meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 10:08:39

بىز 80-90-يىللاردا قانداق ياشىغان؟

    يىقىندا ئۈندىداردا خەنزۇلارنىڭ 80-يىللىرىنى بۈگۈنكى كۈندىكى ھالىتىگە سىلىشتۇرۇپ يازغان بىر يازمىسىنى كۆرۈرۈپ قالدىم.مەزكۇر سىلىشتۇرمىدا 80-يىللاردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ تەپەككۇرى،قىممەت قارىشى،تۇرمۇشتىكى ئىنتىلىشلىرى،مائارىپى،سەھىيە داۋالاش ئىشلىرى،ئۆي باھاسى،ئىش ھەققى ئۆلچىمى،سىياسى تۈزۈلمە.....قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە سىلىشتۇرۇپ باھالىنپتۇ.ماڭا بۇنداق سىلىشتۇرۇشنىڭ ئىجابىي تەسىرى بەك زور بولىدىغاندەك بىلىندى.چۈنكى ھەر ئون-يىگىرمە يىلنى بىرلىك قىلغان ھالدا بىر دۆلەت،بىر مىللەت ياكى مەلۇم بىر رايۇندىكى كىشىلەرنىڭ ئومومىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش شۇدەۋردىكى نۇرغۇن چىگىش مەسىلىلەرگە جاۋاپ بولۇشى مۈمكىن.بۈگۈنكى كۈندە گېزىت ژورناللاردا ئۆزىمىنىڭ غىمىنى يەپ يىزىلىدىغان ماقالىلەر بەك ئازلاپ كەتتى.بارلىرىمۇ يەنىلا 90-يىللاردىكى ئۆزىمىزنى تىللاپ چۆكۈرۈپ يىزىش ئۇسلۇبىنى تاشلىۋىتەلمىدى.تور مۇنبەرلىرىدە بولسا ئەھۋال باشقىچە بولۇپمۇ ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يىقىندا يىزىلىۋاتقان ماقالىلەر ۋە ئىنكاسلارغا قارىغاندا نۇرغۇن تورداشلار ھازىر مەۋجۇتلۇقىمىزغا توغرا بولغان باھانى بىرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.شۇ پىقىرمۇ مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرىگە ياندىشىش ئۈچۈن بۇ تىمىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدىم.مۇنبەرداشلار بىرلىكتە ھەرقايسى جەھەتلەردىن بۈگۈنكى ھالىتىمىزنى 80-90-يىللاردىكى ئەھۋالىمىزغا سىلىشتۇرۇپ باقساق مۇناسىۋەتلىك رەسىم،ۋىدىئولارمۇ يوللانسا مىنىڭچە بۇ مۇنازىرىدىن ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيمىز.مەن تۆۋەندە ئۆزۈم سىلىشتۇرۇپ كۆرگەن بىر قانچە تەرەپلەرنى ئىيتىپ ئۆتەي.
1-بىزنىڭ 80-90-يىللاردىكى دىنىي ئىتىقادىمىز.ئىسىمدە قىلىشىچە 90-يىللاردا دىنىي ئىتىقادىمىز ھازىرقىدىن كۆپ سۇس ئىدى.ئۇيغۇرلاردا ھاراق -شاراپ ئىچىش،قىمار ئويناش بەك ئېغىر گۇناھ ھىسابلانمايتتى.نامازنى ئاساسلىقى ياشتا چوڭلار ئوقۇيتتى.كىشىلەرنىڭ دىنىي چۈشەنچىسى ئاساسەن مەھەللە ئىماملىرى ۋە موللىلارنىڭ چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلاتتى.كىشىلەرنىڭ ئىتىقاد جەھەتتە ئۆز ئالدىغا پىكىر قىلىشى جامائەت تەرىپىدىن چەكلىنەتتى.ساۋاتلىق كىشىلەر ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەستى.ئۇيغۇر تىلىدىكى دىنىي ماتىرىياللارمۇ ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى.قارىيلار يۈز ئابرۇيلۇق ئىدى.بەك تەقۋا بولمىغان كىشىلەرمۇ ئۆيىدە قۇرئان ئۇقۇتۇپ ياغ پۇرىتىپ تۇراتتى.ئوت كۆچۈرۈش،ئىسرىق سېلىش،نوكچا قاداش،دەم سىلىش دىگەندەك ئىشلار بىدئەت دەپ قارالمايتتى.ياخشى يىرى دىنىي ئىدىيەدە بۆلۈنۈش ھازىرقىدەك گەۋدىلىك ئەمەستى.
2-ئۆلۈم-يىتىم،نەزىر چىراغ ئادەتلىرى:90-يىللاردا نەزىر چىراغ ئىشلىرى ھازىرقىدىن كۆپرەك ئىدى.كەمبەغەللەرمۇ چوقۇم بىر ئامال قىلىپ ئۆلگەنلەرگە نەزىر بىرەتتى.ئۆلۈم بولغان كۈنى پەتىچىلەر كىرگەندە ھازىدارلار قوشاق قېتىپ يىغلايتتى.ئۈن سىلىپ ھازا ئاچماسلىق ئەيىپ سانىلاتتى.ھازىرقىدەك ئىسىمدە قوشنىمىزنىڭ بالىسى ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدە ئۈنىنى چىقىرىپ يىغلىمىغانلىقى ئۈچۈن چوڭ دادىسى تەرىپىدىن قوڭىغا تىپىك يىگەن ئىدى:lol .ھازىر ئۈن سىلىپ قوشاق قىتىپ يىغلاشنى خاتا دەپ تونىدۇق.ئەمما بىر قىسىم جايلاردا يەنە قوشاق قىتىپ يىغلايدىكەن.
3-ئۈنئالغۇ مودا ئىدى.ئىسىمدە قىلىشىچە دادام ئەل ئاغىنىلىرىنىڭ توي تۆكۈن ئولتۇرۇشلىرىغا ئۈنئالغۇنى كۆتۈرۈپ باراتتى.ئۇ چاغدىكى ئۈنئالغۇلارنىڭ ئن ئىلىش ئىقتىدارىمۇ يامان ئەمەس ئىدى.بەزىلەر سورۇندا ئىيتقان ناخشىلارنى ئۈنگە ئىلىۋىلىپ ئۆيگە كىلىپ قايتا-قايتا ئاڭلايتتى.ئۇ چاغلاردا رەشىدە داۋۇت،پاشا ئىشان،داۋۇتجان ناسىر ،ئۆمەرجان ئالىملارنىڭ ناخشىلىرى مودا ئىدى.ھازىر مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان ناخشىچىلار بەك كۆپ ئەمما ناخشىچىلىقتا قايسى ئىقىمنىڭ بەك مودا ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمايمەن.
4-ئۇ چاغلاردا تىلىۋىزور تېخى ئوموملاشمىغان.سەنئەت پىروگراممىلىرىمىزمۇ بەك ئاز ئىدى.ئەڭ ئابرويلىقى تەلەپ ۋە تەقدىم پىروگراممىسى بولس كېرەك.كىيىنچە گۈلدەستە پىروگراممىسى بارلىققا كەلدى.ئۇ كىيىن سەنئەت ئەلبۇمىغا ئۆزگەردى.سەنئەتچىلەرنىڭ سەھنە كىيىملىرى ھازىرقىدىن كۆپ يالىڭاچ ئىدى.كارتۇن فىلىملەردىن ئەقىللىق يىشو،خىيمەن،ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى،كاۋمى مۆشۈكلەر ،مۈشۈك چاشقان قاتارلىقلار كۆپ قويۇلاتتى.
تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن غەربكە ساياھەت بىلەن ۋۇسۇڭنىڭ فىلىمى بەك تولا قويۇلاتتى.ئەمما كۆرۈپ زىرىكمەيتتۇق.ھازىر سۆھبەت پىروگراممىلىرى ،كۆڭۈل ئىچىش پروگراممىلىرىمۇ بارلىققا كەلدى.سەنئەتچىلەرنىڭ بەك ئوچۇق سەھنە كىيىملىرىنى كىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولدى.ئەپسۇسلىنارلىقى بالا سەنئەتچىلەرنىڭ كىيىمى خېلى بەك يالىڭاچ.كارتۇن فىلىملەرنى،تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.ئەمما ئادەمگە تازا تىتىيدىغانلىرى ئاز.
5-يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە:ئۇ مەزگىللەردە يىمەك-ئىچمەكنىڭ پاك-ھالاللىقىغا قويىدىغان تەلىپىمىز ھازىرقىدەك يۇقىرى ئەمەستى.ئۆزىمىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىمىز يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى.خەنلەر ياسىغان ئاچچىقسۇ،چوكا مۇز،لازا-پەمىدۇر قىيامى،كەمپۈت پىرەنىك دىگەندەكلەرنى يەۋىرەتتۇق.ھىچكىم ئۇنىڭ پاسكىنا پاكىزلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيتتى.ھازىر بۇ جەھەتتىكى ياخشىلىنىشلارنى دىمىسەممۇ ھەممەيلەنگە ئايانغۇ.
   ئەستا ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى.يەنە نۇرغۇن تەرەپلەرنى سىلىشتۇرۇشنى ئويلىغانتىم.قالغىنىنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئىنكاستا دىيىشىۋالارمىز
ئەسكەرتىش:يۇقىرىدا يازغانلىرىم مىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىم خاتا بولسا ئالدىراپ تىللىۋەتمەي تۈزىتىش بىرەرسىلەر.قېنى باشقا سىلىشتۇرۇشلار سىلەرگە قالدى.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 11:52:55

