شىرئەلىجان بىلەن قىرانبەك دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى
سىنا تەنتەربىيە تورىنىڭ 3-مارت بەرگەن خەۋىرى؛ 2014 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە كورىيىدەكورىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى ۋە 2016 - يىلى بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ 3 - تۈركۈمدە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار جەي شىياۋچۈەن، جىجى، ۋاڭ شىياۋخۇي ( بېيجىڭ )، يى جىيەنلىيەن، لىيۇ شىيايۈ، جۇ پىڭ، گاۋ شاڭ ( گۇاڭدۇڭ )، لى موخاۋ، خې جۇڭمىيەن ( دوڭگۇەن )، شىرئەلىجان، قىرانبەك ( شىنجاڭ ) قاتارلىقلار. بىيجىڭ كوماندىسىدىن سۈن يۈ ۋە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن ۋاڭ شىپىڭ، جۇفاڭيۈ، چىڭ جاڭخۇا قاتارلىق دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ پىشقەدەم ئەزالىرى تىزىملىك ئىچىگە كىرمىگەن.
ئىلگىرى تاراتقۇلار دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ 52 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، بۇ 52 كىشلىك تىزىملىك ئىچىگە سۈن يۈ، ۋاڭ شىپىڭ قاتارلىقلار كىرگەن، بىراق ۋاڭ جېجى، جۇ فاڭيۈ، چېن جاڭخۇا، دىڭ جىنخۈي قاتارلىق تۆت نەپەر لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەركەتچى تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى.
بۇ قىتىم ئىلان قىلىنغان يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىگىگە، بىرىنچى تۈركۈمدە ئىلان قىلىنغان جۇچىنى قوشقاندا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن شىرئەلىجان مۇختەر، قېرانبىك، جۇچى قاتارلىق ئۈچ نەپەر تەنھەركەتچى ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغان 37 نەپەر تەنھەركەتچى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يىغىلىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىگىگە تاللاندى. بۇلار 10-مارت بىيجىڭ ۋاختى 00؛16 دىن ئىگىرى بېيجىڭغا بېرىپ ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.
بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۇغلانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر ۋە قىرغىز يىگىتى قىرانبەكنىڭ بۇ قىتىملىق دۆلەت كوماندىسى سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمىز...............
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
ئۆتكەندىمۇ دۆلەت كوماندىسىغا قوبۇل قىلىپ ئەنگىلىيە ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان چاغدا قالدۇرۇپ قويغان ئىدى ! ھىلىقى چەتئەللىك تىرىنىر.....!
شىرئەلىجان ياق دەپ تۇرىۋالسا بولامىكى دەيمەن {:101:} قىرانبېك دېگەن بالىنىڭ ئۇچۇرىنى پەقەت كۆمەپتىمەن، ئازراق مەلۇمات بەرسەڭلا بوپتىكەن. قىرانبىك خېلى چىقىدىغۇ مەيدانغا.
جۇچى دېگەن ئاداش ئېسىمدە يوقكەن. ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدە قىرانبەكنىڭ ئىپادىسى خېلى ياخشى بولدى،سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمىز. rock يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 08:05 static/image/common/back.gif
قىرانبېك دېگەن بالىنىڭ ئۇچۇرىنى پەقەت كۆمەپتىمەن، ئاز ...
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەۋلادىچۇ ... Porsche يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 17:30 static/image/common/back.gif
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەۋلادىچۇ ...
بۇ ئىنكاستىن قىرانبېكنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم. نىمە دىيىشۋاتىسىلە باللا.
بەت:
[1]