calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 10:19:12

ساياھەتچى مىھمانلىرىمنى قەيەرگە ئاپىراي؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇزۇندىن بىرى كاللامدا بىر غەم بار،نىمە غەم دىمەمسىلەر؟ قۇمۇل تۇرپانلاردىن تۇغقانلىرىم كەلمەكچىتى،شۇلارنى قانداق كۈتۈشنىڭ غىمى.تۇققانلارنى ئائىلىدە كۈتۈشتىنغۇ ئەسلا چاتاق يوق.مەسىلە قەيەرلەرگە ئاپىرىپ قەيەرلەرنى ساياھەت قىلدۇرۇپ قانداق پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش،قەيەرنىڭ قايسى تائاملىرى بىلەن كۈتىمەن،قايسى مەنزىلگاھلارغا ئاپىرىمەن دىگەندەكلەر كاللامنى قۇپقۇرۇق قىپقويدى.ئۇلارنى بەك ئىسىل كۈتمىسەم بولمايتى،ئۇلار 5-ئايلاردا كەلمەكچى،سىز قەيەردىن دەمسىز؟ئاپلا ما كاللامنى،بىشىمنىڭ قاتقىنىدىن ئۆزۈمنىڭ قەيەردى ئىكەنلىكىنى ئىيتماپتىمەن ئەمەسمۇ،مەن ئەزىزانە قەشقەردىن. شۇنداق قىلىپ ھەرقانچە ئويلىساممۇ ھىيتگاھ ،ئۆستەڭبويى ،نوربىشى خامبازىرى يىڭىبازار دىگەنلەردىن باشقىسى كاللامغا كەلمەيۋاتىدۇ،مۇزتاغ بۇرادەرنىڭ‹‹قەشقەردە ساياھەت قىلامسىلەر››ناملىق تىمىسىنى كۆرۈپ ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خوش بوپكەتتىم.ئىنشائاللاھ ئۇنىڭدىنمۇ پايدىلىنىمىز.لىكىن ئۇ تىمىنىڭ قاراتمىلىقى دۆلەت ئىچى سىرتىدىن كەلگەن ئەركىن ساياھەتچىلەرگە ئىكەن. قەشقەرلىك بۇرادەرلەر ئۆزەڭلا بىلىسىلە بىزنىڭ مىھمان كۈتۈش قائىدىلىرىمىزنى، شۇڭا تورداشلارنى ھە-ھۇ دىيىشىپ بىرەمدىكى دەپ ئۈشبۇ تىمىنى يىزىپ تۇرۇپتىمەن.قىنى مەندەك غەم قىلىۋاتقان باشقا بۇرادەرلىرىمىزگىمۇ ماتىرىيال بوپقالسۇن نىم بولىدۇ بى ئىككى كەلىمىدىن قىززىتىپ بەرسەڭلا؟!؟!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 12:36:06

يەكەنگە ئاپىرىپ كونا ئىزلارنى كۆرسىتىڭ، ئاتۇشقا ئەچىقىپ سۇتۇق بۇغراخان مازىرى، جاي پاچچىم دېگەن يەرلەرنى كۆرسىتىڭ. مارالبېشىغا ئاپىرىپ تارىم دەرياسىنىڭ بويىدا بېلىق كاۋىپى يىگۈزۈڭ ، مەكىتكە ئاپىرىپ دولان مەشرىپىنى كۆرسىتىپ كېلىڭ.......

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 12:36:26

مىھمانلىرىڭىز قانچە كۇن تۇرماقچى ؟

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 12:45:49

ئۆستەڭ بويى،بۇلاق بېشى،كۆزچى ياربېشى،بۇلاق بېشىدكى قاراخانلارغا دەۋرىدكى ئۆي،يۇسۇپخاس ھاجىپنىڭ قەبرىسى.ئوپالدىكى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى،يەركەندىكى ئالتۇن مەسجدى.ھازىرچە مۇشۇلار ئېسمگە كەلدى.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 17:19:39

muztag يوللىغان ۋاقتى2014-4-5 12:36 static/image/common/back.gif
مىھمانلىرىڭىز قانچە كۇن تۇرماقچى ؟

ئاز دىگەندىمۇ 15كۈن، سىزنىڭ ئىنكاس يازغىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم،دىققىتىم سىزدە ئەمىسە،

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 17:21:44

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2014-4-5 12:36 static/image/common/back.gif
يەكەنگە ئاپىرىپ كونا ئىزلارنى كۆرسىتىڭ، ئاتۇشقا ئەچىق ...