ئەڭ مۇھىمى قىممەت قارشىدا زور ئۆزگۈرۈش بولدى .
بەزى مۇھىم نەرسىلەرنى يوقاتتۇق. ۋە بەزى مۇھىم نەرسىلەرگە ئېرىشتۇق.
ئەسلى يوقاتماي ساقلاپ قالغان ئاساستا ئېرىشكەن بولساق ياخشى بولاتتى .
يىگىرمە يىل ئاۋال مەن 7 يەتتە ياشتا بولۇپ،
بىزنىڭ ئۆي قەشقەر شەھىرى 6-تىرانسىپورت ئائىلە قورۇسى ئىدى.
ھەممىسى ئىشچى خىزمەتچى بولۇپ، ۋوي ئاۋۇ خەنزۇكەن دەپ سانايتۇق.(ھازىر ۋوي ئاۋۇ ئۇيغۇركەن دەپ سانايدىغان بولدۇق)ئېتقاتتا ناھايتى سۇس بولۇپ، ھاراق تاماكا ئەۋىج ئېلىپ ئەخلاق ئىڭى تۆۋەن ئىكەنتۇق.
مەن شۇ چاغلاردا پۇتپۇل خۇمار بولۇشتىن سىرىت، تەبىئەتكە بەك قىزقىدىغان بولۇپ،
ھەر تەتىل شەنبە يەكشەنبە چوڭ ئاناملارنىڭ(ئانامنىڭ ئانىسى) ئۆيىگە باردىغان بولۇپ ،
چوڭ ئاناملارنىڭ ئۆيى، قەشقەرشەھرى سەمەن يزىسىدا بولۇپ، ياپشىل ئىگىز ئاق تىرەكلەر، ئېرىق بويدىكى
مەجنۇن تاللار، باغلاردىكى مىۋىلىك دەرەخلەر، سەل يىراققا بارساق، دەريا دەپ ئاتايدىغان ئىككى كىچىك بىر
چوڭ ئۈچ دەريا بولۇپ، كىچىك ئىككى دەريا ئازراق ئاققاندىن كىيىن بىر بولۇپ كىتەتتى. سۈزۈك سۇلار ئاقاتتى.
ئاخىرغا بارساق ھەممىسى چوڭ دەريا ئاتالغان قىزىل دەرياسىغا قوشۇلۇپ كىتەتتى. بۇ دەريادا قىپقىزىل لاي سۇ ئاقاتتى.
مۇشۇ ئۈچ دەريا ۋادىسىدا يازدا بېلىق تۇتۇپ،(ئىككى مىتىر كەلمەيدىغان ئېرىقتا
چوۇ ئادەمنىڭ يوتىسدەك چوڭلۇقتىكى بېلىقلارنى كۆرۈپ قورقۇپ كىتەتتۇق تىخى.
لىكىن ئوننەتچە ياشقا كىرگەن چىغىمدا، ياردەم بەرگۈچىلەر كىلىپ دورا سىلىپ،
تور قويۇپ ،پاكپاكىز قۇرتىۋەتتى. ھازىر پاقىمۇ يوقمىكى) سۇغا چۈمۈلۈپ
(سۇنىغۇ فىلىپستەك ئۈزەلمىسەممۇ يامان ئەمەس ئۈزپ قويىمەن. )
ئۇسساپ كەتسەك، مەن بىلدىغان ئۈچ تۆت بۇلاق بار ئىدى. ئىككىسى چوڭ ئىككىسى
كىچىك. سۈيى مۈزدەك، بەك تاتلىق. تازا ئىچەتتۇق يېقىندا بارسام قۇرۇپ كىتىپتۇ ،قىشتا ياۋا ئۆردەكلەرنى تۇتۇپ، قار ئېتىشىپ، چانا ئوينايتۇق. لىكىن قىشتا ئاساسلىقى ئاتا ئانامنىڭ يىنىدا تۇرۇپ پۇتبول ئوينايتۇق.
ئەمدى شۇ چاغدىكى ئەسلىمەمگە ئاساسلانغاندا، شەھەردىكىلەردە ھاراق تاماكا ئەۋىج ئىلىپ
ئەخلاق ئىڭى تۆۋەنلەپ كەتكەن .
لىكىن يىزلاردا دەل بۇنىڭ ئەكسى بولۇپ، چوڭ ئاناملارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلدىراق بىر مەسچىت بولۇپ ،(ھازىر يوق)
چوڭ دادام بىلەن مەسچىتكە بامدادقا چىقاتتۇق. ئەلۋەتتە ئۆيدىكىلەرنى مەن ئويغىتاتتىم .
چۈنكى كەچ بالدۇر ياتقاچقىمىكىن بەك سەھەر ئويغىنىپ كىتەتتىم .
ئەنە چوڭ دادا خوراز چىللىدى. تۇرە ئەنە ئەزان چىقتى تۇرە دەپ بەك بالدۇر تۇرۋالاتتۇق.
بامداتقا چوڭ دادام بىلەن چىقىپ، مەسچىتتن يانغاندا ،پۈتۈن جامائەت بىلەن قول ئىلشىپ كۆرۈشۈپ
قايتاتتۇق. ئۇنىڭغىچە چوڭ ئانام چاي تەييارلاپ بولغان بولاتتى .
بىللە ناشتا قىلاتتۇق. كىشىلەر شۇنداق ئېناق كۆيەمچان مىھرىبان ئىكەنتۇق .
پۇتۇن كەنىتتىكىلەر بىر بىرنى تونۇيدىكەن. مەن ھازىرمۇ ھەيران
ئاناممۇ قاخشاپ قويىدۇ. بۇرۇن قوساق تويسا ھىيتتا بىرەر قۇر يىڭى كىيىم كىيسەك
خۇشال بولۇپ بىشىمىز كۆككە يىتەتتى. ئۇرۇن تۇققانلار خوشنا خۇلۇملار ناھايىتى
كۆيۈمچان ئېدى، ھەرگىز ھازىرقىدەك ئابرۇي پەرەسلىك ئۈستۈنلۇك تالاشمايتى .
دىمىسىمۇ مانا ھازىر مۇشۇ قەشقەردە ھەممىسى ئابرۇي پەرەس ،بىر بىردىن
ئۈستۈنلۈك تالاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى پۇل ئۈچۈن خىزمەت ئۈچۈن تۇغۇلغاندەك
ئۇرۇق تۇققانلار ئارا مىھرى مۇھەببەت قالمىغان. (قايسى كۈنى نەۋرە سىڭلىم بىلەن
پاراڭلىشىپ قالدىم . كىچىك چىغىمىز نىمانچە كۆڭۈللۈك ئۆتكەن بولغۇيتى دەپ
ئۇرۇق تۇققانلار ھازىرغا قارغاندا بەك كۆيەملىك ئىدى .
ھازىر ئابرۇي پەرەسلىك سۆھرەت پەرەسلىك بۇلارنى يەپ كەتتى .
بىز چوقۇم ئۇنداق قىلمايلى دەپ كەتتۇق )
باشقا تىمىدا دەپ ئۆتكەندەك، يىزدا دېھقانلار سىرىتقا چىقسا ئىشككە قۇلۇپ سالمايدىكەنتۇق.
ھېلىقى ئۈچ دەريا ۋادىسدا كىشلەر شال (گۈرۈچ)تېرىغىلى باراتتى .(ئۆيىدىن 3-5كىلومىتىرچە يىراق )
لىكىن ھازىر شال ئېتىزلىرىمۇ يوق .ئۈ يەر بىر باغچە بولۇپ يەردەمگە كەلگەن يولداشلارغا تەۋە.
ئېىنىق ئسىمدە تۇرۇپتۇ13-15 ياش ۋاقلىرىم. ياز بىر شەنبە كۈنى چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم .
شال باشاق تارتىپ پىشاي دەپ قالغان چاغ. مەن ئادەتتە چوڭ ئۆيگە چوڭ يول بىلەن ماڭماي،
ھېلىقى دەريا ۋادىسى بويچە مىڭىپ باراتتىم. ئادىتىم بويچە دەريا بويي
بويچە ماڭاي دىسەم، ئېتىزلىقلارنى كىچىك ئىككى دەريانى لېق كەلكۈن بىسىپ كىتىپتۇ.
ئىككى كىچىك دەريانى پەرىق ئىتىش ئەمەس، ئۈستىدىن 5-6 مىتىر ئىگىز لايسۇ بولۇپ ،
ئۈچ دەريا بىر بولۇپ ئاققىلى تۇرۇپتۇ.ھەتتا توققۇزساققا ماڭدىغان كۆرۈكنىڭ تۆپىدىن ئاققىلى تۇرۇپتۇ.
ئۇ ۋادىدىكى دېھقانلارنىڭ بىر ياز ئەجرى مەبلىغى مۇشۇنداق
يوق بولدى. كىلەر يىلىلا باشقىلار سىتىۋالدى (:shutup:)

