QunekMushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 22:33:13

زىلۇريۇم كىتاب خاتىرىسى : مۇسۇلمان ئەقلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى

كىتابخۇمارلىق ياخشى خىسلەت، ئوقۇغان كىتابنىڭ خاتىرىسىنى قالدۇرۇش تېخىمۇ ئېسىل خىسلەت .
زىياگۇلنىڭ بۇ كىتاب خاتىرىسى مەن كۆرگەن خاتىرىلەر ئىچىدە بەك تەپسىلىي خاتىرىلەرنىڭ بىرى.كىتاب ئىسمى ئاددىي قويۇلغىنى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىدىيەسى، ئىسلام مەدەنىيىتى شەكىللىنىشىنى ئوبدان چۈشەندۈرۈپتۇ. ئەپسۇس ئەڭ ئاخىرىنى ھېچنەدىن تاپالمىدىم.
ئۆزىمۇ ئىزدىنىشقا كىرىپتۇ مۇشۇ پۇرسەتتە قەپ قالغىنىنىمۇ يوللىۋەتسە.

زىلۇريۇم كىتاب خاتىرىسى : مۇسۇلمان ئەقلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى


مۇسۇلمان ئەقلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا
حول إعادە تشكيل العقل المسلم
دكتۇر ئىمادۇددىن خەلىلنىڭ شۇ ناملىق كىتابىدىن خاتىرىلەر

خەلقئارا ئىسلام ئىدىيەسى ئىنىستىتوتى ، ۋىرجىنىيە ئامىرىكا 3 . نەشىرى

ئەقلىيەت دېگەن نىمە ؟


ئەقىلگە بېرىلگەن تەبىر ھەرخىل بولۇپ، پىكىر ئىدىيە، تەپەككۇر قىلىش،شۇ تەپەككۇر قىلغاننىڭ نەتىجىسى
ئەقلىيەت ( ياكى مەلۇم بىر توپلۇق ئەقلىيىتى) دىگەنگە مۇكەممەل ئېنىق تەبىر بەرمەك تەس، ئەمما يېقىنلاشتۇرۇپ تەبىر بېرىش مۇمكىن .
ئەقلىيەت دىگىنىمىز : ئوبىكتىپ رىئاللىقنى ئاڭقىرىپ ، چۈشۈنۈپ يېتىشتە قوللىنىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق رىئاللىقتىكى ھەر خىل ھادىسە ۋە ئەشيالارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەنى بەلگىلەيدىغان ۋە شۇنىڭغا تايىنىپ تۇرۇپ ئىنكاس ئېلىپ بارىدىغانھەرخىل، بىر بىرىگە باغلانغان چۈشەنچىلەر، ئۆلچەملەر ۋە ئۇسۇل - ئۇسلۇپلاردىن ئىبارەت .
ئەقلىيەتنى يەنە شەكىل ۋە مەزمۇن دەپ ئايرىش مۇمكىن، شەكىل دىگىنىمىزدە ئەقىلنىڭ ئومۇمى ھالىتى ۋە ئەقىلقوللىنىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتسە، مەزمۇن ئەقىلىنىڭ رىئاللىققا، ھاياتلىققا قارىتا چۈشەنچىلىرىنى ۋە ھادىسە ۋە ئەشيالارغا باھا بېرىشتىكى ئۆلچەملەرنى كۆرسىتىدۇ .
مۇسۇلمان ئەقلىيىتى دېگەندە يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ، باشقىچىرەك ئېيتقاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيەسى ، تەپەككۇر ئۇسۇلى ، ئىزدىنىش - شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىش مېتودى ، ئىلىم تەھسىل – بەرپا قىلىش مېتودى، باشقىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ، ھەقىقەت ئۆلچىمى، ھاياتلىق ئۆلچىمى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى ( ئىلىم – پەن ، پەلسەپە، بەرپا قىلغان كۈلتۈر - مەدەنىيەتلىرى ۋاھاكازالار ) . ( Ziluryumقىستۇرمىسى )


مەزكۇر كىتاب 1970 . يىللىرى قاتاردا ئايلىق چىقىدىغان "ئۈممەت كىتابچەلىرى"نىڭ 1 . سانىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۆزى كىچىك بولسىمۇ مەزمۇنىنىڭ مۇھىملىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ 1993 . يىلى ئامىرىكا ۋىرجىنىيەدىكى خەلقئارا ئىسلام ئىدىيەسى ئىنىستىتوتى تەرىپىدىن 3 . قېتىم قايتا تۈزۈتۈلۈپ نەشىر قىلىنغان . بۇ قېتىمقى نەشىرگە ئالدىنقى نەشىردىكى مۇقەددىمە دوكتۇر ئۆمەر ئوبەيد ھەسەنەنىڭ يېزىپ بەرگەن مۇقەددىمىسىمۇ مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينەن قايتا بېرىلگەن


خەلقئارا ئىسلام ئىدىيەسى ئىنىستىتوتى مۇدىرى دوكتۇر تاھا جابىر ئەلئەۋانىنىڭ كىتابقا يازغان تەقرىزى


