nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 10:37:45

[ياردەم] پاسپورت بىجىرىش تەرتىپى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بارلىق ئۇلۇغ-ئۇششاق تورداشلار؟كەمىنە نۇردىن بارلىقىڭلارغا ئېھتىرام بولغاي.
گەپنىڭ نەخ يىرىنى دىسەم،يېقىندىن بۇيان مەندە پاسپورت بىجىرىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالدى.بىجىرەي دىسەم تەرتىپلىرىنى تازا ئۇقۇپ كەتمىدىم،شۇڭا تورداشلاردىن مەسلىھەت سوراپ ئاندىن قەدەم ئالاي دەپ ئۇشبۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

نوپۇس تەۋەلىكىم:قاغىلىق ناھيسى،تۇرۇشلۇق ئورنۇم قەشقەر.ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن سورىسام مۇشۇ قاغىلىقتا پاسپورت بىجىرىش ئىشى بەك تەسمىش.نوپوسۇم قاغىلىقتا لىكىن قەشقەردە تۇرىۋاتقىلى ئون يىلدەك بوپ قالدى.

كەسپىم:تىجارەتچى.يىشىم 29ياش،ھۆكۈمەتكە جىق بولمىسىمۇ ئازراق دىگەندەك باج تۆلەگلىك.تىجارەت كىنىشكىسى،باج كىنىشكىسى دىگەندەك نەرسىلەر تولۇق.(شىركەتلەشمىگەن،يەككە تىجارەتچى)

ئۆزۈم ياكى ئۇرۇق-تۇققان ،قۇلۇم-قوشنىلاردا ھۆكۈمەتنى،خەلىقنى خاپا قىلىپ قويغان.ئالدى-كەينىدىن يامان گىپىنى قىلىپ سالغان ئەھۋاللار يوق.

پاسپورت بىجىرىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت كەسىپ تەرەققىياتى سەۋەپلىك تاجىكىستان،قىرغىزىستان،ئۆزبىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بازار ئەھۋالىنى كۆزىتىپ بىقىش ھەم پۇرسەت بولسا شۇ تەرەپلەردە بازار ئېچىش.ئاندىن قالسا ئېمكانىيەت بولسا پەرىزنى ئادا قىلىش ھەم دۇنيانى كۆرۈش...


ئۇنىڭ بۇنىڭىدىن مەسلىھەت ئالسام ھەممىسى دىگۈدەك مۇشۇ قاغىلىقتا پاسپورت بىجىرىش مۇشكۈلى قىيامەتمىش،ئاساسەن بولمايمىش.لىكىن قارىسام قاغىلىقتىمۇ پاسپورتى بار ئادەملەرمۇ بارمىش.ھەقىچان يولىنى بىلسەم قىلالىسام ھۆكىمىتىكام ماڭىمۇ بىرەمىكىن شۇ نىمىنى دىگەن ئۈمىد تە مەن.

پاسپورت بىجىرىش ئىشىدا قايسى يولدىن ئۇدۇل،قايسى يولدىن يانداق،قايسى يولدىن ئايلىنىپ ئۆتىمىز،تەجرىبسى بار بۇرادەرلەرنىڭ مەسلىھەت كۆرسىتىشىنىئۈمىد قىلىمەن.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 12:53:58

1. چاقىرىق قەغىزى ئەكەلدۈرۈڭ . دوسىت ، تۇغقان ياكى شىركەت چاقىرىش نامىدا . چوقۇم چوڭ دۆلەتلەرىدىن بولسۇن ، ھەم ئۈرۈمچىدە بۇنى تەرجىمە قىلدۇرشىڭىز كېرەك .

2. قەشقەر شەھەرلىك چەتئەلگە چىقىش مەركىزگە بېرىپ ئىلتىماس قەغەز ئالسىز .

3. يېزا ياكى ناھىيلىك ھۆكمەتلەرگە كىمىلىك ، نوپۇس، چاقىرىق قەغەزنى كۆتۈرۈپ كىرىپ جاپالىق پاسىپورت
بېجىرىش يولىنى باشلايسىز ...

