qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 20:10:20

ئۇيغۇرلاردا <<قۇش باخشى>> ئارقىلىق كىسەل داۋالاش


                 ئۇيغۇرلاردا <<قۇش باخشى>> ئارقىلىق كىسەل داۋالاش


   ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قۇشچىلىق قەدىمكى دەۋردىن باشلاپ مەخسۇس بىرخىل كەسىپ بۇلۇپ ئوۋچىلىق ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئىھتىياجى ئۈچۈن ياۋايى قۇشلارنى قولغا كۆندۈرۈشتىن تاشقىرى، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ تاغلىق يېزىلىرى (قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چوپان، ئۇششاقباش، كۆكيار يېزىسى، يەكەننىڭ قوشراپ  قاتارلىق جايلىرى)دا قۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە، قىزىقارلىق ئادەت تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
   بۇ <<كەسىپ>>بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئادەتتە << قۇش باخشى>> دىيىلىدۇ، مەلۇمكى،<<باخشى>> قەدىمكى ئالتايلىقلار ئېتقادىغا مەنسۇپ ئۇقۇم بۇلۇپ،<<شامان دىنىنىڭ ئۇستازى>>، <<دىن ئادىمى >> دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ (ئۇستاز دىگەن مەنىسىمۇ بار ) ئەجدادلىرىمىزنىڭ  ئەڭ قەدىمكى ۋەئەڭ ئۇزۇن مەزگىل ئېتقاد قىلغان دىنى ــ شامان دىنى بۇلۇپ، ئەنە شۇ شامانىزىم دەۋرىدە باخشىلىق ۋە پىرىخونلىق ناھايتى تەرەققى قىلغان. باخشىلار <<ھەممىگە قادىر ۋە قابىل >> دىن مۇئەككىلى سۈپىتىدە، شامان دۇمبىقىغا تەڭكەش قىلغان ھالدا شامانىزىمنىڭ دۇرۇتلىرىنى مۇناجەت قىلىپ شامان مۇراسىملىرىنى تەشكىللىگەن ۋە باشقۇرغان، مۇشۇ يول بىلەن <<يامان روھ>> لارنى قوغلاپ، بىمارنى داۋالىغان. شۇ سەۋەبتىن باخشىلار ئەينى زامانلاردا ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىپ، ئىلاھى تۈس ئالغان . دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن <<قۇش باخشى>> ئەنە شۇ شامانىزىم دەۋرى بىلەن چېتىلىدىغان قەدىمكى ئادەتلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. لېكىن <<قۇش باخشى>> دەيدىغان بۇنداق نامنى ۋە قۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى بىز ھازىرغىچە شامانىزىمغا ئائىت تارىخى ماتېرىياللاردا ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئۇچراتمىدۇق.