نىمىلەرنى يزىپ كەتتىم مۇشۇنداق يىگىرمە يىل ئۆتتى .
مەنمۇ يگىرمە يىل قېرىپ كەتتىم. ئارزۇ ئارمانلىرىم ،ئارزۇ ئارمان پىتى بىرىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى .
لىكىن مەنمۇ بەل قويۋەتمىدىم .

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 12:32:17

ھەراست كىيىم كىچەك جەھەتتە 20 يىل ئاۋال قەشقەر شەھىردە
شىركەت كارخانا (بۇلار تەيمە كىشلەر بولۇپ،ئاساسەن ناھايە ئۇ يەر بۇيەردىن كەلگەنلەر)
ئاياللىرى رەمبودەك يۈرەتتى .ئەرلىرى ئاساسەن ساقالسىز،ئامما بۇرتى باركەنتۇ
ئوقۇتقۇچى ساقچىنىڭمۇ ھەم. ئۇ چاغدا شەپكە كىيىش مودا بولسا كىرەك.
لىكىن كوزىچى يار بىشى خان بازىرى ئۆستەڭ بويى دىگەندەك ھەقىقى قەدىمى
شەھەر ئاھالىلىرى ھەم يىزا ئاھالىلىرى ئەرلىرى ساقال بۇرۇتلۇق بىشىدا دوپپا
ئاياللىرى توق چىلان رەڭدە گجىم رومال كىيىپ يۈردىكەنتۇق
attach://3654.jpgattach://3655.jpgattach://3656.jpg

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 12:49:17

90 - يىللارنىڭ باشلىرى بىزنىڭ مەھەلىدە تۇربا يوق ئىدى . ئاپام ئۆستەڭدىن ، كۆلدىن سۇ توشۇيتى ، مەن كىچىك چەينەكنى كۆتۈرۈپ ئاپامنىڭ كەينىدىن پىلتىڭلاپ يۈرەتتىم . ھىچكىم ئايرىم مۇنچا سالمايتى ، خالى ئۆيدە چوڭراق داستا يۇيۇنۇپ يۈندىسىنى مۇۋاپىق يەرگە تۆكەتتى . ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايرىم مۇنچا سالىدىغان بولدى ، مۇنچىنىڭ يۈندە ئېغىزى ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىققا توغرىلاغلىق . ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەخلەت تۆكۈدىغان بوش يەرلەرمۇ يوق ، ھەممە ئادەم ئەخلەتلەرنى ، باسقاققا چۈشكەن چاشقانلارنى ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇدا ئېقىتىۋىتىدۇ . ئۆستەڭ سۈيىدە كىچىكىمىزدىكىدەك تاماق ئىتىش ئەمەس ، قول يۇيۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس .

President يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 13:21:04

تېخى 95-يىلىدىن 2000-يىلىغا بولغان دەۋىرلەردە، ئەۋرەز يولى تېخى ئۇمۇملاشمىغان زامانلاردا، يۇندا-كىر سۇلىرىنى تۆكۈش ئۈچۈن ئۆيدىن 1 كىلومېتىر يىراقتىكى بىردىنبىر ئۆستەڭكە ئاپىرىپ تۆككەن ئەسلىمىلىرىمىز بار. بىر جەھەتتىن جاپانى بوغۇچە تارتىپ، يۇندا توشۇپتىمىز، بىر جەھەتتىن ئاشۇ بىردىنبىر ئۆستەڭنى بۇلغاپ ۋەيران قىپتىمىز...

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 13:29:26

كىچىكىمدە بوۋام-مومالارنىڭكىدە تۇراتتىم(ئۇلارمۇ ناھىيە ئىچىدە)،ئۇ مەھەللىدە مەن دېمەتلىك بەك جىق بالىلار بولىدىغان،ۋاللەي ئويناپ قاپاق كۆيدۈرۈپ ئوينايتتۇق،بىر قېتىم《ناھايتى يىراق》بىر يەرگە ئوينىغىلى بېرىپ قۇشقاچ بالىلىرىنى ئىزدەپ،سۇغا چۆمۈلۈپ،ھارساق ئۇچىرىغان بۇلاقتىن سۇ ئىچىپ قايتىپ كەلگۈچە ناھايتى كەچ قېلىپ،تاياق يېگىنىم ئېسىمدە.ھېلقى ناھايتى يىراق يەرلەرگە ھازىر بىر قېتىم بىر قەۋەتلىكقىلىپ سېلىنغان ئۆيلەر چېقىلىپ ئورنىغا قايتا بىنا چۈشتى.
ئۇ چاغدا ناھىيە ئىچىدە ئەر-ئايال بىر قانچە ئەقلى ئاجىز تىلەمچىلەر كوچىمۇ-كوچا يۈرۈپ بىزنى قورقىتىپ قوغلاپ،كىم نېمە بەرسە ھىجىيىپ قويۇپ چوڭ-كىچىكىنى جايىغىلا چىقىرىپ،توڭلاپ قالماي ئاچ قالماي ياشايتتى.ھازىر ئۇلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىدا بولسا كېرەك.ھازىرقى تىلەمچىلەر ساختا پۇل بەرسىڭىز بىر قاراپ بىلىۋېلىپ شۇ جايىدىلا سىزنى ئۇرۇپ دەسسەپ كېتەرمىكى دەيمەن.
ئۇ چاغلاردا تېلۋىزور،يانفۇن،ئېنتېرنىت ئومۇملاشمىغانكىن،كىتاب،گېزىت-ژورناللار بەك قەدىرلىك ئىدى،بىر پارچە كىتاپ قولدن-قولغا ئۆتۈپ نۇرغۇن ئادەمنى يوقلاپ چىقاتتى.شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىچىدىكى مەزمۇن،بەت سانى،باھاسى ھەممە جەھەتتىن شۇنداق ياخشىتى.دۇنيا ئەدەبىياتىنى ئوقۇپ چوڭ بولغاندىم.ھازىر ئۇچۇرغا ئېرىشىش يوللىرى كۆپ خىللىشىپ كەتتى،لېكىن راست-يالغاننى پەرىق ئەتمەك تەس،سېستىمىلىق ئۇچۇرلار ئاز

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 14:50:11

ygana523سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملىڭىزدىكى سىلىشتۇرۇش بەك جايىدا بوپتۇ.مەن ئويلاپمۇ باقمىغان يەردى چىقىپسىز.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 15:51:17

80-يىللار تۇغۇلغان بالىلار ھىس قىلغاننى 90-ۋە2000-يىللار تۇغۇلغان بالىلار ھىس قىلالمايدىكەن، ئاستا-ئاستا بىزنىڭ يېشىمىز چوڭايغاندا بىزنىڭ دەۋىردە ئۇنداقتى بۇنداقتى دەپ سۆزلەپ بىردىغان گەپكەن،خۇددى مەدىنيەت ئىنىلابىنى بىشدىن ئۆتكۇزگەنلەر بىزگە سۆزلەپ بەرگەندەك.......

