kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 18:40:52

مەيخورلارغا (شېئىر)

مەيخورلارغا


كىملىكىڭنى بىلەلمىسەڭ سەن،

بىلسۇن سېنى قانداقمۇ دۇنيا.

تەپەككۈرۈڭ خامۇش نە ئۈچۈن،

تىرىكمۇ سەن ۋە ياكى مۇردا؟



قەلبىڭ نىچۈن سالمايدۇ  غەليان،

سېنىڭ بىغەم،بىخودلىقىڭغا.

سەزمىدىڭمۇ سېلىنسا ئىكەك،

ئېقىن سۇدەك ھاياتلىقىڭغا.



ئۇيالماستىن يۇرىيسە نىچۈن

مەيخانىدا كۈندە مەس-ئەلەس؟

سەزمىدىڭمۇ دەسسەپ-يەنچىلىپ،

بولغىنىڭنى ئەخلەت-چۇۋا،خەس.



ئەسلى خانىش بولار قىزلىرىڭ،

ياشاۋاتسا تېنىنى سېتىپ.

<ئەركەك بىز> دەپ مەيخانىلاردا-

يۈرۈيسەنغۇ تېخى پو ئېتىپ.



يىگەن بولساڭ بىھۇش دورىسى،

بار ئىدىغۇ ئۇنىڭ چارىسى.

يامان ئىدى بىلسەڭ ھەممىدىن

زەرداپ يۇتقان ئەلنىڭ يارىسى.



ئۆلسەڭ ئەگەر تۈزۈك ئۈلۈپ كەت،

قارا يەرنى ئوبدان باخاش ئەت.

گەر ئۆلمىسەڭ ياشا ئادەمدەك،

كەتكەنلەرگە قىلما ھاقارەت.



تاپقىن ئىزدەپ سەندىن نۇمۇس قىپ،

تۈن قوينىغا مۆككەن روھىڭنى.

تاۋلاپ چىققىن ۋىجدان ئوتۇڭدا،

خاراپلاشقان نىمجان تۇيغۇڭنى.



ناركوزلانغان روھىڭ،تىنىڭنى،

چايقا تارىم توغراق سۈيىدە.

چۈنكى ئەجداد يازغان رېتسىپلار،

كۆمۈلگەندۇر بارخان تىگىگە.



ئەس-ھۇشۇڭنى تاپقان شۇ كۈنىڭ،

مېۋە بىرەر ئەرلىك غۇرۇرۇڭ.

شۇ چاغدىلا ھدر ئىككى ئالەم

يۈكسەكلىكتە بولغۇسى ئورنۇڭ.



ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.COM

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 07:11:38

يول تاپىدۇ بىر كۈنى

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 10:14:58

مېنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالىمىكىن دەپ كىرىپتىمەن.:lol

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:55:23

:lol

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:55:26

:lol

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 18:48:34

ياخشى شىئېر ئىكەن ، بارىكاللا ...{:112:}
بەت: [1]
: مەيخورلارغا (شېئىر)