muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 21:27:29

قەشقەردە ساياھەت قىلامسىلەر ( ئىككىنچىسى )

قەشقەردە ساياھەت قىلامسىلەر  ( ئىككىنچىسى )

قەشقەردە ساياھەت قىلىش  نوقۇل شەھەر ئىچىدىلا بىر كۇن پائالىيەت قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن ، ھەممە ساھەلارگە چىتىلىدىغان ئالاھىدىلىگە ئىگە، ئەتىراپىدىكى يوللار بىلەن تونۇشۇش قەشقەر ساياھىتىنىڭ موھىم تەركىۋى. بۇ يوللاردىن  يۇقىردا  بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان شىنجاڭ -شىزاڭ تاشيولىنى قىزىققۇچىلار ئۇچۇن ھەرقايسى مۇساپىسىنى تەپسىلى يازغان ئىدىم .
توۋەندە  دۆلەت  314- نومۇرلۇق تاشيولنىڭ قەشقەردىن پاكىستاننىڭ چىگىرسىغىچە بولغان بولىكىنى   تونۇشتۇرۇپ ئوتەي .
بۇ يول بولىكى رايۇنىمىزدا « جۇڭگۇ پاكىستان دوستلۇق يولى  » دەپ ئاتىلىدۇ ، ئەمما چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە  بولسا «ك ك تاشيولى» دىگەن نام بلەن مەشھۇر .  بۇ يەردىكى  « ك ك » دىگەن سوز قارا قۇرۇم  تىغى نامىدىن كەلگەن بولۇپ ، ئىنگىلىزچە يىزىلىشىدىكى ئىككى ك نىڭ قىسقارتىلمىسى .
ك ك تاشيولى شەرىقتە قەشقەر شەھرىدىن باشلىنىپ، قاراقۇرۇم ، ھىندىقۇش، ھىمايالا قاتارلىق ئۇچ چوڭ تاغدىن شەكىللەنگەن پامىر ئىگىزلىگىنى كىسىپ ئوتۇپ، قونجىراپ چىگىرا ئىغىزى ئارقىلىق، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى تاقىت شەھرىگە بارىدۇ . ئومومى مۇساپىسى 1224 ك م ، 1968-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە ياسىغان يول قۇرلىشىنى پۇتۇنلەي دولىتىمىز ئېنجىنىرلىرى ۋە يول قۇرلۇش ئىشچىللىرى ئۆزى لاھىيەلەپ ئۆزى پۇتتۇرگەن، دولىتىمىزنى ياۋرۇ ئاسىيا قۇرۇقلقىغىغا تۇتاشتۇرغان مەشھۇر يوللىرنىڭ بىرى (1961-يىلدىكى جۇڭگۇ - ھىندىستان ئۇرشىدىن كىيىن دۇشمىنىڭنىڭ دۇشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز دىگەن ماقالغا ئاساسەن ياسالغان) .  پۇتۇن مۇساپە دىڭىز يۇزىدىن 600م ئىگىزلىكتىن  باشلىنىپ دىڭىز يۇزىدىن  4700 م ئىگىزلىكتىن ئۆتىدۇ .  ئەلۋەتتە بۇ يول قۇرلىشى  قەدىمقى يىپەك يولى ئاساسىدا ئىلىپ بىرىلغان، پۇتۇن مۇساپە  بوستانلىقلانى، يايلاقلارنى ،بەھەيۋەت تاغلارنى، ئاپپاق قارغا چۇمكەلگەن مۇزلۇق چوققىلارنى بىسىپ ئوتۇپ ،مەنزىرسىنىڭ گۈزەللىگى،يولىنىڭ خەتەرلىكلىگى بىلەن  دۇنياغا داڭلىق .
ھەريىلى قەشقەرگە كەلگەن  دولەت ئىچى سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ  چوقۇم بىر مىڭىپ كۆرىدىغان ساياھەت لىنىيەسى بولۇپ قالدى .
قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچى خەنلەر بولسا جۇڭگۇنىڭ غەربىنىڭ ئەڭ چىكىگە يىتىش مەخسىدىدە  قونجىراپ چىگىرا ئېغزىدىكى تىكلەنگەن چىگىرا تىشىدا ئىككى بارمىغىنى غەلبە شەكلىگە كەلتۇرۇپ رەسىمگە چۇشۇپ خاتىرە قالدۇرۇپلا قايتىدۇ .  ئەمما  ياۋرۇپا ئامىركىلىقلار بولسا بۇلغانمىغان تاغ موھىتىدىن ھوزۇرلۇنۇش ئۇچۇن بۇ يولدا تاققا يامىشىش، ئىگىزلىكتە تۇنەش،تاغ يولىدا پىيادە ، ۋەلسىپىتلىك، موتۇسىكىلىتلىق مىڭىش قاتارلىق تۇرلەر بويىچە ساياھەت قىلىدۇ .
قىنى ئەمدى بىزمۇ ساياھىتىمىزنى باشلايلى .
ئىسكەرتىش : بۇ يولدا مىڭىش ئۇچۇنمۇ يول خېتى ئىلىۋىلىش كىرەك، بۇ خەتنى يەنىلا ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھيە شەھەرلەردىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورنىدىن ئالىدۇ، ھەقسىز بىجىرىپ بىرىدۇ .
قەشقەردىن يولغا چىقىپ، قەشقەر ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغانلىغى ئۇچۇن  كۆپ تەرىپلىمەي ،ئەگەر تىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ قالالىسام ئەڭ ئاخىرىدا قەشقەر شەھرىنىڭ ساياھەت ئورۇنلىرىنى بىلىشىمچە تۇنۇشتۇرۇپ چىقماقچىمەن .
قەشقەردىن يولغا چىقىپ 17 ك م ماڭغاندا توققۇزاق ناھيەسىگە يىتىپ بارىدۇ، توققۇزاق ناھيەسى قەشقەرنىڭ يىقىن ناھيەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە توققۇزاقلقلار بۇ ناھيەنى كوناشەھەر دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن، نوپوسى ئۇچيۇزمىڭدىن ئارتۇق، توققۇزاققا بارغۇچە قەشقەرنىڭ سۇ مەنبەسى بولغان قىزىل دەريا، تۇمەن دەريا ۋە گەز دەريالاردىن بىسىپ ئوتىدۇ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى  گۇاڭجۇ تەرەققىيات رايۇنى ھەممىدىن بەك كۆزگە چىلىقىدۇ،مۇشۇ ئۇچ يىل ئىچىدە مۇنبەت ئېتىزنىڭ  ئۇستىگە سىلىنغان قۇرلۇشلاردىن ھەيران بولمايدىغان ئادەم يوق، قىسقا مۇدەت ئىچىدە نىمە كۆپ قۇرلۇش بۇ دەپ قالىسىز . چالغۇ ئەسۋاپ ياسايدىغان ھۇنەرۋەنلەرنىڭ ئۇستىسى مۇشۇ ناھيەدىن چىقىدۇ، يول بويىدا ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋاپلىرى مەھەللىسى بار .
توققۇزاقتىن 37 ك م ماڭغاندا ئىتىزلىقلار ۋە چول باياۋاننى بىسىپ ئوتۇپ ئوپال يىزىسىغا يىتىپ كىلىدۇ، ئوپال يىزىسىدا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسى بار،شۇڭا بۇ يەردە بىر توختىماي ماڭالمايسىز، ئوپالدىن كىيىن چوڭراق بازار بولمىغانلىغى ئۇچۇن بۇ يەردىن قوغۇن تاۋۇز يەل-يىمىش سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ .
ئوپالدىن 15 ك م ماڭغاندىن كىيىن قەشقەر تەۋەلىگىدىن چىقىپ ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى تەۋەلىگىگە كىرىدۇ، يولبويى ئۇيغۇر دىھقانلىرى بىلەن قىرغىر چارۋىچىلار ئۇچىراپ تۇرىدۇ . ئوپالدىن  30 ك م ماڭغاندا ئاقتۇ ناھيەسىنىڭ ئويتاغ يىزىسىغا بارىدۇ، ئويتاغ يىزىسى مەن ئۇچۇن بىر ئالاھىدە يىزا بولۇپ تاغنىڭ ئىچكىرسىگە جايلاشقان ، مەنزىرسى گۇزەل تەبئى قارغايزارلىقى بار، ئۇ يىزىدا توت مىڭچە نوپۇس بار ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تۈركمەنلەر دەپ ئاتايدۇ،  ھۆكىمەت ئالغان نوپوسىدا مىللىتى قىرغىز دەپ يىزىغلىق ، ئەمما ئۇلار قىرغىزچە سوزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرچە سوزلەيدۇ، قىزغىزچە قالپاق كەيمەيدۇ، ئۇيغۇرچە دوپپا كىيىپ يۇرىدۇ .ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
بۇ يىزىدا بىر ساياھەت ئورنى بولۇپ ئۇنىڭغا مۇز دەريا باغچىسى دەپ ئىسىم قويىۋالدى، بۇ ساياھەت ئورنىغا  ئويتاغ ئىغىزىغا كەلگەندە   دۆلەت يولدىن چىقىپ تاغ ئىچىكىرسىگە 30 ك م ماڭغاندا يىتىپ بارىمىز . ، جۇڭكۇن ساياھەت شىركىتىنىڭ باشقۇرشىدا، قەشقەردىكى ياش قىز يىگىتلەرنىڭ شەمبە يەكشەمبىلىك ئارامگاھى ، كەڭرى كەتكەن قارغايزارلىقتا ، قارلىق تاغدىن ئىقىپ چۇشكەن مۇزدەريا ئىقىنىنى تاماششا قىلىدۇ . ( مۇز دەريا قارلىق تاغلاردا پەيدا بولىدىغان تەبئى مەنزىرە ).  
مۇساپە قەشقەردىن  ئويتاغ يىزىسىغا كەلگىچە بولغان  80 ك  م يول تۇزلەڭلىكتە  ، ئويتاغ ئىغىزى قاراقۇرۇم تىغىنىڭ كىرىش ئىغىزى ھىساپلىنىدۇ، ئۇندىن كىيىنىكى يول تاققا يامىشىشش بىلەن باشلىنىدۇ .  يولنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى قىزىل ۋە كۇل رەڭلىك تاغلار  مەنزىرسى ئىنتايىن يىقىشلىق ، قايسى مۇنبەرلىكى ئىسىمدە يوق ، بىر تورداش مۇشۇ يولدىكى ساياھىتىنىڭ سۇرەتلىرىنى يوللاپ  بولغانغۇ دەيمەن  .  ئويتاغ ئىغىزىدىن  تاغ يولىدا 45 ك م ماڭغاندىن كىيىن گەز دەريا چىگىرا مۇداپىيە ئەتىرەتىنىڭ تەكشۇرۇش پونكىتىغا يىتىپ بارىدۇ.  بۇيەردىمۇ ئوخشاشلا يول خىتى يوق چىۋىننىمۇ ئۆتكەزمەيدىغانغا ۋەدىسى بار ئەسكەرلەر بار، ھەممە ئادەم ماشىنىدىن چۇشۇپ تەكشۇرۇش پونكىتىدىن بىرمۇ بىر مىڭىپ ئوتىدۇ . تەكشۇرۇش پونكىتى قەشقەردىن 125 ك م يىراقلىقتا . يول خىتى دەل مۇشۇ يەردە تەكشۇرلىدۇ .
يول-  تەكشۇرۇش پونكىتىدىن ئوتكەندىن كىيىن تىخمۇ تىك ،تىخمۇ ئىگىز بولغان داۋانلارغا يامىشىدۇ، بىر تەرپى ئاسمان پەلەك قورام تاشلار، يەنە بىر تەرىپى چۇڭقۇر جىلغىدا ئىقىۋاتقان گەز دەرياسى ، تاغنىڭ قاپ بىلىدىكى شوينىدەك ئەگىرى بۇگىرى يوللاردا داۋاملىشىدۇ .بۇيەردە قار مۇزلار بىلەن قاپلانغان قوڭۇر چوققىسىنى كۆرەلەيمىز، قوڭۇر چوققىسى قۇرۇم تاغ سىستىمىسىنىڭ ئىككىنچى ئىگىز چوققىسى بولۇپ دىڭىز يۇزىدىن 7911 م ئىگىز .   مۇشۇ ئامىركىنىڭ  روككى تاغ تىزمىسىنىڭ تەرجىمىسى قارا قۇرام تاغ تىزمىسى بولىدىغۇ دەيمەن .  قورام تاش دىگەن ناھايىتى چوڭ تاشنى كۆرسىتىدۇ، ئالدىغا قارا دىگەن سۇپەت قىتىلسا ئۇتاشنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدۇڭلار ھەقاچان !!!!، قارا قۇرۇم تىغى ھەقىقەتەنمۇ ئەجداتلار ئېيتقاندەك  غايەت زور تاشلاردىن شەكىللەنگەن .  
