Myuluqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 06:02:59

پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى

‏پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى
م يۇلۇچى
بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ مەقبۇل بۇلىشى ئىنساننىڭ پاكىزلىقىغا باغلىق. مەن ئىبادەتلەرنىڭ مەقبۇل بۇلىشىغا سەۋەپ بۇلىدىغان پاكىزلىق توغرىسىدا ئازراق ئۇچۇقلىما بەرمەكچىمەن. ئىبادەتلىرىم ئاللاھقا مۇكەممەل ئۆرلىيەلىسۇن دەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز تىمىنىڭ داۋامىغا نەزەر سالغايسىلەر
ئىسلام دىنى ئىنسانلار پاكىزلىققا بۇيرۇيدۇ.
بىز بۇ پاكىزلىقنى بىر قانچە تۈرگە بۈلىشىمىز مۇمكىن.
1.روھى پاكىزلىق.
ئىنسان روھ ۋە جەسەتنىڭ بىركىشىدىن تەركىپ تاپقان مەخلۇق.
روھ ئىنساننىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ ماتۇرى. روھنى پاكىزلىمىغان ئادەم نىجاتلىققا ئىرشەلمەيدۇ. روھنى پاكىزلاش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ روھ تۇتقىلى بولمايدىغان كۆرگىلى ھەم بولمايدىغان مەخلۇقتۇر. ئۇنى پاكىزلاش ئۈچۈن ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەم ئاللاھ بۇيرىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق روھنى پاكىزلىغىلى بۇلىدۇ. روھنى پاكىزلىغان ئادەم نىجاتلىققا ئىرشىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا« روھنى پاكلىغان ئادەم نىجاتلىققا ئىرىشتى» دىيىش ئارقىلىق روھنى پاكلىسا دۇنيا-ئاخىرەتتە بەندىگە مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
بەش ۋاقىت ناماز روھنى پاكلاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. رەسۇلۇللە بىر ھەدىستە بەش ۋاقىت نامازنى بىر ئۆستەڭگە ئوخشاتقان. ھەمدە بىر كۇندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇشنى ئۆستەڭدە كۇندە بەش قېتىم يۇيۇنغانغا ئوخشىتىپ بەش ۋاق ناماز ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ روھىنىڭ پاكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن روھ پاكلانسا ئاللاھ توسقان ئىشلارنى قىلىش بىلەن روھ مەينەتلىشىدۇ. ھەتتا مەينەتلەشكەن روھنىڭ تەسىردىن شۇ روھ ئىگە بولغان جەسەتتىكى قەلپمۇ قارىداپ كىتىدۇ.بۇنداق مەينەتلەشكەن روھقا ئىگە بولغان جەسەت ھەرقانداق ئەسكىلىكتىن يېنىپ قالمايدۇ. بۇلغانغان روھقا ئىگە بولغان جەسەتكە يامان،ناچار ئىشلار نورمال كۈرنۇپ شەيتاننىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىدىن بۇلۇپ كىتىدۇ. شۇڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تاپاي دىگەن ئىنسان روھىنىڭ پاكلىكىغا قاتتىق ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
2.تەننىڭ پاكىزلىقى.
بىز روھنى پاكىزلاپ بولغاندىن كىيىن ھەم پاكىزلاۋاتقان ھالەتتە تەننىڭ پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرشىمىز كىرەك. تەننىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن يىمەك - ئىچمەكنى پاكىز قىلىش كىرەك. ئاللاھ قۇرئاندا پاكىز نەرسىلەرنى يىيىشكە بۇيرۇپ ئايەت نازىل قىلغان. ھەتتا بارلىق پەيغەمبەرلەرگىمۇ زىمىندىكى ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن پاكىز نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇغان. يىمەك-ئىچمەكنىڭ پاكىزىسىنى ئىستىمال قىلىش بىلەن روھنىمۇ پاك تۇتقىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ھارام قىلغان يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، ھەرخىل يوللار ئارقىلىق كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالماسلىق، شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش كىرەك. يىمەك-ئىچمەكنىڭ پاكىز ھالاللىقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەندە قىلغان ئىبادەتلىرىڭىز ھەممىسى بىكارچى. چۇنكى ئاللاھ پاكنى ۋە پاك كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ. بىر ھەدىستە بىر كىشىدىن خەۋەر بىرىلىپ« چاچلىرى چۇۋۇق، كىيىم -كىچەكلىرى چاڭ تۇران ھالدا ئاللاھقا قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ. ۋەھالەنكى ئۇ كىشىنىڭ يىمەكلىكى ھارامدىن،ئىچىملىكى ھارامدىن تۇرسا ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى قانداقمۇ ئىجابەت قىلسۇن» دەپ پاكلىقنىڭ دۇئا ئىجابەت بۇلۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
خوش... ھازىر ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئاشخانىلاردا ۋە ھەر خىل يىمەك ئىچمەك ئىشلەش ئۇرۇنلىرىدا ئاللاھ ھارام قىلغان چوچقا مەھسۇلاتلىرى بارلىقى بەس-بەستە خەۋەر قىلىنماقتا. نەپسانىيەتچى ھارامخور سودىگەرلەرنىڭ دەستىدىن يىمەك-ئىچمەكلىرىمىز ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا. ھەر -بىر ئۈزىنى مۇسۇلمان ھىسابلايدىغان ئادەم ئۈزىنى ۋە ئۈزىگە تەۋە كىشىلەرنى يىمەك-ئىچمەكتىن ئىبارەت بۇ ھارامدىن،بۇ شۇبھىدىن يىراق قىلىش كىرەك. بۇ ھەممە مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيتى. ئەگەر سىز يىمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچى بولسىڭىز ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنىڭ ھالال پاك بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كىرەك. ئەگەر سىز بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلماي ھارام،شۈبھىلىك نەرسىلەرنى سېتىپ باشقىلارنى بۇلغاپ قويسىڭىز باش جىنايەتچى سىز بۇلىسىز. قىيامەت كۇنى بۇ ھارام سودىدىن ئالغان پايدىلىرىڭىز بۇرنى-قۇلىقىڭىزدىن چىقىدۇ.
ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ بىر قۇلى بازاردىن بىر نەرسە ئەكىرگەن ئۇ نەرسىنى ئەبۇبەكرى يىگەن يەپ بولغاندىن كىيىن ئۇ قۇل: مەن بۇ نەرسىلەرنى پال سېلىپ تاپقان پۇلغا ئالغان دىيشىگە ئابۇبەكرى سىددىق قۇلىنى ئاغىزىغا تىقىپ ئۇ تاماقنى ياندۇرۋەتكەن. ئۇ يىمەكلىك ئاللاھ ھالال ياراتقان يىمەكلىكلەر قاتارىدىن ئەمما ئۇنىڭغائاللاھ ھارام قىلغان يوللار ئارقىلىق ئىرىشكەچكە ئۇ يىمەكلىك ھارامغا ئايلانغان. بۇنداق ئەھۋال ئارىمىزدا ئىنتايىن كۆپ، ئاللاھ ھالال ياراتقان ھەرقانداق نەرسىگە ئاللاھ ھارام قىلغان يوللار ئارقىلىق ئىرىشسىڭىز ئۇ نەرسە شەكسىز ھارام بۇلۇپ كىتىدۇ. شۇڭا ئىستىمال قىلىدىغان يىمەك-ئىچمىكىڭىزگە ۋە ئۇ يىمەك ئىچمەكنىڭ ھالال يولدىن كەلگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك. ھارامدىن يەپ قۇۋەتلەنگەن بەدىنىڭىز ھەم ھارامدىن قۇۋەتلىنىپ ئۆسكەن گۆش دۇزاخقا لايىق.
ئەمدى روھنى ۋە جەسىتىڭىزنىڭ ئىچكى تەرپىنى پاكلاپ بولغاندىن كىيىن جەسىتىڭىزنىڭ سىرتقى پاكلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.