جەنۇبى شىنجاڭنىڭ يۇقىرىقى تاغلىق رايۇنلىرىدا قۇش ئارقىلىق كېسەلداۋالاشنىڭ ئاساسى ئوبيېكتى ــ تۇغۇتلىق ئاياللاردىن ئىبارەت. كۆپىنچە تۇغۇتتا ئاياللارداكۆرۈلىدىغان ئال كېسەللىكى (ئېغىر قانسىراش ۋە ھالسىراشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەل) دىن ئىبارەت. ئادەتتە، <<ئال كېسەللىكى>> نىڭ ئىپادىسى ھەرخىل بۇلۇپ، نېرۋىنىڭ نۇرماللىقى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن، چىشلىرى كىرىشىپ قالايمىغان جۆيلۈيدىغان، كۆزنىڭ ئېقى چوڭىيىپ، كۆزىگە غايىبانە، جىن ئالۋاستىلار كۆرۈنىدىغان، پۈتۈن بەدىنى توختىماي تىترەيدىغان، ھوشىنى بىلمەي ۋەھىمىلىك ۋارقىراپ ـ جارقىرايدىغان غەيرى ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن تۇغۇتلۇق ئاياللارنى يەرلىك خەلقلەر <<ئالداپ قاپتۇ>> دىيىشىدۇ.<<ئال كېسەللىكىنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبلىرى كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق بۇلۇپ،مۇھىمى تۇنجى تۇغۇتنىڭ ئالدى ـ كەينىدە بەدەندىن كۆپ قان كېتىش، ھامىلدارمەزگىلىدە ياخشى كۈتۈلمەسلىكى تۇغۇت ۋە داۋالاش شارائىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى شۇنداقلا ئەنئەنىۋى پىسخىك ئېتقاد قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق كېسەلگە يۇلۇققانلارنىڭ بەزىلىرى ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا بۇنداق كېسەللەرگە <<قۇش باخشى>> دىن باشقا ھەر قانداق دوختۇرنىڭ دورىلىرىمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ، دەپ قارىشىدۇ.(ھازىرقى زامان مېدىستىناسى بۇنداق كېسەللەرنى تولۇق داۋالاش ئىمكانىيتىگە ئىگە)
ئادەتتە خەلق تىلىدا <<قۇش>> دەپ ئاتالغىنى ھەممىدىن يىرىتقۇچ بۈركۈت بۇلۇپ ئۇنىڭ ئېغىرلىقى سەككىزدىن ئون ئىككى جىڭغىچە كىلىدۇ.<<ئال كېسەللىكى>> نى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان بۇنداق قۇش تاپ يېمىگەن ياكى ئۆلۈپ قالغان ھارام ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمىگەن بۇلىشى شەرت .
داۋالاش ئۇسۇلى : <<قۇش باخشى>> (قۇشچى) قۇشنىڭ بېشىغاتۇماق كىيدۈرۈپ ئاغرىق ئايال ياتقان ئۆيگە ئەكىرىدۇ، ئاغرىق ئايال دۈم ياتقۇزۇلۇپ،باش ـ كۆزىدىن تارتىپ پۈتۈن بەدىنىنى يوتقان ياكى كىگىز بىلەن مەھكەم ئوراپ قويىدۇ. ئاندىن ئۆيدىكى باشقا كىشىلەر ئاغرىق ئايالنىڭ يېنىدىن يىراقلاپ تۇرىدۇ.تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن قۇشچى قۇشنىڭ بېشىدىكى تۇماقنى ۋە تىرنىقىدىكى چېتىلنى ئېلىۋېتىپ، <<ئال>> دەپ قۇشنى قۇيىۋېتىدۇ. قۇش بىلگەندەك ئۆزلىكىدىن شۇڭغۇپ بېرىپ كېسەل ئايالنىىڭ گەجكىسىگە قونىدۇ ۋە مەھكەم ئوراپ قۇيۇلغان كېسەل ئايالنى باشتىن ــ ئاخىر ئۆتكۈر چاڭگىلى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ مەھكەم قىسىدۇ. كېسەلنى قانىتى بىلەن ئۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىدۇ. قۇش گاھىدە قانات كېرىپ تام ۋەتورۇسقا ئۆزىنى ئۇرۇپ، يەنە كېسەلگە ئېتىلىپ كېلىپ ھۇجۇمنى باشلايدۇ. قۇش يېرىم سائەت ، گاھىدە بىرەر سائەت مۇشۇ ئۇسۇلدا كېسەل غولىنى قاتتىق مۇجۇغاندىن كېيىن،كېسەلدىن يىراقلاپ ھالسىز ھالەتتە ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا بېرىپ شۈك تۇرىدۇ. قۇشچى شۇ ھامان قۇشنىڭ تۇمىقىنى كىيگۈزۈپ پۇتىغا چېتىل سېلىپ ئاچىقىپ كېتىدۇ. يوتقانغا چىڭ ئورالغان كېسەل ئايال قورقۇپ، چىلىق ــ چىلىق تەر بۇلۇپ كېتىدۇ. شۇ ھالەتتە بىركېچە ــ كۈندۈز مىدىرلىماي ئۇخلايدۇ ـ دە ، ئەتىسىدىن باشلاپ ئاغرىق ئايال يېنىكلەپ ئال كېسىلىنىڭ خەۋپىدىن قۇتۇلىدۇ .
ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، گويا قۇشتا بىر خىل تەبىئى سېزىم باردەك ئۆيدىكى ئاشكارا تۇرغان باشقا كىشىلەرگە تەگمەي، ئۇدۇل ئاغرىق ئايالغىلا ئېتىلىدۇ. ئىگىسى( قۇش باخشى) دىن ئوبيېكتىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايۇندىكى يەرلىق خەلقلەر قۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە شەكسىزئىشىنىدۇ .
تەكشۈرۈش ئەھۋالىمىزغا قارىغاندا، كۆپ ھالدا قۇشچى كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى قۇشقا ئالدىن ئۈگىتىدىكەن، بەزىدە تېخى ئۈگىتىلمىگەن قۇشلارنىمۇ بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىكەن، قۇش ئارقىلىق داۋالاش پەقەت ئال كېسىلى بىلەنلا چەكلىنىدىكەن، بۇنىڭدىكى ھېكمەت ۋە سىرنى تېخىمۇ چوقۇرلاپ تەكشۈرۈشكە ئەرزىيدۇئەلۋەتتە .
يۇقىرىقى بۇ مەزمۇن  ئابدۇكېرىم راخمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شېرىپ خۇشتار قاتارلىقلار تۈزگەن <<ئۇيغۇر ئۆرىپ ئادەتلىرى >> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى . دوستلارنىڭ بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قۇيىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن ، ناھايتى سۈپەتلىك، باھاسى ئەرزان نەشىر قىلىنىپتۇ .