4.قەشقەر شەھەرلىك چەتئەلگە چىقىش مەركىزگە ھەممە تولدۇرىغان نەرسلەرنى تولدۇرۇپ ئاپىرىپ بېرىپ .
پۇل قوشۇپ تېزىراق چىقىرۋالسىڭىز بولىدۇ .

مۇھىمى بۇ بىر مۇشكۇل جەريان ، سىزدىن قاتتىق سەۋرچانلىق ۋە ئىرادلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 15:19:42

1. ئۆي ئوچاقلىق بولمىغان بولسىڭىز ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكتىن بىرنى خوتۇن قىلىسىز توي خەت ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن خوتنۇمنى كۆرگىلى بارتمەن دىسىڭىز ئىتتىكراق چىقىدۇ پاسپورت .:lol
2. ئۈرۈمچىگە كېلىپ ساياھەت كوپىراتىپلېرىغا بېرىپ ئەڭ ئەرزان چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش تۈرىگە قاتناشسىڭىز ھەپتە ئون كۈندە پاسپورت بىجىرىپ بېرىدۇ.
3. ئاۋۇ سىز دىگەن سىتانلار ھازىر ئاقمايدۇ .سىتانلارنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھازىر ھۆكۈمىتىمىز كۆزگە ئىلمايدۇ.
شۇڭا تېز ھەم ئۈنۈملۈك ئىش قىلماقچى بولسىڭىز سىتانلارغا قارىتىلغان ساياھەت ئۆمىكىگە قاتنىشىڭ

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 15:28:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-4 15:31

جەمئى 5 باسقۇچ :
1.بازاغا بېرىپ گۈرجەكتىنبىرە ماشنائېلىڭ
2. ئەل ئايغى جىمىققان چاغدا   ئاۋاليەرنى 10 غۇلاچ چوڭقۇرلۇقتا كولاڭ .
3. كۈن چىقىش تەرەپتىن باشقا قالغان 3 تەرەپنىڭ خالىغان بىرسىگە قاراپ قېزىڭ
4.قاچانكى دۈكۈرلەپ ئات چاپقان ئاۋاز ياكى پىلموت بىلەن ئارلاش يىغا زارى ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ئۈستىگە تىشىڭ .
5. شۇ تۈشۈكتىن چەتئەلگەخالىغان چاغداخاتىرجەم چىقىپ كىرسىڭىز بۇلدۇ .

مەنچە يۇقارقى 5 باسقۇچ پاسپورىت ۋە ۋىزا بىجىرگەندىن ئاسان

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 16:14:46

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى2014-4-4 15:28 static/image/common/back.gif
جەمئى 5 باسقۇچ :
1.بازاغا بېرىپ گۈرجەكتىنبىرە ماشنائ ...

:lol

jangal يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 16:55:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-4 15:31


جەمئى 5 باسقۇچ :
1.بازاغا بېرىپ گۈرجەكتىنبىرە ماشنائېلىڭ
2. ئەل ئايغى جىمىققان چاغدا   ئاۋاليەرنى 10 غۇلاچ چوڭقۇرلۇقتا كولاڭ .
3. كۈن چىقىش تەرەپتىن باشقا قالغان 3 تەرەپنىڭ خالىغان بىرسىگە قاراپ قېزىڭ
4.قاچانكى دۈكۈرلەپ ئات چاپقان ئاۋاز ياكى پىلموت بىلەن ئارلاش يىغا زارى ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ئۈستىگە تىشىڭ .
5. شۇ تۈشۈكتىن چەتئەلگەخالىغان چاغداخاتىرجەم چىقىپ كىرسىڭىز بۇلدۇ .