مۇسۇلمانلار ئۆز تارىخىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا گىرىپتار بولغان مەنىۋى كېسەللەرنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى ئىدىيە – پىكىردىكى كېسەللەر بولۇپ، بۇ كېسەللەر مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتىنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، ئاجىزلىق، تۇراقسىزلىق قاتارلىق ئىللەتلەرگە دۇچار قىلدى.ۋاھالەنكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىسلام ئۆزى ئېلىپ كەلگەن توغرا چۈشەنچە، ئىمان ۋە ساپ تەھۋىد بىلەن مۇسۇلمانلاردا ساغلام ۋە مىۋىلىك بىر ئەقلىيەت بەرپا قىلىپ ، ئەڭ تىز سۈرئەتتە بەدەۋىيلىك، ساۋاتسىزلىق ۋە جاھىللىقتىن مەدەنىيلىك ، ئىلىم – ئىمان نۇرىغا، تەۋھىد نۇرىغا چۆمدۈرگەن ئىدى. يەنى ئىسلام مۇسۇلمانلارنى ئىككى كىتاب، بىرى ئاللاھ ياراتقان كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، مەخلۇقاتلار ۋە باشقا شەيئىلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇپ، ئىزدىنىپ ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى تونۇش، سىرلىرىنى ئېچىش، ئۇلار ئارىسىدىكى باغلىنىشلارنى بايقاپ، ئاللاھ يولغا قويغان قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىپ شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بارلىقى، بىرلىكى ۋە قۇدرىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىسنغانغا تاپشۇرۇلغان زېمىندا ئورۇنباسارلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا يول كۆرسەتتى.
يەنە بىر كىتاب بولسا ساماۋي نازىل بولغان كىتاب – قۇرئاننى ئوقۇپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ چۈشۈنۈپ، ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە ۋە بويسۇنۇشقا ھەق ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇشقا يول كۆرسەتتى .
مانا مۇشۇ ئىككى كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنىڭ يارىلىشىدىكى غايە ۋە مەقسەتنى ئورۇندىيالايدۇ.
ئەمما بۇ ئىككى كىتابنى ئوقۇش بىرلا ۋاقىتتا توختاپ قالسا، دۇنيا خارابلىشىپ قىيامەت يېقىنلاشقان بولىدۇ . ئەگەر بىرىلا ئوقۇلۇپ يەنە بىرى تاشلىۋېتىلسە ھاياتلىقنىڭ ، ئىنساننىڭ مەۋجۇدلىقىنىڭ يېرىمىنى تەرك ئەتكەنلىك بولىدۇ.
ئالدىنقى مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى كىتابنى ياخشى ئوقۇپ چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيانى يىتەكلەپ ماڭالىدى.تاكى بىر زامانلار كىلىپ ئورۇنسىز "ئەقىلمۇ ياكى نەقىلمۇ" دېگەن سەپسەتە جىدەل باشلاندى ۋە ئىدىيەدە، چۈشەنچىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ئارقىغا چېكىنىشقا باشلىدى، مۇسۇلمانلار ئۆزگىلەرنىڭ قولىغا قالدى. كۈنلىرى خارابلاشتى.
چاغداش مۇسۇلمان ئۈممىتى بۇ خارابلىقتىن پەقەت، ئالدىنقى مۇسۇلمانلاردەك بۇ ئىككى كىتابنى ئۆز جايىدا مۇتالىئە قىلالىسا، ئاندىن بۇرۇنقى چاقنىغان ئەقلىيىتى، يىتەكلىگۈچى ئىدىيەسىنى ، كۈلتۈر مەدەنىىيىتىنى قايتا بەرپا قىلغۇسى .


دوكتۇر ئۆمەر ئۈبەيد ھەسەنەنىڭ مۇقەددىمسى

زامانىسىدا دۇنيانى يىتەكلەپ ماڭغان مۇسۇلمان ئەقلىيىتى بۇ كۈنگە كەلگەندە نىمە ئۈچۈن سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قالدى؟ ھەر ساھەدە يېڭىىلىق ياراتقان مۇسۇلمان ئەقلىىيىتى بۇ كۈنگە كەلگەندە نىمە ئۈچۈن خۇراپاتلىق سىمۇۋۇلى بولۇپ قالدى ؟
بۇ مۈشكىلىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى قايسى ؟
ئۆز ۋاقتىدىكى مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى قانداق شەكىللەنگەن ؟

ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ياتلارنىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا دۇچ كېلىپ تۇرغان بۇ ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى ئىسلام روھىنى ئاساس قىلغان، "تەقۋادارلار كۈچلۈك، پاسىقلار ئاجىز" بولغان بىر ھالەتتە بەرپا قىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈزى ئىنتايىن مۇشكۈل بىر ۋەزىپە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق، مېتودچانلىقنى تايانچ قىلغان ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك .
بۇ يولدا بىز ئىدىيە، پىكىر ۋە كۈلتۈر - مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك .
بىز مەقسەت قىلغان بۇ ئەقلىيەت :
-- تاكامۇللاشقان، ھەر تەرەپنى تەڭ تۇتقان بىر ئەقلىيەتتۇر.
-- مۇسۇلمانلار دۇنياسى دۇچ كەلگەن ھەر خىل مۇشكىلاتلارغا قارىتا ئېنىق چۈشەنچىسى بولغان، ھەل قىلىش چارىىلىرىنى تېپىپ چىقالايدىغان ئەقلىيەتتۇر .
-- ھەر خىل مۇشكىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ، مۇناسىپ ھالدا ھەل قىلالايدىغان ئەقلىيەتتۇر .
-- دۇچ كەلگەن كىرزىسلەرنىڭ ئالدىنقى سەۋەبلىرى بىلەن كېيىنكى نەتىجە، تەسىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئەقلىيەتتۇر .
-- پۈتۈن كائىناتنى بىر مەنبەگە (ياراتقان ئاللاھقا)باغلىيالايدىغان، تەۋھىدكە ماسلىشالايدىغان، تەپرىقىچىلىك، پارچە پۇراتچىلىق، يۈزەكىچىلكنى تۈگىتەلەيدىغان ئەقلىيەتتۇر .

بىز بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويغان، مۇسۇلمان ئەقلىيتىنى بەرپا قىلىشتا مۇنداق قوش ئاساسقا تايىنىدۇ:
1 . ئۇقۇم - چۈشەنچىنى توغۇرلاش. يەنى ھاياتلىق، دۇنيا، ئىنسانغا بولغان ئۇقۇم - چۈشەنچىنى مۇۋازىنەتنى ۋە مۆتىدىللىكنى ئاساس قىلغان ھالدا توغۇرلاش .
2 . ئەقىلنى بىر تەرەپلىمىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش .

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا:مۇسۇلمان كىشى ئۆز كەسىپىگە ماھىر بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ھەر خىل ساھەلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ۋە ئىلىمنى توغرا يولدا قوللىنىش ۋە پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك .

بۇ يەردە يەنە مۇسۇلمان ئەقلىيىتى دۇچار بولغان، ھەم جىددىي ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بولغان تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى ئېنىق بىلىۋېلىشمىز كېرەك :

1 . ئىش، ئەمەلنى قىلىش بىزدىن؛ نەتىجە ئاللاھتىن دېگەننى بانا قىلىپ، قىلغان ئەمەلنىڭ نەتىجىسىدىن ياكى مەسئۇلىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى تارتىش، ئەمەل قىلغاندا نەتىجىنى ئېتىبارغا ئالماسلىق ئىللىتى. بۇنداق قىلىش مۇسۇلمان ئەقلىگە نۇمۇستۇر .
2 - ئەۋۋەلىيلىككە ئېتىبار بەرمەسلىك ، يەنى مۇھىم، زۆرۈر، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، مۇھىم، زۆرۈر بولىمغان ئىشلارنى قىلىش . پىرىنسىپ دەرىجىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، پارچە -پۇرات ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.


مۇئەللىپنىڭ مۇقەددىمىسى

مۇسۇلمانلار ئەقلىيتىگە دىئاگنۇز قويۇپ، ئالاھىدىلىكلىرى، نۇقسانلىرى توغرىسىدا بەھىس ئېلىپ بارغان يازمىلار مۇنداق ئىككى ئاساسى يول تۇتقان. بىرى چاغداش مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى دۇچار بولغان كېسەللىك ۋە ئەيىپلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ سەۋەبى، مەنبەسى قاتارلىقلارغا قىزىپ چىقسا؛يەنە بىرى مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكلىرى، مەنبەسى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلگەن. مەزكۇر كىتاب ئىككىنچى تۈردىكى بەھىس ئېلىپ بارغان يازمىلارغا تەۋە..

