tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 17:59:10

بۇغا ۋە بۇغا مۈڭگۈزى ھەققىدە

بۇغا ھەققىدە
ئۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ئۇييەل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تاغلارنىڭ ئۆڭكۈرلىرىنى تۇرالغۇ قىلىدىغان بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان. پارسچە گوزەن، گاۋ كوھى(تاغ كالىسى)ھىندىچە بارە سىنگاھ دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ ھىندىچە نامىنىڭ مەنىسى 12 مۈڭگۈزلۈك دېگەننى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مۈڭگۈزى كۆپ بولغاندا خۇددى دەرەخ شېخىغا ئوخشاش 12 شاخ بولىدۇ. ئۇنىڭ مۈڭگۈزى باشقا ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىنىڭ ئەكسىچە چىشقا ئوخشاش قاتتىق، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق بولىدۇ.
ماھىيىتى: بىر خىل ھايۋان بولۇپ، تاغدا ۋە باشقا جايلاردا ياشايدىغانلىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. تاغدا ياشايدىغىنى ئۈچ خىل بولىدۇ. بىرىنچى خىل تاغ ئېتەكلىرى ۋە دەرەخلىرى كۆپ بولغان تاغلاردا ياشايدۇ ، ئۇ ۋەئەل(تاغ ئۆچكىسى) دەپ ئاتىلىدۇ. تۈركچە جۇبرۇ دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ تېنى كىيىكتىن چوڭراق بولىدۇ. قىش پەسلىدە مويى قارىغا مايىل، ياز پەسلىدە قىزىل بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. قۇيرۇقسىز بولىدۇ. ئىككىنچى خىلى ھاۋاسى ئىسسىق بولغان تاغلاردا ياشايدۇ. تاغ ئۆچكىسىدىن چوڭراق بولىدۇ، ئۇنىڭ قۇيرۇقى بولىدۇ، يەھمۇر(ياۋا ئىشەك) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچىنچى خىلى ھاۋاسى سۇغۇق بولغان تاغلاردا ياشايدۇ، تېنى چوڭ بولىدۇ. ئۇ ەقەر جەبەلى( تاغ كالىسى ) دەپ ئاتىلىدۇ. باشقا جايلاردا ياشايدىغانلىرى ئىسسىق يەرلەردە ياشايدۇ. ئۇ بەقەرۇل ۋەھش (ياۋا كالا) دەپ ئاتىلىدۇ. پارسچە گوزەن دېيىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ تۈرلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭ ھەممە تۈرلىرى كۈز پەسلىدە مۈڭگۈز ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك يېڭى شاخلىق مۈڭگۈز چىقىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئۆمرى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدىكەن. سۈيدۈك خالتىسى ھەر 100 يىلدا بىر قېتىم ئالمىشىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ يېشى دوۋساققا قاراپ ئېنىقلىنىدىكەن. ھەكىم مىر مۇھەممەد مۇئمىن <<تۆھپەتۇل مۆئمىن>> دېگەن كىتاۋىدا : كەمتەر دادام بوۋىسىدىن نەقىل قىلىشىچە ، ئۇ سۈيدۈكلۈكى يەتتە قېتىم ئالماشقان بۇغىنىمۇ كۆرگەن ئىكەن دەپ يازغان. يەنە ئۇ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئۆتى يوق ئىكەن دەپ يازغان. ئەمما ئۇنداق ئەمەستۇر بەلكى ئۆتى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئۇ ئۆت سۇيۇقلۇقى بىلەن توشۇپ كەتكەندە تىزلا بوشاپ جىگىرىگە چاپلىشىپ قالىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن مەلۇم بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭغا ئوق ئېتىلسا ئۇرۇنلىشىۋېلىپ چىقمايدىكەن، مىشكى تارامۇشى ئۆسۈملۈكىنى يېگەندىن كېيىن چىقىدىكەن.