adam111 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 11:28:08

مەركەزنىڭ 6-كۈزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ئۇر...

مەركەزنىڭ 6-كۈزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ئۇرۇنلۇشۇپ كۈزىتىش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى:مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە كۈزىتىش گرۇپپىسى ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئىككى ئاي تۇرىدىغان بۇلۇپ،ۋاقتى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە.ئاساسلىقى رەھبەرلىك بەنزە ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ تۈۋەندىكى ئەھۋاللىرىغا قارىتا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ:
1-پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە،نوقتىلىق قىلىپ،پۇل ھۇقۇق سودىسى،ھۇقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۈمىچىگە چوغ تارتىش،خىيانەت قىلىپ پارا ئېلىش،چىرىكلىشىپ چۈشكىنلىشىش  قاتارلىق قانۇن –ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەر؛
2-مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە،نوقتىلىق قىلىپ،«تۆت ئىستىل»جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر؛
3-پارتىيىنىڭ سىياسى ئىنتىزامىنى كۈچەيتىش جەھەتتە،نوقتىلىق قىلىپ پارتىيىنىڭ نەزەرىيەلىرى ،يولى،يۈنۈلىشى سىياسەتلىرى قاتارلىق زور سىياسى مەسىلىلەردە ئاشكارا ھالدا قارشى پىكىر بەرگەنمۇ يوق،ئالدىدا بىر خىل،كەينىدە بىر خىل بولۇش مەسىلىلىرى،ھەم پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت،نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر؛
4-تەشكىلى ئىنتىزام،دىمكىراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قۇيۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلش جەھەتتە،نوقتىلىق قىلىپ،تەشكىلى چېچىلاڭغۇ،ئىنتىزامى بوش قاتارلىق ئەھۋاللار بارمۇ يوق،ئادەم تاللاش،ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى.شۇنداقلا تۈۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭمۇ مۇھىم مەسىلىرىنىڭ يىپ ئۇچچىغا قارىتا كۈزىتىش گۇرۇپپىسى ئەھۋال ئىگەللەيدۇ.
ئەھۋال مەلۇم قىلىش تىلفن نۇمۇرى  ۋە خەت ساندۇقى :
تىلفۇن نۇمۇرى:0991-  2595171   (10:00~22:00)
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 106- نۇمۇرلۇق خەت ساندۇقى

تىيانشان تورىدىكى تۈۋەندىكى ئادرېستىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىىندى: http://news.ts.cn/content/2014-04/01/content_9504751.htm

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 12:18:14

ئۇنداق قىلسا بىرمۇ ئەمەلدار ساق چىقماسمىكىن .
ئۇنى يوقۇتۇپ يانا باشقا ئاچتىن بىرنى ئەكەلسەك ،
ئۇمۇ خەلىقنىڭ قېنىنى شوراپ ھىچنىمىسى قالمىسا. تېخىمۇ قالايمىقان بولغۇدەك.
ياكى خەلىق سايلىغاننى باشلىق قىلغىلى بولمىسا ؟
بولمىسا ئىزدىنىشلىقلار مىنى سايلاپ باقامسىلەر يا؟
ئۇنداق قىلغاننىڭمۇ پايدىسى يوق .خوشامەتچىلىك قىلالمىسام تىزلا چۈشۈپ كەتكۈدەكمەن .
ياكى دىگىنىمنى قىلالماي تىز قىرىپ كىتىشىممۇ مۇمكىن .
ھەممىدىن ياخشىسى ئىزدىنىش ئەزاسى سالاھىتى ياخشىمىكىن .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 12:18:40

ئالدىنقى بەش كۈزىتىش گۇرۇپپىسى كۈزىتىپ بىرەر مەسلىنى ھەل قىلىپتىكەنمۇ؟

kaqkuz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 12:38:32

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 12:18 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى بەش كۈزىتىش گۇرۇپپىسى كۈزىتىپ بىرەر مەسلىنى  ...

ئالدىنقى بەش گۇرۇپپا باشقا ئۆلكىلەرگە چۈشكەن. خىلى بوران چىقىرۋەتتىغۇ دەيمەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 13:14:53

kaqkuz يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 12:38 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى بەش گۇرۇپپا باشقا ئۆلكىلەرگە چۈشكەن. خىلى بو ...

بۈگۈن تۇرپاندا تۇپا يېغىپ، بوران چىققىنى بىكار ئەمەسكەن ئەمىسە...قېنى كۆرۈپ باقىلى شىنجاڭدىن بىرەرىنى تورغا ئېلىندۇرالامدۇ يوق...

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 13:30:21

شىنجاڭ باشقا ئۆلكىلەردىن پەرقلىنىدۇ.شىنجاڭنى تۇتۇپ تۇرغان رەئىسنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى زىمىننى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش.بۇنىڭ بەدىلىگە ئاز بولمىغان ئىمتىيازلارغا ئىگە بولىدۇ.ۋاڭ ھەزرەتنىڭ شۇنچە كۆپ جىنايەتلىرى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ ئاستانىگە بېرىپ يەنە چوڭ ئەمەلنىڭ بىشىنى تۇتۇپ ئولتۇرغانلىقى سۆزۈمنىڭ دەلىلىدۇر.
ئەمدى ما تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە كەلسەك ئۇلارنىڭ چىقارغان بورانلىرى ھازىرقى پاسىبانىمىز جاڭ ھەزرەتنىڭ قانىتى ئاستىدىكىلەرنى ئۇچۇرۇپ كېتىشكە قابىل ئەمەس.بۇ بوران پەقەت سۇمرۇغ قانىتىنىڭ سىرتىدا قالغان يىتىم چۈجىلەرنىلا ئۇچۇرۇپ كىتەلەيدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 13:44:48

ھەممە  يەردە بوران چىقىدىكەندە

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 13:53:53

شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئۈچۈن يەنىلا مۇقىملىق بىرىنچىمىش ، شۇنداق بولغاندا بۇلار تازا كارغا كەلمەسمىكى ....

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 15:01:24

تازا يايرىۋالغىدەكتە

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 16:26:43

شىنجاڭدا بوران ئەمەس كىشىگە ياقىدىغان مەيىن شامال چىقىشىمۇ تەسكە چۈشەرمىكى . دەرەخنىڭ يىلتىزىنى چىڭىتىمىز دەپ تاش تۇپراقلارنى كۆپلەپ دۆلەۋاتسا ، بوران چىقسا تاش تۇپراقلار ئۇچۇپ كىتىپ دەرەخنىڭ تۈۋى بوشاپ ئىجدىمائى خەۋىپ ئىلىپ كەلمەمدۇ ؟... جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىمنىڭ بايرىقى شىنجاڭدا باشقىچە لەپىلدەيدۇ ، بۇ بايراق پارتىيەگىلا ئەمەس ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ .

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 16:42:09

200 مىڭ كادىرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈمىز دەپ داۋراڭ سېلىۋاتاتتى ، بۇ يەرگىمۇ  ئالتىسى كەپتىكەن ، قارسام قىلىدىغان ئىش يوق يەرگە يۇمشاق دەسسەپ مېڭىپ يۈرىيدىغۇ .

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 17:11:17

يۇمشاققققق ،ئالدىرماي، ساناپ دەسسەپمۇ؟؟؟  :)

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 17:44:21

مۇئاۋىن باشلىق بىزلەدىن جىقراق ئىكەن ھەم 200 مىڭنىڭ ئىچىدىمۇ شۇ :( ئىدارىدە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار تەگمىگەندىكىن ...............................

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 18:23:13

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 18:32:10

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 18:38:34

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 18:55:24

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 21:26:48

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىغۇ بۇ گىرۇپپىلار ئوت چىقىرىۋېتىپ بارىدۇ،نۇرغۇن پارىخور،خىيانەتچى،چىرىكلەشكەن چوڭ يولۋاسلارمۇ تۇتۇلۇپ ھەپسىگە ئېلىنىپ كەتتى.
شىنجاڭدا قانداق بولار،سىياسى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بۇيەردە مۇقىملىق بىرىنچى،بەك چىڭ تۇتۇپ كەتسە مۇقىملىققا تەسىر يىتىدۇ،دەپ«ئاتقا مىنىپ گۈل كۆرۈپ»لا ئىشنى بولدى قىلارمىكىن.
ئەمما ھەر ھالدا ئۈنۈمى بولىدىغانلىغىمۇ راست.ھامان كەلگەندىكىن بىرەر ئىككى خولىگەننى ھاپپالاپ قويۇپ كىتىدۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 00:15:24

يەنە شۇ ئاتام ئېيتقان بايىقى ، ئەمدى يەڭنى شىمايلاپ بىر چاۋىسىنى چىتقا يايايلۇق دەپ تۇرسا تىرىسسىدە ئىشتىن بىرى ئۈلگۈرۈپ چىقىپ تۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ‹‹ قانداق ، مېنىڭ ئۇسۇلۇم بۇيىچە باشقۇرمىساق مۇشتا ئىش چىقىدۇ ، شۇڭا مايەردە قانۇن ئەمەس سىياسى بىلەن گەجگىدىن بېسىپ تۇرۇپ ھوقۇق يۈرگۈزىمىز جۇمۇ!›› دەپلا كەلگەن خەقنىڭ توكىنى تارتىۋىتىدۇ . جۇرۇڭجىمۇ تەييارلىغان گۈەنسەيلىرىنى شىنجاڭدىن شۇ پېتى ياندۇرۇپ ئەكەتكەنىدى .  {:136:}

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-4-7 16:50:21

ئاڭلىسام جۇ يۇڭ كاڭ  قولغا ئېلىنىپتۇ .
بەت: [1] 2
: مەركەزنىڭ 6-كۈزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ئۇر...