ئەگەر سىز يەركەنتتە بولسىڭىز زىيارەت قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان قانداق جايلار بار تەكلىپ بىرەمسىز؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 17:24:54

calisiyorum يوللىغان ۋاقتى2014-4-5 17:21 static/image/common/back.gif
ئەگەر سىز يەركەنتتە بولسىڭىز زىيارەت قىلىشىمىز زۆرۈر ...

مەن يەكەندە ئەمەس. بىراق بۇرۇن يەكەنگە بارغاندا چىلتەن مازار، ئالتۇنلۇق، ئالتۇن مەسچىت، ئامانىسىخاننىڭ مەقبەرىسى.... دېگەن يەرلىرىنى كۆرگەنتىم. شۇڭا دەپ قويدۇمغۇ.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 17:44:02

مىھماننىڭ كۆڭلى نېمىگە تارتىدۇ؟ بىلىپ ئاندىن باشلىغان ياخشى.
مۇسۇلمانچىلىقى كۈچلۈك بولسا دىنى ئۆلىمالارنىڭ سۆھبەتلىرىگە باشلايمىز. تارىخى ئورۇنلارنى كۆرمەكچى بولسا شۇ يەرگە باشلايمىز. لېكىن باشلاپ بارغان ئورۇننىڭ تارىخى ۋەقەلىكلىرىنى بىلىش زۆرۈر. ساياھەتكە ئامراق بولسا مەنزىرىلىك تاغقا، تەبئى يايلاققا باشلايمىز. ئويۇن تاماشىغا ئامراق بولسا تاماشا قىلىدىغان يەرگە باشلايمىز- دە مىھماننىڭ كۆڭلىنى ئالىمىز.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 18:53:52

يەركەندە ئايلاندۇرۇپ كېلەي دېسىڭىز : ئۇ تۇققانلىرىڭىز تارېخىي ئورۇنلارغا قىززىقسا ئالتۇن مەسچىت ، قىرىق چىلتەن مازىرى ، ئازنى مەسچىت ، سەئىيدىيە خاندانلىقىنىڭ خان ئوردىسى ، خانىش ئاماننىساخاننىڭ مەقبەرىسى ، كونا شەھەر سۈت - قايماق بازىرىنى كۆرسىتىپ كۆزىنى ئېچىپ قويۇڭ . مەنزىرلىك جايلارغا قىززىقسا ئىگەرچى سۇ ئامبىرى ، ماشبۇلاق ساياھەت ئامبىرى ، كۆك كەپتەر مەرىكە ئارامگاھى ،ئايبۇلۇڭ تاغ ساياھەت بارگاھى ، قاراسۇ قۇم مەدەنىيەت - ساياھەت ئارامگاھى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىڭ ، كۆڭۈل ئاچىدىغان جايلارغا قىززىقسا ئۇ ئاسان ، ناھىيمىزنىڭ يېڭىشەھەر بۆلىكىدە سىزنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭىز كۆرۈپ - ئاڭلاپمۇ باقمىغان ھەيران قالارلىق ھەر قانداق ئويۇن - تاماشا بار .

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 09:38:49

مىھمانلىرىم ئەقىدىلىك زىيالىيلار توپىغا تەۋە، بىر لىنىيە تۈزىۋالغان بولسام ياخشى بولاتتى....

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 09:39:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   orkexjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-6 09:42

calisiyorum يوللىغان ۋاقتى2014-4-5 17:21 static/image/common/back.gif
ئەگەر سىز يەركەنتتە بولسىڭىز زىيارەت قىلىشىمىز زۆرۈر ...

ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىىسىڭىز، تۇققانلارنى يوپۇرغا داۋاكۆلقۇملۇق -مەنزىرە ساياھەت ئورنىغا ئاپىرىپ ،قۇملۇق -كۆل مەنزىرسىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 10:02:06