مەنچە يۇقارقى 5 باسقۇچ پاسپورىت ۋە ۋىزا بىجىرگەندىن ئاسان

ماۋۇ جىڭ گەپ بوپتۇ

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 17:24:19

مەن تېخى يىقىندا پاسپورت بىجىرىشنى تۈگۈتۈپ پاسپورت چىقىشىنى ساقلاۋاتىمەن. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۆزەم باشتىن كەچۈرگىنىم بۇيىچە تەرتىپنى سۆزلەپ بېرەي.

1.قەدەم چاقىرق قەغەز بولىشى كېرەك (بىز تەرەپتە سانجىدا چاقىرىقنى چەتئەلدىن ئېلىخەتتىن يوللاپ بەرسە فوتوشۇپتا كىسىۋىلىپ ئۇرۇپ چىقىرىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. تەرجىمە قىلىش كەتمەيدۇ، سىز تۇرغان يەردە مۇشۇنداقمۇ ياكى باشقىچىمۇ سوراپ بىقىڭ، بۇنداق بولمىسا پوچتىدىن سالغۇزىسىز، ئاندىنتەرجىمە قىلدۇرىسىز، ئاندىن چاقىرىق يوللىغان چەتئەللىك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بارلىقىنى ئىسپاتلايسىز).
2.قەشقەر تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىجىرسىز ۋە شۇ تەۋەلىك ساقچىخانىدىن جىنايەت سادىر قىلمىغان ئىسپات چىقىرىسىز.
3.كىملىكئالدى كەينى ۋە نۇپۇسنىڭ باش بېتى ۋە سىزنىڭ بېتىڭىزنى بىر ۋاراققا ئۇرۇپ چىقىرىسىز.

4.يۇقارقى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ قاغىلىق ج خ پاسپورت بىجىرىش ئىشخانىسىغا بارسىڭىز پاسپورت ئىلتىماس جەدىۋىلى بېرىدۇ ۋە قاغىلىق دىننى ئىشلار ئىدارىسىدىن بىر جەدىۋەل ئىلىپ مۇناسىۋەتلىك تامغىلارنى ئۇرغۇزۇپ كىلىشنى بۇيرۇيدۇ.
دىننى ئىشلار باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بارسىڭىز بېرىدىغان جەدىۋەلدە ئىمزا ۋە تامغا قويىدىغان ئۈچ جاي بار، نوپوسىڭىز يېزىدا بولسا كەنىت تامغسى، يېزا تامغىسى، دىننى ئىشلار ئىدارىسى تامغىسىنى ئۇرغۇزىسىز. ئەگەر نوپوسىڭىز قاغىلىق ناھىيە بازىردا بولسا ئاھالە كومىتىتى، كوچا باشقارمىسى، دىننى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تامغىلىرى بسىلىدۇ.
5. دىننى ئىشلار ئىدارىسى جەدىۋىلىگە تامغا ئۇرغۇزۇپ بوپ قاغىلىق ج خ پاسپورت ئىشخانىسىغا بېرىپ پاسپورت ئىلتىماس جەدىۋىلىنى توشقۇزۇپ، بارماق ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ پاسپورت بىجىرىش ھەققىنى تۆلەپ بولسىڭىز ئىششىڭىز تۈگەيدۇ.
6.پاسپورت ئىشخانىسى سىزنىڭ ماتىرياللىرىڭىزنى قاغىلىق گوباۋ ئەتىرتىنىڭ ئىمزاسى ۋە تامغىسىنى بىسىپ بولغاندا پوچتا ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتكە يوللايدۇ. ۋىلايەتتتىن ئۈرۈمچىگە يوللايدۇ. 20 كۈنلەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىن پوچتا ئارقىلىق قاغىلىققا يوللايدۇ. ئاندىن سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. سىز قاغىلىقتىن ئىلىۋالسىز.

ئەگەر تەلىيڭىز بولسا سىز ئۇچىرايدىغان نورمال تەرتىپ يۇقارقىدەك...بولىدۇ. مەلۇم ھالقىدا تامغا ئۇرالماي قالسا پاسپورتىڭىز بىجىرىلىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كىتىشى مۇمكىن..شۇڭا «ئەستايىدىل» بولۇڭ.

Myuluqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 22:05:07

nuzgum يوللىغان ۋاقتى2014-4-4 17:24 static/image/common/back.gif
مەن تېخى يىقىندا پاسپورت بىجىرىشنى تۈگۈتۈپ پاسپورت چى ...

ئېغىزدا دىمەك ئاسان ئىشقىلىپ

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 22:16:34

پاسپورت بېجىرىشنى دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن بېجىرىشنى باشلايدىكەن،ھازىر توختىتىپتۇ ۋاقىتلىق دەپ يۈرىيتى خەقلەر....

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 22:39:44

نۇر بۇرادەرنى مەن 35   40 ئارلىقىدا دەپ ئويلايتىم… ياش يىگىتكەن تېخى…
ئىشلىرىڭىز ئۇتۇق بولغاي………

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 23:10:44

Estami يوللىغان ۋاقتى2014-4-4 12:53 static/image/common/back.gif
1. چاقىرىق قەغىزى ئەكەلدۈرۈڭ . دوسىت ، تۇغقان ياكى شىركە ...

Estami ئەپەندىنىڭ پىكىرىلىرى ئىنتايىن ئورۇنلۇق بوپتۇ (1-سىدىن باشقا)
چاقىرىقنى چوقۇم چوڭ دۆلەتلەردىن ئەكەلدۈرمەڭ... دىيارىمىزدىكى كۆپىنچە ج خ تارماقلىرى كەلگەن چاقىرىقنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئامېرىكا، ئەنگلىيە... ئاۋستىرالىيە دېگەندەك چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق چوڭ ئورگان مەكتەپلىرىنىڭ چاقىرىقلىرى بەك ئاددى. رەڭسىز ئادەتتىكى قەغەز، ئاساسەن تامغا بېسىلمايدۇ، ئىمزالا قويىدۇ. شۇڭا بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ساقچى بىر قاراپلا... تاشلىۋېتىدۇ.
   ئەمما تاجىكىستىن، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ۋېيتنام، موڭغولىيە دېگەندەك دۆلەتلەردىكى مەكتەپ ۋە ئورگانلارنىڭ چاقىرىقلىرى بەك ھەيۋەت... ھەر بىر بېتىدە ئۈچ-تۆت يېرىگە تامغا بېسىلغان، كۆپىنچىلىرى رەڭلىك ھەرخىل سۆرەتلىك يامان نوچى تامغىلار... شۇڭا بۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن چاقىرىقلار بەك ئاقىدۇ.
يەنە بىر سەۋەب، چوڭ دۆلەتلەرگە چىقىش سەل ئاۋارىچىلىق... ئەمما قازاقىستان، موڭغولىيە دېگەندەك دۆلەتلەرگە ئاسان، شۇڭا تېز بېجىرىشى مۇمكىن.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 01:51:22

بىرھون ھازىر قازاقىستان ، تۈركىيە دېگەندەك دۆلەتلەردىن كەلسىە ئاقمايدۇ.

باشىقا دۆلەتلەرنىڭ چاقىرىق قەغىزنى كۆرمەپتىكەنمەن، ئەگەر شۇنداق بولسا تېخىمۇ ياخىشى

مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ مۇددائىسىنى ئۇلارغا ئارتۇقچە سۆزلەپ يۈرمەڭ ھەرگىز . بىر ئېغىز ساياھەت سودا دېگەندەك ئىشلار بىلەن تۈگىتىڭ . سوراپ قالسا ج خ دىن

hoopeelover ساياھەت كوپىراتىپتىن ئۈمۈد كۈتمەڭ ھەرگىز ، ئۇلارنىڭ رولى پەقەت جاپادا چىقان پاسىپورتىنى يېغۋىلىش .

Myuluqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 06:22:12

ئۇنىمۇ دىدۇق بۇنىمۇ دىدۇق. ئەڭ ئۈنۈملۈك يول بولسا سىز ئۈرۈمچى ياكى غۇلجا،بۆرتالا تەرەپلەرگە نۇپۇسنى يۆتكىيەلىسىڭىز بەكلا ئاسان. مىنىڭ بىر يېقىنىم بۆرتالادىن 253كويغا پاسپۇرت ئالدى.
نۇپۇسيۆتكەشنىڭ ئىككى خىلئۇسۇلى بار.
1-سىز نۇپۇسىڭىزنى يۆتكىمەكچى بولسىڭىزيۆتكىمەكچى بولغان يەدىن ئۆي ئالىسىز. ئاندىن شۇ يەردىكى ئىش بىجىرىش ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ ئەھۋالنى دىسىڭىز بىر جەدۋەل بىرىدۇ. شۇ جەدۋەلنى ئۈزىڭىز تۇرۇشلۇق ساقچىخانغا ئاپىرىپ تەستىقلىتىپ تامغا باستۇرۇپ ئاندىن نۇپۇسىڭىزنى يۆتكىمەكچى بولغان ئۇرۇندىكى نۇپۇس ئىشخانىسىغا ئەكىرىسىز. لازىمەتلىك نەرسىلەر- سىزنىڭ يۇرتىڭىزدىكى ھۈكۈمەتنىڭ سىزدە مەسىلە يوقلىقىنى دەپ يازغان بىر پارچەتۇنۇشتۇرۇش،ئاندىن ساقچىخاندىن تامغا بېسىپ بەرگە بىر ۋاراقچە قەغەز ئاندىن نۇپۇسىڭىزنى يۆتكىمەكچى بولغان يەردىكى ئۆيىڭىزنىڭ خېتى. بۇ ئۆيخېتى چۇقۇم ئۈزىڭىزنىڭ نامىدا بۇلىشى شەرت. شۇلارنى تەييارلاپ بەرسىڭىز ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر ئايدا نۇپۇسىڭىز يۆتكىلىپ بۇلىدۇ. مۇشۇ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى نۇپۇس بولغانلارغا يىلچەكلىمىسى قويماي پاسپۇرت ئىشلەپ بىرىدىغان قانۇن چىقتى. بۇندىن بۇرۇن نۇپۇس يۆتكەپ3يىلدىن 5يىلغىچىلىك تارىخى بولمىسا پاسپۇرت ئالغىلى بولمايتتى. ھازىر ئۇ چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدى.
2-نۇپۇسىڭىزنى يۆتكىمەكچى بولغان يەردىن شۇ يەرلىك خوتۇندىن بىرنى ئالىسىز. يۇقارقى 1-تۈردە ەييارلانغان نەرسىلەردىن پەقەت ئۆي خېتىنىڭ ئورنىغا توي خېتى ئەكەلسىڭىزلا بۇلىدۇ.
يۇقارقى 2خىل يولدا ماڭسىڭىز نەتىجىگە ئىرشىشىڭىزدە گەپ يوق ئاللاھ نىسىپ قىلغانلا بولسا
سىزگە ئامەت تلەيمەن

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 07:02:18

Myuluqi يوللىغان ۋاقتى2014-4-5 06:22 static/image/common/back.gif
ئۇنىمۇ دىدۇق بۇنىمۇ دىدۇق. ئەڭ ئۈنۈملۈك يول بولسا سىز ئ ...

ئاۋۇ ئاخىرىدىكى گەپنى ئاياپ قالىدىغان گەپكەنتۇق، بەزى رايونلاردا نەچچە بالىنى يىتىم قىپ خالىسىلا ىۇتۇننى قۇيىۋىتىدىغان ىشلار بەك كۆپ دەپ ئاڭلايمەن...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 08:21:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-5 08:22