بۇ كىتاب 4 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1. بابى ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا چۈشەنچە، ئېتىقاد، بىلىم ۋە مېتود توغرىسىدىكى ئۆزگەرتىشلىرىنى بايان قىلىدۇ
2 . بابى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ۋە پەيغەمبېرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يۇقارقى 4 چوڭ ئاساسى ساھەدە ئۆزگېرىش ئېلىپ بارغان مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتىنىڭ قانچىلىك ئەمەلگە ئاشقانلىقى نەتىجىلىرى قىسقىچە خۇلاسىلىنىدۇ .
3 ۋە 4 . بابتا بۇ ئەقلىيەتنىڭ زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ، كۈلتۈر ھازارەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ قانداق قىلىپ بۇ نەتىجىلەرنى تەكرار قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىدۇ .

ئىتالىيە پەيلاسوپى كروچى تارىخنىڭ ھەممىسى چاغداش تارىختۇر دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا، بۇ پىرىنسىپ مۇسۇلمانلار تارىخىغا قانداق تەتبىقلىنىدۇ ؟


بىز مۇسۇلمان ئەقلىيىتىنى بۇرۇنقىدەك بەرپا قىلىمىز دەيدىكەنمىز، يۇقارقى ئالاھىدىلىك ۋە كەمچىلىكلەردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك :
1 - مۇسۇلمان ئەقلىيتىنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا توسقۇن بولۇۋاتقان ئىللەتلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش. بۇ ئىللەتلەرنىڭ بارلىقىنى تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ ساھەدىن ئىزدەش مۇمكىن
1 - ئېتىقاد ۋە چۈشەنچە
2 - ئىلىم ۋە ئىلمىيلىك
3 - ئەمەل ۋە مېتودى

2 - ئسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتىنى ئەڭ يۈكسەك بەرپا قىلغان، ئاكتىپچانلىق ۋە مېتود ئاتا قىلغان ئىسلام ئۇل - تەلىماتلىرىنى قېزىپ چىقىش
بۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى ھەر قانداق مۈشكىلاتنىڭ ئاچقۇچى بولغان ئىسلام ئەقىسىدۇر .بۇندىن باشقا يەنە تارىخى ۋە جۇغراپىيلىك ئامىللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك ئەلۋەتتە .

يەنە شۇنى ئوچۇقلاپ ئۆتۈش كېرەككى :
1 - بۇ كىتاب روھىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەگىلا يۈزلۈنۈش خاھىشىغا قارىتا رەددىيە كىتابى ئەمەس .
2 - بۇ كىتاب ئەقليچىلىكنى ئالدىغا قويۇپ، ئىماننى كەينىگە تىزمايدۇ .

بۇ كىتاب كۆزلىگەن مۇسۇلمان ئەقلىيىتينى بەرپا قىلىش بولسا :
1 - ئەۋۋەلىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش ، باشقا ئامىللارغىمۇ سەل قارىمىغان ئاساستا .
2 - ئىسلام ئىنسانغا بىر پۈتۈن ھالدا مۇئامىلە قىلىدۇ، باشقا مەزھەب ئىقىملاردەك ، مەلۇم بىر تەرەپنىلا ئېتىراپ قىلىپ، شۇنى ئاساس قىلىپ مۇئامىلە قىلمايدۇ .
3 - رىئاللىقنى ئېتىراپ قىلىدۇ، يەنى ھازىرقى مۇسۇلمان ئەقلىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئىللەت - كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ .

    1 -2 باب

مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتىنى بۇرۇنقىدەك قايتا بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئىسلام كەلگەندە مۇسۇلمانلاردا پەيدا قىلغان ۋە ئەقلىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئۆزگەرتىشلەرگە نەزەر سېلىپ پايدىلىنىش كېرەك .
ئىسلام تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە جەھەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى :
1 - ئېتىقاد ۋە چۈشەنچە جەھەتتە ، يەنى ئىنساننى كۆپ ئىلاھلىقتىن بىر ئىلاھلىققا، ئىنساننىڭ قۇللىقىدىن ئاللاھنىڭ بەندىچىلىكىگە، قاراڭغۇ - زۇلمەتتىن ئىسلام نۇرىغا ئېلىپ كىرىدى.
ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىلاھلىرى ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم ئىسىملىرى بار ئىدى، ئۇلار خالىسا ئىبادەت قىلىپ، قورسىقى ئاچقاندا "ئىلاھ"لىرىنى يەپمۇ قوياتتى . جازانە، زىنا، ھاراق شاراب ئەۋج ئالغان ئىدى.مانا مۇشۇنداق ئەقىل ۋە روھ بوغۇلىدىغان پاتقاقلىقتىن، ئىسلام كېلىپ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە، پاك ئېتىقادقا ئېلىپ كىرىدى، ئۇنىڭ ئەقلىنى، روھىنى، ۋىجدانىنى پاكلىدى . ئەقلىيىتىنى يېڭىدىن بەرپا قىلدى .

2 - ئىلىم جەھەتتىكى ئۆزگەرتىش . بۇ،ئەقىلگە چېتىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ساھە . ئىلىم بولغاندىلا ئاندىن ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئەقلى پۈتۈن كائىنات ۋە مەۋجۇدىيەتنى بىلىپ يىتەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدۇ . ئاللاھ تائالانىڭ تۇنجى كالامىي مۇشۇ ئىلىم توغرىسىدا " ئوقۇ" دېگەن ئايەت بىلەن نازىل بولغان ئىدى .
ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرئان ئايەتلىرىئوقۇش، تەپەككۇر قىلىش، ئويلىنىش، چۈشىنىش، نەزەر سېلىش نىدالىرىنى ئارقىمۇ ئارقا ئېلىپ كەلدى .
﴿ ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە (يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن﴾ قىيامە سۈرىسى 18- ئايەت
﴿قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە- دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ- بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجى نازىل قىلدۇق ﴾بەنى ئىسرائىل سۈرىسى 106 - ئايەت
﴿ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ) ﴾ مۇھەممەد سۈرىسى 24 - ئايەت
﴿كىشىلەر پەند- نەسىھەت ئالسۇن دەپ ﷲ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ﴾ بەقەرە سۈرىسى 221 - ئايەت

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىسلام ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن بەكراق، ئىنسان شۇ ئىشلارنى قىلالايدىغان، ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشقا بەكراق كۆڭۈل بولىدۇ . ئىلىم ساھەسىدە ئىسلام دەل مانا مۇشۇنداق بىر مۇھىت بەرپا قىلدى ۋە زامانىسىدا ئۆزىدىن كېيىنكى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك چىراق بولىدىغان بىر بۆلۈك ئىسلام ئۈممىتىنى مەيدانغا چىقاردى .
ئۆز ۋاقتىدا دۇنياغا باش بولغان ئىسلام مەدەنىيىتى مانا مۇشۇنداق مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتىنى ئويغاتمىغان بولسا ، مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى .

3 - مېتود جەھەتتىكى ئۆزگەرتىش
ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا مېتود ئىنتايىن مۇھىم . ئىسلام مېتود جەھەتتە مۇنداق 3 تەرەپكە كۆڭۈل بولگەن .
1 - سەۋەب قانۇنىيىتى ، ئىسلام ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەر كۆنۈپ كەتكەن، ئىشلارغا يۈزەكى قارايدىغان، يۈزەكى ياكى خۇراپىي چۈشەندۈرىدىغان، شەيئىلەرنىڭ زاھىرىغىلا قاراپ، ماھىيتىنى بايقىيالمايدىغان ھالەتتىن، ھەر ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ۋە زاھىرىگە تەڭ قارايدىغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ( سەۋەب ۋە نەتىجىنى ) مۇھىم بىلىدىغان ۋە بايقىيالايدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق كۆزلىگەن ھەقىقەتكە يېتەلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتى .
2 - تارىخ قانۇنيىتى، ئىسلام بىلەن كىشىلەر تۇنجى قېتىم تارىخنىڭ ھەرگىزمۇ غايىسىز، قالايمىقان ئۆتمەيدىغانلىقى ، بەلكى تارىخقىمۇ خۇددى كائىنات ۋە ھاياتلىققا قانۇنىيەت ھۆكۈمرانلىق قىلغاندەك، مەلۇم قانۇنىيەتنىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىگىنى بىلدۈردى . تارىخ ۋەقەلىرىنىڭ تاساددىپىي يۈز بېرىپ قالمايدىغانلىقى بەلكى مەلۇم شەرتلەرنىڭ بولىشى بىلەن ئۇنداق ياكى مۇنداق يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
قۇرئان كەرىمدە ئىنسانىيەت تارىخىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئاساسلىرى بىلدۈرۈلدى. يەنى تارىخنىڭ مۇھىملىقى دەل ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش، تەجرىبە ئېلىش ۋە شۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ئىشلارغا ياردەم ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى .

﴿ بۇ (يەنى مۇناپىقلارغا ﷲ نىڭ تۇتقان يولى) ﷲ نىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، ﷲ نىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن﴾ ئەھزاب سۈرىسى 62 . ئايەت
﴿ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت (ﷲ نىڭ) بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى (يەنى ھالاك قىلىشنى كۈتىدىغانلىقلىرى) ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى (كۈتىدىغانلىقلىرى) ئۈچۈندۇر﴾ كەھف سۈرىسى 55 . ئايەت

قۇرئان كەرىم يەنە بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ دائىملىقى ۋە سابىتلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ، مۆئمىنلەرنى خاتالىقلاردىن يىراق تۇرۇپ، كائىناتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگىتىدۇ .
﴿ سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىندى. ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى، ﷲ نىڭ سۆزلىرىنى ھەر قانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرى ساڭا نازىل بولدى﴾ ئەنئام سۈرىسى 34. ئايەت
﴿ ئۇلار سەندىن (ﷲ نىڭ) ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ﷲ نىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن﴾ رائد سۈرىسى 6 . ئايەت

3 - سەزگۈ ۋە تەجرىبە ئىلمىي ئىزدىنىش، تەتقىقاد مېتودلىرى
ئالدىنقى نەتىجە ۋە سەۋب قانۇنىيتى بولسۇن ياكى كېيىنكى تارىخ قانۇنىيىتى بولسۇن ، ئىسلام ئەقلىيىتى ئىلىم جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەنيەنە بىر نەتىجىگە تەڭ تۇرالمايدۇ . بۇ نەتىجە دەل سەزگۈگە ۋە تەجرىبىگە تايانغان ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاد مېتودلىرىدۇر .

﴿بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ ﴾ ئىسرا سۈرى 36 . ئايەت
﴿(بۇ كاپىر) ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن.(24)(بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق.(25)ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق.(26)سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق.(27)(28)(29)(30)(31)(32)﴾ ئەبەسە سۈرىسى 24-31 ئايەتلەر
﴿ ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ﷲ نىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق قىلىپ (يوقتىن) بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار، ئاندىن ﷲ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
﴾ئەنكەبۇت سۈرىسى 20 . ئايەت
﴿ بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن﴾ بەقەرە سۈرىسى 111 . ئايەت


ئايەتلەردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىمنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ . قۇرئان كەرىمدە ئىلىم سۆزى ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە تەلىم بەرگەن دىن سۆزىگە ئاتالغۇ شەكلىدە قوللىنىلغان . شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئىلىم ۋە دىن ئوخشاشتۇر. بەزىلەرنىڭ دىن ۋە ئىلىمنى ئايرىۋەتكىنىدەك ئەمەستۇر .   
﴿ ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى ﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ﴾ بەقەرە سۈرىسى 120. ئايەت.
﴿ ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ﴾ ئال ئىمران سۈرىسى 7 .ئايەت
﴿ ئۇ: «(سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت اﷲ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ﴾ ئەھقاف سۈرىسى 24 . ئايەت

ئىلىم سۆزى ھەرخىل تۈرلەنگەن شەكللىرى بىلەن قۇرئان كەرىمدە 750 قېتىمدىن ئارتۇق كەلگەن .

يۇقارقى 3 چوڭ ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسىدە 4 . چوڭ ئۆزگەرتىش مەيدانغا كەلدى ، ئۇ بولسىمۇمەدەنىيەت ۋە ھازارەت جەھەتتىكى ئۆزگەرتىش   :
ئىدىيە ياكى ئەقلىي پائالىيەتلەر ئىنساننىڭ باشقا ئىمكانىيەتلىرى بىلەن بىرگە مەدەنىيەت بەرپا قىلىدۇ .
ئىسلام دىنى بىز يۇرقادا تونۇشۇپ ئۆتكەندەك ئۆزگىرىشلەر بىلەن ، يەنى ئەقىدە، ئىلىم ۋە مېتود ساھەلىرىدە ئۆگەرتىش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ نەتىجىسىتەبىئىكى دۇنياغا يېتەكچى بىر مەدەنىيەتنىڭ بەرپا بولىشى ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ يەنە دۇنيانى مەدەنىيەت جەھەتتىن يېتەكلەپ مېڭىشى ئۈچۈن يۇرقارقى ساھەلەردىن ( ئەقىدە، ئىلىم ۋە مېتود) كەسكىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك .

ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام بەرپا قىلغان يېتەكچى مەدەنىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق تۆۋەندىكىدىك بىر قانچە ئالاھىلىدىكنى بايقايمىز :
-- بۇ مەدەنىيەت باشقا ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلدى .
بۇ باشقا مەدەنىيەتلەر مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى ئۈچۈن مۇنبەر بىر ئېتىز ئىدى، ئۇ بۇ ئېتىزدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خالىغىنى تاللاپ، تەكشۈرۈپ، رەت قىلىپ، قوبۇل قىلدى. ئۇ پايدىلىق تەرەپلەرنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلماستىن بەلكى ئۇنى ئىجابى قوبۇل قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېڭىچە شەكىلدە ئوتتۇرغا قويدى . شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنكى زامانلاردىكى ياۋرۇپا مەدەنىيىتىدە بۇ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ روشەن رولى بولدى .
( لوئىس يوڭ، گرونباۋم، گوستاف لوبۇن قاتارلىقلارنىڭ يازمىلىرىغا قاراڭ )

-- تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىلاش، كەڭەيتىش
ئۆز ۋاقتىدىكى ئىسلام ئەقلىيىتى ئۆزى ئۇچراشقان ھەر خىل مەدەنىيىەتلەردىكى ئېسىل نەرسلەرنى تەرەققىي قلىدۇرۇپ، يېڭىلاپ قايتىدىن دۇنياغا تەقدىم قىلدى .
(بۇ يەردە يەنە يۇقارقى غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ يازمىلىرى كۇپايە )
(يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ماتىماتىكا، فىزىكا، ئاسترونۇمىيە، خىمىيە، تىبابەت، جۇغراپىيە، قوللىنىشچان ئىلىملەر دىكى تۆھپىلىرى)

-- ئىسلام مەدەنىيىتى، مۇسۇلمانلار ئەقلىيىتى بېكىنمە، قاششاق ، تەكەببۇر ئەمەس ئىدى.مۇسۇلمانلار ئۆزى تەرەققى قىلدۇرغان ساھەلەردىن سىرتتىن كەلگەن ھەر قانداق ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنى رەت قىلمىدى . ھەرقانداق مەدەنىيەت، ھەر قانداق پەلسەپە، ياۋرۇپادىكى گۈللىنىش دەۋرىدىكى مەزھەب - ئېقىملار ياكى كومىنىستلارنىڭ شىرىن چۈشى ياكى ھايدگىر، كىركگارد، سارتىر ياكى كامىلارنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىملىرى بولسۇن، ياكى ھېگىل نىڭ ئىدىئالىمزى بولسۇن ياكى ماركىس ۋە ئىنگلزنىڭ ماتىريالزملىقى بولسۇن ئىسلامنىڭ مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ ، ئۇنى تەرققى قىلدۇرۇپ، گۈللەندرۈرۈشتىكى قۇدرىتىگىلا ئەمەس بەلكى ئۆزى تەشەببۇس قىلغان قىممەتلەر ۋە ئىدىيەنى رىئاللىقا ئايلاندۇرۇش، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ھەقىقىي تەتبىقلاشتا ئىسلامغا يېقىن كېلەلمىدى .

چاغداش غەرب مەدەنىيىتى بولسا، ئىسلام ئەڭ يۈكسەك شەكىلدە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغان ئىككىلىكلەردە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغۇدەك دەرىجىدە قالايمىقانلىشىپ كەتتى . بۇ ئىككىلىكلەردىن ۋەھيى بىلەن ئەقىل، ئادالەت بىلەن ھۆررىيەت، روھ بىلەن بەدەن، غەيپ بىلەن رىئاللىق، ئەخلاق بىلەن مەنپەئەت، ھايات ۋە مامات، دۇنيا ۋە ئاخىرەت، مەۋجۇدىيەت ۋە يوقلۇق قاتارلىقلار...

3   - باب
بۇرۇنقى ئىسلام ئەقلىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلارنى بىر قەدەر تونۇپ ئۆتتۇق. ئۇنداقتا شۇ زاماندىكى مەدەنىيەت يېتەكچىلىكىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بارمۇ ؟
بۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى ئۈچ ئاساس، ئەقىدە، ئىلىم ۋە مېتودتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئۈچ مۇھىم شەرتنى ھازىرلاش كېرەك.
1 - زېمىن - يەنى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى قىلىش ۋە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئۈچۈن مۇناسىپ بىر زېمىن ھازىرلاش كېرەك .

قۇرئاندا مەدەنىيەت بەرپا قىىلشنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن باشلىغان ( يەنى يەر، ئاسمان زېمىننى يارىتىش ). بۇ ئىش ئىنسانىيەتتىن بۇرۇن باشلانغان ئىكەن ئىنساننىڭ ئۇنىڭ جەريانى، ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي بىلىپ يېتىشى ئىمكانسىز . ئاساسسىز پەرەزلەرنى قىلىپيۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئەلۋەتتە بۇ دېگىنىمىز تەبىئەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم - پەنلەرنى ئىنكار قىلغىنىمىز ئەمەس . قۇرئان كەرىممۇ بۇنىڭغا چاقىرغان . بىز مەقسەت قىلغىنىمىز دۇنيا، ئىناسنىيەتنىڭ باشلىنىشى ۋە سەۋەبىنى نەزەرىيە، پەلسەپە بىلەن چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇشتۇر .
قۇرئانغا قارايدىغان بولساق، دۇنيانى يارىتىش ئىنسان يارىتىلىپ، ئۈستىگە ئېلىپ ئادا قىلماقچى بولغان ۋەزىپە بىلەن زىچ باغلانغان .

﴿ ﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان - زېمىننى يارتىشتىن ئىلگىرى) ﷲ نىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ﷲ (ئۇلارنى ياراتتى) ﴾ ھۇد سۈرىسى 7 . ئايەت

﴿ كېچە بىلەن كۈندۈزنى (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار (يەنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تېپىش يولىدا سەئيى ھەرىكەتتە بولۇشۇڭلار) ئۈچۈن، (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ، ئايلارنىڭ) يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى يورۇقلۇق قىلدۇق، (دىنىي ۋە دۇنياۋى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق ﴾ ئىسرا سۈرىسى 12. ئايەت

ئىسلام نەزىرىدە پۈتۈن كائىنات ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلغان، ياكى ھېچ سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان مەۋھۇم بىر نەرسە بولماستىن، تەڭپۇلاشقان بويسۇندۇرۇپ بېرىشتۇركى،ئىنساننى بىرلا ۋاقىتتا ھەركەتكە، ئەمەلگە ئىنتىلدۈرىدۇ . ھەم زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ .

﴿ ﷲ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار ﴾ نەھل سۈرىسى 12. ئايەت

﴿ ﷲ نىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە تويۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ﴾ ھەج سۈرىسى 65. ئايەت


2 - شەرت ئىنساندۇر .
ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىش ئىنسان مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسى، قۇرئاندا بايان قىلىنغان ئادەم ئەلەيھسسالامنى يارىتىشقا دائىر بايانلاردىن كۆرىدىغىنىمىز : ئۇنىڭ يەنى ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ئورۇنباسارلىق ۋەزىپىسى، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش قۇدرىتى ئاتا قىلغانلىقى، ئۇنىڭغا پەرىشتىلەرنى سەجدە قىلدۇرۇپ ھۆرمەت قىلغانلىقى.. يەنە ئنىساننىڭ شەيتان بىلەن بولغان توقۇنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆرەشنىڭ باشلىنىشى، ئاندىن زېمىنغا ۋاقىتلىق چۈشۈرۈلىشى ۋە ئىنساننىڭ دۇنيادىكى رولىنىڭ ، ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھيىگە باغلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇ ۋەھيىگە قارىتا تاللاش ئەركىنلىكى بولغان ھۆر ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى قاتارلىقلار بار .

قۇرئان كەرىمدە زېمىندا ئورۇنباسارلىق ۋەزىپىسى بىر قانچە قېتىم تەكرارلارندى ، بۇ ئىسلام مەدەنىيىتدە بۇ ئورۇنباسارلىق نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .
﴿ ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ﷲ تىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر﴾ نەمل سۈرىسى 62. ئايەت

3 - شەرت بولسا ئەمەل ياكى سەئيى قىلىش ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى پروگرامما . بۇ يەردىكى پروگرامما دەل دىندۇر .
ئىسلامدىكى دىن بولسا ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلغان، ئىنسان كۆرسەتمىلىرى بويىچە ھەركەت قىلىپ، مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، زېمىندا ئورۇنباسارلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان بىر تاكامۇللاشقان يولدۇر . بۇ يولسىز، ئىنسان ئازىدۇ، قىممىتىنى يوقىتىدۇ .

يۇقارقى قاراشتا دىننى بىر مەدەنىيەت بەرپا قىلىش "پروگرام"مىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ . ئۇ ئالدىنقى ئىككى شەرت ، زېمىن ۋە ئىنساننى تولۇقلايدۇ .

ئىسلام قارىشىدا بۇ دۇنيا سىناق دۇنياسىدۇر، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئۇ ئىنساندىن ئەمەل قىلىشنى، ئەمەل قىلغاندىمۇ ئىجادىي ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ، بۇ ئەمەل تەرتىپسىز، پىلانسىز قالايمىقان ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئىنچىكە پىلانلانغان، ھەم چەكسىز بىر غايىنى نىشان قىلغاندۇر. بۇ غايە بولسا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتۇر.بۇ ھەم ئىنسانىيەتنىڭ غايىسىدۇر .

بۇ يەردە دېيلىگەن ئىبادەت، دىن ۋە روھىي پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدىغان تار مەنىدىكى ئىبادەت ئەمەس،بەلكى ئۇ تولۇق بىر ھايات تەجرىبىسىدۇر .ئىنسانىيەت ھاياتىنى زېمىندا تەرتىپكە سالىدىغان ، ئۇنىڭغا مەنا ئاتا قىلىدىغان ۋە ئۇنى كۆزلىگەن غىيىگە يىتەكلەيدىغان "پروگرام"مىدۇر.

4-باب

بۇ بابتا بىز ئىسلام بەرپا قىلغان مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز :
مەلۇمكى ئىسلام مەدەنىيىتى يوق يەردىن شۇنداقلا ئوتتۇرغا چىقىپ قالمىغانبەلكى قۇرئان ۋە ھەدىس كۆرسەتكەن بىر قانچە ئاساسقا قۇرۇلغان :

1 - بىلىم ئۇلدۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھىرا غارىدا تۇنجى نازىل بولغان سۆز ئۇنى قىل، بۇنى قىلما، ئوغۇرلۇق قىلما، زىنا قىلما ئەمەس شەكلىدىكى سەلبى مەنپى توسۇش ئەمەس ئىدى.بەلكى ئىجابىي بولغان، بىلمگە بۇيرۇق : ئوقۇ دېگەن سۆز ئىدى.
﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن.(1)ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى.(2)ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر .(3)ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى.(4)ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.(5)﴾ قەلەم سۈرىسى 1-5 ئايەتلەر
بۇ ئايەتلەردىكى ئوقۇش، ئىلىم، قەلەم سۆزلىرى مۇسۇلماننى دۇنيادىن ئايرىماستىن بەلكى زىچ باغلىدى.
بۇلا ئەمەس، قۇرئاندىكى بىلىم ئۇقۇمى زامان جەھەتتىن ھالقىپ، ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتىپ ئۇنىڭغا شەيئىلەرنى ئىسىملىرىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلغان ۋاقىتقا سوزۇلغان . شۇ ئارقىلىق ئۇلاردا ئەقلىي ، جىسمانىي جەھەتتىن زېمىننى بەرپا قىلش، ئورۇنباسارلىق قىلىش ۋەزىپىسىگە تەييارلىق بولغان .
﴿ﷲ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار. بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى.(31)پەرىشتىلەر: «سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى.(32) ﷲ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېتىپ بەرگەن چاغدا، ﷲ: «مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غايىبلارنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى.(33)﴾ بەقەرە سۈرىسى 31-33 ئايەتلەر


2 - ئالدىغا ئىلگىرلەش ۋە تەرەققي قىلىش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى داۋاملىق ئالدىغا قاراشقا چاقىردى . ئارقىغا قاراشنىڭ بۇرۇنقىلاردىن بىلىم مىراسلىرى ياكى شەرىئەت مىراسلىرنى قوبۇل قىلىشتا ۋە توغرا خاتانى بىلىشتە رولى بولسىمۇ ، ئاڭسىزلىق ۋە قارىغۇلارغا دوراش، ئەگىشىش بىزنى قۇرئانغا زىت قىلىپ قويىدۇ، قۇرئان كەرىم مۇشرىكلەرنى ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرىنىڭ قىلمىشىرىغا توغرا خاتالىقىنى ئايرىماي يېپىشىۋالغانلىقى ئەيىپلىگەن .
﴿سەن بىزگە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە زېمىن (يەنى مىسىر زېمىنى) نىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ ﴾ يۈنۈس سۈرىسى 78. ئايەت
﴿بىز ھەقىقەتەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز﴾ زۇخرۇف سۈرىسى 22. ئايەت
بۇنداق قىلىشنى ئىسلام رەت قىلىدۇ . بۇ بىر تەتۇر ئىشتۇر .