ئەمدى يۇقىرىقى مەزمۇننى ئوقىغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار خۇراپىلىققا چىقىرىشى مۇمكىن ، بىراق بۇنىڭمۇ  مەلۇم ئىلمى ئاساسى بار .
گەپنى شامان دىنىدىن باشلايلى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەت ھىسابلىنىدىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ شامان دىنىغا ئېتقاد قىلغانلىقى تارىخ ماترىياللىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. شامان دىنىدا ئاساسلىقى پىرە ئويناش، ئىسرىق سېلىش،ئوت كۆچۈرۈش، تېرىگە ئېلىش، نوكچا قاداش، ئەملەش، ھورداش، يالغۇز دەرەخ، ۋەيرانە جايلارنى جىن ئۇۋىسى دەپ قاراش شەكىللەنگەن،
بۇلارنى ۋە  داۋاملىشىشقا تۈرتكە بولغان باخشىلارنى يېقىنقى زامانلاردىمۇ ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ .
ئەينى دەۋردىكى كىشىلەر  چاقماق چېقىش، يەر تەۋرەش...قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى  تەڭرىنىڭ غەزىپى دەپ بىلىپ، ئۆزىنى قۇيىدىغانغا يەر تاپالمىغان پەيىتلەردە ئۆزىنى تۇتىۋالغانلار تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كۆزىتىپ، ئەپسۇن ئوقۇپ، ئۆز كارامەتلىرىنى ئىشقا سالسا، ئىشلەپچىقىش ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ چەكلىمسى سەۋەپلىك خەلقلەر ئىشەنگەن .ئاندىن تەدرىجى باخشىلار پەيدا بولغان.  ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر كىسەل بۇلۇپ قالغاندا << جىن چاپلىشىۋاپتۇ>> دەپ قارايدىغان بولغاچقا باخشىلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش، چۈشكە تەبىر بىرىش، رەمباللىق قىلغان، توغرا چىققان ۋاقىتتا ئۆزىنى ماختاپ  كۆككە كۆتۈرگەن . ئەمدى ئۇلار قانداق كېسەل داۋالايدۇ ؟
ھەر شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىدەك بۇ ئىشتىمۇ شۇنداقكەن  .
باخشىلەر خەنجەر،ئوت، چۇماق، ئۇچلۇق ھاسا  قاتارلىق نەرسىلەردىن ۋەھىمە پەيدا قىلسا، قوشاق توقۇپ خىيالى مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلاردا يەنە ئۆسۈملىك دۇرىلار، تۇز، ئارشاڭ سۇلىرىدىن پايدىلىنشى ئارتۇقچىلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ،بىمارنىڭ پىسخىكىسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ،  ھايۋان تېرىسىگە ئېلىش، مايلاش، قاقلاش، قان قىلىش،  كۆيدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم جەھەتتە سالامەتلىككە پايدىلىقلىقىمۇ ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى . بۇنداق سەنئەت ، تىبابەت، ئىلمىيلىك ۋە خۇراپىلىق ئارىلىشىپ كەتكەن داۋالاش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ .
گەرچە جاھان ئۆزگەرمىسىمۇ كىشىلەردىكى ئىنساب ئۆزگىرىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ھازىرقى  ساختا باخشىلار نۇرغۇنلىغان پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇ سەۋەبلىك ئىلگىركى باخشىلانىڭ  قىلغانلىرىنى نۆلگە تەڭ قىلىشقا بولماس.
بۇخىل يۇقىرى سەنئەت ، ئىلمىيلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالاش ئۇسۇلى چەتئەللەردە (hypnosis)  زور ئالقىش بىلەن قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى ، بۇ نەچچە ئون ئەسىر ئىلگىرى  ئەجدادلىرىمىز پىسخولوگلىرى ياراتقان  مىراس ھىسابلىنىدۇ .
ئەجدادلىرىمىز شامان دىنىدىن باشقا يەنە زوروئاستىر دىنىغىمۇ ئېتقاد قىلغان، بۇ دىندا ئاھورامازدا <<يەتتە ساخاۋەتلىك مەڭگۈلۈك >> تىن يارالغان دىيلىدۇ، شۇڭا يەتتە ساننى چوڭ بىلىش ساقلىنىپ كەلگەن.  مەسىلەن : مېيىتنى يەرلىككە قويغاندا يەتتە كەتمەن توپا تاشلاش، <<سۇ يەتتە يۇمىلىسا ھالال>> دەپ قاراش ، يەنە تۇرپاندىكى يەتتە ئەۋلىيا ئۆڭكۈرى، يەتتە ئىقلىم، يەتتە قات ئاسمان، يەتتە تارىم، يەتتە ئۆيدىن ئۇن تىلەش، قۇمۇل بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى يەتتە قۇدۇق، يەتتە باشلىق يالماۋۇز، يەتتە ئۆلچەپ بىرنى كەس دېگەنگە ئوخشاشلار زورو ئاستىر دىنىدىكى يەتتە سانىنى چوڭ بىلىش ئېتقادىنىڭ تەسىرى. (مۆيدىن سايىت بوستاننىڭ <<كىرورەندىكى ئىزچىلار >> 112-بەت ، 2008-يىل 1-نەشىرى )
كۆزگە يىڭناسقۇ چىقىپ قالغاندا باش كىيىمگە  يىڭنە ئېسىۋېلىپ داۋالاشنىڭمۇ ئىلمى ئاساسى بارلىقى ئىسپاتلانغان .