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:00:09

1 ) 80 - 90 - يىللاردا يەكەن ناھىيەمىزنىڭ شەھەر ئىچىدىمۇ خۇلۇم - خوشنىدارچىلىققا بەك ئەھمىيەت بېرەتتۇق ، ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى بىللە قىلىشىپ بېرەتتۇق . ھازىر ھەممەيلەن ئۆز ئىشىمىزنىڭ غېمىدە بولۇپ كەتتۇق ، چەت يېزىلاردا يەنىلا بۇخىل گۈزەل خوشنىدارچىلىق ئادىتى ھازىرغا قەدەر داۋام ئېتىپ كىلىۋاتىدۇ . 2 ) بىزنىڭ كوچىدا بىر نەچچە ئائىلىدىلا تېلىۋىزور بولۇپ ، ھەر كۈنى كەچتە تېلۋىزور باشلىنىشتىن بۇرۇن مەھەللىدىكى چوڭلار ، كىچىكلەر ئىشقىلىپ ھەممەيلەن دىگۈدەك ئەشۇ تېلۋىزور بار بىر نەچچە ئائىلىگە جەم بولاتتۇق ، بىر قىسىم كىشىلەر ناھىيەمىزنىڭ تاشيول ئاسراش ئوچاستىكىسىنىڭ مەيدانىغا جەم بولۇپ تاشيول ئاسراش ئوچاستىكىسىنىڭ تېلېۋىزورىنىڭ تىزرەك باشلىنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى . يەيدىغان نانلىرىمىزنىمۇ بىللە كۆتۈرۈپ چىقىپ دېگۈدەك تېلۋىزور كۆرەتتۇق . ئۇچاغدىكى پىروگىراممىلارغا غالىپ نىياز ئاكا ۋە پاتىگۇل سەئىيدى ھاممىمىز ئاساسلىق رىياسەتچىلىك قىلاتتى . 3 )ئۇ مەزگىللەردە ، بىزنىڭ كەنتىمىزنىڭ ئىقتىسادى كۈچى ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ ، كەنىت قوشۇمچە كىرىمى يۇقىرى ناھىيە بويىچە داڭدار كەنىت ئىدى . كەنىت كوللىكتىپىغا تەۋە ئۇن زاۋۇتى ، بالىلار يەسلىسى ، داۋالاش پونكىتى بولغاندىن سىرىت تېخى ناھىيەمىز بويىچە تۇنجى كەنىت دەرىجىلىك كىنوخانا بار ئىدى ، كىنوغا ئايرىم بىلەت ساتاتتى ، بىلەت باھاسى 5پۇڭ - 1 موغىچە بولاتتى ، كەنتىمىز دىھقانلىرىغا بىلەتتە ئىتىبار قىلاتتى ، كەنىت كوللىكتىپى باقىدىغان ( بارلىق تۇرمۇش خىراجىتىنى كەنىت كوللىكتىپى ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىم قىلىپ يۆلەيدىغان )12 -15 كىچە ئېگە - چاقىسىز بار ئىدى ، ھازىر بولسا كەنتىمىز يېقىنقى 6 -7 يىلدىن بۇيانقى كەنىت رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ناھايتى دانا تەدبىرلەرنى تۈزۈشى نەتىجىسىدە ساتقىلى بولىدىغانكى كەنىت مۈلكىنى سېتىپ خەجلەپ ، قۇربىتى يەتمىگەننى ھاكىم ، بازار باشلىقى بىلەن شېرىكلىشىپ سېتىپكەنتىمىزنىڭ ھازىرقىدەك ھېچنىمىسى يوق ، ئەرىز - دەۋا كۆپ ، داڭقى چىققان ، ئۆزگېچە ئالاھىدىلىككە ئېگە ، يېڭىچە كەنىت قىياپىتىنى دادىللىق بىلەن نامايەن قىلدى . 4 ) ئۇ مەزگىللەردە مەكتەپتە توپا - چاڭ باسقان مەكتەپ مەيدانىغا خەت يېزىپ مەشىق قىلغېنىمىز ئېسىمدە ، ئويۇن ئوينىساقمۇ ھۆللە ، تەپكۈچ ، چۇك - كالتەك ،پوق ئېتىش ، ياغلىق قويۇش ، سەكرەش ، سابۇر ئېتىش ، مولىدار ، پاقپاق ، مىھماندارلىق دىگەندەك نۇرغۇن ئەمەلىي بەدەن چېنىقتۇرۇش رولى بار بولغان ئويۇن تۈرلىرىمىز بەك كۆپ ئىدى . ئوقۇتقۇچىلارمۇ قاتتىق ئۆلچەم بىلەن بالىلارنى تەربىيەلەيىتتى ، دەرىستە لاياقەتلىك بولمىغان بالىلارنى قالدۇق دەپ ئاتاپ سىنىپ قالدۇرۇپ قوياتتى ،باشلانغۇچ 1 - يىللىقتىلا تولۇق ساۋادىنى چىقىراتتى ، ھازىر تېلىفۇن بىلەن تور كومپىيوتىرىدىلا بالىلىرىمىز نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئوينايدىغان بوپكەتتى . بەدەن ساپاسىمۇ ماس ھالدا ئاجىزلىشىپ كەلدى ، بەزى باللىرىمىز تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچىمۇ ساۋادى چىقمايۋاتىدۇ ، مەيدان - سىنىپلارنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجايىپ سەرخىللىقى ، ئوقۇتۇش شارائىيتى ، ئوقۇتۇش سايمانلىرى ، ماتىرياللارنىڭ ئىلغارلىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيدۇ . 5 ) مەھەللىمىزگە تۇروبا تارتىشتىن ئىلگىرى ئۆيىمىزدى 500 مىتىر يىراقتا چېنىباغ كۆلى دەيدىغان بىر كۆل بولىدىغان ، ھەممەيلەن دىگۈدەك ئەشۇ كۆلدىن سۇ ئىلىپ كىلىپ كىر يۇياتتى ، تاماق ئېتەتتى ، كىشىلەرمۇ كۆلگە ئەخلەت ۋە باشقا مەينەت نەرسىلەرنى كۆلگە تاشلىمايىتتى . ھازىر كۆل يوق لىكىن ئېرىق - ئۆستەڭنىڭ سۈيىدە پۇتىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈنمۇ سۇنىڭ پاكىزلىقىغا ئىشەنچە قىلالمايدىغان بوپقالدۇق ، كۆپىنچە ئاياللىرىمىز تۆت قۇر كىيىمنى قولىدا يۇسا دەرھال ئاغرىپ يېتىپ قالدىغان بوپقالدى . 6 ) ئۇ چاغلاردا ئاكام ۋە مەھەللىدىكى نەچچە بالىلار بىللە قول تۇتۇشۇپ ، بىر قولىمىزدا قۇرئان ياكى ھەپتىيەك كۆتۈرۋېلىپ بىزگە ساۋاق بىرىدىغان موللامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بولغۇچە يولدا كېتىۋاتقاچ بىر تەرەپتىن ئاۋازىمىزنى ئۈنلۈك قىلىپ قويۇۋىتىپ ئۈگەنگەن ئايەتلىرىمىزنى ئۆزىمىزدىن چوڭ بالىلارغا يادلاپ بەرگەچ ، ھەش - پەش دېگۈچە موللامنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كىلەتتۇق . مەسچىتىمىزدە ئادەتتىكى بەش ۋاقىت ناماز ۋاقىتلىرىدا دائىم بىر خىل رېتىمدا نورمال بەش ۋاقىت توكلۇق چوڭ كانايدا مەزىن ئەزان توۋلايىتتى . ھازىر بولسا يولدا ئەمەس جۈمە كۈنلىرى مەسچىتتە ئۈنلۈك ئاۋازدا ( ئاۋاز ياڭراتقۇ بىلەن ) ئۇيغۇرچە تەبلىغ قىلىشقىمۇ بولمايدۇ ، ساۋاق ئېلىشغو ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس . مەن ھازىرچە موشۇنى دەپ تۇراي ...

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:10:51

ئەقلىمگە كەلسەم كومۇنا ۋاقىتلىرى ئىكەنتۇق دادام ئانام سەھەر تۇرۇپ ئېتىزغا كىتەتتى (دايوجىڭ) دەپ قوياتتى ئۇ ئىشنى . كېيىن مەكتەپكە كىردىم ھەممىمىزنىڭ ئاتا ئانىسى چۈشتە كەلمەي ئىتىز بېشىدا يەرنى كولاپلا ياسىغان ئوچاققا ئېسىلغان داشقازاننىڭ تامىقىنى يەيتى . ئىشقا مېڭغان ۋاقىتتا بۈگۈن پالانى ئېتىزدا ئىشلەيمىز دەپ قۇيۇپ ماڭاتتى بىزمۇ دەرىستىن چۈشۈپ شۇ ئېتىزلىققا بېرىپ داشقازاننىڭ تامىقىنى يەپ مەكتەپكە كېتەتتۇق .