ئەمدى تەكشۇرۇش پونكىتىدىن 45 ك م ماڭغاندا  يول تاغ ئۇستىگە چىقىپ  بىردىنلا راۋانلىشىدۇ ، دەل مۇشۇ پەيتتە  كۆز ئالدىمىزدا ئاق قۇم تىغى زاھىر بولىدۇ، ئاق قۇم تىغى ئۇستىدىكى كۆپكوك ئاسماندىكى ئاق بۇلۇتلار ۋە  ئەتىراپىدىكى ئىگىز قارلىق چوقىلارنىڭ ئاستىدىكى تىپ تىنىچ دەريا ئىقىنىغا چۇشكەن ئەكسى قېتىلىپ تەبىئەتنىڭ ئالاھىدە بىر مەنزىرسىنى شەكىللەندۇردۇ .
يول -  ئاق قۇم تىغىدىن 35 ك م ماڭغاندا  قەشقەرنىڭ داڭلىق سەيلىگاھى قارا كۆلگە يىتىپ كىلىمىز . (قارا كۆل ئەمىلىيەتتە قىزىلسۇغا تەۋە بولسىمۇ دولەت ئىچى سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر قەشقەردىن بارىدىغانلىغى ئۇچۇن بۇ قەشقەر ساياھەتچىلىگىگە تەۋە. پىقىردىن ).
قارا كۆلنىڭ بويى قارلىق تاغلارنى سۇرەتكە ئىلىشنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك ئورنى  ، دەل مۇشۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر بۇ يەردە ئاز بولغاندا بىر كۇن قونۇپ مىڭىشنى پىلانلايدۇ . چۇنكى ئەتىراپى قوڭۇر چوققسى، قوڭۇر توققۇزتىغى ۋە مۇزتاغ ئاتا چوققىسى قاتارلىق ھەربىرسى دىڭىز يۇزىدىن 7500 م ئىگىز چوققىلار بىلەن قورشالغان، قاراكۆل دىڭز يۇزىدىن 3600 م ئىگىز ئورۇنغا جايلاشقان ، ھاۋا تىنچ كۇنلەردە قارا كۆل بىر ئەينەككە ئوخشاش سۇپ سۇزۇك ، قارلىق چوققىلار كۆل يۇزىدە ئەكىس ئەتسە ئىنتايىن گۇزەل بىر مەنزىرە شەكىللىنىدۇ.  ئۇندىن باشقا كۆل ئەتىراپىدا ئەسىرلەر بويى ياشاپ كەلگەن يەرلىك قىرغىرلار بولۇپ ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆز ئويلىرىنى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ قونۇشى ئۇچۇن ئىجارىگە بىرىپ تۇرىدۇ . ساياھەتچىلەر بۇيەردە  زامانىۋى ئەسلىھەلەردىن يىراق بولغان تىپ-تىنىچ سەھرا موھيتىدىن  ھوزۇرلىنىشنى ئىستەيدۇ .
كۆل بويىدىكى مۇزتاغ ئاتا چوققىسى دىڭىز يۇزىدىن 7546 م ئىگىز  ، خەلىقئارادىكى تاققا چىقىش تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك مەشىق ئورنى بوپقالغان. خەلىقئارادىكى تاققا چىقىش ھەۋەسكارلىرى ئارسىدا خىلى داڭقى بار، ھەر يىلى 300دىن ئارتۇق ھەۋەسكارلار(چەتئەللىكلەر )  تاغ ئېتىكىدىكى دىڭىز يۇزىدىن 4200م ئىگىز ئورۇنغا چىدىرلىرىنى تىكىپ، 10 -20 كۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تاغ چوقىسىغا چىقىدۇ .
يول -  قارا كۆلدىن 30 ك م ماڭغاندا سۇباش داۋىنىغا يىتىپ بارىدۇ، سۇباش داۋىنى مۇساپەدىكى ئەڭ ئىگىز داۋان بولۇپ دىڭىز يۇزىدىن 4200 م ئىگىز .
داۋاندىن چۇشكەندە بولسا يەنە قەشقەر تەۋەلىكىگە كىلىمىز . داۋاندىن چۇشۇپ قىرىق كىلومىتىر ماڭساق جۇڭگۇ - تاجىكىستان تامۇژنىسىغا يىتىپ كىلىمىز .  بۇ چىگىرادىن يۇك تىرانسىپورت ماشىنىللىرى ئۆتىدۇ، ساياھەتچىلەرگە تىخى ئىچىۋەتمىدى .
يول تامۇژنىدىن ئۆتكەندىن كىيىن 15ك م مىڭىپ تاشقورغان ناھيەسىنىڭ دەسلەپكى يىزىلىرغا بارىدۇ، كۆكيار، تاغارما، شاھبەلدىر قاتارلىق يىزىلاردىن ئۆتكىچە تاجىك چارۋىچىلار يول بويى ئۇچىراپ تۇرىدۇ .  شاھبەلدىردە بىر ئاچا يول بار ئۇ يول يەكەنگە تۇتىشىدۇ220 ك م كىلىدۇ، شاھبەلدىردە ھازىر ناھايىتى چوك بىر سۇ ئىلكتىر ئىستانسىسى قۇرلىۋاتىدۇ .يول مۇشۇ يىزىلاردىن 15 ك م مىڭىپ تاشقورغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھيەسىگە يىتىپ كىلىدۇ .
تاشقورغان ناھيەسىدە 55مىڭدىن ئارتۇق تاجىك مىللىتى ئولتۇراقلاشقان ، ئۇلار ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللنىدۇ . تاجىكلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەھزەبىگە تەۋە ئىكەن ، مەن ئۇمەھزەبنىڭ قانداقلىغىنى بىلمىگەچكە چۇشەندۇرمەي. تىلى ئىران تىل سىسستىمىسىغا تەۋە ، ئۇلار ئوزئارا پاراڭلاشسا بىر ئىغىز گىپىنىمۇ چۇشەنگىلى بولمايدۇ ، بىز بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىدۇ، تاجىكلار ھەقىقەتەن پامىر ئىگىزلىكىنىڭ بۇركۇتى ، ئاساسلىق چالغۇسى بۇركۇتنىڭ سۆڭىگىدىن ئىشلەنگەن نەي . ئۇسۇل ئويناش شەكلى ھەممەيلەنگە تونۇش .
تاشقورغان ناھيەسىدە تاش قەلئە دەپ بىر قەلئە خارابىسى بار، تارىخى 1200 يىل، ناھيەنىڭ غەربىدىكى بىر دوڭگە  جايلاشقان، بۇقەلئە دۇنيادىكى توت قەدىمى تاشتىن قوپۇرۇلغان قەلئەلەرنىڭ بىرى. بۇ قەلئەنىڭ بىر تەرپى ئولتۇراق رايۇن بولسا يەنە بىر تەرپى كەڭرى كەتكەن يايلاق . يىقىنقى ئۇچ يىل مابەينىدە بۇ تاشقورغان ناھيەسىگە نۇرغۇن قۇرلۇشلار چۇشۇپ ناھيە ئەسلىدىكى كۆلەمدىن خىلى زورايدى .
چەتئەللىكلەر تاجىكلارنى ياۋرۇپالىقلارغا ئوخشىتىدىكەن ، بىر رىۋايەتلەردە پادىشاھ ئىسكەندەر زۇلقەينىن يۇرۇش قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىر گورۇپ ئەسكەرلىرىنى يوقۇتۇپ قويغان ، ئاشۇ ئەسكەرلەر مۇشۇ تاجىكلار بولىشى مومكىن دەپ قويشىدىكەن  .
يول تاشقورغان ناھيەسىدىن ئۆتۇپ 70 ك م ماڭغاندا ئافغانىستان چىگىرا ئېغىزىغا بارىدۇ، بۇ ئىغىز تىخى ئىچىۋىتىلمىگەن ، چېگىرغا بارىدىغان يول يوق ،بۇيەردىن يەنە 55 ك م ماڭغاندىن كىيىن جۇڭگۇ - پاكىستان چىگىرا پاسىلىغا بارىدۇ .
تاشقورغاندىن چىگىرا تىشىغىچە بولغان 125 ك م يول چىگىراچىلار تەرپىدىن باشقۇرلىدۇ، مەنزىرسى گۇزەل بولغان يايلاقلىرى بار . بۇ يولغا يەنە باشقا يول خىتى بىجىرىلىدۇ، يولختىنى ناھيەدىكى چىگىرا مۇداپىيە ئەتىرتىدىن ئالىمىز بىر ماشىنىغا بىر يول خىتى بىرىدۇ، ھەقسىز، چىگىردىن قايتىپ كەلسەك قايتۇرۋالىدۇ .
قەشقەردە ماشىنىلىق ساياھەت قىلماقچى بولساڭلار پايدىسى تىگىپ قالسا دۇئادا ئەسلەپ قويارسىلەر .          


alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 22:55:50

ئاداش ياخشى نەرسلەرنى يېزۋاتسلە جۇما.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 23:23:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-3 23:32  

وپالدىن 15 ك م ماڭغاندىن كىيىن قەشقەر تەۋەلىگىدىن چىقىپ ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى تەۋەلىگىگە كىرىدۇ، يولبويى ئۇيغۇر دىھقانلىرى بىلەن قىرغىر چارۋىچىلار ئۇچىراپ تۇرىدۇ . ئوپالدىن  30 ك م ماڭغاندا ئاقتۇ ناھيەسىنىڭ ئويتاغ يىزىسىغا بارىدۇ، ئويتاغ يىزىسى مەن ئۇچۇن بىر ئالاھىدە يىزا بولۇپ تاغنىڭ ئىچكىرسىگە جايلاشقان ، مەنزىرسى گۇزەل تەبئى قارغايزارلىقى بار، ئۇ يىزىدا توت مىڭچە نوپۇس بار ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تۈركمەنلەر دەپ ئاتايدۇ،  ھۆكىمەت ئالغان نوپوسىدا مىللىتى قىرغىز دەپ يىزىغلىق ، ئەمما ئۇلار قىرغىزچە سوزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرچە سوزلەيدۇ، قىزغىزچە قالپاق كەيمەيدۇ، ئۇيغۇرچە دوپپا كىيىپ يۇرىدۇ .ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .

2003-يىلى 10-ئايدا ئويتاغدا مال بېقىپ يۈرگەن بىر كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، پاراڭ ئارلىقىدا ئۇ كىشى مەن تۈرك،ئۇيغۇر ئەمەس دەيدۇ،مەن چاقچاق قىلۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئۇيغۇر دىگەن تۈركقۇ دىسەم بۇ كىشى مەن راسلا تۈرك،تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئوخشاش دەپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەس تۈرك ئىكەنلىكى توغرىسدا بىر ھازا دەرس ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.ئۆتكەندە يەنە دوختۇرخانىدا مۇشۇلاردىن بىرسى ئۇچرىدى،ئۇنىڭ دىيشىچە ئۇلار ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى  پارچىلانغاندا تۈركىيە تەرەپلەردىن شىنجاڭغا قىچىپ كەلگەنمىش،ئەسلىدا ئۇلارنىڭ سانى 400 ئەتراپىدا بولۇپ ھازىر 2 تۈمەنچە بارمىش،نوپۇس ئايرىغاندا بىر قىسمنى يەنى بىر تۈمەنچە ئادەمنى تاجىك يەنە بىر تۈمەنچە ئادەمنى قىرغىز دەپ ئايرىغان بولۇپ مىللىتى تاجىك دەپ ئايرىلغانلار جىق غەلۋە قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ بېشنى ئاغرىتقاچقا ئۇلارنى قايتىدىن تۈرك دىمەي ئۇيغۇر دەپ ئىتراپ قىلغانمىش،قىرغىز دەپ تىزىملانغانلىرى جىق داۋا -دەستۇر قىلسىمۇ ئامال بولماي قىرغىز بولۇپ قالغانمىش.لېكىن قىرغىز ياكى ئۇيغۇر ئاتالغانلىرى يەنىلا قايىل بولماي تۈركلىككە داۋا قىلىۋاتقانمىش.
مەن تازا سەپسىېلىپ قارىسام بۇ ئادەم ۋە يەنە 2003-يىلى ئۇچراتقان مالچى، قىرغىز ياكى تاجىكتىن بەكرەك ئۇيغۇر چىرايكەن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەن تۈرك ياكى تۈركمەن دىيشى (يېڭىسى بىز تۈركمەن دەيدىكەن)بەكلا قەتئى،ئازارق ئېلىشپ قالدىم،مەن يەنە ئۇنىڭدىن سىلەر قىپچاقمۇ يا دىسەم ياق قىپچاق ئەمەس دەيدۇ، شىنجاڭدا قانداقمۇ تۈرك ياكى تۈركمەن بولسۇن؟بۇلارنى راسلا چۈشەنمىدىم.


Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 23:43:19

قەشقەر شەھىرىدىن سىرتقا چىقىپ باقماپتىمەن. ئەمما 2014-4-3- كۈنى خاڭدى يېزىسىغا بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كۆرۈپ كىردىم. ناھىيەلەر ئىچىدە ساياھەت قىممىغىنى ئاساسەن يوق. لېكىن قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى بەزى بىر جايلارغا ئېغىزىمغا چىش چىققاندىن بۇيان ھەقىقەتەن چىقىپ باقماپتىمەن مەسىلەن (ھەزىرەت) دېگەندەك... كۈنلەر ئىشقا بېرىش - كېلىش ئارلىقىدىكى يوللار بىلەن مانا مۇشۇ كۈنگە ئۇلۇشۇپتىمەن.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 23:47:23

كۆپ رەھمەت ، ئەگەر قەشىقەر تەرەپكە دالا ساياھىتى بولۇپ قالسا پايدىلىنش قىممىتى كۆپ بولغۇدەك

قەشىقەر تەرەپتە  يول خېتنى نەردىن ئالىدۇ ، مەخسۇس ئورگان بارمۇ ياكى يول كىرش ئېغىزدىنمۇ ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 09:56:31

Estami يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 23:47 static/image/common/back.gif
كۆپ رەھمەت ، ئەگەر قەشىقەر تەرەپكە دالا ساياھىتى بولۇپ ...

يول ختىنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھيە شەھەرلەردىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورنىدىن سۇرۇشتۇرۇڭ

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 14:03:03

مىنىڭمۇ بىر بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلگىم بار ئىدى، ھېچ پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 21:54:08

ھېيتگاھ جامىئە دەرۋازىسىدىكى يېڭى بايقاشلار
http://bbs.misranim.com/thread-121999-1-1.html

tashway يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 23:00:36

بۇ ئىنتايىن ئىسىل تىما بولۇپتۇ، رايۇنىمىزنى تىخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە پايدىلىق ئىكەن.....

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 23:40:39

ماركو پولو نىڭ يولىنى تۇتماي بىي يېپ-يېڭى زاماندا ،ماندااق بىر  رەسىم -پەسىم  دىگەنلە  يوقما ؟
بەت: [1]
: قەشقەردە ساياھەت قىلامسىلەر ( ئىككىنچىسى )