لەنەت ساڭا ، لەنەت خائىنلار ( شېئىر )
لەنەت ساڭا ، لەنەت خائىنلارسەن تۇپراقتىن يارالغان ئەمەس ،
شۇڭا ئۇنى بىلمەيسەن بۈيۈك .
سەن دۈشمەننىڭ قوينىدىكى مەس ،
تېنىڭ سېسىق ، روھىڭدۇر ئۆلۈك ،
لەنەت ساڭا خائىن ئىت - كۈچۈك
سەن خەلقتىن چەتنىگەن بىر پەس ،
قەلبىڭدە يوق ۋىجدانلىق يۈرەك .
قەدىمىڭدە سېتىش - چېقىش بار ،
ئادەم يوقتۇر سېنى سۆيگىدەك ،
لەنەت ساڭا خائىن ئىت - كۈچۈك .
لەنەت ساڭا ، لەنەت خائىنلار ،
لەنەت ساڭا ئەلدىن ۋەتەندىن .
ئەل قېنىنى ئىچىپ ياتقانلار ،
مۇناپىقلار ۋەتەن ساتقانلار .
لەنەت ساڭا ، لەنەت سىياسەت ،
لەنەت ساڭا ساختا ھەقىقەت .
1937 - يىلى .
مەنبە : مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى دەۋىرىمىزگە ماسلىشىپتۇ........... مۇناپىقلار چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ ! مۇناپىققا ھىچكىم ئامراق ئەمەس، ھەتتا باشقىلارنى چاقتۇرغانلارمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ ئاۋال كۆزدىن يوقىتىدىغىنى يەنە شۇ مۇناپىق. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئازراق ئەقىلنىڭ سۇنىقى بار ئادەم ھەرگىزمۇ مۇناپىقلىق قىلمايدۇ.
بەت:
[1]