يۇقۇردا Nazgum@ئىيقاندەك مۇشۇ مۇرەككەپ تەرتىپلەر، قەشقەر ۋىلايىتىگىمۇ ئوخشاش ئەمما
قەشقەردە سىز ئوز ئالدىڭىزغا پاسپورت ئىشلىتىپ قولۇمغا ئالىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ .
قەشقەردە پاسپورتنى ئىشلەپ قولىڭىزغا چىقىرىپ بىرىدىغان سودا شىركەتلىرى بار، ئادەتتە چەتئەلدە سودا قىلىدىغان تىجارەتچىلەر 40مىڭدىن 50 مىڭغىچە پۇل خەجلەپ پاسپورتنى قولىغا ئىلىۋاتىدۇ .
ئەگەر ئوخشاش بىر سودىنى تەڭ دەسمى بىلەن (يۇزمىڭ )بىر خەن بىلەن بىر ئۇيغۇر قوشنا دولەتلەردەقىلماقچى بولسا ئۇيغۇرنىڭ 50مىڭ سومى پاسپورتقا كىتىدۇ، خەننىڭ بەك كۆپ بولسا بەش مىڭ سوم پۇلى پاسپورتقا كىتىدۇ.
بۇنڭىدىكى سەۋەپلەر
بىرىنچى : مۇقۇملۇق مەسلىسى، پۇتۇن نېرۋىللىرىنى قەشقەرنىڭ مۇقۇملىغىغا سەرىپ قىلىۋاتقان رەھبەرلەر، ئىلاجبار مەسئۇلىيەتنى بىر بىرسىگە ئىتتىرشىپ، ئىش بىجىرىشتە رىزىنكىدەك قاتمال ھالەتنى شەكىللەندۇرۇپ بولدى .
4.يۇقارقى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ قاغىلىق ج خ پاسپورت بىجىرىش ئىشخانىسىغا بارسىڭىز پاسپورت ئىلتىماس جەدىۋىلى بېرىدۇ ۋە قاغىلىق دىننى ئىشلار ئىدارىسىدىن بىر جەدىۋەل ئىلىپ مۇناسىۋەتلىك تامغىلارنى ئۇرغۇزۇپ كىلىشنى بۇيرۇيدۇ.
دىننى ئىشلار باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بارسىڭىز بېرىدىغان جەدىۋەلدە ئىمزا ۋە تامغا قويىدىغان ئۈچ جاي بار، نوپوسىڭىز يېزىدا بولسا كەنىت تامغسى، يېزا تامغىسى، دىننى ئىشلار ئىدارىسى تامغىسىنى ئۇرغۇزىسىز. ئەگەر نوپوسىڭىز قاغىلىق ناھىيە بازىردا بولسا ئاھالە كومىتىتى، كوچا باشقارمىسى، دىننى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تامغىلىرى بسىلىدۇ.4   Nazgum@
يۇقۇردىكى بايان يەنە پەيچۇسونى قاتقاندا دەل سىزنىڭ دەسسىمەكچى بولغان قىلتىقىڭىز، توۋەندە بولۇپمۇ قاغىلىقتا ئاشۇ توت نەرسىنى تەييار قىلىش ئۇچۇن بەلكىم بىساتىڭىزنى تۇگىتىشىڭىز مومكىن ، بۇ توت ئورۇندىكى مەسئۇل كىشىلەر مەسئۇلىيەتتىن قىچىپ قول قويۇپ بىرەلمەيدۇ، ھەممە ئادەم گۇمانلىق بولغان جەنۇپتا كادىرلار ئوڭايلىقچە بىر ئادەمەە ئىشىنىشكە تەۋەككۇل قىلمايدۇ، كەينىگە تارتىدۇ، سىز يول ئىزدەيسىز، پۇل خەجلەيسىز ھەربىر ئوتكەلگە بەدەل تولەيسىز . شۇڭا ھەرقانداق ئادەم بۇ پاسپورتنى ئىلىشتىن ۋاز كىچىدۇ .
2: بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت كىمدە ؟
جىددى ئىشىم چىقىپ قالغاچ ئىنكاس مۇشۇ يەرگەچە بولدى ،ئاخىرىنى قايتىپ كىلىپ يازاي . . . .