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشى: ئۇنىڭ ھەممە تۈرىنىڭ گۆشى سەۋدا پەيدا قىلىدۇ. تىز ھەزىم بولىدۇ،سۈيدۈك ھەيدەيدۇ،سۇغۇق مىزاجلىقلارنىڭ باھ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىق ھاۋادا كۆپ يۈگۈرتۈلگەندىن كېيىن ،بولۇپمۇ ئۇسسۇزلۇقسىز يۈگۈرتۈلگەندىن كېيىن بۇغۇزلانغىنىنىڭ گۆشى ناھايىتى ئىسسىق ،زەھەرلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە توغرا كەلسە قىش كۈنلىرى ئۇنىڭغا كۆپ سۇ ئىچۈرۈلگەندىن كېيىن ئوۋلىنىشى،ئوۋلانغاندىن كېيىن كۆپ ئۈركۈتۈلمەسلىكى ، جىددىيلەشتۈرۈلمەسلىكى ، بەلكى ئارام ئالدۇرۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغۇزغاندىن كېيىن بۇغۇزلىنىشى لازىم. بۇغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن گۆشىنى ئۇزۇن ساقلىماسلىق لازىم. بولمىسا تىزلا پۇراپ قالىدۇ، شۇڭا سۇ،ئازغىنا سېرىقچىچەك بىلەن بىرلىكتە دەرھال يۇمشاق پىشۇرۇپ، ياغ ۋە ياغلىق نەرسىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىشى ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنجۈر شەربىتى ، مائۇلھەسەلگە ئوخشاش چوڭ تەرەتنى بوشاتقۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش لازىم. ئۇنىڭ مۈڭگۈزىنى ئوتۇنغا ئوخشاش كۆيدۈرۈپ ، ئۇنىڭدىن بەش گرام ئېلىپ، باراۋەر مىقداردىكى كەتىرا بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلسا ، قان تۈكۈرۈش ، كونا ئىچى سۈرۈش، بالىياتقۇدىن ھۆللۈك ۋە نورمالسىز قان كېلىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈچى دورىلار بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلسا تېخىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ. يەرقان، دوۋسۇن ئاغرىقى، ئۈچەي يارىسى، يامان خارەكتىرلىك قۇلۇنجى ۋە تال كېسەللىكلىرىگە داۋا بولىدۇ. ئۇنىڭ مۈڭگۈزىنى نىپىز توغراپ، لاي سۇۋالغان كوزىغا سېلىپ، ئېغىزىنى مەھكەم ئىتىپ، تۇنۇردا قۇيۇپ، ئاقارغۇچە كۆيدۈرگەندىن كېيىن ، تۇنۇردىن چىقىرىپ، ئاقاقىياغا ئوخشاش يۇيۇپ سۈرمە قىلسا ، كۆز كېسەللىكلىرى، كۆزدىن كېرەكسىز ماددىلار ئېقىش ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئىششىقى، كۆز تورلىشىش ، قىچىشقاق ۋە قۇتۇرلارغا پايدا قىلىدۇ. يارىلارنى تازىلايدۇ. ئۇنىڭ يۇيۇلمىغىنىنى سىركە بىلەن يۇغۇرۇپ ، بەھەق ۋە بەرەسكە چېپىپ ، ئاپتاپتا تەرلىگۈچە ئولتۇرسا پايدا قىلىدۇ. كالا يېغى بىلەن سۈركىسە پۇت-قوللارنىڭ يېرىقلىرىنى ساقايتىدۇ. ئۇنىڭدىن 15گرام ئىستىمال قىلسا تال كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. چىشقا سەپسە چىشنى چىڭىتىدۇ. ئاقارتىدۇ. ئۇنى مەلھەم قىلىپ سۈركىسە چوڭلار ۋە كىچىكلەرنىڭ ئېغىزىدىكى يارىلارغا ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. دوۋسۇن ۋە ئەمچەككە سۈركىسە ھەيز ھەيدەيدۇ. مۈڭگۈزىنىڭ كۆيدۈرۈلگىنىنى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىز چايقىسا چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. ئۇنى كۆيدۈرۈپ ئىسرىق سالسا ھەم چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. زىيانداش ھاشارەتنىڭ زىيىنىنى يوقىتىدۇ. ھامىلدار ئايالغا ئېسىپ قويسا ئاسان تۇغىدۇ. ئۇنىڭ كۆيدۈرۈلمىگىنىنى ئىككى ئۈچ دانە ئاقمۇچ بىلەن سالايە قىلىپ ئىستىمال قىلسا ۋە ئاز مىقداردا سۈركىسە بېقىن ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. ئۇنىڭ يېغى بىلەن ياغلانسا تەشەننۇجقا داۋا بولىدۇ. ئۇنىڭ قېىنىنى مايسىز پىشۇرۇپ يۈرسە سۇزۇلما ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ. ئۈچەي يارىسىغا شىپا بولىدۇ. ئۇنىڭ قېنىنى خام ياكى پىشۇرۇپ 10 گرام ئىستىمال قىلسا ئوقلارنىڭ زەھىرىنى تازىلايدۇ. ئۇنىڭ پاقالچىقىنىڭ يىلىكى بىلەن چاۋا يېغىنى ئىستىفراغدىن(بەدەن تازىلانغاندىن) كېيىن سۈركىسە يەل تارقىتىدۇ. قاتتىق ئىششىقلارنى يۇمشىتىدۇ. سوغۇقتىن بولغان كەم ماغدۇرلۇقنى يوقىتىدۇ، پالەچ بىمارىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئورۇنباسارى توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئىللىتىپ پىشۇرۇلغان سېرىقىدۇر. شۇنداقلا ئۇنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخىنىنى شاراب بىلەن مەلھەم قىلىپ، زەكەر، يېرىق ۋە دوۋسۇنلارغا سۈركىسە باھنى قوزغىتىدۇ، ھەتتا ھەر قانداق ھايۋانلارغا سۈركىسىمۇ شۇ تەسىرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كۆز چانىقى ئويمىنىغا يىغىلىپ قاتقان يېشىنى خەلق ئاممىسى تەرياكى گاۋكوھى (تاغ كالىسى تەرياقى) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ ، ھايۋانلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇشتا تەرياقى پارۇقتىن كۈچلۈكرەكتۇر. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن سۈت ئېمىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا مەزكۇر ياشتىن ئارپا دېنى چوڭلۇقىدا ئېلىپ، سۈت بىلەن ئېرىتىپ گېلىغا تېمىتىلسا بالا ھاياتلا بولسا زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ چېقىۋېلىشىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ. يىلان ئۇ بالىنى كۆرگەندە بوشاپ ھەرىكەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، سىناقتىن ئۆتكەن. بەغدادى بۇ گەپنىڭ ئاساسى يوق دېگەن. ئۇنىڭ قۇرۇتۇپ سوقۇلغان چۈيىسىنى مەجۈنلەر ۋە ھەبلەردە شاراب ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى بىلەن ئىستىمال قىلسا باھنى قوزغاشتا سەقەنقۇرنىڭ ئورۇنباسارى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن بەش گرام ئىستىمال قىلسا ئەپئا يىلىنىنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ. ئەزالاردىكى تاشنى پارچىلايدۇ. ئۇنىڭ چۈيىسى، ئۇرۇقدىنى ، تېرىسى ۋە مۈڭگۈزىنى كىشىگە ئايرىم ھالدا ئېسىپ قويسا ، يىلان، چايان، ھەرە ۋە باشقا ھاشاراتلارنىڭ چېقىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،سىناقتىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ چۈيىسىنى كىشىنىڭ بىلىگە باغلاپ قويسا ئۇنىڭغا يىلان يېقىن كەلمەيدۇ. پەنىرمايىسى باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇدا ئۈچ كۈن ئىستىمال قىلسا ھامىلدارلىقنى چەكلەيدۇ. تۇيىقىنى كۆيدۈرۈپ ئىسرىق سالسا زۇلۇك قۇرتىنى بېراقلا ئۆلتۈرىدۇ، سىناقتىن ئۆتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇچى زەھەرلىك ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۇغۇزلىغان ھامان قۇيرۇقىنى دەرھال كېسىۋېتىش لازىم ئىكەن.
بۇغىنىڭ خاسىيىتى شۇكى، بۇرنىنى يىلاننىڭ تۆشۈكىگە قۇيۇپ، نەپسىنى ئىچىگە تارتىپ، خۇددى ماگىنت تۆمۈرنى ئۆزىگە تارتقاندەك يىلاننى ئۆزىگە تارتىپ تىزلا چىقىرىدىكەن ۋە قۇيرۇق تەرىپىدىن يېيىشكە باشلايدىكەن. يىلاننى تۇلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن كۆزىدە كۆيۈشۈش ۋە ئېچىشىش پەيدا بولۇپ ، ياش ئېقىشقا باشلايدىكەن ۋە چانىقىدىكى ئويمىنىغا يىغىلىپ ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قاتىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ يېشى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەرياق ئىكەن.
ئۇ يىلاننى يەپ زەھەرلەنگەنلىكىنى ھېس قىلغاندا زەھەر قايتۇرۇش ئۈچۈن سەرتاننى تۇتۇپ يەيدۇ .
ئۇنىڭ چىشىسى موزايلاپ بولغاندىن كېيىن موزاي ھەمرايىنى يەيدۇ، شۇنىڭ ئبچبن ئۇنىڭ تېرىسى نىپاسقا پايدا قىلىدۇ. ئۇ كىشىنى مۈڭگۈزى بىلەن زەخمىلەندۈرسە بۇ زەخم ناھايىتى ئاز ئەھۋالدا ساقىيىدۇ. كىشىدە قاتتىق كۆڭۈل ئېلىشىش ، بىھۇشلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، جان ئالغۇچى زەھەر ھېسابلىنىدۇ.
زەھەر قايتۇرۇش ئۈچۈن كەتىرا، گۈل يېغى ۋە ئىلمان ھەسەل ئىستىمال قىلدۇرۇپ قەي قىلدۇرۇلىدۇ. ئارقىدىن فيىل زەھرە ئۆسۈملۈكىدىن 1.5گرامغىچە ئېلىپ شاراب بىلەن ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ. پىستە ۋە پىندۇق يېگىزۈلىدۇ.
مەخزەنۇل ئەدۋىيەدىن ئېلىندى. http://www.4tadu.com/?p=861

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 19:02:41

بۇغا باقمىچىلىقىنىڭ پايدىسى ياخشىمىدۇ؟  بىلىدىغانلار گەپ قىپ بىرىڭلا.   

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 20:03:02

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 20:09:02

ھازىر بوغىنى قوتانغا سولاپ يەم خەشەك بىرىپ كالا باققاندەك باقىدىغان بولۇپ كەتتى ،بۇنداق بوغىنىڭ دورىلىق  قىممىتىمۇ تۆۋەنلەپ كىتەر ئەسلى بوغا دېگەن تاغ ئورمانلاردا دورىلىق ئوت چۆپ ۋە تەبىئىي تاغ سۈيى ئىچىپ ياشايدىغان ھايۋان ئىدى .بۇرۇن ئىلى تەرەپلەردە بۇغا بىقىپ باي بولۇپ كەتكەن تۇڭگان ئائىلىرىنى تىلىۋىزوردا تولا تەشۋىق قىلاتتى ھازىر بۇغا بېقىشتىن پايدا ئاز بولۇپ قالدىمۇ تېلېۋىزورلاردا كوپ چىقماس بولۇپ قالدى .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 21:27:11

بزنىڭ بۇ يەردە ھەر قىشتا ئۆلتۈرۈپ ساتىدىغان، بۇ قىشتا كۆرمەي قالدىم...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 21:28:29

baydowlat يوللىغان ۋاقتى  2014-4-1 20:03 static/image/common/back.gif
ئىپار توغرىلىق يازماپتىما؟

ئىپار دىگەن ئىپار كىيىكتىن چىقىدۇ، تىمىدا دىيىلۋاتقىنى بۇغا...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 14:12:38

بۇغا باقمىچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەسمىكن، بۇرۇن ياخشىتى.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 15:32:27

بۇغا يىلان يەمدا {:122:}
ئوتخور ھايۋان تۇرسا بۇ ؟
تېخى چاياننىمۇ يەيدۇ دەپتۇ
بەت: [1]
: بۇغا ۋە بۇغا مۈڭگۈزى ھەققىدە