ئەنگىلىيە تارىخشۇناسى ئارنولد تىۋىنبىبۇرۇنقىلارنىڭ مىراسىلىرىغا قارىتا مۇنداق ئىككى خىل يول تۇتۇش بار دەيدۇ :
1 - مەدەنىيەت جەھەتتىن خارابلاشقاندا قارىغۇلارچە دوراش، ئەگىشىش
2 - مەدەنىەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلغاندا، تەجرىبىلىكلەر ۋە مۇتەپەككۇرلارگە ئەگىشىش .
قۇرئان كەرىم 1 - خىل ئۇسۇلنى قەتئىي رەت قىلىدۇ چۈنكى ئۇ مەدەنىيەت جەھەتتىن چېكىنىشكە،ئارقىدا قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ .

قۇرئان كەرىم نۇرغۇن ئايەتلىرىدە بىزنى تارىخقا باشلاپ كىرىدۇ . شۇ ئارقىلىق ھازىر ۋە كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىشلارغا ئىبرەت ئېلىش ۋە پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ
﴿ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر﴾ يۈسۈپ سۈرىسى 111 . ئايەت
ئەمما قۇرئان كەرىم يەنە بىزنى تارىخ ئىشكەنجىسىدىن ئازات قىلىپ ھازىرغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كەلگۈسىگە قاراپ ھەركەتلىنىشنى، بۇرۇنقىلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئۆزىمىزنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ .
﴿ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى (نىڭ ساۋابى) ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار (نىڭمۇ ساۋابى) ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس﴾ بەقەرە سۈرىسى 134 . ئايەت

3 - كۈچ ئىسراپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ نۇرغۇن قېتىم ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان كۈچ - قۇۋۋەتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ " ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈڭلار، ئاللاھنىڭ زاتىدا پىكىر يۈرگۈزمەڭلەر" ...
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ ھەدىستە ئىلىم ۋە پەن - تېخنىكىغا باشلايدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ كۈچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشكە باشلايدىغان ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ۋە نېمەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىرىپ، ئىنسان چۈشۈنىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان، ئىلمي سىرىنى بىلەلمەيدىغان ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك زاتى ئۈستىدە بەھىس قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ .بۇنداق بەھىس ئەگرى مىتافىزىكا ۋە ئابىستىراكىت ئۇقۇملارغا باشلاپ، ئىنسان ئەقلىيىتىنى كۈچىنى ئىسراپ قىلىدۇ .
ئىسلام بولسابەندىنىڭ ئاللاھ تائالا ئورۇنباسارلىق ۋە بەرپا قىلىش بۇيرىغان ھەم بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بۇ دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەتلەرنى بايقاپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئىنسان كۈچ قۇدرىتىدىن ۋە ئىمكانىيىتىدىن ھالقىپ كەتكەن نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ بىھۇدە كۈچ ئىسراپ قىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ .


4 - ئورۇنباسارلىق پىرىنسىپى
ئاللاھ تائالا ئىنساننى بۇ زېمىندا ئورۇنباسار قىلدى، ۋە ئۇنىڭغا بۇ زېمىننى بەرپا قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا مۇناسىپ زېمىن ھازىرلاشقا بۇيرۇدى . شۇنداق بولغاندىلا ھاياتلىق زۆرۈرىيەتلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن ، دۇنيا مەنپەئەتلىرىنىڭ يۈكىدىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھقا بەندىچىلىك ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ كىرىشەلەيدۇ .بۇ ئورۇنباسارلىق قۇرئاندا بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغان :
﴿ﷲ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى ﷲ نىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ)، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلىدۇ ﴾ فاتىر سۈرىسى 39 . ئايەت
﴿ﷲ سىلەرنى (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدى، ﷲ سىلەرنى بەرگەن نېمىتىگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردىن) ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾ئەنئام سۈرىىسى 165 .ئايەت
﴿..ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ﷲ نىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغانلىقىنى ۋۇجۇدۇڭلارنى، قامەتلىك، بەستلىك قىلغانلىقىنى ياد ئېتىڭلار، سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار﴾ئەئراف سۈرىسى 69 .ئايەت
﴿...مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشىمۇ ھەقىقەقتۇر» دېدى ﴾ ئەئراف سۈرىسى 129 . ئايەت
بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ﷲ تىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر﴾ نەمل سۈرىسى 62. ئايەت

بۇ ئايەتلەردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى: ئورۇنباسارلىق بىر تەرەپتىن ئەمەل قىلىش، ئىجادىيەتچانلىق ، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىشلارغا باغلانسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ ئەۋەتكەن ھىدايىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۆرسەتكەن يول ۋە تەلىماتلىرىغا بويسۇنۇشقا باغلىنىدۇ .
بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغاندۇركى، ئەگەر بىرى كەم بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيانغا ئېلىپ بارىدۇ ، ۋە بەلكى ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىنىپى تېخىمۇ ياخشى ئورۇندايدىغان، بىر خەلق ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن .
﴿...ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى.. ﴾.ھۇد سۈرىسى 61 . ئايەت
بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان مۇسۇلمان بىرىنجى قەدەم - يەنى مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ ، كائىنات قانۇنىيەتلىرى ۋە سىرلىرىنى بايقاپ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىنسان ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن ئەڭ يۈكسەك شەكىلدە ماسلاشمىسا - ئۈستىدىكى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا يېتەرلىك ماغدۇرى بولمايدۇ. ھەم ئورۇنباسارلىق پەقەتلا بىر ئابىستراكىت ، ئەمەلىيىتى بولمىغان بىر ئوقۇم بولۇپ قالىدۇخالاس .

5 - بويسۇندرۇلۇش پىرىنسىپى
بۇ پىرىنسىپ ئالدىنقى پىرىنسىپ بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ دۇنيا، ھاياتلىق ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان قارىشىنىڭ بىر يارقىن ئىپادىلىنىشى. بۇ پىرىنسىپ ئىلىم پەننى ۋە قۇراللىرىنى تايانچ قىلىپ ئىسلامنى رىئال ھاياتتا تەتبىقلاشتا زۆرۈردۇر .
ئىسلام قارىشىچە دۇنيا ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى سىستىمىلرى يەنى ھەر جەھەتتىن ئىنساننىڭ ئورۇنباسارلىق ۋەزىپىسىگە ماسلاشتۇرۇلغان.
قۇرئان بىر قانچە ئايەتلىرىدە بۇ بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىشتىن خەۋەر بېرىدۇ ۋە ئىنساننىڭ مەدەنىيەت يارىتىش جەھەتتىكى رولىنى ئىجابىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇۋە ئىنسانلار مەيدانغا چىقارغان ھەر خىل مەزھەپ ئېقىملار پەلسەپىلەردەك ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە تەبىئەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بۇرمىلاپ تەسەۋۋۇر قىلغان سەلبى قاراشلاردىن يىراق .بۇ ئىقىملارنىڭ بەزىلىرى چېكىدىن ئېشىپ ئىنساننى پۈتۈنلەي تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ئالدىدا چارىسىز ئامالسىز ، تەبىئەتكە بويسۇنىدىغان قىلىۋەتتى .
ئەمما بىز ئاللاھنىڭ كالامىدا بولسا ئادەم ۋە دۇنيا ئارىسىدا يۇقارقىغا ئوخشىمايدىغان بىر ئالاقىنى كۆرىمىز .مەسىلەن
ئىنسان تەبىئەت ، كائىنات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلگەن، خوجايىندۇر.