پەيغەمبىرىمىز بالاغەتكە يەتكەن ھەر-بىر ئەر-ئايال مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەر-جۈمە يۇيۇنۇش ۋاجىپ دىگەن. بۇ بىر ھەپتىدە بىر يۇيۇنۇش بەدىنىگە ھېچقانداق نىجاسەت يۇقمىغانلارغا قىلىنغان بۇيرۇق. ئەمما نىجاسەت يۇقۇپ قالغانلار شۇ زامانلا يۇيۇپ چىقىرۋېتىشى ۋاجىپ بۇلىدۇ. بەدەنلىرىمىز ئاساسەن پاك يۇرۇيمىز. جۇنۇپ بولساق يۇينۇشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى ھاجەت قىلغاندا كۈپۈنچىلەرنىڭ سۈيدۈكتىن ساقلىنالماسلىق. سۈيدۈكتىن ساقلىنالماسلىق شۇ ئىنساننى قەبرە ئازابىغا دۇچار قىلىدۇ. شەيتان ئىنسان ھاجەت قىلغاندا ئاخىرقى بىر نەچچە تامچە سۈيدۈكنى توختۇتۇپ قۇيىدۇ ۋە ھاجەتنى تۈگتىپ ئورنىدىن يۆتكىلىپ بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كىيىن توختوتۇپ قالغان سۈيدۈك تامچىلىرىنى قۇيۋېتىدۇ دە كىيىمنى بەدەننى ناپاك قىلىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان كىچىك تارەت قىلغاندا ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەي سۈيدۈكنى پۇتۇنلەي سىرتقا چىقىرۋېتىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تۇرۇش كىرەك. ھازىرقى ئالدىراشلىقلاردا ئالدىراپلا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئىشتانلىرىڭىز ھۆل ماڭىسىڭىز ۋە شۇ كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇسىڭىز نامىزىڭىز ھەم مەقبۇل بولمايدۇ. قەبرە ئازابىنى ھەم تارتىسىز. شۇڭا بەدىننى پاك تۇتۇشتا كىچىك تاھارەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسىڭىز باشقا تەرەپلەردىن ئاساسەن بۇلغىنىدىغان ئەھۋاللار يوق.
3كىيىم-كىچەكنىڭ پاكىز بۇلىشى.
روھ، جەسەت پاك بۇلۇپ كىيىمىڭىز پاك بولمىسا يەنە مۇكەممەل پاكىز بۇلالمايسىز ئېغىرراق بولغاندا كىيىم-كىچىكىڭىزدىكى ناپاكلىق روھ ۋە بەدەندىكى پاكلىقنى كەتكۈزىدۇ.
كىيىملەرنى پاك قىلىشتا ئالدى بىلەن شۇ كىيىملىرىڭىزنىڭ رەسۇلۇللە چەكلىگەن كىيىملەردىن بولماسلىقىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرشىڭىز كىرەك. شۇنداقلا ھالال يولدىن كىلىشىگە ئەھمىيەت بىرشىڭىز كىرەك. ئۇنىڭدىن كىيىن كىيىمىڭىزگە نىجاسەتلەرنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلاپ ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ كىيىمنىڭ پاكلىقىغا ئەھمىيەت بىرشىڭىز كىرەك. دۇنيادا مۇسۇلمانلاردىنمۇ بەكراك پاكىزلىقنى سۈيىدىغان مىللەت يوق. سىزمۇ ئۇزىڭىزنى مۇسۇلمان ھىسابلىسىڭىز يۇقارقى پاكلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈزىڭىزگە مۇجەسسەملىشىڭىز كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا قىلغان ئىبادەتلىرىڭىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆرلەيدۇ.
روھى پاكلىق+يىمەك ئىچمەك پاكلىقى+بەدەننىڭ پاكلىقى+كىيىمنىڭ پاكلىقى=ئىماننىڭ يېرىمى
دىمەك يۇقارقى پاكلىقلارغا ئەھمىيەت بەرمەي ھەرقانچە قارى،موللا،مۇھاجىر بۇلۇپ كىتىڭ سىزنىڭ ئىمانىڭىز يەنىلا يېرىم.
رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن« پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى...» مىشكات.(ئالبانى بۇ ھەدىسنى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن يەنى سەھىھ دىگەن»
تەييالىغۇچى. م يۇلۇچى

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 19:19:20

مەن «پاكىزلىق ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر!» دەپ ئاڭلىغان.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 21:53:51

مەن «نىكاھ ئىماننىڭ يېرىمى» دەپ ئاڭلىغان، شۇنداق بولغاندا نىكاھلانغان پاكىز كىشى پۈتۈن ئىمانلىق بولارمۇ؟!:lol
بەت: [1]
: پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى