alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 15:00:34

شىياۋمى تېلېۋېزورى ھەققىدە ياردەم قىلساڭلار

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، مەن شىياۋمى تېلېۋېزورىدىن بىرنى سېتىۋالماقچى ئىىدىم، ئورگان تورىدىن سېتىۋالاي دېسەم  شىنجاڭ رايۇنىغا ساتمايدىكەن، تاۋباۋدىن سېتىۋالاي دېسەم قۇيۇلۇپ كېتەرمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەنمەن. بۇ تېلېۋېزورنى سېتىۋېلىپ باققانلار بولسا قەيەردىن قانداق سېتىۋالغان ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن.

تاۋباۋدىن ئالاي دېسەم تاغتۇراسىنى ئەۋەتىپ قالامدىكىن دەپ قالىدىكەنمەن. تۈۋەندىكى ئاددېرستىكى دۇكان ئىشەنچىلىكمىدۇ؟ قاراپ باقساڭلار...
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.1.YTdFx6&id=37043451396
كۆپ رەھمەت.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 09:48:24

ئاشۇنچىۋالا پۇلنى خەجلەيدىغان بوغانكى ، SAMSUNGنىڭكىنى ئېلىڭ، بەك نوچى،سۈزۈك چىقىدۇ.

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 11:21:29

بۇ دۇكان قويمىچى دۇكانكەن ھەرگىز مال ئىلىپ قالماڭ مىنىڭچە يۇقاردىكى تورداش دىگەندەك
سەنشىڭ ماركىسىدىكى تىلۋىزوردىن بىرنى سىتىۋىلىڭ  ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ دۆلەت ماللىرىغا يىقىن كەلمەڭ

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 11:47:07

كىچىكىمىزدە چوڭلار ياپۇننىڭ خاشوسى جۇڭگۇنىڭ تۈمۈرلىرىدىن ياخشى دەيدىغان ..

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 12:35:51

راسىت گەپنى قىلسام سىزگەمۇنداق بىرتەكلىپ بەرگۈم كەلدى قېرىندىشىم،سىزقالدۇرغان تاۋباۋئادىرستىكىىسى 3950كويكەن،بولساسىز2000كوي ئۆپچۆرىسىدىكى تېلىۋىزوردىن بىرنى سېتىۋىلىپ قالغان پۇلنى ئاتا-ئانىڭىزياكى خوتۇن بالىلىرىڭىزغاخىراجەت قىلىپ بېرىڭ بۇلارنىڭمۇبۇپۇلغائېھتىياجى بولمىساداۋالىنىشقاقۇربى يەتمەي كىسەللىك ئازابىداقېينىلىۋاتقان ھاجەتمەنلەرگەسەرىپ قىلىۋىتىڭ،اللەخالىسابۇنىڭ پايدىسىنى چوقۇم كۆرىسىز.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 13:44:32

تاۋباۋ دۇكىنىدىكى ماللارنى شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايەت تەۋەسىگە نىمىشقا ئەۋەتكىلى ئۇنىمايدىغاندۇ؟

بۇنىڭدا بىرەر سىياسىي خاراكتىرلىك مۇددىئاسى بارمۇ - يوق؟

مەنمۇ تاۋباۋدىن نۇسقا ئالغۇ ئالاي دىسەممۇ، خوتەنگە ئەۋەتىپ بەرمەيمىز دەيدۇ.  

شىنجاڭغ مۇلازىمەت قىلىش پۇزىتسىيسى ناچاركەن.

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 14:17:21

شىياۋمى تېلۋىزورى تېخى دۇنياغا كەلگىلى بىر يىل بولمىدى، ئورگان تەرەپ باھاسى 2999 يۈەن...سىزگە تەكلىۋىم تىلۋىزور تاللاشتا شىياۋمىغا قارىغاندا LG نى تاللاش ئاقىلانىلىكتۇر (باشقىلىرىمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە)، ئەگەر LG غا پۇل  كەملىسە..چۇاڭۋېي ئالساقمۇ بولىدۇ. تەۋسىيەرىم 3D لىقنى ئەپ سالماڭ، 3D فىلىم مەنبەسى بەك ئاز..بەك ئاز..كىنوخانىغا بېرىپ كۆرگەنگە يەتمەيدۇ يەنە....ئاندىن 4K ئىنىقلىقتىكى تېلۋىزورنىمۇ ئالماڭ....بۇنىڭمۇ فىلىم مەنبەلىرى بەك ئاز...ئاندىرويىد سىستىمىلىق ئەقلى ئىختىدارلىق تېلۋىزورنىمۇ ئالماڭ..بۇنداق بولغاندا سىز ئەرزانلار پۇلغا Lg نىڭ IPS قاتتىق ئېكرانلىق تېلۋىزورىدىن ياكى باشقا ماركىدىكى IPS تېلۋىزورىدىن بىرنى ئالالايسىز...ئاندى بىز شىياۋمىنىڭ TV قۇتىسىدىن بىرنى 299 يۈەنگە ئالساقلا تىلۋىزور ئەقلى ئىختىدارلىق بوپ كىتىدۇ. توردىكى فىلىملەردىن خالىغانچە كۆرەلەيسىز..pptv نىڭ tv قۇتىسىمۇ نوچى...مەن ئىككىسىنىلا ئىشلەتكەن...

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 15:06:21

مەن بار ناھىيىدە  شۇ خەيئېر بىلەن ت س ل نىڭلا تېلېۋېزورلىرىنى ساتىدىكەن، باھاسىمۇ خېلىلا يۇقىرى ئىكەن، سامسۇڭ، ئېلجى تېلېۋېزورلىرىنى تاپقىلىمۇ بولمايدىكەن،   قەشقەرگە بېرىپ ئېلجى ياكى سامسۇڭ نىڭ تېلېۋېزورلىرىنى كۆرۈپ باقسام بولغىدەك.  مەسلىھەتىڭلارغا كۆپ رەھمەت قېرىنداشلار...

nizamdin@  دوستۇم، سىز تېلېۋېزور قۇتىسى ھەققىدە سەل تەپسىلى چۈشەنچە بېرەمسىز؟ بۇ نەرسىگە تور ئۇلاپ فىلىم كۆرگىلى بۇلامدۇ؟ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاسانراق بولسا بولاتتى. مەن بۇ تېلېۋېزورنى چوڭلارغا ئېلىپ بەرمەكچى ئىدىم، ئىشلىتەلەرمۇ ؟
ئادەتتە كومپىيوتېر ئېكرانىغا فىلىم تور بەتلىرىنىڭ ئۇلىنىش بېتىنى قوش چەكسىلا ئېچىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ بەرسەم كومپىيوتېرنى ئۆزى قوزغىتىپ،  تورغا ئۇلاپ، ئىكراندىكى سىنبەلگىلەرنى چېكىپ كىنو كۆرەلەيتى، كومپىيوتېر تولا ۋىرۇسلىنىپ قېلىپ تۆت كۈندە بىر بۇزۇلۇپ زېرىكىپ كەتتىم، شۇڭا  تېلېۋېزور ئېلىپ بەرمەكچى ئىدىم. تېلېۋېزور قۇتىسىدا تور سىمىنى چېتىپلا قويساق تورغا چىققىلى بولامدۇ ياكى ھەر قېتىم ئايرىم تەڭشەپ ئىشلىتەمدۇق؟

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 15:07:09

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 13:44 static/image/common/back.gif
تاۋباۋ دۇكىنىدىكى ماللارنى شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايەت تە ...

شۇنداقكەن، توردىن مال سېتىۋالغاندا كۆپىنچە سودىگەرلەر ئادەمنى تېرىكتۈرۈپ قويىدۇ...