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 08:27:49

Myuluqi يوللىغان ۋاقتى2014-4-4 22:05 static/image/common/back.gif
ئېغىزدا دىمەك ئاسان ئىشقىلىپ

مەن بۇ يەردە ئۆزەم بىسىپ ئۆتكەن تەرتىپ باسقۇچلارنى بىرمۇ بىر قالدۇرۇپ قويدۇم...ئېغىزدا مانداقلا دەپ قويغان گەپلەر ئەمەس..بۇ...ھەم يۇقارقى تەرتىپلەردىكى تامغا باسىدىغان ھالقىلار ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس دەپ «ئەستايىدىل» بول دەپ ئەسكەرتىشمۇ بەردىم....
ئۈستىدە، ھازىرقى ئۈرۈمچى ۋە بورتالا، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى بەزى سىياسەتلەردىن بىخەۋەر نوپۇس يۆتكەش ۋە خۇتۇن ئىلىشتەك «دانا» پىكىرنى بېرىپسىز...شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ...نوپۇسىڭىزنى ئۈرۈمچى ۋە باشقا رايونلارغا يۆتكەپ كەلگەن تەغدىردىمۇ تۇرغان، شۇ رايوندا تۇرۇشلۇق ۋاقتىڭىز 5 يىلغا يەتمىسە يەنىلا پاسپورت بىجىرەلمەيسىز..
ئەسكەرتىش: چاقىرىق ئەكەلدۈرۈشتە دۆلىتىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان دۆلەتلەردىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈش ئاقىلانىلىك.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 09:15:32

مۇشۇ رايۇنىمىزدىن باشقا يەرلەردە (ئىچكىردە) پاسپورت بىجىرىش يولى قانداق بولىدۇ ؟
بىلىدىغانلار بىر دەپ باقمامسىلەر، مىنىڭچە رەسمىيەت ھەققە 240سومدىن ئاشمايدىغۇ دەيمەن .
ھەتتا چاقىرىق قەغىزىمۇ كىرەك بولماسلىغى مومكىن .

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 09:44:34

ماۋۇ ئىنكاسلاردىكى تەرتىپلەرگە قارىسا راسلا پاسپورت بىجىرگىلى بولىدىغاندەك ھىس قىپقالىدىكەن ئادەم.نىمىلا دىگەن بىلەن ئادەم دىگەن گۈزەل ئارزۇ ھەۋەسلەر بىلەن ياشايدۇدە،....

Myuluqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 11:17:40

nuzgum يوللىغان ۋاقتى2014-4-5 08:27 static/image/common/back.gif
مەن بۇ يەردە ئۆزەم بىسىپ ئۆتكەن تەرتىپ باسقۇچلارنى بى ...

5يىلغا يەتمىسە بىجىرەلمەيسىز دىگەن گەپ ئەمەلدىن قالدى ھازىر.4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ نۇپۇسىڭىز ئۈرۈمچىدىلا بولسا، ھۈكۈمەت ئالدىدا جىنايەت سادىر قىلمىغان بولسىڭىزلا يىل چەكلىمىسىز پاسپۇرت ئالالايسىز

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 13:21:00

نېمە جاپا بۇ،نېمانداق تولا رەسمىيەت، ئىچكىردىكى شەھەرلەردە ھىچقانداق قوشۇمچە رەسمىيەت تەلەپ قىلماي،كىملىك ۋە نۇپۇس دەپتىرىنى ئېلىپ بېرىپ 38 يۈەنگە رەسىم چۈشۈپ200 يۈەن پاسپورت ھەققى تاپشۇرسا 20 خىزمەت كۈنىنىڭ ئىچىدە چىقىدۇ،شىنجاڭمۇ شۇ يەرلەرگە ئوخشاش ۋەتىنىمىزنىڭ بىر قىسىمى ئىدى.
بەت: [1] 2
: [ياردەم] پاسپورت بىجىرىش تەرتىپى