ئۇ ۋاقىتلاردا يېزىلاردا توك بولمىغاچ جىن چىراقنىڭ يېنىدا بىردەم تاپشۇرۇق يېزىپلا مەھەلىمىزدىكى قارىمنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ قارىمنىڭ يېتەكچىلىگىدەسۈرە ئايەتلەرنى يادلايتۇق ، ھېچكىم قانۇنسىز ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلدىڭ دېمەيتى.

شۇنداق قىلىپ بىر سىنىپ ئون نەچچە بالىدىن 3 نەۋرە بىر تۇققان نايىلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشقا باشلىدۇق ، بىر مەۋسۈم ئۆتۈپ ئۈچىمىزدىن بىرى بالدۇرلا ئوقۇش پۈتتۈرۋالدى.:lol

يەرلەر ھوددىگە بېرىلگەن تۇنجى يىلى دادام رەھمەتلىك 10 مۇ ئەتراپىدا قوغۇن تېرىدى . بىر يەكشەنبە كۈنى ناھىيە بازىرىغا قوغۇن ساتقىلى كىرىپ كېتىپ قوغۇن ساتقان پۇللىرىنى ۋە چۈچۈك بۇيا كولاپ يىققان پۇللىرىنى قوشۇپ ناھىيىدىن بىر ئۆي سېتىۋېلىپ شۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ ئاكا سىڭىل ئىكىمىزنى خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىگە ئىگە قىلدى.

ئۇ ۋاقىتلار كىنوخانىنىڭ ئالدى ئاجايىپ قىزىيتى ، يول يوللاردا مەس بولۇپ يېتىپ قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراپتۇراتتى . يولداشلارئارتۇق تاياق يەۋېلىشتىن قورقۇپ ئۇيغۇرلاردىن بەك ئېھتىيات قىلاتتى .

بۇ دەل 82- يىللىرى بولۇپ ياشلاردا ئەسكەرلەرنىڭ   ماشرەك شەپكىسىنىكېيىش ئاجايىپ مودائىدى . شەپكىللىرىنىڭ ئۆتتۇرسىغا مۇشلاپ يېرىم كۇنۇسسىمان قىلىۋالاتتى ، بەزىلەر بولسا شېكەر سۈيى پۈركۈپ چايدانغا كىيگۈزۈپ قوياتتى :lolيول يوللاردا مۇشلىشىۋاتقان مەنزىرلەر ئۇچراپ تۇراتتى . تۇنجى قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىشتە بۇ ئىشلارمۇ بىرەر قۇر بېسىقتى .

تولۇقسىز 3 - يىللىققا چىققان ۋاقىتلىرىمىزدا لاباكۇ دىگەن ئىشتان مودا بولۇپ كەتتى ،مودا ياشلار   ماشرەك توت يانچۇقلۇق چاپان بىلەن ماشرەك لاباكۇ ئىشتان كىيىپ يۈرەتتى ئىشتاننىڭ پۇچقىقىدىكى كانايچە شەكىل قانچە چوڭ بولسا شۇنچە نوچى دەپ قارايتى ، پۇچقاقنىڭ كەڭرىلىگىدىن قانداق ئاياق كىيگەننىمۇ كۆرگىلى بولمايتى. كەپتەر ماركىلىق ۋېلسىپىت مىنگەنلىرى بولسا كوچىدىكى قىزلارغا ئىسقىرتىپ قۇيۇپ ماڭاتتى. 87 - يىللىرى ھەممىمىز كۈلرەك جوڭسەن فورمىسىنى مودا قىلىپ كىيدۇق.

نەزىر چىراق جەھەتلەردە ھەممە ئادەم ئوخشاش ئىدى مېيىت چىقىپ3-كۈنى ئۈچ نەزىر بېرەتتى ، 40 - كۈننى توشقۇزۇپ قىرىق نەزىرى ئاندىن يىل نەزىرىسىنى قىلاتتىھازىرقىدەك مېيىت ئۇزۇتۇپ كەلگۈچە بىر قازان ئاش ئېتىپ نەزىر بەرمەيتى، ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ بالا چاقىللىرى ئۇرۇق تۇققانلىرى قوشاق قوشۇپ يىغلاپ ھازا ئاچاتتى . ئۆتكەندە بىر مېيىتنى يەرلىگىدە قويۇپ ئۆلۈم بولغان ئۆيگە پەتىگە باردۇق . ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ چوڭ ئوغلىمىكىن بىرى ھازا ئېچىۋاتقانلارغا قاراپ ھىچقايسىڭ ئۇنىڭنى چىقىرىشما دەپ بۇيرۇق قىلىۋىدى ھويلا تېپ تېنىچ بولۇپ قالدى .

مېيىت نامىزىنى چۈشۈرگەندىمۇ بىر نەچچە ئادەم جىنازىنى تۇتۇپ دۇئا قىلاتتى مېيىت ئىگىسى ئۇلارغابەش ئون يۈەندىن پۇل تارقىتاتتى ھىچكىمگە غەيرى بىلىنمەيتى ، ئۆتكەندە قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئايالنىڭ ئىنىسى مېيىت نامىزى چۈشرۇش توغرۇلۇق بىرمۇنچە جىدەل قىپتۇ تەپسىلاتىنى ئۇقمۇدۇم . قارغاندا بىز ئەقلىمىزنى بىلگەندىن كېيىن كۆرۈپ كىلىۋاتقان ئىشلارنى خاتاغا چىقارغان ئوخشايدۇ.

داموللىمىز ئۆلۈپ كەتكەنلەر دۇئاغا مۇھتاج دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار دەپ تاپىلاپ تۇراتتى ھەر پەيشەنبە تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ قەۋرىسى يېنىدا ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ كىلەتتۇق . يېقىندا بىر مېيىت نامىزىدا بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بەزىلەرنىڭ بۇ ئىشنى خاتاغا چىقىرىپ ئاتا ئانىسىنىڭ قەۋرىسىنى تۈزلىۋەتكەنلىگىنى ئېيتىپ بەك خاپا بولدى .

مېنىڭچە دىنغا ئەھمىيەت بېرىش ، ھالال ھارام قارىشى دىگەندەك ئىشلار   80 - يىللارغا قارغاندا ھازىر كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى ، شۇنىڭغا ماس ھالدا دىنغا مۇناسىۋەتلىكئىختىلاپلارمۇ كۆپىيىپ قالدىبۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كېتەر.