ئەگەر ماشىنىلىق ساياھەت قىلدۇرماقچى بولسىڭىز..........
1. بەش كۇن قەشقەر شەھەر ئىچى پىلانى تۇزۇڭ
بىرنچى كۇن - مىھماننى كۇتىۋىلىش ، ئالدىغا چىقىش ، مىھماننى ئويگە باشلاش، كۇتىۋىلىش .
ئىككىنچى كۇن : ئۇرۇق تۇققانلارنى تونۇشتۇرۇش - تونۇشۇش زىياپىتى . ئەمىلىيەتتە بۇ نوختىدا قەشقەردە كەم دىگەندە ئۇچ كۇندىن بەش كۇنگىچە ۋاقىت كىتىدۇ، ئەمىلى ئەھۋالغا قارارسىز .
ئۇچۇنچى كۇنى :ئەنئەنىۋىشەھەر ئىچى ساياھىتى،پوچىتا ئىدارىسى يىنىدىكى   تىلىفۇن بازىرىدىن ئۆستەڭبويى كۆچىسىغا كىرىسىز، ئوستەڭبويى ، ئىگىز ئىرىق ،نوبىشى ، ھىتگاھ مەيدانى ئەنجان كۆچا. تاماقنى يەپنامازنى ھىيتگاھدا ئوقۇپ، نامازدىن كىيىن يىڭى بازار، بازاردىن يىنىپ تەشتەك بازىرى ئارقىلىق خام بازىرىغا مىڭىپ ،كەچلىك بازارنى كۆرۇپ ئويگە قايتىش .
توتنچى كۇنى؛ زامانىۋى قەشقەر ساياھىتى : بىلەتلىك كۆرىدىغان ساياھەت ئورۇنلىرىدىن ئاپپاق خوجا مازىرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ مازىرى ،بىلەت بىر ئادەم 30 يۇەن. بىلەتسىز ئورۇنلاردىن ،خەلىق باغچىسى، شەرقى كۆل باغچىسى، قەشقەر تەرەققىيات رايۇنلىرى، ئەتىراپىدىكى شىنجىن ،شاڭخەي ،گۇاڭجۇ تەرەققىيات رايۇنلىرى دىن كەلگۇسى قەشقەرنى كۆرىسىلەر .
بەشىنچى كۇنى : ئەڭ ئاخرىقى كۇن يەنى ئۇزتۇش كۇنى .
2. قالغان ئون كۇندە شەھەر سىرتى يوللىرى، ناھيەلەر .
پايدىلىشىن ئۇچۇن
بىرىنچى لىنىيە : قەشقەر -ئوپال -ئويتاغ (110 ك م ،ئومومى مۇساپە220 ك م) تەپسىلاتى مىنىڭ يازمامدا بار بىلەت : مەھمۇت قەشقىرى مازىرى 30 يۇەن ، ئويتاغ 50 يۇەن.
ئىككىنچى لىنىيە : قەشقەر - يىڭىسار -يەركەن - قارغىلىق . مۇساپە، نىشان 260 ك م، ئومومى مۇساپە 520 ك م.
ئۇچىنچى لىنىيە ؛ قەشقەر - يوپۇرغا -مەكىت - مارالبىشى - قەشقەر. بىر ئايلىنىش مۇساپىسى 600 كىلومىتىر .
توتىنچى لىنىيە : قەشقەر- ئاتۇش - ئۇلۇغچاد : نىشان 190 ك م ، ئومومى مۇساپە 380 ك م.
ۋاختىڭىز ھەم يانچۇقتىكى دەسمىگە قاراپ ھەر بىر لىنىيەنى بىر كۇندىن ئۇچ كۇنگىچە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ .

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 12:57:11

muztag يوللىغان ۋاقتى2014-4-7 10:02 static/image/common/back.gif
ئەگەر ماشىنىلىق ساياھەت قىلدۇرماقچى بولسىڭىز..........
1. ب ...

بۇ مۇزتاغ بۇرادىرىمىز ئەتراپلىق ،خۇددى ساياھەت يىتىكچىسىدەكلا ياخشى لايىھەنى سۇنۇپتۇ .موشۇ لايىھەدىن پايدىلانسىڭىز بولغۇدەك .

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 17:47:02

ماقا!... ئەمىسە مەن ئۆيگە بارغاچ تۇراي، ئۆي پالانى يەردە دەپ يولغىلا سالمامسىلە :lol

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 18:56:50

مۇزتاغ بۇرادەرنىڭ پىلانى مىنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى،بەكمۇ سىستىمىلىق بوپتۇ،بۇلار بىلەن ئۆزۈمنىڭ بەزى خىياللىرىمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پايدىلانسام چوقۇم بەكمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ.   مۇزتاغ بۇرادەرگە، ئىنكاس يازغان بۇرادەرلەرگە رەھمەت
بەت: [1]
: ساياھەتچى مىھمانلىرىمنى قەيەرگە ئاپىراي؟