا يېقىن( كۆپرەكى  National Geographic)

رۇس تىلىغا ئائىت كىتابلار
1. رۇسىيەدە( بەلكىم سابىق س.س.س.ر دا) نەشىر قىلىنغان بىر تۈركۈم رۇسچە كىتابلار( پىداگوگىكا، پىسخىلوگىيە، ئەدەبىياتقا ئالاقىدار) رۇسچە ئۆزبېكچە چوڭ لۇغەت، ئۆزبېك تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى بولۇپ 20 دەك كىتاب
2. رۇسچە دەرسلىك كىتابلار ۋە ھەر خىل پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى 10 دەك كىتاب

خەنزۇتىلىغا ئائىت كىتابلار
1. رومان، تارىخ، ئوقۇشلۇق ۋاھاكازالار بولۇپ 20 دەك كىتاب

ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلار
1. زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى
2. زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە
3. سالچىلار
4. ھايات جىلۋىسى
5. پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى
6. ناتىۋانلار
7. قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى( بۇ كىتابتىن مەندە ئىككىسى بولۇپ قاپتۇ)
8. كاككۇك قونغان تال
9. كاككۇك قايتا سايرىغاندا
10. بىر تۈركۈم ژورناللار


يۇقارقى كىتابلارنى لازىمتى دەيدىغانلار بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلىڭ. لېكىن مەن ئاپىرىپ بېرەلمەيمەن، ئەۋەتىپ بېرەلمەيمەن، ئۈرۈمچى داۋان يېزىسىدا تۇرىمەن، كېلىپ ئەكەتسىڭىز بولىدۇ.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 14:42:03

پوچتىدىن سېلىپ بىرەلەمسىز ؟   

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 14:42:40

پوچتا پۇلۇسنى    لازىم بولغىچى ئۆزى تۆلىسە

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 14:52:42

مەن كەچتە بېرىپ ئېلىۋالاي، ئادرېسىڭىزنى ياكى تېلېفون نومۇرىڭىزنى ئۇچۇر قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 14:54:18

لازىم يەر مانا،
http://bbs.izdinix.com/thread-57842-1-1.html

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:07:20

زۇنۇن قادىر،سالچىلار،ناتىۋانلار ۋە ژۇرناللارنى مەن ئەكىلىۋالسام.
ئۇچۇر قىلىۋەتتىم.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:08:06

پەقەت بولمىغاندا بىر تال زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرىنى ئەكىلىۋالساممۇ بولاتتى.

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:13:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yanwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 15:33  

مالال كۆرمەي كىتابلىرىڭىزنى gewala قالدۇرغان ئادرېستىكى يەرگە سېلىۋەتسىڭىز قالتىس ئىش بولار ئىكەنتۇق...؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:17:55

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 15:13 static/image/common/back.gif
مالال كۆرمەي كىتابلىرىڭىزنى gewala قالدۇرغان ئادرېستىكى  ...

ئاۋۇ ئىنگلىزچە ۋە رۇسچە كىتابلارنى ئۇ يەرگە ئەۋەتكەننىڭ پايدىسى بارمۇ، يوقمۇ بىلەلمىدىم، شۇڭا بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم. كىمگە قايسىسى لازىم بولسا ئالاقىلىشىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:20:00

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 15:08 static/image/common/back.gif
پەقەت بولمىغاندا بىر تال زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرىنى ئەكى ...

ئەمىسە زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرىنى سىزگە ئېلىپ قويدۇم.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:22:34

ماقۇل،بۇ كىتابنى تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئوبدان ساقلىغانتىم. بىر ئاغىنەم ئېلىۋېلىپ يوق قىلغان.رەھمەت.ئالاقىنى ئۇچۇر قىلىپ قويسىڭىز،بېرىپ ئەكىلىۋالاي.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:50:50

گۇدلاك بەك ياخشى بالا. شۇنىڭغىلا بىرۋىتىڭ.:lol

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:54:31

ئىنگىلىزچە ئۈگۈنۈش ماتىرىياللىرىنى باشقىلار ئەپ كەتمىگەن بولسا، مەنگە بىرەمسىز يا ؟!

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 16:05:02

PashshaXan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 15:54 static/image/common/back.gif
ئىنگىلىزچە ئۈگۈنۈش ماتىرىياللىرىنى باشقىلار ئەپ كەتم ...

ئادرېسىمنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ قويدۇم، كېلىپ تاللاپ ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 16:16:34

ماڭا ئۇچۇر كەلمەپتۇ:'(

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 16:32:29

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 16:16 static/image/common/back.gif
ماڭا ئۇچۇر كەلمەپتۇ

ئىككى قېتىم ئۇچۇر يوللىغان بولمىسا...قانداق بولغىنىدۇ بۇ؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 16:36:28

سىز بەك مەرتمۇ ياكى بىلىمىڭىز ئېشىپ كىتىپ بۇلارنى ياراتماۋاتامسىڭز:lol

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 16:36:45

بىكارلىق دەپ قويۇپ ئۇچۇر يوللىسىڭىز ماڭمىسا بۇ قانداق بولغىنى؟ ئۇچۇرلارمۇ بىكارلىق ئىشقا ماڭمامدۇ يا؟ :lol

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 16:58:52

ئۆزبېكچە چوڭ لۇغەت، ئۆزبېك تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى   ماڭا ماۋۇ كىتاپلارنى ...؟

yoruqman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 17:19:52

:lol
شەخسىيەتچىلىك قىلىپ ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ قويدۇم
بەت: [1] 2 3
: بۇ كىتابلار لازىممۇ؟(بىكارلىق)