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:47:16

مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئەكبەر قەھرىماننىڭ ناخشىلىرى مودا ئىكەنتۇق .ھەرقانداق دەيخانىلارنىڭ تېشىغا ئەكبەر قەھرىماننىڭ رەسىمىنى چاپلىۋالىتى،سىنگاپورنىڭ ،شاڭگاڭنىڭ تىلۋىزىيە فىلىملىرىنى تېلۋىزوردا تولا قوياتتى ،ئاخشىىمى شۇ كىنولارنى كۈرۈپ، ئەتىسى مەكتەپكە بېرىپ كىنولارنىڭ پارىڭىنى قىلاتتۇق .
ئۇ چاغدا بىزنىڭ ناھىيىدە لۈكچەك ،ئوغىرى قاراقچىلار بەك كۆپتى .بەزىدە ئاخشاملاردا ياش باللار كوچىنى بىر ئىگەللەپلا ماڭىدىغان ،پىچاق تىقىشىدىغان .ئۇرشىدىغان ئىشلار پات-پاتلا بۇلۇپ قالاتتى .ھازىر بۇ ئىشلار كۆپ جىمىپ كەتتى ،بۇرۇنقى داڭدار لۈكچەكلەر ئاساسەن قالمىدى .

ھازىر ناھىيە شەھەرلىشىشكە قاراپ كىتىتپ بارغاندەك ، ھەممە ئادەم پۇلنىڭلا ھەلەكچىلىكىدە قالغاندەكلا .لىكىنمۇشۇنداق ھەممە ئادەم پۇل تېپىش ئۈچۈن تىرىشسا ،ئادەملەرمۇ مەدىنىيلىشىپ كىتىدىكەن ،بۇرۇنقىدەك ئۇرۇش جىدەل ئىشلارمۇ ئازلايدىكەن .جەمىئەتتە ياخشى ئىشلارمۇ بارلىققا كىلىدىكەن .

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:48:02

نىمېدىگەن گۈزەل ھىكايىلەر بۇ.ئىزدىنىشقا تىما يوللىغاندىن بۇيان بۈگۈن راۋرۇس ھاردۇقۇم چىقتى.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:51:01

ئۇ چاغلار ناھايىتى ئېسىل ئىدى. دەنشى كۆمەيلا كېچە كېچىلەپ مۆكۈشمەك ئويناپ كېتەتتۇق. كېيىن لۇشاڭ چىقتى، لۇشڭغا بولۇشۇپ كەتتۇق.... مانا ھازىر كومپيۇتېر ۋە يانفونغا خۇمار بولدۇق:lol

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 17:59:14

بۇرۇن بىرەر ۋەقە ھادىسە يۈز بەرسە قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلاپ ئۇقاتتۇق. ھازىر ئەتىگەندە يوتقاندىن چىقماي تۇرۇپ يانفوندىن كۆرۈۋالىدىغان بولدۇق. تېخى سۈرەت، سىنلىرى بىلەن قوشۇپ
بۇرۇن گەپ تاپىدىغانلار ،غەيۋەت قىلىدىغانلار بىر-بىرسىنى ئىزدەپ تېپىپ، توپلىشىپ غەيۋەت قىلىشىپ، گەپ تېپىشاتتى. ھازىر غەيۋەتنى ئۈندىداردا قىلىمىز، گەپنىمۇ ئۈندىداردا تاپىمىز

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 18:10:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayker تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-2 18:53

7 ) ئۇ چاغلاردا خەلق ساقچىلىرى ‹‹ جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ›› نى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ تونۇيتى ،ئوغۇرلۇق ، يانچۇقچىلىق قاتارلىق دىلولارنى رازۋېتكا قىلىپ تىز پاش قىلاتتى ،تېرورچى ، بۆلگۈنچى ئونسۇر دەيدىغان ئاتالغۇلار يوق ئىدى ، ھازىرقىدەك سىياسىيدىن باشقا دىلولارغا ئېرەن قىلمايدىغان ، تۇتۇپ ئالدىغا ئاپىرىپ بەرسە سورايدىغان ئىش يوق ئىدى ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىددىيەسىدە ئامما ئىنكاس قىلغان تۈرلۈك ئامانلىق دىلوسى ۋە باشقا ھەر قانداق چوڭ - كىچىك دىلولارغا ياخشى ئەھمىيەت بىرىپ خەلىقنىڭ كىچىك ئىشىمۇ چوڭ ئىش دەپ بىلىدىغان خەلقپەرۋەر ئىددىيە بار ئىدى . جەمئىيەتتىمۇ ھازىرقىدەك جىددىي كەيپىيات يوق ئىدى ، دۆلەتمۇ چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ھالىتىدە ئىدى . ھازىرقىدەك سىياسىيغا ياتىدىغان دىلولار كۆپ ئەمەس ، يوق دىيەرلىك ئىدى . خەلقنىڭ تۇرمۇشى گەرچە نامرات بولسىمۇ خاتىرجەم تېرىكچىلىك ، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارالايتى ، باشقا ناھىيە ، شەھەرلەرگە خاتىرجەم ، توسالغۇسىز بېرىپ ئايلىنىپ كىلەلەيتى . ساقچىخانىلاردا 5-7 گىچە ساقچى ، 2-3 كىچە گوندىپاي ئىشلىسىمۇ ، قانۇننى قالايمىقان ئىجرا قىلىدىغان ، كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان ئىشلار يوق ، بولسىمۇ ۋاقتىدا رىمونىت قىلاتتى ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ھازىرقىلارنىڭكىدەك يۇقىرىبولمىسىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرىپ - ئادىتى ، كىيىم - كىچىكى ، دىننىي ئىتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش ئېڭى بار ئىدى . خادىملارنىڭ ئازلىقىغا قارىماي باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرسى كەڭ ئىدى ، ھازىر ئەينى چاغدىكى بىر ساقچىخانىنىڭ باشقۇرۇش دائىرسى بىر نەچچە ساقچىخانىغا بۆلۈپ ، يېڭى ساقچىخانىلار يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن ، خادىملار 5-10 ھەسسە كۆپەيتىلگەن ، تەمىناتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭى كەمچىل ، بۇرۇنقى ساقچىلاردەك خەلق بىلەن چىن قىرىنداش ، تۇققاندەك مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدۇ ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ، ھىمايىسىگە ، قوللىشىغا ئىلگىركىدەك ئېرىشىپ كىتەلمەيۋاتىدۇ . 8 ) بۇرۇنلاردا بىر پۇقرا ناھەقچىلىككە ئۇچراپ ، ياكى تۇرمۇشتا قىينىلىپ قايسى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئاپاراتىغا ئەھۋال ئېيتىپ بارسا ، ئەرىز قوبۇل قىلىدىغان جايدىكى مەسئۇل رەھبەر بىۋاستە شۇ پۇقرانىڭ دەردىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئاڭلاپ دەرھال مۇناسىۋەتلىكلەرنى چاقىرتىپ ياكى تۆۋەندىن مەخپىي ئەھۋال ئۇقۇشۇپ ، ئەھۋالنى بىر قۇر تولۇق ئىگەللەپ بولغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك كادىرنى تۇيۇقسىز چاقىرتىپ كىلىپ مەسىلىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ جازالايدىغان كادىرنى ۋاقتىدا ئوچۇق ئاشكارا جازالاپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ ماڭاتتى ، ھازىرقىدەك سودا خارەكتىرلىك دەۋا ھەل قىلىش ئۇسسۇلى ئۇچاغدا يولغا قويۇلمىغان ئىدى ، قول ئاستىدىكى ئۆزىگە ھارام مەنپەئەت يەتكۈزگەن ئاتالمىش ‹‹ باشلىق ›› لارغا دەۋا قىلغۇچىنىڭ سالاھىيتىنى ، دەۋا مەزمۇنىنى بىر قاچا ئاشنى بىكاردىن يەۋىلىش مەقسىتىدە يەتكۈزۈپ قويىدىغان ( پالانى سىلىنىڭ ئۈستىلىرىدە مۇنداق مەزمۇندا دەۋا قىلىپ كەپتۇ ، دەرھال تۇتۇش قىلىپ ئىشلارنى ئوڭشىۋالسا ... ھە قاچان ؟ قەيەردە داپەنجى بىلەن مىھمان قىلىدىلا ...؟ ئۆيۈمگە قويدىن بىرنى سويۇپ بىر يەتكۈزۈپ بېرەلا ... ؟ دىگەندەك ) ھازىرقىدەك ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە كەينىگە سۈرۈلىدىغان ياكى ھەل قىلىنمايدىغان ياكى دەۋا قىلدىڭ دەپ تۈرمىگە سولاپ قېينايدىغان يەرلىك خاقان تۈزۈمى يوق ، ئۇششۇق ، كۆكەمە ، مۇتەھەملەرنىڭ يولى تار ئىدى .‹‹ پۇل بولسىلا ھەرقانداق ئىشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ ›› دەيدىغان شۇئار يوق ئىدى .