يۇقىرىقى يازمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋاقتىدىكى ئۆرپ ئادەت ۋە قاراش، ھازىرقى زامانغا تەدبىقلاپ باخشىلارغا ئىشىنىپ ئالدىنىپ يۈرمەڭلا يەنە .  شارائىتىڭلار يار بەرسە يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلغان << ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى >> ناملىق كىتابنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ باقارسىلە ... كىينكى ئەۋلادلار چوڭ بولغىچە بۇنداق كىتابلار قايتا نەشىر قىلىنامدۇ يوق بۇنىڭغا بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 21:00:38

«.(ھازىرقى زامان مېدىستىناسى بۇنداق كېسەللەرنى تولۇق داۋالاش ئىمكانىيتىگە ئىگە)»

ھامىلدار ئايالغا كۆپىنچە دورا ئوكۇل ئىشلىتىلمەيدۇ ،  ئاددىيسى ھامىلدارلار  زۇكام بولۇپ قالسىمۇ  دورا ئىچمەي ، بەدەننىڭ ئېممۇنىت كۇچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تايىنىپ ساقىيدىغان تۇرسا .  ماڭا ئا  گەپ بەك ئاشۇرۋىتىلگەندەك بىلىندى ....

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 21:43:30

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 21:00 static/image/common/back.gif
«.(ھازىرقى زامان مېدىستىناسى بۇنداق كېسەللەرنى تولۇق د ...

ھامىلدار ئايال بىلەن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پەرقى بار ئېنىم.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 10:58:52

تۇغۇتلۇق ۋە ھامىلدار ئاياللاردا بولىدىكەن ئالدارىپ كېتىش…
ئال دىگىنى ئالۋاستىغا ئوخشاش غەيرى مەخلۇق بولۇپ ھامىلىدىن باشلاپ يىيىشكە باشلايدىكەن،ئەڭ ئاخىرىدا شۇ ئايالنىڭ تىلى ئىچىگە تارتىلىپ كېتىدىكەن،تارتىلىپلا كەتسە ئۆلۈپ كېتىدىكەن،بىزنىڭ يىراق تۇققانلاردىن بىرى تىلى تارتىلىپ كەتكەندە تىلىنى مىخ بىلەن تېشىپ توختىتىۋاپتىكەن
بۇ ئادەت قاغىلىق ئەمەس،خوتەندىمۇ بار،ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار
ئالنى بىز كۆرمىگەن بىلەن قۇش كۆرىدىكەن،ئال دارىغان ئايال بار ئۆينىڭ يېنىغا كېلىپ بولغىچە قۇش داپشىنىپ كېتىدىكەن،قۇش قويۇپ بېرىلىش بىلەن تەڭ شۇ ئايال بار يەردە بىر نىمە بىلەن شىددەتلىك ئېلىشىدىكەن،تىرناقلىرىدا قاماللاپ،قاناتلىرىدا سوقۇپ،تۇمشۇقىدا چوقۇپ…
باخشى ئالدامچى دىسەكمۇ قۇش ئالدامچىلىقنى مەڭگۈ ئۆگەنمەيدۇ
يەنە كېلىپ قۇش نىمە ئۈچۈن باشقا يەردە ئۇنداق ئەمەس،ئالدارىپ قالغان ئايالغا ئېتىلىدۇ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 11:01:38

بۇنداق ئالاھىدە ئىشلاردىن يەنە بىرى يادا تاش بىلەن يامغۇر ياغدۇرۇش
بۇ راست بار ئىش ئوخشايدۇ،تۈركى تىللار دىۋانىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن،غەرپ ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىمۇ بۇ توغرىلىق يازغان

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:53:36

توۋا ، قىزىق ئىشقۇ بۇ ، ئۇ قۇش كېسەل ئايالغىلا ئېتىلامدىكەن ؟ مەنمۇ شۇنداقراق ئاڭلىغان بۇ تېمىدا تەپسىلىي كۆردۈم ، يەنە قارا بۇقا بۆ چېقىۋالغان ئادەمنى كۆرسە ھۆركىرىگەن پېتى كېلىپ بۆ چېقىۋالغان يەرنى يالاپ كېتىدىكەن ، بۇقا يالىغاندىن كېيىن ئۇ بۆ چېقىۋالغان ئادەم ساقىيىپ كېتىدىكەن دەپ ئاڭلىغان .

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-7 18:51):
دۆنى بۆ دەپتىمەن ، كەچۈرۈڭلار . جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرايدىغان زەھەرلىك ئۆمچۈك شۇ

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 13:44:01

بۆ دىگەن دۆما؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 15:54:24

بۆ دىگەن نىمە ئۇ ،بۆبۆما ؟
بۆبۆ دىگەن نىمە ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 15:54:29

بۆ دىگەن نىمە ئۇ ،بۆبۆما ؟
بۆبۆ دىگەن نىمە ؟
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلاردا <<قۇش باخشى>> ئارقىلىق كىسەل داۋالاش