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 15:22:34

مۇشۇنى سېتىۋالغان پۇلغا ياپۇننىڭ ياكى كۇرىيەنىڭكىنى سېتىۋىلڭ!!!!رەڭ ،سۈپەت ھەممە جەھەتتە ياخشى.تىلۋىزۇر دىگەن نىمە ؟بۇ پەقەت بىر كۆرىش ۋاستىسى،شۇڭا كۆرىش سۈپىتى ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىشى كىرەك.كۆك نۇر قۇيغۇچى بولمىسىمۇ؟ توردىن  3D ياكى HD كىنۇلارنى چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىز!!ۋاي،ۋاي،،،{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}
ئەگەر .سۈزەكلىكىگە ياكى ئۈچ د كىنۇلارغا بەك قىزىقىپ كەتمىسىڭىز.(تەبەسسۇم)نىڭ كومپىيوتىرلىق  تىلۋىزۇرلىرىمۇ بار ماۋۇ ماركىلاردىن قىلىشمايدۇ.شۇنى ئېلىڭ!!!!
يەنە بىر گەپ توردىن مۇنداق چوڭ كىلەڭسىز،نازۇك نەرسىلەرنى پوچتا ئارقىلىق يۈتكەپ كىلىشنىڭ بىر ئاز خەتىرى بار،يۈتكەش جەريانىدا ئۇرۇلۇش ،سۇقۇلۇش ،،،سەۋەپلەر مالنى ئالماي تۇرۇپلا كۆڭۆلسىزلىك كىلىپ چىقىشى مۇمكىن،شۇڭا بۇنداق نەرسىلەرنى ئۈز تۇرۇشلۇق جايدىن ئېلىڭ!!!!

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 15:28:50

alshah يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 15:06 static/image/common/back.gif
مەن بار ناھىيىدە  شۇ خەيئېر بىلەن ت س ل نىڭلا تېلېۋېزور ...

بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرمەيلا يېزىپتىمەن.
تەبەسسۇمنىڭكىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ!!!!

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 16:07:40

alshah يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 15:06 static/image/common/back.gif
مەن بار ناھىيىدە  شۇ خەيئېر بىلەن ت س ل نىڭلا تېلېۋېزور ...

سىر تۇرغان يەردە بولمىسا جىڭدۇڭ تورىدىن (www.jd.com) ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشەنچىلىك، مەنمۇ دائىم مۇشۇ توردىن نەرسە كېرەك سېتىۋالىمەن..تاۋباۋدىن نەچچە قۇيۇلۇپ كەتكەن..
http://www.xiaomi.com/hezi
شىياۋمى قۇتىسى بولسا ئاندىرويىد سىستېمىلىق بولۇپ سىتىۋالغاندا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم فىلىم ئەپلىرى قاچىلاغلىق چىقىدۇ. سىز كومپۇتېرغا چىتىپ يوۋكۇ، تۇدۇ، يەنە باشقا نۇرغۇن فىلىم ئەپلىرىنى قاچىلاپ تېلۋىزورغا چىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ..مەشغۇلات ئىنتايىن قۇلايلشتۇرۇلغان..سىمسىز ھالەتتە  Wi-Fi تورىغا ئۇلىغىلى بولىدۇ (سىملىقمۇ ئۇلىغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە). بۇنىڭ تىزگىنەك كۇنۇپكلىرى ناھايىتى ئاز...چوڭلار بىمامال ئىشلىتەيلەيدۇ....ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان رادىئو تىلۋىزىيەنىڭ قۇتىسىنى ئىشلىتەلىگەنلەر ھەممىسى ئىشلىتەلەيدۇ.
شىياۋمۇ قۇتىسىنى تاۋباۋدىن ئالسىڭىز بۇلىدۇ.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 22:40:18

ھەي باللا ، پەندى نەسىھەت بولسۇن ، تېلېۋۇزۇرنىڭ  sony , sharp , panasonic ,toshiba ,samsong ,lg  دېگەندەك تۇرلىرى ناھايتى ياخشى چىققان (رەڭ ئىپادىلەش ، ئاۋاز ئۇنۇم ، توك يولى لاھىيلىنىش ، توك يولىغا ئىشلەتكەن زاپچاس ۋە تىخنىكىلار ) ، سەمىمى ئەسكەرتىش  : ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ  دۆلەت ئىچى ماللىرىدىن ، مەسىلەن خەيئىر ، ت س ل ، چۇاڭۋىي ، خەيشىن ، كونىكا  ، چاڭخوڭ   .... لاردىن يىراق تۇرۇڭلار ،   بەرگەن ھوزۇرى ئوخشىمايدۇ ...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 23:13:52

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 13:44 static/image/common/back.gif
تاۋباۋ دۇكىنىدىكى ماللارنى شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايەت تە ...

ئۇلارنىڭ پۇلدىن باشقا ئىشلار بىلەن كارى يوق. ئەۋەتمەسلىكتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپنىڭ بىرى كىرا بەك ئۆرە بولۇپ كېتىدۇ. يەنە بىرى يول بەك ئۇزاق، بۇزۇلۇپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىدۇ. كېلىپ چىقىدىغان ئارتۇق ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياق دەپلا ئىشنى پۇتتۇرىدۇ، نازۇكراق ئەسۋابلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 06:24:37

مەن بىرنى تاۋباۋدىن سېتىۋالدىم ، ياخشى چىقتى.. ئەمما شىياۋمى تېلۋىزورىدا ئومۇميۈزلۈك ‹ 漏光› نۇر چاچراش دەمدۇق نېمە دەيمىز  ئىشقىلىپ مۇشۇنداق مەسىلىسى بار.. ئېكران تەگلىكى قاپقارا ھالەتكە كەلسە ياكى كىنولاردا قاپقارا چىقىدىغان كۆرۈنۈشلەر بولۇپ قالسا بايقىيالايسىز ... ئادەتتە كومپىيۇتېر ئېكرانلىرىدىمۇ بۇنداق مەسلە بار..كىنو كۆرۈشكە تەسىرى يوق..پەۋقۇلادە ئېغىر بولمىسىلا... سۈزۈكلىكى ، ئىقتىدارى دېگەنلەرگە گەپ كەتمەيدۇ.  بازارغا چىقىپلا ئالاي دېسىڭىز  تايىنى يوق تېلۋىزورلارمۇ خېلىلا قىممەت... نەچچە قېتىم شىياۋمىنىڭ ئۆزىنىڭ تورىدىن ئالالماي تاۋباۋدىن ئالدىم . ئۆيۈمگە كىرگىچە 4300يۈەن پۇل كەتتى... ئەمما مەن رازى..  سامسۇڭلارنىڭ  47دىيۇملۇق ،مۇشۇنداق سەپلىمىلىك ، مۇشۇنداق ئىقتىدارى بارلىرىنى 7000~8000ئەتراپىدائالغىلى بولۇشى مۇمكىن ...

elipba يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 09:20:48

isyankar731 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 06:24 static/image/common/back.gif
مەن بىرنى تاۋباۋدىن سېتىۋالدىم ، ياخشى چىقتى.. ئەمما شى ...

تەسىراتىڭىزنى تەپسىلىيرەك دەپ بەرسىڭىز ؟ ئۇزۇن بولغان قىزىقىپ يۈرگىلى ....

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 15:39:17

isyankar731 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 06:24 static/image/common/back.gif
مەن بىرنى تاۋباۋدىن سېتىۋالدىم ، ياخشى چىقتى.. ئەمما شى ...

قايسى دۇكاندىن سېتىۋالدىڭىز؟ دۇكان ئاددېرسىنى قالدۇرۇپ قويامسىز... :handshake

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 16:07:15

alshah يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 15:39 static/image/common/back.gif
قايسى دۇكاندىن سېتىۋالدىڭىز؟ دۇكان ئاددېرسىنى قالدۇ ...

ماقۇل ! كەچتە ئۆيگە بېرىپ تەپسىلىي يېزىپ بېرەي....

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 16:07:37

elipba يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 09:20 static/image/common/back.gif
تەسىراتىڭىزنى تەپسىلىيرەك دەپ بەرسىڭىز ؟ ئۇزۇن بولغا ...

ماقۇل ! كەچتە ئۆيگە بېرىپ تەپسىلىي يېزىپ بېرەي....

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 01:53:19

alshah يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 15:39 static/image/common/back.gif
قايسى دۇكاندىن سېتىۋالدىڭىز؟ دۇكان ئاددېرسىنى قالدۇ ...

بىز ئالدى كەينى بولۇپ جەمئىي ئۈچنى سېتىۋالغان.. دەسلەپتە بىرنى  شىياۋمىنىڭ ئورگان تورىدىن‹抢购 › تالىشىپ سېتىۋالغان ، 3100يۈەنگە نەنجىڭدىكى بىر ئاغىنىمىزنىڭ قولىغا تەگدى ئاندىن يەنە 460يۈەنگە ئۈرۈمچىگە كەلدى، ئۈرۈمچىدىن بىر تونۇشىمىز ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىدىن 250 يۈەنگە يۇرتىمىزغا يولغا سالدى..جەمئىي 3850يۈەندەك پۇل بىلەن قولىمىزغا تەگدى .. لېكىن ئىچكىردىن ئۈرۈمچىگە ساق كېلىپ،  ئۈرۈمچىدىن يۇرتىمىزغا كەلگۈچە ئېكراندا گۈرۈچ چوڭلۇقىدا زېدە  پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
  كېيىن يەنە ئىككىنى ئالماقچى بولۇپ ئورگان تورىدىن قەتئىيلا ئالالماي قالدۇق... شۇڭا ئامال يوق تاۋباۋدىن8496 يۈەنگە  تامغا ئاسىدىغان جازىدىن ئىككىنى قوشۇپ ئالدۇق... تاۋباۋدىن ئالغىنىمىز ساق كەلدى، ئەمما نەچچە يۈز يۈەن قىممەت.... بۇ تېلۋىزورنىڭ ئېكرانى IPS ، قاتتىق ئېكران دەمدۇق ئىشقىلىپ ئالامەت سۈزۈك ،  شىياۋمى قۇتىسى تېلۋىزورنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرىۋېتىلگەن ، ئاساسەن تېلۋىزوردا  بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا بار.  تاۋباۋدىن ئالىدىغان چاغدا خىىىىىىىىىىتايلارغا دەپ قويغان  ياخشى تەكشۈرۈپ ئەۋەتىڭلار، ئازراق چاتىقى بولسىلا قايتۇرىۋېتىمەن دەپ ....تېلۋىزورنىڭ ئىقتىدارلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئورگان تورىدىن كۆرىسىڭىز تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز ...
   باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە شىياۋمىنىڭ لىدىر قاتارلىق بىر نەچچىسى  ئىلگىرى گۇگىل شىركىتىدە ئىشلىگەنمىش شۇڭا ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلىرىمۇ باشقا خىىىىىىىتايلارنىڭكىدىن پەرىقلىق...
ئەگەر سىز تۇرۇشلۇق شەھەردە  دېگەندەك  顺风快递 德邦物流تېزيوللانما شىركەتلىرى بولسا  سەل ئەرزانراق ھەم زەخمىلەنمەي كېلىشى مۇمكىن...
تۆۋەندىكىسى ئىچكىرىدىن   ئۈرۈمچىگە   顺风快递ئارقىلىق  كەلگەن ۋاقىتتا تارتىۋالغان سۈرەت .

بەت: [1] 2 3
: شىياۋمى تېلېۋېزورى ھەققىدە ياردەم قىلساڭلار