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 18:23:08

80-يىللارنىڭ ئاخىرى 90-يىللارنىڭ باشلىرى قىز ئوغۇل چاي ئويناتتۇق ،ئۈنئالغۇنى قۇيۇپ قۇيۇپ 、ئەكبەرنىڭ ،پاتىمەنىڭ ناخشلىرىغاكېچىچە ئۇخلىماي تانسا ئويناپ چىقاتتۇق .كىيىنچە YAMAHA-12دىن باشلانغان چايلىرمىز داۋاملىشىپ YAMAHA-400گە چىققاندا ياشلىق ۋاقىتلىرىمىز ئاخىرلىشىپ قاپتۇ ،ئۇ چاغلاردا كۆڭلىمىز تۇز ئاددى ساددى ئىدى قىزلارغا يامان نىيەتتە بولمايتتۇق ،ئارىمىزدىكى بەك شوخ يامان دىگەنلىرى يۈرىۋاتقانقىزلىرىنى ئالداپ كوچىغا ئاچىقىپ ئۇزۇن ئوتمەي مەڭزىنى قىپ قىزىل قىلىۋىتىپ ياندۇرۇپ كىرەتتى ..

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 18:39:17

ئۇۋاقىتلاردا كەچلىكى ساقچىلار مەھەللىدە ئاقما نۇپۇسلارنى ئېنىقلايتى,ئۇۋاقىتتىكى تەكشۈرۈش ئوبۇكتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىققان قارا نۇپۇس خەنزۇلار ئىدى.ھازىر……

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 19:17:03

بۈگۈنكى نۇرغۇنلىغان كىرزىسكە ئايلانغان زور مەسىلىلەر شۇ چاغدا بەلكىم تېخى بىخ ھالىتىدە بولۇشى مۈمكىن ئىدى.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 21:01:09

مەنمۇ دەپ باقايچۇ ، 80-يىللاردا بباشلانغۇچتا ئ‍ىدى، ئ‍ڭ ئ‍امراق ئ‍ىشىم سۇغا چۈشۈش ئ‍ىدى، تەلۋىچۈكقاپسىلاڭ دەرياسىدا يار بۇيىدا سۇ ئ‍ۈزەتتۇق، سۇ ئ‍ۈزۈپ ھارغاندە قىپيالىڭاچ يول بويىدا ياتاتتۇق، چالما جەڭ بەك قىزيتى ، بېشىمىزغا تاش تىگىپ يېرىلىپ كەتسىمۇ چىدايتۇق، ئ‍اتا ئ‍انىلارمۇ ئ‍ەرىز قىلشىمايتى، تۇلۇقسىزدا پىلى ئ‍ۇسۇلىبىلەن ئ‍ۈرۈمچىگە قېچىش مودا ئ‍ىدى، كىنوخانا ئ‍الدى بەك قىزىيتى، يەرلىك پىۋا بىلەن تۇخۇم ئ‍ويناپ ئ‍ولتۇردىغانلار جىق ئ‍ىدى، ئ‍اغىنىلەرنى ئ‍ىزدەپ ئ‍ۆيىگە باراتتۇق، مەھەللە ئ‍ارا سوقۇشۇپ تۇراتتۇق، بارلىق ئ‍ويۇنچۇقلارنى ئ‍ۆزىمىز ياسايتۇق، دادامنىڭ ۋېلسىپىتىنىڭ زەنجىرنى ئ‍اچىقىپ بىر تاپانچا ياسىۋىدىم، دادام ۋېلسىپىتنىڭ ئ‍الدىغا مىنى مىندۈرۈپئ‍انامنىڭ ئ‍ۆيىگە ئ‍اپىراتتى، ئ‍انام25كېلومىتىر يىراقتىكى يېزىدا ئ‍ىدى،بارغۇچە پۇتۇمنى ۋېلسىپىت چاقى قىسۋالاتتى…قىشلىق يازلىق تەتىللەرنى يېزىدا قوي بېقىپ ئ‍ويناپ ئ‍ۆتكۈزەتتىم، ئ‍وتتۇرا تېخنىكومدىكى ۋاقىتلاردا لوبەنكۇ دەپ بىر ئ‍ىشتان مودا ئ‍ىدى، كىيىن نەچچە قاتلىقى بار تەيزىكۇ چىقتى،مودىنى شىياڭگاڭ ئ‍ارتىستلىرى ۋە ھىندىستان ئ‍ارتستلىرى تارقىتاتتى، كەمەرنى سۇغۇرۇپ ئ‍ۇرۇشنى ھىندىستان كىنولىرىدىن ئ‍ۆگەنگەن ئ‍ىدۇق، ھەر نوچىلار بارتى،

saray يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 21:21:55

90-يىللاردا دادام 15كويغا بىر تاغار تاتلىق قوغۇن ئالاتتى،مەن 15كويغا خاڭگا تېتىيدىغان قوغۇندىن بىرنى ئاران ئالىمەن
بەت: [1] 2 3 4
: بىز 80-90-يىللاردا قانداق ياشىغان؟