﴿...ﷲ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر .. ﴾نەھل سۈرىسى 12. ئايەت
﴿ ﷲ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گوشلىرى (يەنى بېلىقلىرى) نى يېسۇن، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە - مارجانلار) نى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى﴾. نەھس سۈرىسى 14 . ئايەت
﴿...ﷲ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى.(32)سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى.(33)﴾ ئىبراھىم سۈرىسى 32-33 ئايەتلەر
﴿ بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى﴾ ساد سۈرىسى 36 .ئايەت
﴿ بىلمەمسىلەركى، ﷲ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى ﴾ لۇقمان سۈرىسى 20 . ئايەت
﴿ ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ﷲ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ... ﴾ ئەنكەبۇت سۈرىسى 61. ئايەت

بۇيسۇندۇرۇلۇپ بېرىش قۇرئان كەرىم دۇنيانى چۈشىنىشتە ئوتتۇرغا قويغان ئوتتۇرھال ئۇقۇمدۇر . يەنى بەزىلەرنىڭ دۇنياغا پۈتۈنلەي بويسۇنۇش يەنە بەزىلەرنىڭ دۇنيانى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى قىلىدىغان يېرى دەپ قارىغان ئىككى خىل قاراشنىڭ ئوتتۇرا ھالىدۇر .

6 - ئەمەل ۋە ئىجاديەت
ئاللاھنىڭ كالامىدا بىز ئەمەلگە دەۋەت قىلغان چاقىرىقلارنى ئوقۇيمىز :
﴿ (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ﷲ، ﷲنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا (نەرسىلەرنى) بىلگۈچى (ﷲ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ﷲ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ»﴾ تەۋبە سۈرىسى 105. ئايەت
ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "قىيامەت قايىم بولۇپ، بىرىڭلارنىڭ قولىدابىر كۆچەت بولغان بولسا، ئەگەر ئۇنى تىكىۋىتەلىسە تىكىۋەتسۇن .ئۇنىڭ ئەجرى بار " دېگىنىنى ئاڭلايمىز .
بۇلاردىن بىلەلەيمىزكى مۇسۇلماننىڭ مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىكى رولى يارىتىشنىڭ تۇنجى دەقىلىلىرىدىن تاكى قىيامەتكىچە ئەمەل ۋە ئىجادىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان . ئىسلام مانا مۇشۇنداق ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىجادىي ئەمەلدۇر .
قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنساننىڭ دۇنيانى گۈللەندۈرۈش يولىدا كۈچ چىقىرىش ۋە ئەمەل قىلىشىنى تەكىتلىشى شۇ دەرىجىدە بولدىكى ، ئەمەل ياكى سەئيى قىلىش سۆزى ھەر خىل تۈرلىنىشىلىرى بىلەن 350 قېتىمدىن ئارتۇق تەكرارلانغان .ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ زېمىندا مەۋجۇدلىقىنىڭ ئاساسى ، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتىننى بەلگۈلەيدىغانئەمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .بۇنداق بولىشى "ئورۇنباسارلىق" ۋە "بويسۇندۇرۇلۇش" قا ماس كېلىدۇ .
قۇرئان كەرىم ھايات ۋە ماماتنىڭ ئىنساننى سىناش ، كىمنىڭ ياخشى ئەمەل كىمنىڭ ناچار ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
﴿ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ﷲ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر﴾ مۈلك سۈرىسى 2. ئايەت
قۇرئان كەرىم يەنە ئەسىر سۈرىسىدە ئىنساننىڭ ئىمان ۋە سالىھ ئەمەل دىن ئىبارەت ئىككى شەرتنى يوقاتسا ئاقىۋىتىنىڭ زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى بلىدۈرىدۇ . ۋە ئىسلام ئۈممىتىگە ئۆزىنىڭ ئىجابىي ۋە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۈرۇشىغا بۇيرۇيدۇ .
﴿ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾ ئال ئىمران سۈرىسى 104-105 ئايەتلەر
يەنە باشقا بىر ئايەتتە بۇ ئۈممەتنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿ سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ﷲ غا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر... ﴾ ئال ئىمران سۈرىسى 110 . ئايەت
دىننىڭ ئاساسى بولغان ئىمان بىر تەرەپتىن مۆمىنلەر جامائىتىنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىپ ، ئۇنى توغرا يولغا يۈزلەندۈرۈپ، كائىنات بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتسە يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساندا دائىملىق بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىپ، ئويغاق ۋىجدانغا ئىگە قىلىدۇۋە ئۇنى زامان بىلەن بەسلىشىپ ئۆزىگە بېرىلگەن پۇرسەتتىن ئەڭ ياخشى تەرىزدە پايدىلىنىشى ، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى، ئۆزى ئىشەنگەن ئىمان ، قىممەت قارىشى ۋە ئۆزى كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش يولىدا ياخشى پايدىلىنىشىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ .
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى "ئىبادەت" ھېسابلىنىدۇ ، ئىنسان بۇ ئىبادەت بىلەن پەرۋەردىگارىدىن يېقىنلىشىدۇ :
﴿ جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم﴾ زارىيات سۈرىسى 56 . ئايەت
قۇرئان كەرىم بۇ مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىن سۆزلەپ كېلىپ مۆئمىنلەرنى "ياخشىلىققا ئالدىرىغۇچىلار"، "بۇرۇنماڭغۇچىلار" دەپ سۈپەتلەيدۇ. بۇ ئىككىلا سۈپەتلەشتە ۋاقىت ۋە نەتىجە قازىنىشتا ۋاقىتنى مۇھىم بىلىش دېگەن تەبىرنى كۆرىۋالالايمىز.
قۇرئان كەرىم يەنە، مۇسۇلمان كىشى ئىمان بۆلگىسىدىن بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە بولغان تەقۋالىق، ئىھسان دەرىجىلىرىدىن سۆزلەيدۇ .


ئاخىرىنى...
بەت: [1]
: زىلۇريۇم كىتاب خاتىرىسى : مۇسۇلمان ئەقلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى